ئاجايىپ ماھارەتلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا ساياھەت قىلىش؟! | يانچۇقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ سىرلىرى
بۇ يىل بېشىدىكى مەلۇم سان نيۇيوركلىقلار ژۇرنىلىدا، Adam Green دۇنيادىكى داڭلىق «يانچۇقچى» Apollo Robbins نى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە ماقالە باسقان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «Robbins، بۇ يىل 38 ياش، لاسۋېگاستا تۇرىدۇ، ئۆزگىچە ھەمدە كۆپ خىل سەنئەت ماھارىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر شەخس، يانچۇقچىلىقنى دوراش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. بۇ كەسىپنى قىلىدىغانلار ئىچىدە ئۇ جامائەت تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ يامىنى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقى شۇكى، ئۇ باشقىلارنىڭ چاپىنى، ئىشتىنى، پورتماللىرىدىن، بېغىشى، بارمىقى، بوينىدىن نەرسىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن ئالغاندىن كېيىن، يەنە ئىنتايىن قىزىقارلىق ۋە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك ئۇسۇللار بىلەن ئەسلى جايىغا سېلىپ قويىدۇ…
ئادەتتە سېھرىگەرلەرنىڭ ھەممىسى سىرلىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ باشقىلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىشقا ئامراق(ھەم شۇنداق قىلىدۇ)، ئەمما Robbins ھەر قېتىم ماھارەت كۆرسەتكەندە ئۇنىڭ سىرىنى ئېچىۋېتىدۇ. Green يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سېھرىگەرلىكنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئېچىپ تاشلانغاندىن كېيىن كىشىلەر ھەمىشە ئەپسۇسلىنىدۇ، چۈنكى ئەسلىدە ئۇلار ھەيران قالغان نەرسىلەر ئۇنچە سىرلىق ئەمەس. ھالبۇكى Robbins غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇسۇل ۋە ھاسىل بولغان ئۈنۈم بىر گەۋدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ يانچۇقچىلىقنى قانداق تاماملايدىغانلىقىغا دىققەت قىلسىڭىز، خۇددى بىر مۆجىزىنى كۆرگەندەك بولىسىز، ھەر بىر ھەرىكىتى ئېسىڭىزدە مەھكەم قالىدۇ.» تۆۋەندىكى سىندا، Apollo Robbins يۇقارقى ماقالىنىڭ ئاپتورى Green نى قۇربانلىق قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىر قىسىم تېخنىكىلىرىنى كۆرسەتكەن.
يانچۇقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ سىرى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: سېھرىگەر، قالتىس، قىزىقارلىق، ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,347 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: a-pickpockets-tale.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۆڭلىدىكى قىزغا قانداق يىقىنلىشىشنى بىلەلمەيۋاتقان گۈدەكلەرگە بىر قانچە ئۈنۈملۈك رىتسىپ
- كېيىنكى يازما > باللىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى ! ئەنگىلىيە باللار پاراۋانلىق جەمىئىتى Barnardo’sنىڭ ئامىۋى ئېلانى_ Life Story
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
5-قىتىم..
چۈشەندىڭلار ھەقىچان…
چۈشەندىم، 5 قاتا پەگادا ئولتۇرۇپ ئاخىر دىۋاندا ئولتۇرۇپسىز.
مەن پىشايۋاندىلا ئولتۇرۋالىمەن!
بۇنۇڭ غا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟؟؟؟؟؟؟
پىشايۋان
نىمە دەيتۇق شۇ دىۋانغا چىقىپتۇ دەيمىز
لاسۋىگاسنىڭ قىمارخانا تاۋكالىرىنى قۇپقۇرۇق قىلىۋەتسە بەلەن بولاركەن
ئىنچىكىلەپ قارىمىسا بىلمەيلا قالىدىكەن كىشى
دەششەتكەن ھە
يانچۇقچىلىق شايكىسىنىڭ ئاتامانىكەندە بۇ
دىۋانغانغا چىقىمەن دەپ ئايفۇندىن قۇرۇق قالماڭلا يەنە!!!
بازارچى دەيمىزما بۇنداقلارنى ؟!
ئابدۇكېرىمكامنىڭ بىر ئىتوتىدا توپ ئويناۋاتقان ۋاسكىتبولچىنىڭ ئايىقىنىمۇ چاندۇرماي سالدۇرۋالدىغان ئوغىرىمتى دىگەن قىز مۇشۇ خەقتىن ئۆگەندىمۇ نىمە ئاباراگۇملۇقنى .،.،
مەنمۇ سناپ باقىمەن ما ھۈنەنى
مانا مانا….. ئىش ئوخشىدى، سىناق باشلاندى…..
يەنە كىلىپ قىزلادىن…..
ماۋۇ ئۈرۈمچىدكى چۆپچى يانچۇخچىلار ئۆگۈنۈۋالمىسىلام بۇلاتتىغۇ!
نەفىسە ھۇنەرنى باشلاپ كىتىپتۇ ،باللا ئايفۇن تېلفۇنىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار جىما ،يۇتۇپ كەتمىسۇن.
مەن ماۋۇ فىلىمنى ئارقا ئارقىدىن 3 قېتىم قايتا كۇرۇپ ئاندىن بۇنىڭ تېخنىكىسىنى بىلۋالدىم،
مىنىڭ ئەڭ قول قۇيىدىغان فىلم تۇرمىدىن قېچش ۋە ئالتۇن ئوغۇرلاش،پىلاننى كەم كۇتىسىز سوقىۋىتىدىكە ،
ماۋۇ روبىنىش بىلەن بىرلىشىپ ئامرىكا پۇل فوندىنى بۇلىغىم كىلىۋتىدۇ. :
ئامىرىكىغا باردىغانغا پۇل باما ؟
بولمىسا مۇشۇيەردە پاراكتىكا قىلىپ باقارسىز
ئوغرى دىگەن بولسا مۇشۇنداق بولسا،
بولمىسا ئىشىگىنى باقسابولغىدەك.
قولى نىمانچە تىز بۇ ئاداشنىڭ