ئامىستېردام كارتون فىلىم بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسقا فىلىم – مايمۇن زۇڭتۇڭ
ئىنسانلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، تەبىئەتكە توختىماي بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھايۋاناتلارنىڭ ئورمانلىقتىن ئىبارەت بۇ ماكانىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىشكە باشلايدۇ، بىر مايمۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چىدىماي، قولىغا پىچاق ئېلىپ پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ ۋە توختىماي جاپا-مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىپ، ئاخىرى زۇڭتۇڭ بولىدۇ، قولىغا ئەڭ ئالىي ھوقۇق كىرگەن مايمۇن، ئىنسانلارغا قارىتا تەلۋىلەرچە قىساس ئېلىشنى باشلايدۇ، بىر دانە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ پولات-چىۋىقلىرىنى سۇندۇرۇپ، يەرلىرىنى كولاپ، ئۆزىگە تەۋە بەختلىك ئائىلىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىدۇ.
فىلىمنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى كۈچلۈك، رەڭ ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، ۋەقەلىك راۋاجى تېز بولۇپ، مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان بىر كارتون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مايمۇن زۇڭتۇڭ
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەبىئەت، فىلىم، قىزىقارلىق، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,311 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: shave-it.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يۈرەك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىش بەك مۇھىم، ھەتتا مۇردىلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق!
- كېيىنكى يازما > Need For Speed(يەنى 极品飞车) ئويۇنىنىڭ كىنوسى چىقماقچىكەن
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ .ناھايىتى ياخشى مۇھىت ئاسراش تەربىيە فىلىمىكەن !
ئۆچ ئالا، ماشتا ئالا
بىزنىڭ پەقەت بىر يەرشارىمىز بار، بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار…
بەك قىززىق ئەمەسكەن،مەن ياقتۇرىدىغان كارتونلارغا ئوخشىمايدىكەن
شۇ ئازراق مەنىسى باكەن
ئەرزىمەي قاپتۇدە ماۋۇ كارتون
گۈزەل سەنئەتكە بەك قىزىقمىغاچقىمىكىن ، بۇ خىل ئۇسلۇپتىكى كارتوندىن تازا ھۇزۇر ئالاممىدىم ، ئەرزىمەي قالغىنى يوق
گەپلىرىڭىزگە خېلى دىققەت قىلدىم
ئابومجاندەك قىلىسىز ھە”!
قىززىق ەمەسكەن
ئامماقنىڭ بەمىكى بار . ماڭا كەگىنى ساڭا كىلىدۇ . كالىنىڭ بىشىغا كەلگىنى موزاينىڭ بىشىغىمۇ كىلىدۇ دىگەندەك تەسىراتلاردا ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچى نەفسانىيەتچىلىكى ئاخىرى بىشىغا چىقىدىغانلىقى تەسۋىرلىنىپتۇ . قالتىس چىقىپتۇ . مۇكاپاتلىغۇدەك چىقىپتۇ .
كارتون فىلىملەرنى كۆپ كۆرگەن، لىكىن مۇنداق رەڭ ئىشلەتكەن كارتوننى تۇنجى كۆرىشىم، رەڭ دىگەننى تەڭشىمەيلا ئىشلىتىپتۇ دەيمە، قاراپلا قانداق رەڭلىكىنى بىلگىلى بولغۇدەك قىلىپ.
بىز بۇ يەردە ئۇنداقكەن ،بۇنداقكەن دەپ بولغۇچە ئۇلار باھالاپ ئالتۇن مۇكاپاتنى بىرىپ بوپتىغۇ ئەنە ،
قېنى بىر كۆرۈپ باقايلى. ئېىل كارتون فىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
يەرشارىنى بويسۇندۇرىمەن دىگەنلىك خاتالىقكەن . يەرشارىنىڭ قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ ياشاش كېرەككەن . بۇ كارتۇن فىلىم ياخشى ئىشلىنىپتۇ .
مەن ھىچنىمە چۇشەنمىدىم…
مەندىنمۇ چۇۋالچاق بىرنىمە يازىدىكەن مانىڭ سىنارىيەچىسى