دۇنيادىكى مۇستەبىتلەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى رەسىملىرى
ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيادا سېسىق نامى پۇركەتكەن، رەزىللىكتە ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان مۇستەبىتلەر. بىراق، ھەقىقىي بىر ئالۋاستىغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭمۇ ساددا ۋە ئاقكۆڭۈل بالىلىق دەۋرى ئۆتكەن.
بۇ مۇستەبىتلەر ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماستىن، سانسىزلىغان بىگۇناھ ھاياتلىقنى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئەرۋاھلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئۇلار ئوخشىمىغان ھۆكۈمرانلىق پەلسەپىسىنى يۈرگۈزۈپ، رەھىمسىز فاشىسىزملىق ياكى ئىرقچىلىقنى قۇۋەتلەش ۋە ياكى خەلقنى بېسىش ئارقىلىق ھوقۇقنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇرۇشقا بولغان خۇمارىنى بېسىقتۇرغان.
تۆۋەندىكى بىر قانچە پارچە رەسىم، بۇ ئالۋاستىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ياكى ياش ۋاقىتلىرىدىكى رەسىملەر، قارىماققا بۇ رەسىمدىكى قارا كۆزلەرنىڭ نەچچە يىللاردىن كېيىن ئۇچىغا چىققان بىر مۇستەبىتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش ھەقىقەتەن تەس، بىراق ئەمەلىيەت…
سىتالىن
ھىتلېر
ئاساد
مۇسسولىنى
كاستېرو
قەززافىي
كىمجوڭئىل
نىكولاي كاستىروۋېسكىي
سادام
پۇتىن
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: باشلىق، بالىلىق، تارىخ، رەسىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,955 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: childhood-photos-of-the-worlds-most-brutal-dictators.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نېمىشقا نەشە چەككەن ئادەمنىڭ ھەممىسى قارىماققا ئىنتايىن ئورۇق بولىدۇ؟
- كېيىنكى يازما > كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(4)
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
دىۋانمۇ بۇ ؟ پوتىن پەقەت ئوزگەرمەپتا
سادام بەلكىم مۇستەبىت بۇلىشىمۇ مۇمكىن ۋە ياكى ……….
مەن تازا بىلىپ كەتمەيدىغان ئەسكى ئەدەمدىن نەچچىسى باكەن ،مشەدە رەسىمى بارلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى دىگەن گەپما ؟ ما پۇتىننى كۈرۈپ ھېجەپ بوپ قالدىم ، پۇتىن توغرۇلۇق خېلى كۆپ خەۋەرلەرنى ئۇقۇغان ، كىچىكىدىن تارتىپ خېلى جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بالىكەنتۇق بۇ ، روسىيەدە مەلۇم بىر بىكاچى ژورنال خانىم قىزلار ياتلىق بۇلۇشنى خالايدىغان ئەرلەر دەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپتىكەن، پۇتىن خېلى كۆپ بەلەتكە ئىرىشىپتىكەن ، ئەلەمدىمۇ قەلەمدىمۇ خېلى تالانتى بار دەپ يۈرۈتتىم بۇ بالىنى ، مەن ئۇقمايدىغان بەزى بىر ئېسكى ئىشلىرىمۇ با ئوخشىمامدا بۇنىڭ
ئەسكى يەرلىرى جىق ئۇنىڭ , ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇرانلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراڭ
ئىشقىلىپ بىز تۇرانلارنىڭ ئەڭ چوڭ تارىخى دۈشمىنىمىز
گىتلىرنىڭ كاللىسى يامان سەت ئىشلەپ قۇياتتىكەنتۇق ، ئەپسۇس يولنى خاتا مېڭىپ قاغان چېغى ، لىكىن ئويلاپ باقساق ئۆزىگە دۇنياغا خۇجا بۇلۇشنى ئىرادە قىلغان كىشى مىنىڭچە جىق ئەمەس، ئۇنىڭ كىشىلىك سىھىرى كۈچى ، رەھبەرلىك تالانتى نى نى مانا مەن دىگەن رەھبەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىكەن ، مىليۇنلىغان ئەسكەرنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا ماقۇل كەلتۈردى بۇ ، ھەربىي باش قومانداق بۇلۇشتىن بۇرۇن ئىنژىنىرلىققىمۇ خېلى قىزىقاتتىكەن ، ئەينى ۋاقىتتا ئىشىكى تەتۈر ئېچىلىدىغان قوڭغۇزغا ئوخشايدىغان پىكاپ باغۇ ، مۇشۇ تەلۋە بىر قوللۇق لاھىلەپتىكەن ، مەيلى ئېغىر يىنىك سانائىتى بولسۇن ، گىرمان شۇ ئۇرۇش مەزگىلىدىمۇ ۋەھشەت تەرەققى قىپتىكەن ، بىر كىنودا چىقىدۇ ، تاس قاپتىكەن ئاتوم بومبىسىنى ما تەلۋە بۇرۇن ياسىۋاغىلى ھە نىم بوسا ئىتتىپاقداش ئارمىيە ۋاقتىدا ئەدىپىنى بىرىپتۇ ، دۇنيانى ئوڭتەي توڭتەي قىلىۋىتەتتىدە بوممىسا
ئابومجان سىزنىڭ تالانتىڭىزمۇ خىلى بولدۇ.سىز ئىغىر سانەئەتنى پىشكە ئۈگنۈپ قويسىڭىز كىتلىرغا يىشالىشىڭىز مۇمكىن،ئۇ چاغدا خەخنڭ كاللىس قالاق ۋاقىت ،ئاشقىلانى ئاسللا ئەيۋەشكە كەلتۈرگىلى بولتى .ھازىرچۇ؟ خەخلە بەك ئوقۇپ كىتپارد.بىمى جىق بومىغىلى بىلەن قۇلاق مولىس بوپ كەتى ،ھەرگىز بىر ئادەمنىڭ گىپىگە كىرمەيدۇ………
بۇ نىم گەپ ؟ چۈشەنمىدىم
گىتلىرغىمۇ يەتمەي قۇياي ، تالانت دەپ قالدىڭىز ، پەقەت بۇسۇغا داۋاندىن ئۆتۈپ تۇنجى قەدىمىنى ئالالىسا ئۆزىنى قابىليەتسىز چاغلايدىغان ھەرقانداق كىشىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ .
زامان ئوخشىمايدۇ ،بۇرۇن دۇنياغا خۇجا بۇلۇش جەڭ بىلەن بولغان بولسا ، ھازىر خۇجا بۇلۇشنىڭ شەكىللىرى ھەرخىل .
توردىن مال سېتىۋالسىڭىز جۇڭگۇنىڭ ھەرقانداق يېرىدە بولىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر 24 سائەت ئىچىدە مالنى قولىڭىزغا تاپشۇرىمىز ! بۇ ئاڭلاشقا پەقەت مۇمكىن بولمايدىغانلا گەپقۇ ، لىكىن بۇنى 2ھەپتە بۇرۇن تاۋباۋنىڭ لىدىرلىقىنى تاشلاپ پىنسىيەگە چىقىۋالغان مايۈن دىگەن بالا ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ ، بەزىلەر قوللاپتۇ قالتىس دەپ ، بەزىلەر تىللاپتۇ بېشىنى يەيدۇ دەپ ، مىنىڭچە ھەقىقەتەن يامان نىمىكەن بۇ ، ئۇلۇغ كىشىلەر نىمىشقا ئۇلۇغ ؟ خەق ئويلىياممىغاننى ، ئويلاشقا پېتىنالمىغاننىمۇ ئويلىيالىغانچا ئۇلۇغ . ئۇنىڭدەك ئىسىل غايىلەرنى ئويلىمىغان بولساممۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق غايەم بار ، مەيلى قانچە يىل ۋاقىت كەتسۇن ، ئاللاھ تىنىمنى سالامەتلا قىلسا تىرىشىمەنغۇ ئىشقىلىپ .
ـىلفۇندا يازغان خەتتى بەزى يەلىر چۈپ قاپتۇ .توغرا چۈشنەسىلە،ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسمۇ يوق تىخى.
نېكولاي ئوستىروۋىسكى بىر ئەسكەرغۇ بۇ ئالۋاستىلار قاتارىغا قوشۇلۇپ قالغىنى بولماپتۇ
نىكولاي ئوستروۋىسكېي بىلەن نىكولاي كاستروۋىسكېي ئىككىسى بىر ئادەممۇ ياكى؟!ھېلىقى ‹‹پولات قانداق تاۋلاندى››دېگەن ئەسەرنى يازغان كىشى ئەمەستۇ؟!
ما گىرماننى ئۇچار تەخسە ياسىدى دېسە پەقەت گۇمان قىلمايمەن جۇما.
مەن ھېتلىرنى بەك ھۆرمەتلەيمەن ،بەك قالتىس ئادەم ئۇ دىگەن .
شىكايەت :
ھېلىقىدەك رەسىملەرنى باش بەتتە چىقىدىغان قىلىپ قويۇپسىلەر ، باش بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە ۋە كۆركەملىكىگە تەسىرى بولىدىكەن .
يەنە بىر مۇستەبىت چۈشۈپ قاپتىمۇ نېمە؟
ھەقىقىي مۇستەبىتلەر بۇ تېمىغا ئۆزىنىڭ رەسىمىنى ھەرگىز چىقاغىلى قويمايدۇ!
ئەڭ ئاخىردىكى رەسىم ھېلىقى 小鬼当家 دېگەن كىنودىكى شۇمتەككە ھەجەپ ئوخشايدىكەن
نىكۇلاي ئوستۇروۋىسكىينىڭ قانداق سېسىق نامى پۇر كەتكەن بولغىيتى؟؟؟
تېما بىلەن بېرىلگەن كىشىلەر تازا ماس كەلمەي قالدىمۇ قانداق؟ بىر قانچىسىنىڭ سېسىق نامى پۇت كەتكىنىنى بىلمەيدىكەنمىز، يەنە بىر قانچىسىنىڭ قانداق مۇستەبىتلىك قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەنمىز.
نىكولاي كاستىروۋېسكىي دېگەن نېكولاي ئوستىروۋېسكىي شۇما؟؟؟ بۇ ئىملادىكى خاتالىقمۇ ياكى، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئاشۇنداق ئىككى خىل قوللىنىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ ئادەمنىڭ قانداق يامان ئاتىقى بار؟ بىلىدىغانلار ئېغىر كۆرمەي يېزىپ قويساڭلار بوپتىكەن
Nicolae Ceauşescu. بۇنىڭ ئىسمىنى نىكولاي كاستىروۋېسكىي دەپ تەرجىمە قىلغان، بىلىدىغانلار تۈزىتىش بەرسەڭلار. توردىن ئاشۇ ئىسىم بىلەن ئىزدىسەڭلار چىقىدۇ، رۇمىنىيەنى 25 يىل سورىغان ئادەم. ئۈستىدە نىكولاي ئوستروۋېسكىي بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالغانلار جىقكەن. 优酷 دىن 独裁者的末日 دەپ ئىزدىسەڭلار ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ قەتلى قىلىنغان كۆرۈنۈشلىرى بار، بۇ يەرگە چاپلىغۇم كەلمىدى.
شۇيەرنى كۈرىدىغان گەپتى دەيمەن
پوتىننىڭ كىچىك چىرايىدىن بىر خىل غەم چىقىپ تۇردا
مىنىڭچە بۇنىڭدىن كىيىن مۇنداق تىمىلارنى يوللىغاندا ، بۇلارنىڭ قانداق ئەسكى ئىش قىلغانلىقى دىگەندەك ئازراق ئەسكەرتىش بىرىپ قويسا بولغۇدەك ، رەسىمىگە قارىساق گۈشىيىپ تۇرىدىكەن شۇ
سادام نى قاتقىنى تازا بولماپتۇ. ھامىنى مۇسۇلماندە.سادام ۋاپات بۇلاپتى ھازىر ئىراق نىمبوپكەتتى ھەي….
مايۈننىڭ پۇتۇن جوڭگۇغا ئالتە سائەت ئىچىدە مال يەتكۈزۈشنى پىلان قىلغانلىقىنى كۆرگىنىم ئىسىمدە . سودا ساھەسىدىكى مۇستەبىتلەر مۇشۇنداق بولىدۇ
يېزدا چوڭ بولغان مۇ بولا؟
پۇتىننىڭ ەڭ ئاخىرقى رەسىمى كەپسىز ئادام دېگەن فىلىمتىكى شۇمتەككە ئوخشايدىكەن
مھن
مىنىڭچە بۇلارنى بىر يولدىلا مۇستەبىتكە چىقىرۋىتىشى تازا توغرا ئەمەس گەپ بىزنىڭ ئۇلارغا قايسى نوقتىدىن تۇرۇپ قارىشىمىزغا باغلىق ئۇلارنىڭ مۇستەبىتلىكىنى كۆرۇپ ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۇرگەن غەلبىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولماس