ئەمدى قول ھەركىتى بىلەنلا ماشىنىڭىزنى باشقۇرۇپ كىتەلەيسىز | يىراقتىن سىمسىز كونتىرول قىلىش ئەسۋابى MYO
ھازىرغىچە كۆرۈپ كېلىۋاتقان فانتازىيىلىك كىنولاردا ھەممىدىن كۆپ بايقايدىغىنىمىز بەلكىم قول ھەركىتى بىلەن يىراقتىن باشقۇرۇش تېخنىكىسىغۇ دەيمەن. بۇ بەلكىم ئىنسانلار ئەڭ تەلپۈنىۋاتقان(ئەلۋەتتە مۇمكىنچىلىكى بىرقەدەر يۇقىرى) كەلگۈسى دۇنيا بولسا كېرەك. دەرۋەقە تارىخ بېتى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ تېخنىكا راستىنلا بارلىققا كەلگەندەكمۇ قىلىدۇ.
شۇنداق، MYO دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كەشپىيات تۈرى Thalmic Labs قا تەۋە بولۇپ، مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئىندۇكتور ۋە تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق قول مۇسكۇل ھەركىتى ۋە كومپىيۇتېر دولقۇن ئۇزىتىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا قول بارماقلىرىنى مىدىرلىتىشتەك شۇنچە ئىنچىكە ھەركەتلەرنىمۇ ئىجىرا بولۇش ئالدىدىكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئانالىز قىلىپ بىلەلەيدۇ ۋە كۆك چىش 4.0 (مۇشۇ ئاتالغۇغا ئاجايىپ ئۆچ ئىدىم) ئارقىلىق بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلىدۇ. مەسلەن : كومپىيۇتېردا ناخشا قويۇش، ئادەمسىز ماشىنا تىزگىنلەش دىگەندەكلەر.
ئەلۋەتتە MYO مۇ ھەرخىل بۇيرۇق ۋە مەشخۇلاتلارغا قارىتا تىتتىرمە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا يۇقىردا بايان قىلىنغان ئىندۇكتوردىن سىرت يەنە ARM بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ۋە بىر دانە لېتىي باتارىيەسى سەپلەنگەن. مەزكۇر ئەسۋابنىمۇ بىۋاستە Thalmic Labs دىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ(تېخى رەسمى سېتىشقا باشلىمىدى). ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە MYO يەنە مەخسۇس API ئېغىزى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئاچقۇچىلارنىڭ ھەرخىل قوللىنىشچان پروگراممىلار بىلەن تەمىنلىشىگىمۇ بولىدىكەن. قارىماققا بىز كىچىكىمىزدىن كىنو-فىلىملەردە تولا كۆرگەن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى ئەمدى كوچىدا كىتىۋېتىپ ياكى يول بويىدا قەھۋە ئىچىۋېتىپ ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ تۇرىدىغانمۇ ئوخشايمىز.
MYO
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېخنىكا، كەلگۈسى، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,947 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: myo.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مۇزىكانتلارغا يىڭى خىرىس | ماشىنا ئادەملەرمۇ jazz مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىغىدەك بوپتۇ
- كېيىنكى يازما > راست-يالغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايدىغان سۈرەت – پىرىنسىپى زادى قانداقتۇ؟ ئەجىبا ھۆججەتنى ئېچىش ئۇسۇلىمدىكى خاتالىقمىدۇ؟
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
ھاياتىمدىكى 4 قىتىملىق دىۋان.. (ئىسىمدە قىلىشىچە ..)
توۋا خۇدايىم ما تىمىغا ھىچكىم ئىنكاس يازماپتا
ئىچىم ئاغرىپ ئەزا بوپ قالدىم
مۇشتا دىۋاندا ئولتادىممىكى دەپ پەگادا ئولتۇرۇپ قاغانلانى كۆسەم كۈلۈپ سالىمە ، ھې ھې ، ئىچىم سەل قوتوراق ئوخشايدا ، ئې بىژ كۈنى مەنمۇ ئاشتا دىۋاندىن ھەيدەپ چۈشۈرۈلگەندە قاتتىق غەلۋە قىلغان تېخى ، ھەي كىچىگلىك …
سەۋىر قىلىڭ ئۆمەرجان ، كەچ قويغان خۇدايىم ئاچ قويماپتۇ دەپتىكەن ، دىۋانمۇ تىگىپ قالا بىژكۈنى بىزدىن ئاشقاندا خې خې
ئەمدى يېزىلسا بۇ تېما ، پىشايۋان – كىگىز
ئۇ چاغدا بىزمۇ سىھىرلىك ئادەم بوپ كىتىمىزكەندە.
蓝牙 نى كۆك چىش دەپ ئاتىسا ماڭىمۇ غەلىتە ئاڭلىنىدۇ …..
ئالمىچىلارلا ئىشلىتەلەيدىغان ئوخشايدۇ بۇ تېخنىكىنى .
ۋاي بۇ تىخنىكىنى بۇ يەدە كۆرۈش بىزگە نىسىپ بولماسمىكى دەيمەنغۇ . قۇرۇق خىيال قىلماييا بولدى
كۆرگەندىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!!! كونىلار دەششەت توغرا دەپتىكەن.
باشلانغۇچتىكى ۋاقتىم: تاغامنىڭ ئىدارىسىغا 16000 يۈەنگە بىر دانە كومپىيۇتېر ئەپكەپتىكەن، ( كومپاچ ماركىلىق، قاتتىق دېسكا 20 گىگابايىت، ئىچكى ساقلىغۇچ 64 مىگابايىت، ھازىر ئامباغا بېسىقلىق تۇرۇپتۇ) دائىم ئۆيىمىزگە كەلسە شۇنىڭ گېپىنى دەپ كېتەتتى، شۇ ۋاقىتتا كومپىيۇتېر دىگەن قانداق نەرسىدۇ؟ بىزلەر قاچان كومپىيۇتېر ئىشلىتەرمىز؟ دەپ دادامدىن سورىسام، دادام دىدىكى : بالام خۇدايىم ئۆمۈرۈڭنى بەرسە چوقۇم ئىشلىتىسە – دەيتى.
مانا ھازىر بۇ كومپىيۇتېر دىگەن نىمە ئىدارە ئورگانلاردىن سىرىت دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىمۇ توپا بېسىپ تۇرۇپتۇ.
بۇ ئېلان قىلىنىپ بولغان مەھسۇلاتقۇ دەيمەن. زاكاس قىلىشنىمۇ باشلاپ بىرىنچى تۈردىكى زاكاسمۇ تۈگەپ بوپتۇ. يىل ئاخىرىغىچە بازارغا چىقىدىغاننىڭ گېپى بار.
ئۇغۇ شۇ …لىكىن نى نى تىخنىكىلار تىخى كەلمىدى بۇ يەرگە . ئۈمىدقۇ بار لىكىن زە
ھەقىقەتەن ئېسىلكەن…
ھازىر قۇرۇق خياللارمۇ مەۋجۈت ئەمەس مەنچە بۇ ئىشلارغا ئۇزاق قالمىدى
تېخنىكا دەۋرىدە!بىز نەلەردە يۈرۋاتقاندىمىز ھە?
نەدە يۈرەتتۇق شۇ مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار يوللىنىۋاتسا ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق ئەسقاتمايدىغان دىۋاننى تالىشىپ يۇرىمىز شۇ، ھەي …
ھەرقانداق بىر تېما يوللانسا ئاۋال دىۋاننىڭ مۇنازىرىلىرى قىززىپ كىتىدۇ،تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلار بولسا ئاخىرىدا چىقىدۇ.
فىلىمدىكىدەك مۇكەممەللىشىپ بولغان تېخنىكىمىدۇ بۇ ؟
بۇ كەشپىيات بىزگە قانداق ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى ئېلىپ كېلە….
بۇ يەردە قاچانمۇ ئومۇملىشار؟
تور خۇمارلارنىڭ قاتارىغا قىستۇرلىۋالاي دىسەم
باش سۈرەت توغۇرلانمايدىغۇ ؟؟؟
تورخۇماركام تېما يوللىمايدىغان بوپ قالدى دېسە!!
تەدبىركار تورخۇمارنى ۋىروسقا تاشلاپ بېرىپ باغچىدا مابىتى بىلەن ئويناپ يۈرۈيدۇ ، ياش ئەمەسمۇ…
تېلفۇندا ىنكاس يازماق ەجەپ تەسكىنا
تېلېۋۇزۇرۇمنىڭ تىزگىنىكىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرايمىكى، نەدە ساتىدىغاندۇ.؟
ئويۇن ئويناپ قالسا پەچچەت بولامدۇ نىمە؟
ئەگەر باشقىلار كۆرۈپ قالسا يىڭىدىن بولغان ساراڭمىكىن دەپمۇ قالارمۇ ئادەمنى
مىنىڭچە يەنە ئىككى يىللاردىن كىيىن بىزبىلەن يۇز كۆرۇشەلەيدىغۇ دەيمەن چەتئەللىك باللار بولسا ئىلىپ ئىشلىتىپ باقسا بولىتى
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ۋەتىنىمىزنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە ئاللىبۇرۇن سېتىلىشقا باشلىغانمىش …
ئىنكاس يېزىپ باقمىغىلى بىر زامان بوپتۇ ئىنكاس يېزىشنى ئۇنتۇپمۇ قالدىمغۇ دەيمەن
سەتەڭ دەپ نېمىگە ئېيتمىز؟
مۇشۇنداق ئۈسكۈنىلەرگە ئېيتىمىز.
ماۋۇ شاش كەن…..
بۇ نەرسە قاچان بۇ يەرگە كېللە مەن بەك قىزىقتىم…..
ماۋۇ نەرسە دەھشەت قىزىقتۇردىغۇ ئادەمىنى .