مەستانىلەر ئۆزى ئىشلەپ چىققان CG فىلىم – Naruto VS Bleach
دىققەت قىلسام، تورخۇماردىمۇ نارۇتو، دېڭىز قاراقچىسى دېگەندەك كارتونلارنىڭ مەستانىلىرى خېلى بار ئىكەن، ئۇنداقتا كروساگى يىچىگۇ چىقىدىغان Bleach ناملىق كارتوننىمۇ چوقۇم بىلىسىلەرغۇ دەيمەن؟ ياتاقتىكى بالىلارغا ئەگىشىپ مەنمۇ بىرەر يۈز قىسىم كۆرۈپ باققان، يامان ئەمەس قونچاقكەنتۇق.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، توردا بۇرۇن ئۇچرىتىپ ساقلاپ قويغان، مەستانىلەر ئۆزى ئىشلىگەن CG قىسقا فىلىم – naruto VS Bleach نى تورخۇماردىكىلەرگە ئېلىپ كەلدىم. ناۋادا بۇ ئىككى كارتوننى تەڭ كۆرۈپ باققانلار بولسا تېخىمۇ ياخشى ھوزۇرلىنىشى مۇمكىن. كارتوننىڭ ئىشلىنىش سەۋىيەسى خېلىلا يامان ئەمەس.
Naruto VS Bleach
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، naruto، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,808 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: naruto-vs-bleach-cg.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Cyberpunk 2077 ناملىق ئويۇننىڭ CG تەشۋىق فىلىمى
- كېيىنكى يازما > كىنو بولار شۇنچىلىك بولار! لېكىن كۆزىمىزنى باغلاپتۇ | تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش(环太平洋) فىلىمىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- Pixar لوگوسىدىكى كىچىك چىراقنىڭ قاتىللىق ئەنزىسى
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- 2014-يىللىق ئوسكارغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون – ھابلوت ئەپەندى
- ئۆزگىچە ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم – Monsieur COK
« دىۋان ! » دەپ باقسام « مازكەن » دىن قانچىسى چۈشىدىغاندۇ ؟
مىنىڭ رىكورتىم 58مازكەن (خىجىل بولغان چىراي ئىپادىسى)
Foreverبۇرۇنقى باش رەسىنىڭلا بولىتى ئەسلى ،مازكەندىن بىرنى مەنلا باستىم نىمىشقا دىسىلىرى ئابومجان ئۈن بىرنى بىسىپ قويدۇم
3 يىلدىن بېرى بىرلا باش سۈرەتنى ئىشلىتىپ كەپتىمەن، مېنىڭچە ئەمدى باش سۈرەتنى ئالماشتۇرىدىغان يەرگىمۇ يەتكەن ئىدى
bleach دىگەن كارتون يامان سەت قىززىيدۇ ، ئەمما كارتوندەكلا كارتون جۇمۇڭ بۇ ، ھەممە يىرى يارايدۇ ، شۇ پەقەت مەن كۈرۈپ باقمىغانلا يىرى بادە بۇ كارتوننىڭ … ھې ھې
bleachدىگەن ھېلىقى ئەزرائىل دىگەن كارتون شۇمۇ نىمە مەن كۆرۈپ باقمىغانكەنمەن. ئەمما نارۇتولارنى ئاجىز چىقىرىپ قويدىمۇ نىمە
بوپ قالىدىكەن.
بىر تۇققىنىمىزنىڭ كىچىك بالىسى بولىدىغان ئاۋتىمەن يامانمۇ ئۆمۈچۈك پالۋانمۇ دەپ ئۇ كىنودا كۆرگەن پالۋانلىرىنى بۇ كىنودا كۆرگەن پالۋانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپلا يۈرۈيدىغان. بۇ سىننى كۆرۈپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى. بىر كۈنى تىڭشاپ تۇرسام بىرمۇنچە پالۋانلارنى ئۆزىچە جەڭگە سېلىۋاتىدۇ، شاكىچىكنىڭ دېيىشىچە ئۆمۈچۈك پالۋان تور چىقارسا ئاۋتىمەن كۆيدۈرۋېتەرمىش، سۇنۋۇكۇڭنى خاسىيەتلىك ئادەم يېڭىۋاپتۇمىش….
سىنغا كەلسەك ساسكىنىڭ ئورنىغا ‹‹قويۇق قاش›› نى چىقىرىپتا، ئاۋۇ Bleach كارتونىنى كۆرمەپتىكەنمەن. باھا بېرەلمىدىم. ناروتولارنىڭ گۇرۇپپىسى كاكاشىنى چاقىرىپ كەلگىدەك بولغاندىن كېيىن ھەم Bleach دىكىلەرنىڭ كوزىرى چىقمىغاندۇ تېخى. شۇڭا Bleach ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەندەك تۇرىدۇ….
قوچاق كىنولار خىلى پەچەت جۇمۇ،
مىنىڭچە يەنىلا دىڭىز قاراقچىسى نوچى ناروتونىمۇ قاراقچىنىڭكىنىمۇ تولۇق كۆرۈپ مىڭۋاتىمەن ئەمما ئاۋۇ ئەزرائىلنىڭكىنى كۆرۈپ باقمىدىم خىلى بولدىغاندەك قىلدۇ ئۇنىمۇ كۆرۈپ باقايمىكى
دېڭىز قاراقچىسىنى مەنمۇ تولۇق كۆرەۋاتىمەن
دېڭىز قاراقچىسى بىرىنچى، bleach ئىككىنچى، ناروتۇ….. بولمايدۇ.
bleach كىيىن چىقانلىقى ئۈچۈنلا ئالقىشقا ئىرىشەلمىدى ئەمەلىيەتتە ھەممىدېن نوچىسى شۇ!!
ۋاھ ئىسىل ئىشلەپ قويۇپتۇ بۇنى
مەن ئىككىلى كارتوننى شۇندا قىززىقىپ كۈرىمەن مىنىڭچە bleach دىكىلەرنى بەك ئاجىز چىقىرىپ قويۇپتۇ …..نارۇتو 558 قىسىمىدا ئاندىن 9قۇيرۇقنىڭ ئازىراق كۈچىنى ئىشلىتەلەيدىغان تۇرسا…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچىسى بارمۇ.
ئەگەر بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچىسى بولسا نەدىن كۆرىدۇ.تەستىقلاپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن