نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

كۆڭلىدىكى قىزغا قانداق يىقىنلىشىشنى بىلەلمەيۋاتقان گۈدەكلەرگە بىر قانچە ئۈنۈملۈك رىتسىپ

بىلىشىمچە بىر شىر ياكى يولۋاسنى كۆندۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور سەۋىرچانلىق بىلەن رەھىمسىز يۈرەك تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بىر تەنتەك قىزنى كەلتۈرۈشكە بولسا ئۇنىڭدىنمۇ زور سەۋىر-تاقەت تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى تورخۇماردىكى شاكىچىكلەر يەنىلا ئۇنداق ئاسان ئەل بولمايدۇ. تۆۋەندە كەمىنە ئادىلجاننىڭ قىز كەلتۈرۈش تەجىربىلىرىدىن بىر-نەچچىنى سۆزلەپ ئۆتەي. كۆڭلىدىكى قىزغا قانداق يىقىنلىششىنى بىلمەيۋاتقان گۈدەكلەر پايدىلىناسىلەر.

love

قىز كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار:

يىگىت:ماڭا ئىشىنىڭ،مەن چوقۇم سىزنى دۇنيادىكى ئىككىنچى بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىمەن!
قىز:نېمىشقا بىرىنچىسىگە ئەمەس؟
يىگىت:سىزگە ئېرىشسەم ،ئەڭ بەخىتلىك ئادەم مەن بولۇپ قالىمەن-دە!

 

يىگىت:يامغۇرنىڭ نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
قىز:ياق،نېمىشقا؟!
يىگىت:سىزگە قاراپ بۇلۇتلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ…

 

يىگىت:خانقىز خاپا بولماي 5يۇەن بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟
قىز:ئېلىڭ،نىمە قىلماقچى ئېدىڭىز؟
يىگىت:ئاپامغا تېلېفۇن بىرىپ،بۇگۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى كۆرگەنلىكىمنى دەي دېگەن!
قىز:ۋىيەي،نىمە دەيدىغاندۇ…

 

قىز: ئادەمگە نېمىشقا بۇنچىۋالا قارايسىز،خىجىل قىلىپ؟
يىگىت:كەچۇرۈڭ!…مەن بىر سەنئەتكار گۈزەللىكتىن زوق ئېلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك مېجەزىم…
قىز:…

 

يىگىت:خانقىز،مالال قىلىدىغان بولدۇم!
قىز:تۈزۈت قىلماڭ،نېمە ئىش ئېدى؟
يىگىت: بۇگۈن ئىشلىرىم ئوڭغا ماڭمىغاچقا كەيپىياتىم بەك ناچار.باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە،گۈزەللەرنىڭ تەبەسسۇمى ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن،ماڭا قاراپ بىر قېتىم كۈلۈپ قويارلارسىزمۇ؟!…

 

يىگىت:تازا چارچىغانسىز ھە؟
قىز:نېمىشقا؟
يىگىت:چۈنكى بىر كۈن كاللامدا ئەگىپ يۈردىڭىز…

 

يىگىت:سىزدىن يول سوراي دېگەن، بولارمۇ؟
قىز:ئەلۋەتتە،نەگە بارماقچى ئىدىڭىز؟
يىگىت:قەلبىڭىزگە

 

تورخۇماردىكى خانىم-قىزلار ئۆز تەجىربەڭلەرگە ئاساسەن يۇقۇردىكى ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈملۈك دەرىجىسىگە بىر باھا بەرگەيسىلەر.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 63 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تاماشىبىن 2013.03.05 , 13:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆڭۈلدىكى ئورۇنغا ئېرىشمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس

    • ئابومجان 2013.03.05 , 14:45

      مەيلى بويتاق مەيلى يۈرىۋاتقان بۇلۇڭ ، قىزلا مۇشۇ ۋەدە قەسەم بىرىشكە ئامراق ئوغۇللاردىن قورقساڭلا بۇلىدۇ ، سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەركەك ھەرگىزمۇ سىزنى ئۇنچىۋالا كۆپ قۇرۇق ۋەدىلىرگە كۆمۈپ قويمايدۇ ، ئوغۇل بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپنىڭ ئۆزى ۋەدە دەيدىغان بىر گەپ با ، شوڭا ئوغۇل بالا دىگەنمۇ ئاغىزىمغا كەلدى دەپ قۇرۇق ۋەدىلەرنى بىرىۋەرمىگۈلۈك ، كەمسۆز چوڭ سۈپەت بولغىنى ياخشى ، ۋەدىلەرنى جىق بىرىپ قويسىڭىز ئاخىرى ئۆزىڭىز ماز بۇلىسىز شۇ

  2. سەردار 2013.03.05 , 13:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يا ئاللا مەنمۇ دىۋاندا ئۇلتۇرۇپ باقىدىكەنمەن ھە! قانداق بۇلدىكىن بىر ھۇزۇرىنى سۇرۇپ باقاي ….

    • ئابومجان 2013.03.05 , 14:26

      ئەجەپ تاتلىق كۈلىۋالدىم ما ئىنكاسقا ، خېلى بولدى كىم دىۋاندا ئولتۇردۇم پەگادا ئولتۇرۇپ قالىدىغاندۇ دەپ پەگا ماراپ يۈرگىلى ھېھېھې

    • ئايشەم تورى 2013.03.05 , 17:51

      پىشايۋان تىگىپتۇ ؟

  3. سەردار 2013.03.05 , 13:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاندا ئۇلتۇردىمىكىن دېسەم يەنىلا پولدا ئۇلتۇرۇپ قاپتىمەن بىر قەدەم كىچىكىپ قاپتىمەن دە

  4. شامال 2013.03.05 , 13:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خانىم – قىزلار بايرىمىغا يەنە 3 كۈن قاپتۇ. مۇشۇ كۈندە نۇرغۇن خانىم – قىزلار ئۆزلىكىدىنلا «ھاكاۋۇر»لىشىپ ، يىگىتلەرنى بىرەر قۇر قاقشىتىدۇ…:dizzy: شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! :mrgreen:

    • سالىھ بىگ 2013.03.05 , 13:47

      ما گەپنىڭ دەرىخى ئۇنمەي شىخى مىۋە بىرىپ بوپتۇ دىسە . ئىشەنچىم تازا ئىشەنمەيۋاتىدۇ . :mrgreen:

  5. سالىھ بىگ 2013.03.05 , 13:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىكىن زە ما گەپلە بىلەن قانچە قىزنى ئالداپ بولا ۋىجدانسىزلار…قىزلار پەخەس بولۇڭلار ھە :lol:

  6. قارا ھەرە 2013.03.05 , 14:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېرىم يىل بۇرۇن كۆرگەن بولسام يۇقارقى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ باقاتتىكەنمەن، كۆڭلۈمنى ئىپادىلەيمەن دەپ خېلى باش قاتۇرغانتىم ئەينى ۋاقىتتا..

  7. كۇلكە 2013.03.05 , 14:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىنى سىناپ باخمامدۇك…

  8. 428 2013.03.05 , 14:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3.8 دىن كىيىنراق ئويلىشارسىلەر ،

  9. ئابومجان 2013.03.05 , 14:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس گەپ قىلسام ما گەپلەرگە كۆڭلۈم سەل ئېلىشىپ كەتتى ، ھەنىمە بوسا ئوغاۋالا بولاپ قاپتىمە ، ئەگەر قىز بوپ قىلىپ بىرە ئوغاۋالا ماڭا مۇشۇ گەپلەنى دەيدىغان بوسا بىژ پەشۋا بىلەن ئاشۇ غىتمەكنىڭ تۆت چىشىنى چۈشۈرۋىتەتتىم ، يې قىزلا توۋا دەڭلا مۇشتا گەپكىمۇ ئىشىنەمسىلە

  10. سادا 2013.03.05 , 14:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىگىت ۋەدە بەرمەيدۇ . يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم ! ( قانداق دىمىدىم )

  11. ھەرە 2013.03.05 , 15:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىگىت ۋەدە بەرمەيدۇ . يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم !

  12. ئاجايىپ 2013.03.05 , 17:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەش-چېكىتلەردىن كېيىن بوشلۇق كونوپكىسىنى بىر قېتىم بېسىۋەتسە ئۆمرى ئۇزۇن بۇلامىش :cool:

    • مېھمان 2013.03.05 , 17:34

      ما گەپكە خىلى كۈلۋالدىم :mrgreen:

    • HAYATIM538 2013.03.05 , 17:50

      مۇنۇ دوستمىزنىڭ دىگنى توغرا . ئۇيغۇر تورخۇمارداشلار مانا بۇ ئالاھىدە رېتىسىپ . :smile:

    • ۋاپادار 2013.03.05 , 19:00

      خى خى بۇگۇن تورخۇماردا خۇماداشلا يىغىلغان چىغى قىززىپ كىتىپ تۇ دىسە!!!!

  13. ۋاقتىم 2013.03.05 , 17:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزلار، ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرەيلى!
    :cool: :cool: :cool:

  14. سەھرالىق 2013.03.05 , 17:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ مودىدىن قالغان سۆزلەركەن :mrgreen:

  15. ئۇيغۇر چ چ تورى 2013.03.05 , 18:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىلىپ بىلمەي قىز دوستۇمغا مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ قويمەن! :idea:

  16. ئەركە 2013.03.05 , 18:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئەمدى خوتۇنۇمغا دەپ باقاي بۇ گەپلەرنى، مابەت بىلەن خوتۇننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزگىرىشىنى بىر كۆرۈپ باقمايمەنمۇ……. ؟!

  17. قىران 2013.03.05 , 18:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ خىل رومانتىك، ئەگىتىپ تۇرۇپ يۈرەككە تېگىدىغان سىلىق گەپلەر ھەممە قىزلارغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.
    قىززىق ئەمما تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان بىر ئىشنى دەپ بېرەي:
    مەن قىز دوستۇم بىلەن يۈرۈۋاتقان ۋاقىتلار، يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبلىك تولا ئۇرۇشۇپ ئارام بەرمەيتتى. ھە دېسىلا قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ كۆڭلۈمگە ئازار بەرگىنى بەرگەن. بىر قېتىملىق يەنە شۇنداق ئۇرۇش، قوپال گەپ-سۆزلەردىن كىيىن دېدىم.
    مەن: جۈر، دابازا (خەلقئارا چوڭ بازار)غا بېرىپ كېلەيلى.
    ئۇ: نېمىش قىلىمىز؟
    مەن: ساڭا بىر پىچاق ئېلىپ بېرەي.
    ئۇ: نېمىشقا؟
    مەن: ساڭا بىر پىچاق ئېلىپ بېرەي، سومكاڭغا ياخشى سېلىپ، يېنىڭدىن ئايرىما. يەنە مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئاغزىڭدىن مېنىڭ كۆڭلۈم ئاغرىيدىغان شۇ قوپال گەپ سۆز چىقىدىغان ۋاقتىدا، ئۇ گەپلەرنى دېمەيلا سومكاڭدىن پىچاقنى چىقىرىپلا بىر يېرىمگە تىقىۋەتكىن. (لېكىن ئېسىڭدە بولسۇن، ئۆلتۈرۈپ قويمىغىن. قاتىل بولۇپ قالىسەن.)دوختۇرخانىغا كىرىپ بىرنەچچە ئاي يېتىپ داۋالانسام ساقىيىپ كېتىمەن. يارا ئېغىزىدا پەقەت تارتۇق قالىدۇ. مەن يەنە ساڭا كۈلۈپ قارىيالايمەن. لېكىن، ئۇ گەپ-سۆزلەرنى دېسەڭ ئۇ تارتۇق تېنىمدە ئەمەس، يۈرۈگۈمدە قالىدىكەن. بەك ئازاپلىنىدىكەنمەن.
    (بۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ ماڭا ئېسىلىپ پۇشايمان ئىچىدە يىغلىشىنى ياكى قولۇمنى تۇتۇپ ئۈن-تىنسىز ھالدا ئويلىنىشىنى شۇنداق ئۈمۈد قىلغان ئىدىم.لېكىن ئۇ نېمە دېدى بىلەمسىلەر…؟)
    ئۇ: بىلمەيمەنما سېنى، پىچاق تىقىۋەتسەم جەددى-جەمەتىڭ بىلەن كېلىپ يېتىۋالاسەن ھېلى… :twisted:

    بېشىم پىرلا قىلىپ قايغاندەك بولدى. دەرھال ئېسىمگە كېلىپ قارىسام، كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى كۆپكۈك ئاسمان بىلەن بىر پاي ئايىقىم… :arrow:

    :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

    • كۇسەن 2013.03.05 , 19:04

      ماۋۇ ئىنكاسنى كۇرۇپ بەك كۇلۋاتتىم :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

    • سەۋدايى 2013.03.08 , 15:59

      مانى يۇمۇر قىلىپ ئۈندىداردا رەسىم ھالەتتە چىقىرىپ قويايچۇ…قاباھەتلىك قىززىقكەن :mrgreen:

  18. مەرگەن 2013.03.05 , 18:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇ قىزنىڭ گېپى سىزنى ئايلاندۇرىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟!

  19. ۋاپادار 2013.03.05 , 19:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇندا چىغى با چىراي :mrgreen:

  20. Forever 2013.03.05 , 19:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ گەپلەرغۇ خېلى بولىدىكەن، لېكىن مەن بىراۋنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ دىيەلمەيمەن ! :mrgreen:

    • مەرۋايىت 2013.03.05 , 20:32

      كۆزەڭلىنى يۇمۇپ تۇرۇپ دېمەمسىلەۋا ئاداش :mrgreen: :mrgreen:
      يا بوممىسا كەينىگە ئۆتۈۋىلىپ دېسەڭلىمۇ بولىدۇ… :grin: :grin:

    • Forever 2013.03.05 , 21:33

      چاپانغا بېشىڭلىنى يۆگىۋىلىپ دەڭلا دىمەپسىلە ھەنىم بولسا …. :arrow: :evil:

    • ئۇيغۇربەگ 2013.03.06 , 10:44

      ھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھھاھاھاھااھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھ

    • پىنھان 2013.03.06 , 14:43

      قىزلارنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرماق ئاسان ئەمەس جۇمۇ !! نى نى ئادەملەرنى ياندۇرۋېتەلەيتتىم كۆزىنىڭ ئالمىسىغا قاراپ مۇشۇ قىزلارنىڭ كۆزىنىڭ ئالمىسى مىنى ياندۇرۋېتىدۇ جۇمۇ !! ھى ھى ھى :grin:

  21. فارۇخ 2013.03.05 , 19:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا يۇمۇر جۇمۇ :mrgreen: بىر كۈلۋاپتىمەن ئېنكاسلانى كۆرۈپ :lol: :evil: :arrow: :mad:

  22. تاماشىبىن 2013.03.05 , 20:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرىنجى بەتتىكى ئىنكاسلارغا قايتا ئىنكاس يازغىلى بولمايدا، ئابومجان قايناپ قاپلىغۇ كەينىمدە ئولتۇرۋېلىپ. گەپنى نەگە ئەكەتتىڭلا،ئۇخمىدىڭلىما دىۋان دېگەننىڭ چىرايلىق جۈملە شەكلى ئاۋۇ….. :grin:

    • ئابومجان 2013.03.05 , 22:49

      دىۋان تالىشىدىغان ۋاقىتلا ئۆتەپ كەتتى ، پەگا تالىشىش مودا بوغان چېغىۋا … ما تەدبىركار ۋىروسقارىملا ئۇچۇر قىمماس بۇلىۋالدى دەيمە دىۋان پىشىپ تەييا بوپقالدى دەپ

  23. پەنجىر 2013.03.05 , 21:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بەك ئەمىليەتچانمۇ قانداق ، قىزلارنى ئۇنداق يوق سۈپەتلىرى بىلەن ماختىيالمايدىكەنمەن ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئۇبىر قىز ، ئاددىي بىر ئادەم ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ قىممەت قارىشى ۋە قەلبى . بەلكىم شۇڭىلاشقا تەنھادۇرمەن! :oops:

    • كۇسەن 2013.03.05 , 21:19

      مەگەشتىم مەنمۇ شۇ

    • كۇسەن 2013.03.05 , 21:22

      ئەگەشتىم دىمەكچىتىم تېلفۇندا يازغاچقا شۇنداق بوپ قاپتۇ

    • پىنھان 2013.03.06 , 14:45

      مەنمۇ يېپىشتىم ما گەپكە . يەنە تەنھالار بولسا يېپىشىڭلار … :mrgreen:

    • سادا425 2013.03.06 , 17:23

      مەنمۇ چاپلاشتىم مانىڭغا

    • ۋاپاسىز 2013.03.06 , 17:46

      مەنمۇ با :mrgreen:

    • نەمۇنە 2013.03.11 , 12:24

      ..مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش پىكىردىمەن … تەنھالىقنىڭمۇ ياخشى يەلىرى با ھە!!! :idea: :smile:

    • دوستەك 2013.03.11 , 19:38

      مىنىمۇ ئىلىۋىلىڭلار چۇ …………..
      ۋاي توختاڭلار ….
      ئۇف ….. ئاران يىتىشتىم :arrow:

  24. ئابدۇرېشىت ئېلى 2013.03.06 , 01:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرقى ئىككىسى ناھايىتى قالتىسكەن.

  25. ۋەيران 2013.03.06 , 11:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلكىم بۇ تۇنجى تونۇشقاندىكى سۆز ھەركەتلەر بولسا كىرەك..ئامما راسلا ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن يىگىت قىزنى مەدىھىلەپ ئۇنچە كۆككە ئۇچۇرمايدۇ،،ھەم ئۇنداق ۋەدە قەسەم ياخشى كۆرىمەنلەرنى دىمەيدۇ ،،پەقەت ئىش ئىبارىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ،،
    مىنىمۇ ئۇ شۇنچە تىللايتى يىراقتا تۇرسام سىغىناتتى لىكىن بەزى يەرلىرىدىن مىنى ياخشى كۆردىغانلىقىنى چاندۇراتتى،،ھازىر بىرەرسى مىنى ياخشى كۆرىمەن سىز ئۇچ

  26. ۋەيران 2013.03.06 , 11:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىز ئۇچۇن ئۆلدۇم كۆيدۇم دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىسام تىنىم شۇركىنىپ كىتدىغان بولدۇم..

    • Forever 2013.03.06 , 11:45

      ۋاي سەن بولمىساڭ ئۆلىمەن دىگەنلەرنىڭ ئۆلمەي يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپسىزدە ! :mrgreen:

    • ۋەيران 2013.03.06 , 11:48

      ياقەي ،،ماڭا بىرسى سەن ئۇچۇن .ئۆلىمەن دەپ باقمىغان ،،،ئەمما ئاشۇنداق گەپنى ئاڭلىسام تىنىم شۇركىنىدۇ،،بەلىكم ئۇنىڭ مىجەزىگە كۆنۇپ قىلىپ باشقىلارنىڭ گىپى غەيرى تۇيۇلسا كىرەك.

      :shy:

  27. ھۆرقىز 2013.03.06 , 12:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    _بەك زۇكامداپ كەتتىم ، قىززىۋاتىمەن .
    _ دورا ئىچىڭ ، ھازىرلا
    بە مىنۇتتىن كېيىن تېلفۇنغا يەنە ئۇچۇر كەلدى
    _ئىشىكنى ئېچىڭە .
    (ئۇ ئاخىرى ئۆيۈمگە دورا ئەكىلىپ بېرىپتۇدە)دىگەننى خىيال قىلغاچ پالاقشىپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچاي دەپ ئىشىك ئالدىغا كەلگىنىمدە يەنە تېلفۇنۇم تاراڭشىدى ،
    _ ئىشىكنى ئېچىپ ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنسىڭىز ياخشى بوپ قالىسىز .

    ئاغرىپ قالدىم دەپ ئەتتىگندىن بېرى تۇرمىغان ئۇنىڭ قىسقا ئۇچۇرىدىن ئۆينى بىر پىقىراپ چىققان بوپتىمە شۇ …. :mad: :mad: :mad: :mad:

    • پىنھان 2013.03.06 , 14:48

      ئىلمىي ئۇسۇلدا كۆيىنىدىكەنغۇ سىزگە مانا !! :mrgreen: :mrgreen: .
      يىگىتىڭىز دورىدىكى خىمىۋىيلىك تەركىپلەردىن سىزنى قوغداپتۇ . پەخىرلەنسىڭىز بولغۇدەك جۇما ! ھى ھى ھى

    • ھۆرقىز 2013.03.06 , 16:21

      ئەسلى مۇنداقكەندە …. بۇنىمۇ بىلىۋالدىم :shy:

  28. ئىلىچىن 2013.03.06 , 20:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىز ئوغۇللار قىزلارنىڭ كۆزىگە قارىيالمىغان بىلەن ئوغرىدەك قارايدىكەن ، مەن خىجىل بوپ كىتىمەن شۇندالارنى كۆرسەم، بۇگەپلەرنى ئۈندىدار قاچىلاپ شۇنىڭدا دەپ باقايما يا…ئۈندىداردا كۆزىنى كۆرگىلى بولمىغاندىكىن…. :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

    • Forever 2013.03.07 , 12:14

      ئۈندىدار ئەمەس مىكرو ئۇچۇر !

    • دىلبىر 2013.03.07 , 20:54

      ئۇندىدار دېسە نېمە بوپتۇ ئەمدى؟ھازىر ھەممەيلەن شۇنىڭغا كۆنۇپ كەتتى.مىكرو ئۇچۇر دېسە ئابدۇكېرەم ئابلىزدەك ئۇدۇللا تەرجىمە قىلغان بۇلۇپ قالمامدۇ؟

  29. تىرىشچان 2013.03.06 , 21:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمەدەي ئەمدى. مەن بۇباسقۇچتىن ئۆتۈپ بولغان ئوخشايمەن . :grin: :grin: :grin:

  30. بەختىم 2013.03.06 , 23:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوپپا توغۇرلۇق تىما يازىدىغان يەگە كەلدى جىما ۋىروسجان… :mrgreen: :mrgreen:

  31. سەنسىز 2013.03.07 , 18:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزبالا شەيتان دەپ قىزلارنى كەلتۇرمەك ئەجەپ تەس بوپ كىتىپ بارىدۇ مۇشۇ كۇنلەردە :se: :se: :se:

  32. ئاۋام 2013.03.10 , 00:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزلانىڭ كۆزىگە دۇنيادىكى ئەڭ مۈشكۈل ئىش جۇمۇ… شۇڭا ھازىرغىچە تىكىلىپ قارىيالمايۋاتىمەن… :roll:

  33. شەربەت 2013.03.30 , 16:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھا… دەششەت :grin:

  34. باخادىر 2013.04.10 , 17:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھا بەك قىززىكەن بۇ يۇمۇر :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  35. مەلىكە 2013.04.19 , 10:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالاماشمىغا×_×

  36. مەلىكە 2013.04.19 , 10:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تازىمۇ بىر قالامشمىغا…!×_×

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif