ھوللىۋودنىڭ داڭلىق قەھرىمانلىرى ئارماننىڭ ئېلانىغا چىقىپتۇ دەيدۇ …
يۇقۇرقى ماۋزۇ قىپقىزىل چاقچاق جۇمۇ، ئەسلى گەپ : ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان 007 مەستانىلىرى ھامان BMW نىڭ داڭلىق ماشىنىلىرىدىن نەزىرىنى ئۈزەلمەي كەلدى. مەيلى قايسى يۈرۈش رىۋايىتىدە بولسۇن باش قەھرىمان ھامان BMW ماركىلىق ماشىنا ھەيدەيدۇ. مانا بۇ قوللانچى شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرى بولۇپ، ھەر قانداق بىر ھوللىۋود كىنولىرىدا مەلۇم بىر خىل مەھسۇلاتنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس (بەزىدە ناھايتى يارقىن) ھالدا ئېكراندا پەيدا بولىشىنىڭ سەۋەبى. قارىماققا بۇلار ناھايىتى نورمال بىر كۆرۈنۈشتەك بىلىنىدۇ، ئەمما سىز كۆپىنچە ھالدا شۇ بىر قىسقا كۆرۈنۈش ئۈچۈن قوللانچى شىركەتلەرنىڭ قانچىلىك ئېلان ھەققى تاپشۇرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز.
ئېسىمدە قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى بولغان 蒙牛 شىركىتى «变形金刚3» فىلىمىدە مەلۇم بىر قوشۇمچە پېرسوناژنىڭ لېفىتتا چىقىپ كېتىۋىتىپ 蒙牛 ئىچىملىكىنى ئىچىۋاتقان بىر كۆرۈنۈشى ئۈچۈن نەچچە مىليون ئېلان ھەققى تاپشۇرغان(سېتىۋالغان). دېمەك بىز ياقتۇرايلى ياقتۇرمايلى، بايقايلى بايقىمايلى، نۇرغۇن شىركەت مەھسۇلات ئېلانلىرى بىز تەلپۈنىدىغان ھېلىقى چولپانلىرىمىز ۋە پالۋانلىرىمىز ھەققىدىكى ھېكايىلەردىن ئورۇن ئىلىپ بولدى.
ئەمما كىشىنى دائىم بىزار قىلىدىغان بۇ ئېلان تۈرى ئويلىمىغان يەردىن ئىتالىيەلىك رەسسام Roberto Vergati Santos قا ئىلھام ئاتا قىلدى. ھوللىۋودنىڭ داڭلىق پالۋان ئوبرازى بىلەن بىر قىسىم داڭلىق ماركىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە كىنايە قىلغان Roberto «ئەگەركى بىر كۈنلەردى، ئېلان سودىگەرلىرى زور سومما بىلەن ھوللىۋود پالۋانلىرى جىسمىدىن ئېلان ئورنى سېتىۋالسا، كۆرۈرمەنلەر قانداق ئىنكاستا بولا؟» دەيدۇ. كەمىنە ۋىروس رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرىۋېتىپ ئويلاپ باقسام بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر قاملاشمىغان ئىش بولغۇدەك! ئۇنداقتا سىز قانداق قارايسىز؟
Roberto Vergati Santos نىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى (يۇقۇردىكىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېلان، قەھرىمان، كىنو، ھوللىۋود
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,335 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: superheroes-sponsored-by-brands.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 404 خاتالىق ئۇچۇرى: كۆرىۋاتقىنىڭىز فوتو-سۈرەت ئەمەس، كۆزىڭىزگە ئالدانماڭ!
- كېيىنكى يازما > ئاياللار گۈزەللىكى چىش بىلەن | بىر قىسىم چولپانلارنىڭ چىشى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن …
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
دىۋانمۇ بۇ
داپتەك قىلىپ دىۋانغا قىستىلاي
ۋوجووون ، نەچچە كۈن بولدى يېڭى تىما يوللانمىغىلى ، بەزىدە توپلىشىپ بىركۈندە نەچچىسى يوللىنىدۇ ، يېڭى تىما ساقلاپ ئۇيقۇمۇ ئۇيقا بومماۋاتىدا
ئاخشام يېرىم كىچىدە تۇيۇقسىز ئويغۇنۇپ كىتىپ چالا ئۇقۇلۇقتا تورخۇمارنى ئاچقان پېتىم ئوخلاپ قاپتىمە ، ئەتىگەن تېلفۇنىمنى بىريەلەدىن تېپىپ سائىتىگە قاراي دىسەم ئىكراندا تورخۇمار تۇرىدۇ ، توۋا دەپتىمە
ھەي دىۋان ، ئەدەمنى كاردىن چىقىرىدىكەنغۇ ، قەسەم قىلىۋەتتىم ئەمدى دىۋان تالاشمايمە ، تالاشساممۇ يەتمىدى
دىۋاندا ئولتادىلا ، ھازىر دىۋاندا ئولتۇرىدىغانلارمۇ كەينىدىن بىرەرسى تارتىدىغاندەك ئەنسىرەپ ئولتۇرىدىغان بولىۋالدى !
مەن پەقەت كاللىسىنى ئىشىلتىپتۇ دەيمە

(ئالاھىدە تەۋسىيە) تور خۇمار ئەزالىرنىڭ ئىنكاس يېزىش قوللانمىسى
1.ياخشى تىمىكەن.
2.ئالامەت تىمىكەن.
3.ھەقىقەتەن ئىسىل تىمىكەن.
4. دۆلىتىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق مۈشۈكئىيىقتىنمۇ ئەتىۋار، ئاز ئۇچرايدىغان تىمىكەن
5. ئادەمنى ئويغا سالىدىغان تىمىكەن.
6.يول بويى كىشىلەرگە تولاپ تۇرۇپ تەۋسىيە قىلغۇدەك تىمىكەن
7.باشقۇرغۇچىلار چوقىلاپ قويغىدەك تىمىكەن
8.ھەممە مۇنبەرگە يوللىغىدەك تىمىكەن.
9.باشقا مۇنبەرنىڭ ئەزالىرىنى تور خۇمارغا سۆرەپ كىرگىدەك تىمىكەن.
10.ھەرقانداق سورۇندا قايتىلاپ نەقىل قىلغۇدەك تىمىكەن.
11.ئۇچرىغان كىشىدىن دەپ سورىغىدەك تىمىكەن
12.يىرىم كىچىدە ھاجەتكە چىققاندىمۇ كومپىيوتىرنى بىر قوزغىتىپ كۆرگىدەك تىمىكەن
13.چۈشۈمدە يەنە كۆرسەم دىگۈدەك تىمىكەن
52.14خىل تىلغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقۇدەك تىمىكەن
15.ھىيىت-بايراملاردا دوس-يارەنلەرگە سوغا قىلغۇدەك تىمىكەن.
16.ئالتۇن تاختىغا ئويۇپ دۆلەت مىھمانلىرىغا سوغا قىلغۇدەك تىمىكەن
17.ھاجەتخانا تاملىرىغا جىجاپ يۈرمەي كۆچۈرۈپ قويغىدەك تىمىكەن
18.داڭ چىقارماقچى بولغانلار ئاپتۇرى بىلەن مۇناسىۋىتىم بار دەپ چىشلەپ تارىتقۇدەك تىمىكەن
19.سىنارىيە قىلىپ 48رىجىسور 48خىل كىنو قىلىپ ئىشلىگۈدەك تىمىكەن
20.كىنو قىلىپ ئىشلەنسە 11تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىنى بىراقلا ئالغۇدەك تىمىكەن
21.قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى كۆرسە ئوبچە ئىمزا قويۇپ يۇقىرىغا دوكىلات قىلغۇدەك تىمىكەن
22.ئاپتۇرىنى ھەممە ئالى مەكتەپلەرگە لىكسىيە سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغۇدەك تىمىكەن
23.نوبىل مۇكاپاتى مۇدىرىيىتى ئايرىم تۈر تۇرغۇزۇپ مۇكاپاتلىغىدەك تىمىكەن
24.سىتىپ يۇڭ ئىشتان ئالغۇدەك تىمىكەن
27.قىشىچە قالاپ ئىسسىنغۇدەك تىمىكەن
27.گىرىلكىغا قاچىلاپ قۇچاقلاپ ياتقۇدەك تىمىكەن
28.بىر قاپ تاماكىنى ئۇلاپ چىكىپ ئاڭلىغۇدەك تىمىكەن
29.بىر پىيالە چاي بىلەن ئىچىۋەتكۈدەك تىمىكەن
30.ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدىغان تىمىكەن
31.ئەكەكتەك،ئوغاۋالىدەك تىمىكەن
32.تىمىدەكلا تىمىكەن
.33. تور خۇماردا 10يىل ساقلىغۇدەك تىمىكەن
34. تور خۇماردىكى ھەممە ئەزا يادلىۋالغۇدەك تىمىكەن
35.نادىر تىمىلارنىڭ بوۋىسىدەكلا تىمىكەن
36.يىغلاپ تۇرۇپ كۆرگۈدەك تىمىكەن
ئەمدى ھورۇنلارنىڭ ھورۇنى يازىدىغان بەك تىز مودا بولۇپ، بەك تىز مودىدىن قالىدىغان ، رەھمەت ئىيتىش خاراكتىردىكى ئىنكاسلار
1.رەھمەت
2،قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
3،قەلىمىڭىز ھارمىغاي
4.تىمىڭىزغا تەشنامەن
5.مۇنداق ئىنكاسمۇ يىڭىدىن مودا بولاتىدۇ يىڭى ئەزالارغا
6.خو…
7.ئوغاۋالا
8.بارىكاللا
9. ياشاڭ
10.ئوغۇل
11.ئانىڭىزغا رەھمەت
12. ئاتىڭىزغا رەھمەت
13.تىما بولا مۇشتا بولا
ماۋۇسى بولسا2011-يىللىق يىڭى نۇسخىسى،
1. تور خۇماردىكى ئىنكاسى تۆۋەن ،خەت يىزىشقا ھورۇن ئەزالارغا توۋلاپ تۇرۇپ تەۋسىيە قىلغۇدەك تىمىكەن
2.- زىرىكىپ قالغاندا ، ئىشى خام قاماي پۇشۇپ قالغاندا كۆرىدىغان تىمىكەن.
3.تېما ئىگىسى مېنىڭ تالاي يىللار چۈشلىرىمدىكى ئەپسانىۋىي قەھرىمان (قىزلارغا ساھىبجامال) ئىدى . بۈگۈن خېزىر مېنى مىسرانىمغا باشلاپتۇ . مانا ، نەخ قەلبىمدىكى قەھرىمان (ساھىبجامال)نىڭ يېتۈك ئەسىرىگە ئىشتىراك قىلىشقا مۇيەسسەر بوپتىمەن . ھەشقاللا تېما ئىگىسى ، ياشاپ كېتىڭ . سىزدەكلەر ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى . ھەممە يېرىڭىز ئۆلۈپ چىرىپ كەتسىمۇ قوللىرىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن ، شۇ پېتى تۇرسۇن …دەپ دۇئا قىلىۋالغۇدەك تىمىكەن
4. ما سولتەكجاندەك سەۋىيىسى چەكلىكلارلا،ئەمەس،سەۋىيىسى چەكسىزلەرمۇ ئۈگۈنىۋالغىدەك تېمىكەن
5.. ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق بىر تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تۆت كۆزۈمنى سەككىز قىلىپ ساقلاۋاتقانتىم. ئــاھ! ئاخىرى مەيدانغا كەپتۇ. يەنە كېلىپ سىزنىڭ قولىڭىز بىلەن مەيدانغا كەپتۇ. شۇ تاپتا قوللىرىڭىزنى مايلاپ، چوتكىلاپ پارقىرىتىۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. ھەممە ئادەم سىزدەك بولغان بولسا بەلكىم مىللىتىمىزمۇ ئاي شارىغا چىقىپ بولاتتى. ياشاڭ تېما ئىگىسى! ئۆلگۈچە ياشاڭ! مەن سىز بىلەن تەڭ تۇغۇلمىغان بولساممۇ تەڭ ئۆلۈشكە رازى! بولغۇدەك تىمىكەن
6.ئىنكاس يازمىساق چىدىغىلى بولمايدىغان تىمىكەنغۇ ….
7.ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇدەك تىمىكەن….
8.ھەجەپ بەلەن تېمىكەن ، بۇ تېمىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بەيدۇغا چاپلاپ قويغىدەك تېمىكەن جۇما !
9.قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ، داۋاملىق تىرىشسىڭىز قەلىمىڭىز راكىتاغا ئايلانغۇدەك
10.ئوقۇماي قاراپ ئولتاسىمۇ ھوزۇرلانغۇدەك تىمىكەن
11.بۇ ئىنكايېزىش قوللانمىسنىى نەلەردىنمۇ تېپىپ تىزىپ بولغاندۇ …؟
دەپ ھەيرانۇ ھەس قېلىپ@!!!!!ئۇچۇرغانلا ئادەمدىن…….
ھەي~~ ھېلىقى بالىنىڭ تېمىسىنى كۆردىڭمۇ…؟دەپ سوراپ باققىدەك تىمىكەن
12.يىغلاپ تۇرۇپ كۆرگۈدەك تېمىكەن
13.تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا ئوقۇغىدەك تىمىكەن
14.ئۆيگە ئەزىز مىھمان كەلگەندە ئوقۇپ بەرگۈدەك تىمىكەن
15.تۈشۈك قاپاقتىن تۈكۈلگەن سۇدەك بولدۇقلاپ كۈلۈپ ئولتۇرۇپ كۆرگدەك ئىنكاسكەن ماۋۇ ،،،،،
16.جاھاندا بۇنداق تىمىمۇ باركەن دېسە،تىمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇنقى كۈنلىرىمنىڭ قانداق مەنىسىزلىككە تولغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن!ياشاپ كېتىڭ تىما ئېگىسى!
17.ئەمدى بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تېما كۆرمەيمەن… مۇشۇ تېما بىلەنلا ئۆتەپ كىتەي بولدى …
مۇزىيغا ئاپىرىۋەتسىمۇ مۇشۇ تېمىغا چىڭلا پېپىشقىنىم چاپلاشقان!
18.مەلھەم ياساپ ئىچۇرسە ئەيدىز ۋىروسىنى ئولتۇرگۇدەك تېمىكەن
19.ئەپسۇن قىلىپ سۇپلىسە دۇنيا گۇزىلىنى كەلتۇرگىدەك تېمىكەن
20.مەلھىمىنى تازنىڭ بېشىغا سۇركىسە چاچ چىققۇدەك تېمىكەن
21.سۇرمۇقلارغا سۇرۇتسە قاش چىققۇدەك تېمىكەن
22.ئىتوت قىلىپ ئوينىسا ھەيكەلنىڭ كۇزىدىن ياش چىققۇدەك تېمىكەن
23.قاقاسلىققا تېرىساڭ ئاش چىققۇدەك تېمىكەن
24.تەكلىماكانغا قار -يامغۇر ياغدۇرغىدەك تېمىكەن
25.كىمجۇڭ ئىل دەك مۇستەبىتنى ئاغدۇرغىدەك تېمىكەن
26.تىما ئەر بولسا تىگىۋاغۇدەك، قىز بولسا ئىلىۋالغۇدەك تىمىكەن
27.دەريادا ئېقىپكەتسە سۇزۋالغىدەك تېمىكەن
28.قىڭغىر كەتكەن يەرلىرىنى تۇزۋالغۇدەك تېمىكەن
29.قىق مو يەگە ئوغۇت بوغىدەك تىما ……
30.خوتەندىن قەشقەرگە بىرىپ كۆرگىدەك تىمىكەن
يىڭىدىن قوللڭنىشى كۆپ بولغان ئىنكاس ئورۇن زاكاس قىلاي،ئورۇن ئالاي
ئەپەندى ما قوللانمىڭىزنىڭ ئاخىرى بامىدۇ. مۇشۇ قوللانمىڭىزنى باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرسەم بولامدۇ؟ ماڭا بەكلام يارىدى
ماۋۇ مەن تور خۇماردا كۆرگەن ئەڭ ئۇزۇن ئىنكاس بولدى
ئەلادىن بىرسى كەتتى
دىۋان
دىگىنى كام قالدىمۇ قانداق !
ئىنكاس يېزىشنى ئۆگىنىۋالدىم …..
ئىنكاسنى ئىنكاس بوغىنىغا تويغۇزۇپسىزغۇ …… خاخاخاخا
يەنە كىچىكىپتىمەندە.
قالغىنىنى تىمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن يازاي
钢铁侠دىكى مىراس، ياكى مۆتىۋەر ئىلانى ئەمەستۇ ھە!
قارىسام مۆتىۋەرنىڭ ماركىسىغا ئوخشاشتەك قىلىدۇ.
بانكىركووو ، كىنتاكې دەپ ئاڭلىغانما، ھېلىقى ئاقساقاللىق بى قاسماق بوۋاي بولدىغان ماركىسادا ، توخونىڭ پاچىقى ئۆيە بۈيەلىرىنى ساتىدىغان ، ئاشۇنىڭغا ئوخشاش دۇكاننىڭ ماركىسى ، مەيداڭلاۋ دەپ قويىدۇ خەڭسۇچىدا
McDonald’s Plaza نىڭ قىسقارتلمىسى
كونتاكىنتى
بىز ئىنكاس يازغۇدەك بوش ئورۇن قالمىغىلى تاس قاپتۇ جۇمۇ
يوۋ دەششەت پەيزى چىقىپتا
Ps ئوينايدىغان باللا سىلەمۇ ئۆزگەرتىپ بېقىڭلا قېنى
ئۇيغۇربەگ تازا قىززقچى بالا جۇمۇ،ئاممازە
قىشنىڭ كۈنىدە قىشىغا كېلىپ ئىسسىنغۇدەك ھە
ھا ھا ھا


يېقىننىڭ ياقى دىۋان تۈگۈل ئىنكاسمۇ تەسراق تىگىدىغان بولىۋاتىدۇ دىسە ..
بۇ ئەسلى ئنكاسكەندە
مەن تىخى ھىكايە ئوخشايدۇ دەپتىمەن 
لاھىيەلەشنىغۇ پىچەت لاھىيەلەپتۇ، ئەمما »ئارمان« دىگەن ماركىنىڭ بىرە تال ھەرىپىنىمۇ كۆرمىدىمغۇ؟
ئىچ كىيىمى ئارماننىڭمىكى دىسەم، ئارماننىڭ ئىچ كىيىمى با دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم بولمىسا
ئىنكاس دىگەننى تورخۇماردىن كۆرسەھە……
蒙牛ئەمەس 伊利دۇ؟
توغرا ، مېڭنيۇنىڭ ئەمەس، يىلىنىڭ، يىلىنىڭ نەچچە پۇل خەجلىگىنى ئېسىمدە قامماپتۇ، لىكىن ليەنشياڭ كومپيوتېرىنىڭ 40 مىليۇن دوللار خەجلەپتىكەن
ئۇيغۇربەگ نىڭ ئىنكاسى بىريىل قىشمۇ ياز ئوقۇپ ھارمىغۇدەك ئىنكاس بوپتۇ.