نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(4)

humor-20130529

1. ئايال:— جېنىم ئېرىم، ھازىر خەۋەردە يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بىر ماشىنىنى قارشى يۆنىلىشتە ماڭدى دەپ ئۇقتۇردى، ماشىنىنى ئېھتىيات قىلىپ ھەيدەڭ!
ئەر:— خوتۇن بىرلا ئەمەسكەن، قارىسام ھەممە ماشىنا قارشى يۆنىلىشتە مېڭىۋاتىدۇ.

2. بىر باشلىق مەس بولۇپ قىلىپ كاتىپىنى ئىلىپ بىر مىھمانخانىغا كىتىپتۇ، باشلىقنىڭ يانفونى سايرىشىغىلا كاتىپ قىز تېلفوننى ئىلىپ:— كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان ئابونىت مەس بولۇپ قالدى، سەل ساقلاپ ئەتە ئۇرۇڭ، دەپلا قويۇۋىتىپتۇ. باشىق ئەتىسى ئۆيىگە كەلسە ئايالى:—ئاخشام بەك جىق ئىچىۋالغان ئوخشىمامسىز؟ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ خەۋەر تىپىپتۇ.

3بىرەيلەن ئاشخانىغا كىرىپ لەغمەن بۇيرۇتۇپ، ئەمدى چوكا سىلىپ تۇرۇشىغا بىر تال ئۇزۇن چاچ چىقىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم چاچنى چوكىدا قىسىپ ئىلىپ تاڭجاڭنى چاقىرىپ:— ئۈكەم! مانى قايدا قىلىمىز؟ تاڭجاڭ:—ئىھ(ئىچىگە بىژنى تاتىپ)! ۋە باللا! ما ئاكاڭلىغا چوكا ئالماشتۇرۇپ بىرىڭلا!

4 بىر تەنھەركەتچى ۋاسكىتبولنى گارغا 5 قېتىم ئىتىپ چۈشۈرەلمەپتۇ. تېرنىر ئاچچىقلاپ:—دۆت بىر نىمىكەنسەن، ئەكىلە مەن كۆرسىتىپ قوياي، دەپ توپنى گارغا 5 قېتىم ئىتىپ چۈشۈرەلمەپتۇ، ۋە كەينىدىنلا چاندۇرماي:— كۆردىڭمۇ، بايا مۇشۇنداق ئاتتىڭ.

5بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى:— ئات گۆشىنىڭ تەركىۋىدە قايسى خىل ۋېتامىن كۆپ؟
ئوقۇغۇچى:—ۋېتامىن ئا.
ئوقۇتقۇچى:— بېلىق گۆشىنىڭ تەركىۋىدە قايسى خىل ۋېتامىن كۆپ؟
ئوقۇغۇچى:—ۋېتامىن ب.
ئوقۇتقۇچى:— غاز گۆشىنىڭ تەركىۋىدىچۇ؟
ئوقۇغۇچى:—ۋېتامىن غ.

6 دوختۇر:— چوڭ تەرىتىڭىز تەرتىپلىك كىلەمدۇ؟
بېمار:— ھەئە، ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 8 دە كىلىدۇ.
دوختۇر:— ئەمسە يەنە نىمە مەسلە بار؟
بېمار:— مەن ھەر كۈنى سائەت 9 دا ئويغىنىمەن.

7.قىز:— سىز مىنىڭ مۇشۇ پەرىشتىدەك ھۆسنىمنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى قاملاشقان فىگۇرۇمنىمۇ؟
يىگىت؛ مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق يۇمۇرىستىك تۇيغۇڭىزنى ياخشى كۆرىمەن.

8. بىر يىگىت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزغا سۆيگۈ خىتى يىزىپتۇ، ۋە ئۇ قىزنىڭ مەھەللىسىگە بىرىپ قىزنىڭ 7 ياشلىق ئۇكىسىنى چاقىرىپ دەپتۇ:— ئۇكام ساڭا 2 كوي بىرەي، بۇ خەتنى ئاچاڭغا بىرىپ قوي….
ئەتىسى يىگىت قانداق بولغاندۇ دەپ بىرىپ قىزنىڭ ئۇكىسىدىن سوراپتۇ:—خەتنى بەردىڭمۇ؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:— ئۆيدە ھەدەم يوقكەن شۇڭا دادامغا بەرگەنتىم. يىگىت:—ئاپلا ، داداڭ نىمە دىدى؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:— دادام بەكمۇ ئاچچىقلىدى،ۋە بۇ خەتنى ئۇ لالمىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر دەپ ماڭا بەردى. يىگىت:— خەت قېنى؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:— بايىلا سىزگە قايتۇرۇپ بىرەي دەپ ئۆيىڭىزگە بارسام يوقكەنسىز، شۇڭا خەتنى دادىڭىزغا بىرىپ قويدۇم.

9 بىرەيلەن قاتناش ۋەقەسى بولغان توپقا كىرەلمەي، دەرھال بىر ئامال ئويلاپتۇدە، ۋاي دادام، ۋاي دادام دەپ يىغلاپ توپقا قىستىلىپتۇ، خەقلەر يول ئىچىپ بەرگەندىن كىيىن قارىسا يەردە بىر ئېشەك ياتقان، شۇنىڭ بىلەن ئوڭايسىزلىنىپ كەينىگە قايتاي دەپ تۇرۇشىغا، بىرەيلەن: — توختاپ تۇسىلا ئوغاۋالا، دەپ كەينىدىنلا ئېشەكنىڭ قۇيرىقىنى قايرىپ قاراپ بىقىپ:— ما دادىللىرى ئەمەسكىن، ئانىللىرىكىنغۇ!!!

12. بىر مىنكاۋخەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بىرىنجى يىللىقنىڭ ئۇيغۇرتىلى مۇئەللىمىلىككە تەقسىملىنىپتۇ. تۇنجى كۈنى ئۆتىدىغان دەرسى ئىلىپبە بولۇپ، ئىلىپبەكىتابنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرلىشىدە ئا ھەرپىگە ئالما، ب ھەرپىگە بانان، س ھەرپىگە سائەت سىزىپ مىسال كەلتۈرۈگلۈك ئىكەن. مىنكاۋخەن ئوقۇتقۇچى بالىلارغا:—ساۋاقداشلار، مەن نىمە دىسەم شۇنى دەڭلار، دەپ دەرسنى باشلاپتۇ.
ئوقۇتقۇچى:— (پىڭگو) دىكى ئا
ئوقوغۇچىلار:— (پىڭگو) دىكى ئا
ئوقۇتقۇچى:— (شىياڭجىياۋ) دىكى ب
ئوقوغۇچىلار:— (شىياڭجىياۋ) دىكى ب
ئوقۇتقۇچى:— (شوۋبىياۋ) دىكى س
ئوقوغۇچىلار:— (شوۋبىياۋ) دىكى س
ئوقۇتقۇچى ئويلاپ باقسا تازا قاملاشمىغاندەك، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئۇسۇلدا ئۆگىتەي دەپ بالىلارغا دەپتۇ:—مەن نىمە دىسەم شۇنى دەڭلار
ئوقۇتقۇچى:— ئا دەڭلار!
ئوقوغۇچىلار:— ئا دەڭلار!
ئوقۇتقۇچى:— (دەڭلار) دىگەننى دىمەي دەڭلار!
ئوقوغۇچىلار:— (دەڭلار) دىگەننى دىمەي دەڭلار!
ئوقۇتقۇچى:— تاۋيەن!!!!
ئوقوغۇچىلار:—…………….

13.يىگىت: ئايرىلىپ كىتەيلى.
قىز:نىمىشقا؟ سەۋەبىنى دەپ بىرىڭ.
يىگىت: ئىككىمىز ماس كەلمەيدىكەنمىز.
قىز: نەرىمىز ماس كەلمەيدىكەن؟
يىگىت: جىنىسىمىز ماس كەلمەيدىكەن.

بىر كۈنى خۇراز مىكيانغا دەپتۇ :

– ئاۋۇ بالىمىز چوڭ بولسا چۇقۇم مەندەك بەستىلىك بولىدۇ .

مىكيان بۇنى ئاڭلاپ :

_ مىنىڭ تۇخۇملىرىمىنى بىرنىمۇ قوياي خوجايىن يەۋەتكەن تۇرسا … بالاڭنىڭ ئانىسىنى تېپىپ دىگىنەۋا _ دىگىنىچە كىتىپ قاپتۇ .

تاڭ سىڭ ئۈچ شاگىرتى بىلەن پاراڭلاشقاچ دەپتۇ ، بۇ قېتىم غەرىپكە ئەڭ تېز بېرىپ نومنى ئەكىلىدىغان ئۇسۇلنى تاپساق بولاتتى.

ۋۇكۇڭ: ئايروپىلانغا ئولتۇرايلى، ئاتقا مىنىپ بارغاندىن تىزراق.

باجى : مېنىڭچە سىھىر ئىشلىتىپ ئۇچۇپ بارساق.

شاسىڭ دەرھال يېنىدىن بىر قورالنى چىقىرىپ: بۇنى ئىشلىتەيلى، تەپكىنى شۇنداق باسساقلا دەرھال غەرىپكە يولغا سېلىپ قويالايدۇ.

سودىگەر بىر كۈنى ساقچىخانىغا كىلىپ دىلو مەلۇم قىپتۇ . ئۇنىڭ دىيىشىچە ، ئۆيىدىكى بىرەر نەرسىسى ئىھتىياتسىزلىقتىن قوشنىسىنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپلا كەتسە ، قوشنىسى يولسىزلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قىلۋالىدىكەن . مىيلى يېيىپ قويغان كىيىم بولسۇن ، مەيلى ئېزىپ كىرىپ قالغان توخۇسى بولسۇن ، ھەتتا قوشنىسىنىڭ ھويلىسىغا ساڭگىلاپ قالغان مىۋىلەر بولسۇن قوشنىسى زادى قايتۇرۇپ باقماپتۇ .
بۇلارنى ئاڭلىغان ساقچى : – بۇنداق ئۇششاق – چۈششەك ماجرالارنى دىلو قىلىپ تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ . ياخشىسى ئۆزۈڭلار كېلىشىۋېلىڭلار، – دەپتۇ .
_ بۇ ئىشلارغۇ كىچىك ئىش . مەسىلە شۇ يەردىكى ، بۈگۈن ئەتتىگەن خوتۇنۇم مىۋىلىك دەرەخكە چىقىپ شاخنى قىرقىۋاتقاندا ، ئىھتىياتسىزلىقتىن قوشنىلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپ كېتىپ تا ھازىرغىچە قايتىپ كىرمىدى ، _ دەپتۇ سودىگەر .
ھازىرغىچە چىققان چىقمىغانلىقى نامەلۇم ئىمىش

بىر ئەسكىپۇرۇش يەردىكى بىر مىنرال سۇ بوتولكىسىنى كۆرۈپ ،خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ناھايىتى تىزلىكتە ئۇنى تېرىپ ، خالتىسىغا سېلىۋالدى .

بىر سىتودىنت يەردىكى مىنرال سۇ بوتولكىسىنى كۆرۈپ ، خۈشياقمىغان ھالدا ئۇنى تەردى ۋە غودۇڭشىغىنىچە مۇنداق دېدى : ‹‹ ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ساپاسى ھەقىقەتەن تۆۋەن ، شۇمچە كۆپ ئەخلەت ساندۇقى تۇرسا ، يەنىلا قالايمىقان نەرسە تاشلىغان ›› .

بىر رەھبەر ماشىنىسىدىن چۈشۈشىگە يەردىكى مىنرال سۇ بوتولكىسىنى كۆردى ۋە ئۇنى ئېڭشىپ ئالدى . بىر مۇخبىر بۇ كۆرۈنىشنى ھەش – پەش دىگۈچە سۈرەتكە تارتىۋالدى . ئەتىسى ، شۇ جايدىكى گېزىتكە سۇرەت بىلەن تەقرىزچىنىڭ ماقالىسى بېسىلدى .

تۇمانگۈلنىڭ دادۈينىڭ مىنبىڭ ليەنىگە ليەنجاڭ بولغان چاغلىرىكەن

يىڭى كەلگەن مىنبىڭلارغا قەدەم ئۆگەتكىلى تۇرۇپتۇ:

-مەن بىر دىگەندە سول پۇت ئوڭ قولۇڭنى كۆتىرىسەن ، مانا مۇنداق! دەپ ئوڭ پۇت سول قولىنى كۆتىرىپ بىر كۆرسىتىۋىتىپ مىنبىڭ يولداشلارنىڭ يېنىغا ئۆتۈپ تۇرۇپ ، قىنى ئەمىسە بىر !!!! دەپ توۋلاپتىكەن ، بىر مىنبىڭ ھۇدۇقۇپ كېتىپ تۇمانگۈلدەك ئوڭ پۇت سول قولىنى كۆتىرىپتىكەن ، ئىنىڭ پۇتى يېنىدىكى مىنبىڭنىڭ پۇتى بىلەن بىر جۈپ بوپ قاپتۇ ، ئۇلارنىڭ يېنىدا قاراپ تۇرغان تۇمانگۇل غەزەپ بىلەن توۋلاپتۇ،

_ئىككىلا پۇتۇڭنى كۆتىرىپ بۇتتەك تۇرغان كالۋا قايسىڭ ! بىر پۇتۇڭنى چۇشۇرۇپ تۇر!!!

بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقلار توي قىلماقچى بوپتۇ ، بىراق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى قوشۇلماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ قېچىپ كەتمەكچى بولۇشۇپ يولغا چىقىپتۇ .

ئۇلار ماڭا ماڭا بىر ئورمانلىق بويىغا كەپتۇ ، مۇشۇ كەڭ ئورمانلىقتىن ئۆتسىلا بىر ياقا يۇرتقا كىرىدىكەن ، ئۇلار شۇ جايدا جىنىمىزنى جان ئېتەيلى دىيىشىپ ئۇ ئورمانلىقتىن ئۆتمەكچى بولۇپ ئورمانلىققا كىرىپتۇ ، بىراق كىم بىلسۇن ، ئىچىگە كىرىپ ماڭا ماڭمايلا يول توسار قاراقچىلارغا ئۇچراپ قاپتۇ ۋە ئۇلارنى بۇلاپ قاقسەنەم قىلىپ قويغاندىن كېيىن تۇرۇپلا قىزغا نىيىتى بۇزۇلۇپ قىزنى ئەپ قالماقچى بوپتۇ ، بىراق يىگىت بىلەن قىز يىغلاپ تۇرۇپ ئۆيىدىكىلىرى توي قىلىشىغا ئۇنىمىغاچقا ئۆزلىرىنىڭ مىڭبىر جاپالاردا يۇرتتىن قېچىپ چىقىپ بۇ يەرگە كەلگىنىنى ، بىرى بىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغىنىنى ، بىر بىرىسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى …. ئىشقىلىپ ئېيىتقۇدەك گەپنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىشىپ قاراقچىلارنىمۇ تەسىرلەندۈرىۋىتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن قاراقچىلار باشلىقى بىر شەرت قويۇپتۇ:

-ئەگەر بىرى بىرىڭلارنى شۇنچىلىك ياخشى كورسەڭلار مۇشۇ يەردىلا ھەر ئىككىڭلار چىچىپ بىر بىرىڭلارنىڭ پوقىنى يەيسىلەر ، شۇنداق قىلالىساڭلار مەن سىلەرنىڭ ھەقىقەتەن بىر بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن دە ، سىلەرنى قويۇپ بىرىمەن ، بولمىسا قىز بىز بىلەن قالىدۇ دەپتۇ.

يىگىت بىلەن قىز دەرھال قوشۇلۇپ شۇ يەردىلا چىچىشىپ ، پوقىنى يىيىشىپتۇ ، بۇنى كۆرۈپ قاراقچىلار تەسىرلىنىپ ئۇلارنى قويىۋىتىپتۇ ، بىراق يىگىت ئازراق مىڭىپلا – سىز مىنى ياخشى كورمەيدىكەنسىز !! دەپتۇ قورسىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئاچچىقلانغان ھالدا .

-قانداق دەيسىز؟ دەپتۇ قىز ھەيران بولۇپ

يىگىت :

-ئەگەر مىنى ياخشى كورگەن بولسىڭىز بۇنچىۋالا جېق چىچمايتتىڭىز

تايىر ساختا پۇلغا نەرسە سېتىۋالماقچى بوپتۇ . تىرىككەن يايمىچى مۇنداق دەپتۇ :

_ تايىر ، يالغان پۇل بەرسىڭىزمۇ مەيلى ، ھېچبولمىغاندا باسقىنىنى بەرمەمسىز ، بۇ دىگەن سىزغىنى ئىكەن ! بۇنىمۇ بوپتۇ دەيلى ، سىز ئون يۇئەنلىك ياكى بەش يۈئەنلىكنى سىزسىڭىز بولىۋىرەتتى ، ئەمما سىز يەتتە يۈئەنلىك پۇل سىزىپسىز . يەتتە يۈئەنلىك بولسىمۇ بوپتۇ دەيلى ، ھېچبولمىغاندا رەڭلىك بولىشى كىرەك ئىدىغۇ ، سىز قېرىنداش قەلەم بىلەن سىزىپسىز ئەمەسمۇ . رەڭسىز بولسىمۇ مەيلى دەي دىسەم ، تازلىق قەغىزى ئىشلىتىپ چاتاق قىپسىز ، بۇنىڭدا ئاسان يىرتىلىپ كەتمەمدۇ . تازلىق قەغىزى بولسىمۇ بولسۇن ، ھېچبولمىغاندا قايچىدا تەكشى كەسمەمسىز ، قولدا يىرتىلغان بۇرجەكلىرى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرمامدۇ ؟ بۇرجەكلىرىنىمۇ بوپتۇ دەيلى ، پۇلنى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە يىرتماي ، ئۈچ بۇرجەك يىرتىپ قويغىنىڭىزنى نىمە دەيمىز ئەمدى ……………

855052210

بىر يەردە ماتىماتكا ئالمى بولغان ئىكەن ، ئۇ پەقەت ماتىماتكىلا تەتقىق قىلدىكەن ،ئەدىبىيات دىگەنلەرنى قەتئىي ئۇقمايدىكەن ،شۇڭا بىر كىم بىلەن ئۇرشۇپ قالسىمۇ پەقەت تىللىيالمايدىكەن ،شۇنداق تۇرسىمۇ كاللىسدا ماتىماتكلا بار ئىكەن ،بىر كۈنى كوچا ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر خەنزۇ يولداشنىڭ پۇتىنى دەسسىۋاپتۇ ،ھېلىقى خەنزۇ قاتتىق ئاچچىقلاپ ئۇ ئادەمنى«ما لې گې پى » دەپ تللاپتۇ .ھېلقى ماتىماتكا ئالمىنڭمۇ تىللىغىسى كىلىپ ، تىللاي دىسە تىللايدىغان گەپ تاپالماي خەنزۇغا قاراپ تازا ئاچچىقى بىلەن «ما لې گې پى دې پىڭفاڭ »دەپ تىللاپتۇ.

ساختا پۇل ياسايدىغان بىرەيلەن بىر كۈنى ساختا پۇل ياساۋېتىپ،ئېھتىياتسىزلىقتىن 15 كويلۇق بىرنى ياساپ قويۇپتۇ، لېكىن ئۇنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماي، چەت -ياقا جايدىكى بىر كىچىك دۇكانغا كىرىپ خەجلىۋەتمەكچى بولۇپ، بىر كويلۇق نەرسە ئېلىپ، ھېلىقى 15 كوينى بېرىپتىكەن، دۇكان ئىگىسى ئۇنىڭغا يەتتە كويلۇق پۇلدىن ئىككىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.

مىرئالىمجان سىنىپىدىكى بىر قىزچاققا يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرۈپتۇ . بىر كۈنى ، تەكرار ۋاقتىدا ئۇ غەيرەتكە كېلىپ قىزچاققا خەت يېزىپتۇ . خەتكە مۇنداق يازغانكەن : ‹‹ مەن سىزگە دىققەت قىلىپ يۈرگىلى خېلى ئۇزاق بولدى ›› . بىر دەمدىن كىيىن قىزچاق مىرئالىمجانغا مۇنداق جاۋاپ خەت يېزىپ ئەۋەتىپتۇ : _ ‹‹ ئۆتۈنۈپ قالاي ، مۇئەللىمگە ھەرگىز دەپ قويمىسىڭىز ، مەن ئەمدى دەرىس ۋاقتىدا ھەرگىز گازىر چاقمايمەن . ››

-دادا،دادا ھويلىمىزدىكى ھېلىقى يۇمىلاق نەرسىنى نىمە دەيدۇ؟

-ماڭ چىقىپ ئۇكاڭ بىلەن ئوينا چوڭلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماي!

………..

-دادا،دادا دەپ بىرە ھېلىقى يۇمىلاقنىڭ ئىسمى نىمە؟

-ھە نىمە دەيسەن ؟قۇدۇق قۇدۇق!

-ھە،ئۇكام ئابايا ئاشۇ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى

بىر كۈنى كىچىك بوش سەيلە قىلىۋېتىپ بىر كومزەكنى تېپىۋاپتۇ ، دە ئېغىزىنى شۇنداق ئاچقانكەن ، ئىچىدىن يوغان بىر دىۋە چىقىپ : سەن مېنى قۇتقۇزۋالدىڭ . نېمە تەلىپىڭ بولسا دە ، ئورۇنداپ بىرەي _ دەپتۇ . بوش : ئوتتۇرا شەرىقنى تىنجىتىپ بەر – دەپتۇ . دىۋە : ئۇ يەردە ئۇرۇش بولىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ، تىنجىتماق تەس . باشقا تەلىپىڭنى دە ، شۇنى ئورۇنداپ بىرەي – دەپتۇ . بوش : خوتۇنۇم بەك ھازازۇل ، ئۇرۇشقاق ، شۇنى ئۆزگەرتىپ بەر – دپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان دىۋە : بۇ تېخىمۇ تەس ئىشكەن ، خەرىتەڭنى ئال ، ئالدىنقى تەلىپىڭنى ئويلۇشۇپ كۆرەي – دەپتۇ .

ئۇيقۇسىزلىق

ئېرى:

ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ.

خوتۇنى:

مىنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ.

ئېرى:

بىر قوي، ئىككى قوي، ئۈچ قوي…………..

خوتۇنى :

بىر نوركا پەلتۇ ، ئىككى نوركا پەلتۇ ، ئۈچ نوركا پەلتۇ……………….

مەبىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن زىيالى مەتۇغا دىدى:

–مەتۇ ئاداش، قىزلار دىگەن زەھەرلىك ئوغا، قىزلار دىگەن ئەجەل ئەلچىسى، شۇڭا قىز بالا دىگەنگە ھەرگىز ئىشەنمە ھە، مەن قەسەم قىلدىم، بۇنىڭدىن كىيىن قىز بالا دىگەنگە ھەرگىزمۇ يېقىن يولىمايمەن.

شۇ گەپ بولۇپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن مەتۇ بىر قاۋاقخانىغا كىرسە زىيالى بىر قىزغا يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىۋاتقۇدەك، شۇنىڭ بىلەن مەتۇ سورىدى:

–زىيالى، سەن تېخى يېقىندا ماڭا بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتىڭغۇ؟

زىيالى: شۇنداق، توغرا دەيسەن، شۇنىڭدىن بېرى ھاياتتىن ئۆمۈدۈمنى ئۈزۈپ ھاياتىمنى تېزراق ئاخىرلاشتۇراي دەپ شۇ زەھەرلىك ئوغىغا يېقىنراق تۇرۇۋاتىمەن

تورداشتىكى تاتلىق ئۇيغۇر موللام سەپەرگە چىقىپتۇ.يېرىم يولغا كەلگەندە پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى بۇلۇپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەريا بۇيىغا بېرىپ تاھارەت ئاپتۇ.تاھارەت ئېلىپ بۇلۇپ كەشىنى كىيەي دەپ تۇرۇشىغا كەشى ئىھتىياتسىزلىقتىن دەرياغا چۈشۈپ ئېقىپ كىتىپتۇ.گۇلاخمالىق موللام دەرھال دەرياغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرۇپ ئىككى ئۈچنى ئۇسۇرۇپتۇ دە دەرياغا قاراپ::

-ئەي دەريا،سەندىن ئالغان تاھارەتنى قايتۇرۇپ بەردىم ،كەشىمنى قايتۇرۇپ بەر،كەشىمنى قايتۇرۇپ بەر!……-دەپ ۋاقىراپتۇ.

-مۇلازىم،بۇ يەرگە كىلىڭە ! -دەپ توۋلىدى بىر خېرىدار.

– لەببەي،-دەپ يۈگۈرۈپ كەلدى مۇلازىم.

-يىگىرمە يۇئەنلىك ئۈگرىدىن ئاران بىر پارچىلا گۆش چىقىپتۇغۇ؟-دەپ كايىدى خېرىدار.

-قانچە پارچە بولسا بۇلاتتى ، ئەپەندى؟

– ھېچ بولمىغاندا بەش، ئالتە پارچە بولمامدۇ؟

– ئاشپەز ئۇستام ، ماۋۇ ئەپەندىنىڭ قاچىسىدىكى گۆشنى بەش ،ئالتە پارچە قىلىپ پارچىلاپ بەر ، – دەپ توۋلىدى مۇلازىم

سىرداشنىڭ تۇنجى قېتىم تاكسى توسۇشى ئىدى . ئۇ شەھەردىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئۆزىنى قاقتى – سوقتى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، بىكەتكە كېلىشتىن بورۇن ئەتۋىركىسىنى چىقىرىپ چىشىنى چوتكىلىغاچ ، تاكسى شوپۇرىدىن سوراپتۇ : – قانچە پۇل ؟ بۇچاغدا تاكسى شوپۇرى چەيدو بىلەن ساقىلىنى قىرغاچ ، مۇنداق دەپتۇ : _ ئۆزەڭ بىلىپ بىرەسەن .



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. موللاخۇن 2013.05.29 , 12:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ قىززىق يۇمۇرلاكەن:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  2. موللاخۇن 2013.05.29 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يائاللا ئىت پوق يىمەستە تورخۇمارغا كىرىپ تازا كۈلىۋاپتىمە تۆدە ئولتۇرۇپ

  3. ئەركە 2013.05.29 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    موللىكاممۇ يۇمۇرغا ئامراقكەن ھە؟ يۇمۇرنى كۆرۈپ دىۋانغا چىقىۋاپتۇ .

    • موللاخۇن 2013.05.29 , 17:15

      شۇ شۇ ئۇزۇن بوپتىكە تورخۇمارغا كىرمىگىلى، بۇگۈن كىرىپلا ھەم كۈلۈپ ھەم دىۋانغا چىقىۋااپتىمە

    • خۇشال 2013.05.29 , 17:22

      دىۋانغا چىقىۋاغان ئىش يوق موللىكا ، شۇ بىز كىچىكلە سىز گە يول قويدۇق دەڭە :mrgreen:

  4. Mr.E 2013.05.29 , 13:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەتىگەندە سەت كۈلىۋەتتىم دىسە . چىرايلىقراق كۈلسەك بۇلىتتى ئەسلى !

  5. پولات ئالەمدەر 2013.05.29 , 13:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايالى:—ئاخشاش بەك جىق ئىچىۋالغان ئوخشىمامسىز؟
    ئىملا خاتالىقىمۇ ياكى؟

  6. ئاۋام 2013.05.29 , 13:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق كۈلمىگىلى ،،،،،، 2- يۇمۇردا ئىككى يەردە ئىملا خاتالىقى باركەن،تۈزىتىپ قويسىڭىز،( باشىق ئەتىسى ئۆيىگە كەلسە ئايالى:—ئاخشاش بەك جىق ئىچىۋالغان ئوخشىمامسىز؟ )

  7. خۇشال 2013.05.29 , 13:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇ خا خا خا ………… سەت قىززىق يۇمۇرلاركەن
    8 دە تەرىتى كىلىدىغىنى ، بىر بىرسىنىڭ پوقىنى يەيدىغىنى ، يۇمۇلاقنى نىمى دەيتۇق ، دەريادىن ئالغان تەرەتنى ياندۇرۇپ بەرگىنى مىنى كۈلدۇرۇپ ئۈچىيىمنى ئۈزىۋىتەي دىدى :mrgreen::mrgreen:

  8. ۋاقتىم 2013.05.29 , 15:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا…ھا…ھا… بىر – بىرىدىن قىززىق يۇمۇرلاركەن ماۇ… بەزىلىرىگە كۈلۈپ بولالماي كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى…:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  9. كارۋان 2013.05.29 , 15:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنچىۋالا جىق چىچمايتىڭىز….. ھاھاھا مانىڭغا كۈلۈپ، ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ كىتەي دىدى:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  10. توختى 2013.05.29 , 17:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما لې گې پى دې پىڭفاڭ ……. ھۇ ھا ھا ھا ھا ھا

  11. سېرژانت 2013.05.29 , 18:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇمۇرنىڭ قاتىلى….:mrgreen:

  12. ۋاپاسىز 2013.05.29 , 19:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇمچە كۆپ ئەخلەت ساندۇقى تۇرسا ، يەنىلا قالايمىقان نەرسە تاشلىغان
    ئىملا خاتالىقى باكەن

  13. جاھانكەزدى 2013.05.29 , 20:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈلۈپ كۆزۈمدىن ياش چىكىپ كەتتى ،ئۇزۇن بوپتىكە بۇنداق كۈلۈپ باقمىغىلى .رەھمەت

  14. بېغەم 2013.05.29 , 21:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۆنۈگۈن ئۈندىدارنىڭ دوسلار چەمبىرىكىدە يېغىپ كەتكەن بۇ يۇمۇر …. مەن تەۋىسسىيە قىلاي دەپ بولغۇچە تورخۇمار چاققان كەپتۇ …. راس يۇمۇرنىڭ قاتىلىكەن بۇ :mrgreen::mrgreen:

    • ئەركە 2013.05.30 , 17:31

      ئۈندىدارنىڭ چەمبىرىكىگە مەن تارقاتتىمغۇ دەيمەن دەسلەپتە. تورخۇمارنىڭ ئۇچۇر سۇپىسىدىنلا تارقىتىۋەتكەنتىم، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈندىدار تەۋەلىكىدە كۆرۈپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن بەك تېزلا ئاۋۇپ كەتتى. دىمەك مىنىڭ تۆھپەم زور جۇمۇ !

  15. مەنسۇر 2013.05.29 , 22:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمدا قىزىق يۇمۇرلار بۇ، ئۇزۇن بوپتىكەن ماندا كۈلمىگىلى. ھەپتىدە بىرە قېتىم ماشتا يۇمۇرلاردىن بەھرىمان بولساقمۇ بولىدىكەن.

  16. ئىلىچىن 2013.05.30 , 03:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ئادەمنىڭ قەشقەرگە تۇنجى كىلىشى ئىكەن، قەشقەرلىكلەرنى بەك سېسىق گەپ قىلىدۇ دەيدۇ، گەپ سۆز ئىش ھەركەتتە دىققەت قىلاي دەپ ئويلاپ بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپتۇ، تامان يىىيىشتىن بۇرۇن يۇقىرى ئاۋازدا بىسمىللا رەھمانىررەھىم دەپ ئاشنى ئاغزىغا ئاپىرىشىغا يېنىدىكى بىر ئادەم دىگۈدەك : – يا ئاللا ماۋۇ يىتىمنى كۆرۈڭ، ھەنىمە بوسا سۇيۇقئاش ئىچىپتىكەن، لەغمەن يىگەن بولسا ئىككى رەككەت ناماز ئوقۇۋىتىپ يەكەن تاماقنى….

    • سەردارى 2013.05.30 , 20:01

      راۋرۇس كۈلۈپتىمەن ماۋۇ يۇمۇرغىمۇ ،ما يۇمۇرلار مىنى تازىمۇ زاڭلىق قىلدىدە ھازىر تورخانىدىتتىم كۈلمەي دەپ شۇنچە قىلساممۇ سەت كۈلىۋەتتىم ھەممىسى قارايدۇ ،ئەمدى ماۋۇ ئىنكاسنى يىزىۋىلىپ ئاستا چىكتەي جۇمۇ . بەك قىززىقكەن ئىشقىلىپ ئوت كەتكىدەك بۇندىن كىيىن يۇمۇر ئىيتسىڭىز 119 غا تىلفۇن قىلىۋىتىپ ئاندىن باشلىساڭلار بولغۇدەك .ھى ھى ھى ھى ھ

  17. ئايشەم نۇقتا كوم 2013.05.30 , 18:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەدەمنى ئۆتتەگۈدەك رەسىم ، يۇمۇرلار كەن زادى !!!

  18. مايماق 2013.05.30 , 18:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدى بىلەن تەشەككۈر،مىجەزىم ئېچىلىپ قالدى،رەھمەت:mrgreen:
    ئاۋۇ تاڭ سىڭ،ۋۇكۇڭلارنىڭ يۇمۇرى خەنچە تەپەككۇردا بوپ قاپتۇ.خەنچىدە‹送西天›(غەربكە ئۇزۇتۇپ قۇيۇش)دىگەننىڭ ‹ئۆلتۈرۋىتىش›دىگەن كۆچمە مەنىسى بار،‹归西›(غەربكە قايتىش)دىگەننىڭ ‹ئالەمدىن ئۈتۈش›دىگەن مەنىسى بار(بۇددا دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىبارە)

  19. گاداي 2013.05.30 , 22:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا بىر كەپتەر ئاسماندا ئۇچۋبتىپ بىر تۇخۇم تۇغۋىتىپتىكەن ئۇ تۇخۇم يەرگە چۇشمەپ تۇ نىمىشقا ؟=-O

  20. مېھمان 2013.05.31 , 10:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىز مېنى ياخشى كورمەيدىكە ھە :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量