نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟

يېقىندا توردا مۇنداق بىر سوئال سورالغان: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟ بۇنداق قىلىشتا بىرەر مەقسەت بارمۇ؟

چۈشىنىش تەس ئەمەس يېرى، بۇ يانتۇ سترېلكا ئارقىلىق مەلۇم تېكىستنى ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمدە كۆرسەتكىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا باشقا سەۋەپمۇ بارمۇ؟

mouse-click-history

1-ئېھتىماللىق: تارىخى سەۋەپ

مائۇس ئىجادچىسى Douglas Englebart ئەڭ دەسلەپتە لايىھەلىگەن سترېلكا تىك ھالەتتە ئىدى، ئەمما XEROX PARC تەتقىقات مەركىزىنىڭ كومپيۇتېرىدا سترېلكا مايماق ھالەتتە پروگراممىلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، شۇ ۋاقىتتىكى كومپيۇتېرلارنىڭ ئېكران ئېنىقلىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، يانتۇ سىزىق تۈز سىزىققا قارىغاندا تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈنەتتى.

2-ئېھتىماللىق: كومپيۇتېر سترېلكىنىڭ ئورنىنى ئاسان ھېسابلىيالايدۇ

مائۇسنىڭ ئورنى، سترېلكىنىڭ سول ئۈستى بۇرجىكىدىن باشلىنىپ ھېسابلانغاچقا، بۇ خىل يانتۇ لايىھە سترېلكىنىڭ ئورنى ۋە مائۇس بېسىپ ئۆتكەن ئىز دېگەندەك نەرسىلەرنى ھېسابلاشقا قولايلىق ئىدى. ئەمما بۇ جاۋاپ ناھايىتى تېزلا تورداشلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىۋېتىلدى.

3-ئېھتىماللىق: مۇشۇ ئەڭ تەبىئىي

سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك:

بىز بىرنەرسىنى كۆرسەتكەندە ئەزەلدىن مۇشۇنداق كۆرسىتىمىزغۇ؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئورەك 2014.09.02 , 12:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھ .. بۇگەن چۈشۈمدە كۆرگەندەك قىلغان زادى خىر خىر خىر…

  2. rock 2014.09.02 , 12:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھې، شاشىدونىڭ ئاغزى نېمىشقا دۈگىلەك دېگەندەك سۇئالكەن بۇ ھە؟

  3. ئەززام 2014.09.02 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇچۇپ كىرىپ كىچىكىپ قاپتىمەن.، :sad:

  4. مەستانە 2014.09.02 , 13:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇنىڭغا كۆنەپ كەتتۇق.

  5. مۇلايىم 2014.09.02 , 19:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلەن تېما :razz::razz::razz::razz::razz:

  6. سەيياھمەن 2014.09.02 , 19:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېمىسىمۇ ئۇدۇل بېرىپ كۆرسەتسە بارماق توسۇۋاپ سالىدا، شۇڭا يانتۇ كۆرسەتسە توسۇۋالمايدا.

  7. مەردان 2014.09.02 , 22:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىم دىسەم بولا….؟:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  8. ئۇيغۇربەگ 2014.09.02 , 23:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بوپتۇ كەگەنگە چۇشلۇق ئېلان چىكىپ قۇياي

  9. ئىرپان 2014.09.03 , 00:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىغان تېمىكەن ,مەسىلىنى مۇشۇنداق ئويلاش كېرەك

  10. گۇزەل يېڭسار 2014.09.03 , 11:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭچە شۇنداق بولسا ياخشى

  11. مىھمان 2014.09.03 , 16:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە بۇلاپتا

  12. ئابدىراخمان 2014.09.03 , 19:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمە ئىش بۇ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بۇلۇپ تور كۆرگۈنى چەكسىز قېتىم ئەتسەممۇ يەنە مۇشۇ تور ئادرىسى ئاپتۇماتىك ئېچىلىۋالدى، ئامال قىلالمىدىم

  13. مىسرانى 2014.09.05 , 13:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يانتۇ بولمىسا بىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇنلارغا دەسسىۋالىدۇ. مانا بۇ يانتۇ بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب.

  14. ئويۇنخۇمار 2014.09.18 , 23:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھا .. 3- سەۋەپنى كۆرۇپ قولىنى ئېكرانغا سوزۇپ باققانلار سازكەننى !!!!!!!:lol:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量