نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

Cyberpunk 2077 ناملىق ئويۇننىڭ CG تەشۋىق فىلىمى

تورخۇماردا قايسى تېمىدا كۆردۈم ئېسىمدە يوق، بىر توپ ئويۇنلارنىڭ CG لىرىنىڭ توپلانمىسىدا، مۇشۇ CG دىكى بىر كۆرۈنۈش لاپ قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇ ۋاقتىدا قايسى فىلىم ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي كۆپ ئىزدىگەن ئىدىم، بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ ئۇچراپ قالدى. شۇڭا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ قالدىم.

Cyberpunk2077

Cyberpunk 2077 ناملىق بۇ ئويۇن CD Projekt Red نىڭ ئويۇنى بولۇپ، ۋەقەلىك 2077-يىلىدىكى يىراق كەلگۈسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، CG دىن شۇنى ھېس قىلىش تەس ئەمەسكى، ئويۇندا بىز ئوق-پىچاق ئۆتمەيدىغان ئايال ماشىنا ئادەمنى كۆرەلەيمىز، يەنە غەلىتە سىياقتىكى ئالاھىدە ساقچىلارمۇ چىقىدىغاندەك، لېكىن قىسغىنە نەچچە مىنۇتلۇق CG نىڭ ئەينەنلىك دەرىجىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى چىققان.

Cyberpunk 2077 نىڭ CG فىلىمى

مەزكۇر ئويۇننىڭ توردىكى چۈشەندۈرىلىشىنى كۆرسەم، 2013-يىلى ئېلان قىلىنىدۇ دەپ بار ئىكەن، بىراق ھازىرغىچە بىرەر ئۇچۇرى يوق. زادى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم. ناۋادا CG نى كۆرۈپ قىزىقىپ قالغان تورداشلار بولسا، ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئېلان قىلىنىپ قالسا، ئويناپ كۆرۈپ بېقىپ ھەقىقەتەن تەۋسىيە قىلغۇچىلىكى بولسا ئايرىم ماقالە يېزىپ كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇشۇم مۇمكىن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئابومجان 2013.10.02 , 22:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىرىپلا دىۋانغا ئۈسسۈپتىمە ئىككى قېتىم

    • رىچارد 2013.10.03 , 10:45

      ئابومجان پەيدا بولسا ئەتىۋا يوق بوپ كېتىدىكەن دىسە

    • كۈسەن 2013.10.03 , 13:10

      ئابومجاننى تورخۇماردا كۆرمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ

    • ئابومجان 2013.10.03 , 13:21

      شۇندا قىلىپ تويامنى قىلىۋالدىم دەڭلا ھې ھې ھې

    • ئىسيانكار 2013.10.03 , 15:12

      مارەك بوسۇن

    • مايتىم 2013.10.18 , 15:55

      ئابلىكىم؟

  2. ئەپەندى 2013.10.02 , 22:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مارەك بوسون…

  3. ئەتىۋا 2013.10.03 , 13:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رىچاردجون ، چىم دەيدا مىنى يوقاپ كىتىدىكەن دەپ … ما ئېيىق بالىنى كۆمىگىلى راس ئۇزۇن بوپتا

  4. چاقماق 2013.10.07 , 01:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ دەھشەت ئويۇنمۇ قانداق بىر ئويناپ باقساق بولغۇدەك لىكىن قاچانراق چىقار بۇ ئويۇن ئەمدى.

  5. چاقماق 2013.10.07 , 01:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ فىلىم قۇيۇلماي تۇرۇۋېلىپ چۈشۈرۈپ كۆردۈم

  6. ‏چىچەن 2013.10.07 , 13:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچىكە جاڭگال.

  7. ئەلى 2013.10.13 , 23:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    directx 11 دىگەن يىڭىسىمۇ c9.0دىگەن يىڭىسىمۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量