باللىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى ! ئەنگىلىيە باللار پاراۋانلىق جەمىئىتى Barnardo’sنىڭ ئامىۋى ئېلانى_ Life Story
باللار كىلەچەكنىڭ ئۈمۈدى دىگەن گەپلەر مۇشۇ كەمگىچە قانچىلىغان سورۇنلاردا تەكرارلاندىكىن ساناپ بولالمايمىز. ئەمما باللار ئۈچۈن ھازىرلانغان شارائىتلارنى قول بىلەن سانىۋالغۇدەكلا. ھەمىشە سەۋەنلىكلەرنى ئۆزگەرتىشكە قۇربىمىز يەتمەيدىغان مائارىپ تۈزۈلمىسىگە ئارتىمىزيۇ، تامامەن ئاكتىپلاشقا بولىدىغان ئائىلە شارائىتىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرمەيمىز،…
ئاتا-ئانىلىرىمىزدا ئورتاق ئادەتكە ئايلانغان شۇنداق بىر يامان قىلىق مەۋجۇت. يەنى بالىلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلغاندا ياكى ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ياخشى بولمىغاندا دائىم باشقىلارنىڭ باللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەيىبلەيدۇ. بۇ خىل قامچە تەككۈزمەي تۇرۇپ ئەڭ زور چەكتە قارىشى تەرەپنى ئازابلاش ئۇسۇلى ھەمىشە بىردەملىك ئۈنۈمنى قوغلۇشۇش سەۋەبىدە، بىلىپ – بىلمەي باللاردا پىسخىكىلىق بۇرۇلۇش پەيدا قىلىدۇ ۋە تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدەك مىساللارنى ساناپ كەلسەم بىر دۆۋە شىكايەت خالىتىسى پەيدا بولىدۇ.
بىر بالىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق شارائىتقا ئىگە بولىشى بەلكىم جەمىئەت ياكى ئائىلە ئىقتىسادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن. ئەمما ئۇنىڭ قانداق ئادەم بولىشى يەنىلا كىچىكىدە يىتىلگەن پىسخىك ساپاسى بىلەن مۇناۋسىۋەتلىك. ئۇنداقتا بۇ پىسخىك ساپانىڭ يىتىلىشىگە كىملەر ۋە نىمىلەر سەۋەبلىك ؟ مودا پاراڭ بويىچە ئېيتقاندا «ئىناق جەمىئەت» قۇرۇش، كۈندە نەچچە رەت تىلىۋىزوردا ئېلان بېرىش بىلەن ئەمەس، باللىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆسۈپ يىتىلىشىگە دىققەت قىلىش ھەم ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىش بىلەن بولىدۇ. چۇنكى ئۇلار كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى.
خانىم – قىزلار بايرىمىدا بالاڭلارنى ياخشى تەربىيەلەڭلاردەپ كوتۇلداۋەرسەم كۆڭلۈڭلارغا كەلمىسۇن. ئەڭ ياخشىسى جىق گەپ قىلماي تۆۋەندىكى ئەنگىلىيە باللار پاراۋانلىق جەمىئىتى Barnardo’s نىڭ ئامىۋى ئېلانى – Life Story نى ھوزورۇڭلارغا سۇناي. بۇ بىر يېرىم مىنۇتلۇق سىندىن بەلكىم ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ بالىلىقىنى تاپالىشىمىز مۈمكىن.
Life Story
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېلان، بالىلىق، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,161 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ballargha-kongul-boleyli.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاجايىپ ماھارەتلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا ساياھەت قىلىش؟! | يانچۇقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ سىرلىرى
- كېيىنكى يازما > بىز كۆرگەن ئوسكار ساھىبى «Life of Pi» دىكى كۆرۈشكە نىسىپ بولمىغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
سەت تۇراما……..
سىزگە دىۋان تازا يارىشىپتا ، ئىۋۇ ئايشەمگۇلغا سەت تۇغان چىراي
تەستىق خاپىلىقى
دىۋانجان
قايسى بىر كۈنى دىۋانوف دەپ ئولتۇرۋالغانتى ، بۈگۈن دىۋانجان دەپ دىۋان ئېلىۋالدىم !
تورخۇمار تارىخىمدا 2 قېتىم دىۋاندا ئولتۇرۇشۇم ، چاپا چاپ ئېتىم چو چو …
دىۋاندا ئولتۇرسا نېمە بوپتۇ،ئولتۇرمىسچۇ؟ھەيران قالمەن مۇشۇنداق ئىشلارغا….
ئالدىنقى تېمىدا دىۋاندا ئولتۇرغاننىڭ چوڭ پايدىسى دەپ ، سەرلەۋھەرلىك ئىنكاس بار !
مەن نىمدا ئېسكى ، مۇشتا پەگادا ئولتۇرۇپ قاغانلانى كۆرۈشكە بەك ئامراق
ئەتىگەن ھەلەپنى ئاز يىگەنمۇ، ئاتلىرى ھېرىپ قاغان چىراي
راس ئولتۇرالىغان بولسا چاپ چاپ تۇلپىرىم دەيدىغان ئوخشايدۇ
ما سەتچىلىكنى كۆمەمدىغان ، دىۋان تارىخىدىكى چوڭ سەتچىلىكتە بۇ ! ئىشەكنى ۋۇچىشا دەيدىغان بولدىم ئەمدى .
چەتنىڭ ئېلانلىرى ئاجايىپ ھە!
بەك تەبىئىي چىقىپتۇ ، مۇشۇ ئەنگىليە تەلەپپۇزىنى خوتەن شىۋىسىگە ئوخشىتىمەن .
ئامېرىكىلىقلار ئۈرۈمچى پەدىسىدە سۆزلىسە ، ماۋۇ ئەنگىلىيەلىكلەر خوتەن شىۋىسىدە سۆزلىگەندەك !
بۇنى خوتەن شىۋىسىدا ئاۋاز بېرىپ چىقسا تازا كۈلۈشمەك بولغۇدەك
ئادەت دىگەن قورقۇنۇچلۇق نەرسە دەپ ئويلايمەن، مەن ئىلگىرى بىر ھەپتىدە بىر خىل ئىشنى ئۇلاپ قىلغاندا ئادەتكە ئايلىنىدۇ دەپ ئويلاپ، ئادەت دىگەنمۇ شۇنچىلىك نەرسىكەنغۇ دەپ ئويلاپ، مەلۇم بىر ئىشنى نىيەت قىلدىم،بىراق ناھايىتى يارىماسلارچە بۇ مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلىنالمىدى.
دىمەكچى بولغۇنۇم، مەن بالامنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ياخشى يامان ئادەتلىرىمنى ئۆزگەرتكەش تۇرسام بولغىدەك، بەزە ئىشلار قەستەن ئەمەس بىلىپ بىلمەي قىلىنىپ كېتىدۇچۇ…..
بۇگۇن شۇنچە بالدۇر كىرسەممۇ دىۋان تەگمەپتۇ دىسە
گىلور : بۇ باھاغا پىكرىم بار ئىنكاسىڭىز تەستىق كۈتىۋاتىدۇ، سەل ساقلاڭ…
ئادەت دىگەن قورقۇنۇچلۇق نەرسە دەپ ئويلايمەن، مەن ئىلگىرى بىر ھەپتىدە بىر خىل ئىشنى ئۇلاپ قىلغاندا ئادەتكە ئايلىنىدۇ دەپ ئويلاپ، ئادەت دىگەنمۇ شۇنچىلىك نەرسىكەنغۇ دەپ ئويلاپ، مەلۇم بىر ئىشنى نىيەت قىلدىم،بىراق ناھايىتى يارىماسلارچە بۇ مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلىنالمىدى.
دىمەكچى بولغۇنۇم، مەن بالامنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ياخشى يامان ئادەتلىرىمنى ئۆزگەرتكەش تۇرسام بولغىدەك، بەزە ئىشلار قەستەن ئەمەس بىلىپ بىلمەي قىلىنىپ كېتىدۇچۇ….
ئەسلى ئادەتكە ئايلىنىدۇ دەپ ئاڭلاپتى خاتا كېتىپتۇ
بەك مەنىلىك ئىشلىنىپتۇ بۇ
بىرخىل بوپ قالىدىكەن ئادەم…..
ھەي
بالىلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەردۇق. ياخشى ئۆي ياخشى تۇرمۇش ئۇلارنى خۇش قىلامدۇ ياكى ھەقىقىي مىھرى -مۇھەببەتمۇ؟ قېنى ئويلىنىپ بېقىڭ!