Need For Speed(يەنى 极品飞车) ئويۇنىنىڭ كىنوسى چىقماقچىكەن
EA شىركىتىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ماشىنا ئويۇنى Need For Speed(خەنچە نامى 极品飞车) نىڭ ۋەقەلىكىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنو ھازىر جىددى سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى قويۇلماقچىكەن. يېقىندا ئورگان تەرەپنىڭ كىنونىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، قىسقىغىنە ئىككى مىنۇتلۇق فىلىمدىن، ئەسلى ئويۇندىكى نۇرغۇن تونۇش سىمالارنى بايقاش تەس ئەمەس.
مەزكۇر فىلىم Dreamworks تەرىپىدىن ئىشلىنىدىغان بولۇپ، Act of Valor فىلىمىنىڭ رېژىسورى Scott Waugh تەرىپىدىن رېژىسورلۇق قىلىنىدىكەن، فىلىمنىڭ باش پېرسوناژى Breaking Bad(خەنچە 绝命毒师، تەۋسىيەلىك فىلىم) ناملىك چاتما تىياتىردىكى Jesse نىڭ رولچىسى Aaron Paul گە بېرىلگەن.
ھوللىيۋود تارىخىدا، ئويۇندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ۋە مۇۋاپىقىيەت قازانغان فىلىملەر خېلى بار، مەسىلەن، بىئو-خىمىيەلىك كىرزىس، پارىس شاھزادىسى، قاتىل 47 دېگەندەك. مەزكۇر فىلىممۇ دۇنيادىكى يەنە بىر داڭلىق ئاپتوموبېل تېما قىلىنغان Fast & Furious(خەنچە 速度与激情) فىلىمىدەك مۇۋاپىقىيەت قازىنالامدۇ يوق، بۇنى فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن بىلىمىز.
Need For Speed فىلىمىنىڭ تەشۋىق فىلىمى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاپتوموبېل، ئويۇن، فىلىم، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,995 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: neef-for-speed-movie-trailer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئامىستېردام كارتون فىلىم بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسقا فىلىم – مايمۇن زۇڭتۇڭ
- كېيىنكى يازما > Cyberpunk 2077 ناملىق ئويۇننىڭ CG تەشۋىق فىلىمى
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
پاھ ماۋۇ كىنو بولۇپ قالامدۇ نىمە ! ۋەقەلىك خىلى مۇرەككەپدەك تۇرىدۇ.
ھە راست دىۋاندا ئىكەنمەن. سازكەننى بېسىپ قويساڭلار دىۋان سىلەرنىڭ !
ياخشى كىنودەك قىلىدۇ خېلى پەيزىكەن بۇ تەشۋىق فىلىممۇ
EAشىركتنىڭ بۇئۇيۇننڭىمۇيىڭى نۇسقىسنىڭ تەشۋىق فىلمى بەك دەششەت چىقپتكەن‹ ما كىنو ئۇنىڭدىنمۇ قاتىل چىقامدۇ نىمە ‹‹
يوۋ دەششەت چىقىپتۇ ، ئىسىل
ئاۋۇ 绝命毒师دىگەن ئامرىكا فىلىمۇ بەك پەيزى ، يېقىندا تېخى ئامرىكىدىكى خېلى نۇپۇزلۇق بىر مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئون نەچچە قېتىم ئىسمى ئاتىلىپ نەچچە خىل تۈردە مۇكاپات ئالدى ، ھازىر قۇيلىۋاتقان ئامرىكا فىلىملىرىنىڭ ئالدى ، ھازىرغىچە بەش بۈلۈم ئىشلەندى ھەم تۈگەش باسقۇچىغا كەلدى ، 美剧خۇمارلار كۆرمىسە بۇلمايدىغان فىلىم جۇما بۇ …
تۇرۇپلا ئويلاپ قالىمەن ، مۇشۇ تەدبىركار قانداراق ئەدەمدۇ دەپ ، ياشمىدۇ ياشانغانمىدۇ ، بىزنى تورخۇمارغا خۇما قىپ قۇيۇپ قايلاپ ئوتۇرامدىغاندۇ …
تورخۇماردىكى نەچچە يۈزلىگەن تېمىنى ھاردىم تالدىم دىمەي شۇنداق ئەستايىدىل يېزىپ چىقىپتۇ، يازغاندىمۇ تازا نەچچە يىل يېزىپتۇ ھەم يېزىۋاتىدۇ ،تەدبىركارغا ھۆرمىتىم ئېشىپ قالغىلى نەۋاق ، مىنىڭچە كۆپ ساندىكى خۇماداشلار ئورتاق قاراشتىغۇ …بەزى ئاندا ئۇلۇغ ماندا ئۇلۇغ ئەدەملەرنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن تەسىرلىنىپ يۈرۈيمىز ،ئەڭ ئاددىيسى تەدبىركارنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىشنى توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادىسى بىز خۇماداشلارنىڭ ئۆگۈنىشىگە ئەرزىيدۇ …
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى ، تۇيۇقسىزلا ھاياجانلىنىپ قالدىمغۇي، تەدبىركارنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە تورخۇمارنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا بەك چىن دىلىمدىن تىلەيمەن …
مازكەننى باسايمىكى دەپ سازكەننى بېسىۋەتتىم.
كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى ئارام ئالىدىغان ئوغرىتى ئەسلى.
ئويۇنىنى ئويناپ قانمايتىم .پەيزى ناخشىنى قويچىلىپ تازا ،
قاچان كۆرەمىز فىلىمىنى …
فىلىمنى جۈرىم ۋوركىس ئىشلەيدىكەندە ، ئۇنداقتا چوقۇم دەششەت نوچى چىقىدۇ .،.
ئۇ فىلىمنىڭ چىقىشىغا تەقەززا مەن، لىكىن ئاۋۋۇ绝命毒师دىگەن كىنونى بىر كۆرەي دىسەم كۆپ قىسىملىقكەن ئەمەسمۇ،
تورخۇماردا كىنو تەۋسىيە قىلمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ، ياخشى كىنولاردىن بىرقانچىنى تەۋسىيە قىلمامسىلەر، دۆلەت بايرىمىدا كۆرگىدەك.
ٰئېسىل ئويۇنتى”
ماۋۇ فىلىمى بىر چىقسا كۆرمەي بولمايدۇ…
كىنو چىقىپ بولغىچە كۆزلىرىىمز تىشىلىپ كىتەمۇ ،
مەن ما ئوياننىڭ ھەممە نۇسخىسىنى ئويناپ تۈگىتۋەتكەن. بەك ياخشى كۆرمەن. ئەمدى كىنوسى چىقىدىكەندە . تەشۋىق فىلىمىمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ.
بەك نوچى ئويانتى . جوڭگو تەۋەسىدە تۈزۈكرەك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرمىدى. تورخانىدا تولا مۇسابىقىلىشىپ خەقنى قەزدار قىلۋەتكەن ئىدىم. كىنوغا مېنى تەكلىپ قىلغان بولسا بىر پۇڭ ئالماي رولغا چىقاتتىم ئەمەسمۇ
ئاخىرى كىنوسى چىقىدىغان بوپتۇدە،
Need For Speed16نىڭ ۋەقەلىكى خېلى بولۇپ قالاتتى ،ھازىرغا قەدەر 7قېتىم باشقا چىقىپتىكەنمەن،كىنوسىمۇ چوقۇم ياخشى. Need For Speed18يېقىندا ئېلان قىلىنماقچىغۇ دەيمەن؟
ماشىنا ئوغىرسىنىڭ 5-سىنى 10.1ئىلان قىلندۇ دەۋاتاتىڭلار تور خۇمار ئەپەندىم ئىلان قىلىنمىدىغۇ
كىنو ئاخسا بولا ماشتا بولا….. تۆت كۆزۆم بىلەن كۈتىمەندە بۇ كىنونى
راسلا ئالامەت ئىشلەپتۇ ! پۇلاپمۇ مۇشۇ فىلىمدىكى شوپۇرلارنىڭ سەۋيىسىگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل بوماي تۇرغىلى بولمايدۇ ! ساقچى دىگەننى زاڭلىق قىلغاندەك ھەيدەيدۇ ماشىننى !
ساقچىلارنىڭ ئىچىدىن مۇشۇنداراق شوپۇر چىقمايدۇ !