ھايۋاناتلار خوجا بولغان دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
توخۇ
-ئاڭلىسام ساۋەننىڭ چوڭ تەخسىلىك ئادەم قورۇمىسىنى بەك داڭلىق دەيدىغۇ؟
-ۋايتاڭ، مەن يەپ باقمىغان، مەن يەنىلا ئۈرۈمچىدىكى قان پونكىتىنىڭ چوڭ تەخسىلىك ئادەم قورۇمىسىنى ياخشى كۆرىمەن. لېكىن ھازىر ئىنسان ۋىروسى تارقىلىپ كەتتى، ئۈرۈمچىدىكى ئادەملەردە ئىشەنچ يوق.
ئېشەك
-ۋۇ كالۋا، ئادەم جېنىدا پۇتى بىر قېتىم چۈشكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ، ئادەمچىلىك بولالمىغىنىڭنى قارا!
-مەنمۇ شۇ «ئادەم ئادەمدىن قالسا قۇلىقىنى كەس» دەپتىكەن، شۇڭا تەۋەككۈل قىلىپ بېقىپتىمەن.
ئات
– بۈگۈن ئاڭلسام ئادەم بەيگىسى بولىدىكەنغۇ، سەن قايسىنىڭغا تىكتىڭ؟
– مەن ئادەم بەيگسىنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ئەزەلدىن دو تىكمەيمەن.
– ئادەم مىنىش ھەقىقەتەن ھوزۇر جۇمۇ، كونىلار بىكار دېمىگەن «ئات قانىتى ئادەم» دەپ
ئىت
1.
– ھويلىدىكى باغلاغلىق ئادەمگە سۆڭەك تاشلاپ بەردىڭمۇ؟
— ياق، ئۇنداق لالما ئادەمگە سۆڭەك تاشلاپ بېرىپ نېمە قىلاي، قاچىسنى يالىسۇن.
2.
– «ئادەمنى ئۇرساڭمۇ ئىگىسىگە قاراپ ئۇر» دېگەن گەپ بار، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ چىشىغا تەگمە.
چوشقا
1.
— ۋۇ ھورۇن قوپ ئورنۇڭدىن، ئادەمدەك ھورۇن نېمە ئىكەنسەن!
2.
– تۈنۈگۈن بىر مۇسۇلمانلار ئاشخانسىدا ئادەم گۆشى بايقىلىپتىمىش، يائاللا نىمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ بۇ جاھان!
– بىلىپ بىلمەي ئۇنداق ھارام نەرسىلەرنى يەپ قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن.
چاشقان
– ئىنسانلار بىزگە ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقان 4 زىيانداشنىڭ بىرسى، شۇڭا ئۇنى چوقۇم يوقۇتۇش لازىم.
-لېكىن يوقاتقانسىرى ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، ھازىرقى ئادەم دورىلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى.
يىلان
— دادا دادا، ئادەم چاقامدۇ؟
— چاقىدىغىنىمۇ بار، چاقمايدىغىنىمۇ بار، ئەمما چېقىپ قالسا بەك چاقىدۇ، ياخشى يېرى ئۇلار ئاساسەن بىر بىرىنى چاقىدۇ.
توشقان
— ئاپا، ئادەم بەك تېز يۈگرەمدۇ؟
— شۇنداق، ئۇلار بەك قورقۇنچاق،
«ئادەمدەك 100يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا»
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: دۇنيا، قىزىقارلىق، ھايۋانات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,327 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: animal-control-the-world.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(4)
- كېيىنكى يازما > مېنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
ھا ھا ھا …. قىززىق تىمىلار مۇشۇ توردىلا بار دىسە …
ماۋۇ يىلاننىڭ تازا كەپتۇ…
راس دەيسىز يىلان بىلەن توشقاننىڭ بەك كەپ تۇ
راسلا غەيرى ھىسىياتتا تۇرۇپ ئوقۇدۇم دىسە…خۇددى راسلا ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغاندەك…
تورخۇماردەك سەرخىل كۇلۇپلار ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ…ئادەتتە كۈندە بار مەن، لىكىن ئىنكاس يازىدىغان ۋاقىت يوق…تىلفۇندا مارلاپ دىگۈدەك كۆرۈپ قويىمەن
فەچەت يۇمۇلار دە؟!
كۈلۈپ ، كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمە خى خى خى خى
ئالامەت كەلگەن ئۇخشىتىش ، لىكىن چۇققۇر ئۇيلىنىش، تەپەككۇر ئالىمىدە تۇرۇپ ،ئەتىراپلىق ئىزدىنىش . بۇ مىنىڭ دايىم يادىلايدىغان سۇزلۇرۇم
راسا بىر كۈلۋالدىم
ھا ھا ھا ئادەم گۈشى چىقىپ قاپتۇ
خۇداغا شۈكرى، ھېلىمۇ ھايۋانلار خوجا بوپ قالماپتىكە….
ناۋادا راستلا بىر توپ ھايۋانلار خوجا بوپ قالغان بولسا بېشىمىزغا قانداق كۈنلەر كېلەر ئىدى ھە؟
ئادەم بەيگىسى، ئىنسان ۋىروسى، تۆت زىيانداشنىڭ بىرسى، قاتتىق چاقىدىغان ئادەم …… ھايۋانلارنىمۇ ئەنسىرىتىپ قويغۇدەككەنمىز ئۇ چاغدا
بۇنداق بوپ كالسا بەزى ھايۋانلار بىزنىڭ تېرىمىزدىن كىيىم تىكىپ كىيگۈدەكتە
ئىشەك ئەپەندىمنى مىنىپ ، ھەقىقى ئادام تىرىسىدە تىكىلگەن ئاياغنى كىيىپ تەخىنى ئەگەشتۇرۇپ مەدرىسكە كەپتۇدە، تەخەيگە كەچتە داپ تارلىغان ئادەم گەپ كىلغان يەرلەدە يۇرمەي ئىغىلغا چاپسان قايت دەپتۇ .
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئەتتىگەن خوتۇن كىشىنىڭ ئاستىن ئىڭىكىدە ناشتا قىلغانمىتىڭ نىمابدا ھاۋشى بىرىسە دەپتۇ بىر ئىت
بۇ ھايۋانلا نىمدا رەزىلدۇ .،.
ئادەملە قالدۇرۇپ كەتكەن ماقال – تەمسىلگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپلا پايدىلىنىۋاپتا ما ھايۋاناتلا
كاراممەت پەيزى ھايۋانلاركەنبۇ ئادەملەرنى دورايدىغان
بىچارە ئادەملەر
كالا:
ئادەمدەك پۇشۇلدىمااي گىپىڭ بولسا تىز-تىز قىلە
ئىشەك:
-قالاڭلا ھاڭگاخۇن،تۈنۈگۈن ھېلىقى سىلى كۆرگەن يوغان ئادەمنى بىر ئانا-بالا بار ئېغىلغا سۇلاپ قويغانتىم،بۈگۈن قارىسام بالىسىنىڭ بىر پۇتىنى تىپىپ سۇندۇرۋىتىپتۇ.ئەجەپمۇ خۇيى ئەسكى نىمىكەن ئادەم دىگەن.
-شۇڭا خۇدايىم بىلىپ ئادەمگە مۈڭگۈز بەرمەپتىكەن دىسىلە.
ئۆردەك:
-دادا،ئاۋۇنىڭ قايسىسى ئادەم ،قايسىسى مايمۇن؟
-ئادەمنىڭ يېنىدىكى مايمۇن،مايمۇننىڭ يېنىدىكى ئادەم
مايمۇن:
-جېنىم،شەنبە ‹ئادەملەر باغچىسى›غا بېرىپ كەلمەيلىمۇ؟
-ۋاي قۇيىڭە،ئادەمدىن باشقا نىمە بار ئۇ يەردە؟
______________
-دادا،بۈگۈن ھېلىقى سۆرۈن قاپاق تۈكى يوق مۇئەللىمىمىز ‹مايمۇن ئادەمدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان ›دەيدىغۇ؟
-ماڭە ئۇنداق كۇپۇر نەرسىلەرنى سورىماي
___________________
نىگىر بالام ئاپپاق(ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بېقىڭلا)
:mrgreenمىنىڭمۇ قىززىقمىكەن؟:
قىززىق كەن قىززىقەن ،ئادەملەر باغچىسى دەڭ:-D:-D
قىزىق …..
بۇ تىما ئەسلى ئىزدىنىش تور بىتىگە يوللانغان، شۇڭا ئەسلى تىما مەنبەسىنى ئەسكەرتىش كىرەك دەپ قارايمەن.
بەك بەك بەك قىززىقكە خا خا خا……
ھاھاھا سەت يۇمۇركەن
كاتتىكەن