كىنو بولار شۇنچىلىك بولار! لېكىن كۆزىمىزنى باغلاپتۇ | تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش(环太平洋) فىلىمىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرى
ھېس قېلىپ باقسىڭىز، كىنو ئىشلەشتەك مۇھىت بۇلغىمايدىغان، مەبلەغ ئاز، ئەمما پايدىسى زور بولىدىغان، يەرشارىدىكى توق كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى نەق يېرىدىن تۇتىۋالغان بۇ كەسىپ ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتكە ئاشمايدۇ ھازىر. ئەلۋەتتە بىزمۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە قايىل بولمايمۇ تۇرالمايمىز، ھەتتا بەزى ئىدىيەلىرىگە يىتىشىپمۇ بولالمايمىز.
تېخى ئالدىنقى ئايدا قويۇلغان «تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش» (环太平洋) دېگەن فىلىمىنى كۆردىڭىز ياكى كۆرمىدىڭىز. ناۋادا كۆرمىگەن بولسىڭىز تولىمۇ ئەپسۇس ئىش بولۇپتۇ؛ تەۋسىيەم شۇكى چوقۇم بىر كۆرۈپ قويۇڭ، كۆرمىسىڭىز ئارماندا قالىسىز. چۈنكى بىز ياشلارنىڭ دۇنيا بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش مەجبۇرىيتىمىز بار. لېكىن كىنو بولار ئەمما شۇنچىلىك بولار. ئىشەنسىڭىز بۇ فىلىم ھوللىۋوتنىڭ ھەر قانداق مانا مەن دېگەن كىنوسىنىمۇ بىسىپ چۈشىدۇ! (بۇ فىلىمنىڭ ھەتتا App Store دا تەقلىدى ئويۇنىمۇ بار) مۇشۇ فىلىمدىمۇ كۆز باغلايدىغان كۆرۈنۈشلەر جىق بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، فىلىم ئىشلەش جەريانىدا %30 بولسىمۇ، بەزىبىر كۆرۈنۈشلەرنى ھەقىقىي تۈردە سۈرەتكە ئالغان. فىلىمنى كۆرۈپ مۇشۇ فىلىمنى ئىشلەپ بولغۇچە مەن بۇلارنىڭ سەۋىر-تاقىتىگە، بىر ئىشنى تۇتقانكەن ۋايىغا يەتكۈزمىگىچە بولدى قىلمايدىغان بوشاشماس روھىغا ۋە فىلىمدىكى ھەر قانداق بىر جانلىققا تولۇپ تاشقان مىھىر-مۇھەببەتنى بېرىش، شۇنداقلا ھەر قانداق ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا بىر-بىرىنى ھېس قىلىش ھاياتلىقنىڭ باش تىمىسى دېگەن مەركىزى ئىدىيەسىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم…جىق گەپ قىلماي بولدى، ئۆزىڭىز ھېس قېلىپ بېقىڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: vfx، ئۈنۈم، تەسىرات، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,400 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: pacific-rim-vfx.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مەستانىلەر ئۆزى ئىشلەپ چىققان CG فىلىم – Naruto VS Bleach
- كېيىنكى يازما > فەچەت ناخشىلار بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن يەنە بىر يۈرۈش فەچەت كىنو پارچىلىرى!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
مەنمۇ بۇ كىنونى كىنوخانىغا بېرىپ كۆرگەنلەرنىڭ بىرى. كىنونىڭ پۈتكۈل ۋەقەلىكىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى مۇشۇ رەسىمگە ئوخشايدۇ
توۋا ، ئىنكاسقىمۇ رەسىم قىستۇغىلى بۇلىدۇ دىسىلە
دەشتى سىماگنى ئۇيغۇرچە قىلغاندا ۋاقت ئوقىنى قايسى دىتالدا ياسىغان؟
مەن ئالدىمىزدا ئايرىم توختىلاي، تېمىنى بۇرىمايلى
دىۋانمۇ بۇ ئەمەسمۇ
دىۋاننى تورخۇمار دىگەن ئاداش ئېۋاپتۇ.
ھېجەپمۇ كۈرۈپ بۇلاممىدىم مۇشۇ كىنونى ، توردىكىسى ساپلا ئوغرى نەشرىكەن ، ئۇنى كۆسە ئەدەمنىڭ كۆڭلىنى ئاشقا چۈشكەن چىۋىندەك قىپ قۇيدىكەن ، كىنوخانىدا كۆگەن خۇماش خاپومماي ما كىنونى ماڭا سۆزلەپ بەمەمسىلە قىززىق قىلىپ تازا
بۇ كىنونى تەرجىمە قىلىشنى باشلىۋەتتىم پات ئارىدا ئاق بۈركۈتتە ئېلان قىلىنىدۇ .
مۇشۇ كىنونى ئاڭلاپ يۈرگىلى خېلە بولغانتى ، بىر كۆرەپ كەلمىسەم…
ھەراست، ئىۋۇ ئىنكاسلارغا كىچىك رەسىملەرنى قانداق قىستۇرغىلى بولىدۇ ؟ يا تورخۇمار ئەپەندىنىڭ ئىنكاس يازىدىغان يېرىدىلا رەسىم قىستۇرغىلى بولامدىغاندۇيا ؟!
توردا بارغۇسۈزۈك نۇسىخىسى!مەن تىخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا چۈشۈرىۋالدىم.
ئۇندا بولسا يوللاپ قويمامسىلە ، بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى ~!
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىش سورىسام ، تورخۇماردىكى ھېلىقىدەك رەسىملەر سەھىپىسىدە 140-بەتتە «تاماشىبىن» يوللىغان ئەركەنايناق ئوقۇغۇچىلارغا سوغات تېمىسىدا بىر ھەركەتلىك رەسىم باركەن . قارىسام بىرەر كىنودىن ئېلىنغاندەك بىلىدى ، شۇڭا بىلىغان كۆرگەن تورخۇمارلار بولسا ، بىر دەۋەتمەمسىلەر ، قىزىقىپ قالدىمچۇ ~
كىنو ئەمەس. Tommy Lee Jones نىڭ ياپونلار ئۈچۈن ئىشلەپ بەرگەن بىر يۈرۈش قىزىقارلىق ئېلانلىرىنىڭ بىرى. ئارتېستنىڭ ئىسمى+日本+广告 دېگەن ھالقىلىق سۆزلەر بىلەن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.
بۇ قەھۋەنىڭ ئېلانى.
http://www.funshion.com/uvideo/play/259001
ئىنكاس كۆزنىكىگە ئۇيغۇرچە يازالماي
تەخەللۇس كۆزنىكىگە يىزىپ كۈچۈرگەنتىم ئالدىراپ ئۈچۈرۈشنى ئۇنتۇپتىمەن.كەچۈرۈڭلار تورداشلار
بۇ كىنونى ئىشلەش ئۈچۈن خېلى كۈچ سەرىپ قىپتۇ. بۇ كىنوغا بەكمۇ قىززىققانتىم، لىكىن ماۋۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى كۆرۈپ بولغاندىكىن كىيىن بېشىمغا بىر چېلەك سوغاق سۇ قۇيغاندەك سوۋۇپ كەتتىم.
ئەسلى باشتا كىنونىڭ ئۆزى كۆرۈپ بوپ ئاندىن ئىشلىنىش جەريانىنى كۆرسە ئاندىن قىزىقى بولىدىكەن.
مەنمۇ بىر رەسىم قىستۇرۇپ سىناپ باقاي …..
ۋاي توۋا بۇ نىمە ئىش ، بىرمۇنچە كود يوللىسام ھىچنىمە يوققۇ ، بىكەتكە كود سۈزۈش قىستۇرمىسى قاچىلانغان چىراي …
مەنمۇ كورەپ باقسام بولغۇدەك!!
خەپ ئىنگىلىزچە ئۇققان بولسامچۇ
بۇ كىنونى قەشقەردىكى كىنوخانىلاردا ھېلىھەم قويىۋاتقانمىدۇ ؟ بىلىدىغانلار دەپ بەرگەن بولساڭلا بوپتىكەن ….
توردىن ئىزدەپ باقسىڭىزلا بولمىدىما؟قۇربان ھېيىتتا كېلىپ كۆرەي دېگەنمىيا؟قەشقەگە كەلگەندە تورخۇماردا كۆرىشىلى بولمىسا
بۇ كىنو ماڭا قەقەززا قىلغانغا چۇشلۇق تەسىر بېرەلمىدى.
بەزى يەرلىرى ياپوننىڭ ھېلىقى ئاۋتېمەن دەمدۇ ئىشقىلىپ ھېلىقى مەخلۇقلار بىلەن ئۇرىشىدىغان كىنولىرىغا ئوخشاپ قالىدىكەن.
ئادرىسىنى ئەۋەتىۋەتمەمسىلە كۆمىگەنلەكۇرىۋاسۇن،،،،،،،،،،،،،مەندەك
مەن بۇكىنونىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى كورمەپتىكەنمەن.ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇردىكەن، ئەلۋەتتە 4Dنەشىېرنى كورسىڭېز تېخىمۇ قالتىسكەن
بۇ فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى بولسا يوللىۋەتمەمسىلە،
http://kuai.xunlei.com/d/feFoCgLEFACYW1FS451?p=48107
سۈزۈك نۇ
يېرىم سائەت كۆرۈپ ئاۋتىمەن بىلەن پەرقى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ داۋامىنى كۆرمىدىم.مەخلۇقلىرى بەك جا.
دېمىسمۇ بۇ كىنۇنى ئاۋتىمەننىڭ كىنوسىغا ئوخشاش ئىشلەپ قويۇپتۇ.. بىر خىل سۈنئىي..
راس دەيسىز، ئاۋتىمەن گە ئوخشاپ قالىدىكەن..
ئەمما كىنو ئىشلەش جەريانى باشقا كىنولارغا قارغاندا ھەقىقەتەن جىق كۈچەپچت ئەمەلىي چىقىپتۇ
كىنو چىقماستا شۇنچە غولغولا قۇزغاپ كەتكەن ، لىكىن كۇرەپ ئانچە …..فانتازىيە سەل ئۆرلەپ ئۆتەپ كىتىپتۇ…