تەتقىقاتلارغا ئاساسلاندا، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ھەر يىلى 5 كۈنى ۋاقىتنى كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا سەرپ قىلىدىكەن
مۇنداق بىر ھېكايە بار: بىر ياشانغان كىشى كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلايدۇ، ئارقىدىن كۆڭلىدە «مەن بەك كۆپ ۋاقتىمنى ئۇخلاشقا سەرپ قىلىۋېتىپتىمەن» دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇيقۇ ئادەم ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر جەريان بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىر خىل ۋاقىت ئۆتكۈزۈش جەريانىدۇر، ئۇخلاش ئەلۋەتتە دائىم كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئېچىلىشنى ساقلىغاندىن ياخشى.
SanDisk شىركىتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدىكى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھەر يىلى كومپيۇتېرنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى تەخمىنەن 130 نەچچە سائەتكە، يەنى 5 كۈن ئەتراپىغا بارىدىكەن. ئىتالىيەدە بولسا، كىشىلەر ھەر يىلى 7 كۈننى كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا سەرپ قىلىدىكەن، ئامېرىكىلىقلار بولسا 5 كۈندىن ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن.
شەك-شۈبىھىسىزكى، بۇ خىل «ئۇزاققا سوزۇلغان» ساقلاش كىشىگە ھەرگىز خۇشاللىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا 20% ئەنگىلىيەلىك، ئاچچىغىنى چىقىرىش ئۈچۈن لەپتوپنى يەرگە ياكى تامغا ئاتىدىكەن. بۇ قىلمىش ئېنىقكى، كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىنى ئاستىلىتىپلا قالماي، بەلكىم مەڭگۈ قوزغىلالماس قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل «ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈتۈش» سەۋەبىدىن، 33% ئەنگىلىيەلىك ۋە 37% جۇڭگولۇق پۈتۈن كۈن جىلە بولۇپ ئۆتىدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: pc، كومپيۇتېر، ۋاقىت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,031 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: computer-start-up-time.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سەرگەردان بوۋاينىڭ «ئاقسۆڭەك باي» غا ئايلىنىشى
- كېيىنكى يازما > ھايۋاناتلار ھەققىدە سىز ئاڭلاپ باقمىغان قىزىقارلىق 10 ئىش
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- يەرلىك شىۋىسى ئېغىر پىروگراممىچىلار
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- نۇر دېسكىنىڭ زاۋۇتتىن قانداق ئىشلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلىمۇ؟
- ئەتراپىمىزدىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى بەلكىم پەقەت ۋاقىت ئىزىدا توختىغان چاغدىلا ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن
- كەلگۈسىدە كىنو-فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى قانداق ياسىلىدۇ بىلەمسىز؟ ئويۇن ئوينىغاندەكلا ئاددىي ئىش!
- دۇنيادىكى تۇنجى خاتىرە كومپيۇتېرى قانداق ئىدى بىلەمسىز؟ | IBMنىڭ 1975-يىلدى IBM 5100 خاتىرە كومپىيۇتېرى
- تاتلىق ئەسلىمە-ئاچچىق ھەقىقەت | Goldberg بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى تەدىرىجى تەرەققىياتى
- ئالدانغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ، ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىدىكى كۆپ قىسىم كۆرۈنۈشلەر مۇشۇنداق ئىشلىنىدۇ(2-قىسىم)
مەندەك كۈندە تورخانىدا ئولتۇردىغانلارنىڭ ھەر يىلى 10 كۈن ۋاقىتنىمى كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا سەرپ قىلىدىكەنمەن دە…لىكىن مەن جىلە بوپ تامغا ئاتمايمەن سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلايمەن .
مېنىڭ كومپىيوتىرىم 22 سىكونىتتا قوزغىلىدۇ ، ئۇنداقتا مەن بىر يىلدا نەچچە سائەت ساقلامەن
مېنڭ 30~35 ئارلىكىدا ئېچىلېدۇ
ماڭا ئوخشاش ھەپتە ھەپتىلەپ ئۆچۈرمەيدىغانلارچۇ ؟؟؟؟
زىيان بولسا شىركەتكە ، ئۆچۈرۈش خوشياقمايدۇ ماڭا
ئېچىلىش سۈرئېتى تېزكەن دەپ windows8 سېستىمىلىق كومپىيۇتېرنى تاللىدىم شۇڭا.
كومپىيوتىر ئىشلەتمىسە جىلە بولۇش كەتمەيدۇ
win8 ئىشلىتىڭلار دەيمە 15 سىكونتىن 25 سىكونتقىچە ئىچىلىپ بۇلىدىكەن….
مىنىڭ win7 ئېچىلىش سۇرئىتى 55 سىكىنۇت ‹ ئەمما جىلە بۇلمايمەن . ئېچىپ قۇيۇپ تالانى بىر چۇگلەپ كىرسەم ھەممىسى تەقمۇ تەق بۇلۇپ مىنى ئىشلەت دەپلا ھىجىپ تۇردۇ شۇ
خالايىق ماڭا قاتتىق ياردەم قىلىڭلار!!!
مەن كومپيۇتىرىمنىڭ ئاساسى تاختىسىنى ئالماشتۇرغانىدىم، يەنى ASUS EP43T SI نى MSI P43-C51 گە ئالماشتۇرغانىدىم.يەنى ئىككىلىسى P43_____DDR3
ئاساسى تاختا نىمكەش لىكىن بەك يىڭى، بۇرۇن ئىشلەتكەن ئادەم نورمال ئىشلىتىپتىكەن، لىكىن مەن ئالماشتۇرۇپ ئۆيگە ئەكىلىپ ئاچسام قوزغالمىدى. بىردەمدىن كىيىن ئاندىن قوزغالدى.
3 كۈنياقى نورمالتى بىراق بۈگۈن ئەتىگەن قەتتى قوزغالمىدى ، ئىشىمغا بىرىپ كەلسەم ساق قوزغىلىۋاتىدۇ. مىنى بۇنداق زاڭلىق ئەتكىنى زادى قايسى قاتتىق دىتال؟
قىش ۋاقتى بولغاچقا سوغۇق تالادىن ئىسسىق ئۆيگە ئەكىرىپ توكقا چاتقاچقا شۇنداق بولدىمىكى دىسەم ، مەن بىر سائەت توكقا چاتماي قويغان.
توك مەنبەسىنىڭ توك قۇۋۋىتىمۇ خىلى كۈچلۈك ، بۇ توك مەنبەسى بۇرۇنقى ئاساسى تاختالارنى ئىشلەتكەندە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.
لازىم بولغاندا قوزغالمىدى ، كىيىن نورمال قوزغالدى .بۇزادى توك مەنبەسىدىكى چاتاقمۇ ياكى ئاساسى تاختىدىكى چاتاقمۇ؟ بۇندىن بۇرۇن بىشىدىن مۇشۇنداق ئەھۋال ئۆتەپ باققان باللا
پىكىرىڭلارنى دەپ بىقىڭلار.
مەن ئادەتتە تورخۇماردا ئوينايمەن. شۇڭا تورخۇماردىكى باللادىن ياردەم سورىدىم. جاۋابسىز قويمىغايسىلەر باللا.
كۇمپىتۇرڭىز قوزغۇلىۋاتىدۇ لىكىن لىكىن ئېكرانىڭىزدا ئۇچۇر كورۇنمىگەن ئوخشايدۇ !
1. ئىشكى ساخلىغۇشنى ‹内存› ياخشى سىلىڭ ، ئۇ نورمال ئىشلىمىسە كومپىيۇتىر ئىچىلمايدۇ!
2. كورسىتىش كاتىىنى 《显卡 》تەكشۇرۇڭ ئالماشتۇرۇپ سىناڭ ،،
、ئەگەر قەتتىلا ئىچىلمىسا ئاساسا توك تاختىسىدا مەسىلە بارمىكىن نەملىشىپ ماس بولۇش ئىھتىماللىقى بولسا شۇنداق بولىدۇ……….
مۇشۇنچىلىڭ دەي .‹ھەمىمىسى كوز قاراش ، ھەم بىشىمدىن ئوتكەن ..› قالغىنغا سىزگە ئامەت تىلەيمەن
ئانا تاختا بىلەن قاتتىق دىسكىنىڭ سىمى چىڭ چىتىلدىمۇ ھەر ئىككى بىشغا قاراپ بىقىڭ
مىنىڭ كوپىيۇتىرىم ئادەتتە 15سىكونتا قوزغولوپ بولدۇ
ھە بۇنىڭ تەجىربە قىلغىدەك نەرى بار
مىنىڭكى 6-8 سىكونىت كىتىدۇ
ۋاھ، سىلەر بىلمەيسىلەر .. مېنىڭ كومپىيوتىرىم شۇنداق كومپىيوتىركى ئۇنىڭ پەقەت بىرلا كەمچىللىكى بار، باشقا ھەرقانداق جەھەتتىن سىلەرنىڭ مەن – مەن دېگەن كومپىيوتىرىڭلارنى ئارقىدا قويالايدۇ ، ئېچىلىشى ئۈچۈن ئېشىپ كەتسە ئىككى سىكونت ۋاقت كېتىدۇ، بەزەندە كەيپى چاغ بولۇپ قالسا توك مەنبە كونۇپكىسىنى باساي دەپ بولغۇچە ئېچىلىپ بولىدۇ ، مەشخۇلات سېستىمىسى كۆزنەك 8 ئەمەس ، گەرچە مەن پروگرامما تۈزۈش جەھەتتە ھېچنىمە بىلمىسەممۇ لېكىن ئۆزەم مەخسۇس ئۆزەم ئۈچۈن بىر مەشخۇلات سېستىمىسى تۈزىۋالغان ، بۇ سېستىمىنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى « مۇغۇلىستان 1.7 » مەن تۈزگەن بۇ سېستىمىنىڭ ئالدىدا سىلەر چوقۇنىدىغان كۆزنەك ، دېرىزە ، تۈڭلۈك دېگەنلەر ھېچنىمە ئەمەس ، بۇ سېستىمامنىڭ تېخى يانفۇن نۇسخىسىمۇ بار ، بەلكى ئۆزىدىن كۆچمە ئۈسكىنىلەرنى تولۇق قوللايدۇ ، مەشخۇلات تىلى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ، لەپتوپقا تېلفۇن كارتىسى سالغىلى بولىدۇ ، سىرتقا چىقىدىغان ئىشىم بولۇپ قالسا بىر قېتىم زەرەتلىۋېلىپ تېلفۇن كارتامنى سالىمەن دە ، كۆتۈرۈپ يۈرۈپ سۆزلىشىۋېرىمەن .. . … لېكىن ھازىرقى بىرلا كەمچىللىكى شۇكى ، ھەر قېتىم ئۇخلاپ ئويغانسام ما يۈزۈ قېلىن كومپىيوتىر ئاقتىمۇ يوق – كۆكتىمۇ يوق قاراڭلا ……..
ھە دەپ ئوقۇۋىتىپ قانداقراق كومپىيۇتېردۇ دېسەم تېخى
ئىلگىرى كېيىن بىر شېرىن چۈشكەن ئەمەسمۇ ؟
بىزدەك تورخۇمارغا كۈندە كىرىدىغان بەندىلەرنىڭ بىر يىلدا قانچە سائەت ۋاقتى تورخۇماردا ئۆتەر ؟
مېنىڭ كومپىيوتېرىم سەككىز سىكۇنتقىچە ئېچىلىپ بولىدۇ…نېمە سېستىما ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن؟!…
مىنىڭكى _5سىكونىت كىتىدۇ
مىنىڭكى قوزغىلىش كونۇپ كىسىنى بىسىپ 11 سىكۇنت قىمۇ بارمايلا ئىكران قوزغۇلۇپ بولىدۇ سىلەرنىڭ نىماندا ﺋﺎﺳﺘﺎ
ئاۋۇ ئۈستىدىكى 11 خاتا كىتىپتۇ توغرا ﭼﯘﺷﯘﻧﯘﯕﻼ ئەسلى 1 ئىدى
ماقۇل ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قوياي. كومپيۇتېر قوزغىلىۋاتقاندا ئىكرانغا قاراپ تۇرۇۋالماڭلار دېمەكچىكەن.