رېئاللىقتىكى «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» دەپ تەرپلىنىۋاتقان كىنو Act of Valor نى توردا كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش
قەيسىرانە ھەرىكەت(Act of Valor) ناملىق بۇ فىلىمنى ئىلگىرى تورخۇماردا كۆپچىلىككە تەشۋىقات فىلىمى ئارقىلىق بىر تەۋسىيە قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. ھازىر مانا ئاخىرى 720P لىك ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك نۇسخىسى چىقىپتۇ. رېئاللىقتىكى مەجبۇرىيەت چاقىرىقى دەپ تەرپلىنىۋاتقان بۇ كىنو، ھەقىقىي ھەربىي يۈرۈشنى تېما قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، فىلىمدە ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تيۇلىن زەربىدارلار ئەترىتىدىكى جەڭچىلەر.
ھەربىي مەخلىيەتلىككە تاقىشىش سەۋەبلىك، فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى فىلىمنىڭ ئەڭ ئالىي تەھرىرلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ھەربىي مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ۋە تيۇلىن زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنىڭ تېرورچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دېڭىز ئارمىيەسى تەرەپ نۇرغۇن مۇتەخخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ فىلىمنى قايتا-قايتا كۆرۈپ چىققان، تاكى فىلىمدە مەخپىيەتلىككە تاقىشىدىغان كۆرۈنۈشلەر قالمىغۇچە قەدەر كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن فىلىمنىڭ قويۇلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، فىلىمنىڭ ئەسلى ماتېرىياللىرىمۇ دېڭىز ئارمىيەسى تەرەپتىن مەخسۇس ساقلاشقا بۇيرۇلغان، بۇ ماتېرىياللار دەرسلىك سۈپىتىدە يېڭى ئەسكەرلەرگە قويۇپ بېرىلىدىكەن.
«قەيسىرانە ھەرىكەت» تە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىك بولسا، تيۇلىن زەربىدارلار ئەترىتى گۆرۈگە ئېلىنغان بىر CIA ئالاھىدە خادىمىنى قۇتقۇزۇش جەريانى بولۇپ، چىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ. تورخۇماردا ئىلگىرى مەزكۇر فىلىمنىڭ تەشۋىق فىلىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ناۋادا سىز چۈشۈرۈش ياكى كۆرۈشتە ئىككىلەنسىڭىز، ئاۋال تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ۋە كۆرۈش مەنزىلى:
بۇلۇت كىنوخانىسىدا كۆرۈش | تەشۋىقات فىلىمى | مەنبە: تورخۇمار | HD-HDTV لىق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: FPS، ئۇرۇش، جەڭ، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,119 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: act-of-valor-movie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەسلىدە ئاپتوموبېل تېيىلدۇرۇش(漂移) دېگەن مۇنداق بولىدىكەن…
- كېيىنكى يازما > «شەپەرەڭ پالۋان: زۇلمەتتىكى چەۋەندازنىڭ باش كۆتۈرۈشى»نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
بىر دېتال تونۇشتۇرۇلغان تېما يۇيۇلۇپ كەتتىما؟
دىۋانچىلىق!
كىنو قويۇلۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ، بىر ئاز ساقلاڭ… دەپلا تۇرىدۇ خېلى ساقلىساممۇ …
Chrome غا ئوخشاش تور كۆرگۈلەردە سىناڭ، نورمال
بۇرادىرىمنىڭ بۇلۇت كىنوخانسى بار ھە..ئۇنتۇپ قاپتىمەن
سۇنۋۇكۇڭدەك ئولتۇرۇپ كۇرۋەتتىم دىسە…
بۇ فىلىمنى كۆرۈۋىتىپ شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتتىم، ھەقىقىي جەڭ مەيدانى شۇنچىلىك بولا دەيمەن…
شۇنلېي چۈشۈرۋاتىدۇ.
بەك پەچەت چۈشۈۋاتىدۇ 1.05 مېگابايتلىق تېزلىك بىلەن بۈگۈن تور سۈرئىتىم بەك سازغۇ !!
تورخۇمارنىڭ 3 تېمىسىنى كۆرۈپ بولغۇچە 60% چۈشۈپ بولدى
قانداق تور سۈرئىتى بۇ؟! قاتتىق دېسكىڭىز كۆيۈپ كەتمىسۇن، ئاۋايلاڭ جۇمۇ؟ ھاھاھا
كۆزۈمنى بەك بىئارام قىلدى، ئېكراندىن سىنغا ئالغاندەك تۇرىدۇ، بەك قاراڭغۇ،
1080P لىك ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك نۇسخىسى ئىدىغۇ؟ باشقا يەردىن چۈشۈرىۋالغان ئوخشايسىز
ھېلىقى ئۆزگىچە تىزىملىك قىپ بېرىدىغان بىر دېتالنى تونۇشتۇرغانغۇ؟يۇيۇۋەتتىڭىزما؟تەدبىركار!
دىۋان دىۋان ھەي
پەقەتلا ئولتۇرۇپ باقمىدىم بىر يىلدىن بىرى
قىنى بىر كۆرۈپ باقاي چۇ….كىنونىڭ قاتىلدەك قىلىدۇ
ماڭا تور ئادىرسىنى دەپ بىرىڭلار، مەن ئويونلىرىنىڭ ھەممە قىسىملىرىنى ئويناپ بولدوم.
كىنوسىنى بەك كۆرگۈم بار ياردەم قىلىڭلار.