تاتلىق ئەسلىمە-ئاچچىق ھەقىقەت | Goldberg بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى تەدىرىجى تەرەققىياتى
ۋاقىت ئاتقان ئوق دەيدۇ كونىلار، ئۇنداقتا بۇ پاي ئوقنىڭ جىسمىمىزغا قالدۇرغان ئىزنالىرىنى كۆرۈپ يەتتىڭىزمۇ ؟ كۆرۈپ يىتەلمىگەن، توغىرىسىنى ئېيتقاندا كۆرۈپ يىتىشكە ئۈلگۈرمىگەن بولىشىڭىز ھەقىقەت. بەلكىم تۆۋەندىكى Goldberg بىر ئائىلە كىشىلىرى سىزگە نىمىنىڭ ۋاقىت بىزگە قالدۇرغان ھەقىقى سوۋغات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويىشى مۈمكىن.
ھەر يىلى 6 ئاينىڭ 17- كۈنى، قەتئى ئۆزگەرمەيدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش. مەزكۇر ئائىلىدىكى ھەربىر ئەزا ئوخشاش بۇلۇڭ، ئوخشاش ھالەتتە بىر پارچىدىن رەسىمگە چۈشىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە تاكى 1976-يىلىدىن ھازىرغىچە داۋام ئەتمەكتە. يىلدىن-يىلغا تەدىرىجى ئۆزگۈرۈش بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەسلىيەلەيدىغان ئەڭ موھېم كەچمىشى بولسا كېرەك. Susy (باللارنىڭ ئاپىسى) 2000- يىلىدىن تارتىپ كۆزئەينەك تاقاشقا باشلاپتۇ. دىمەك ئۇنۇڭغىمۇ ھاردۇق يىتىپ كۆزلىرى تورلىشىپتۇ. ئۇماق ئۈچ پەرزەنتىمۇ ئەر يىتىپ خۇددى دادىسىدەك ساقال قويۇشۇپتۇ. قارىماققا ئاتا-ئانا جىسمىدىكى بارچە قۇۋەت بارا-بارا پەرزەت جىسمىغا يۆتكىلىۋاتقاندەك. بىر تەرەپنىڭ قۇربانلىق بېرىشى بىلەن كىيىنكى بىر تەرەپ تېخىمۇ قۇدىرەتلىك كۈچكە ئىگە بولىۋاتقاندەك. بۇ نىمە دىگە تاتلىق ئەسلىمە،. بەلكىم ھەر بىرىمىزمۇ مۇشۇنداق بىر خىل ئەسلىمە يارىتىشقا مۇھتاجدەك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسلىمە، تۇرمۇش، سۈرەت، ۋاقىت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,765 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bir-aelie-kishiliri-resimi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز؟ تۆۋەندىكى پىسخىكىلىق تەجرىبىلەر بەلكىم سىزگە جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن
- كېيىنكى يازما > تۆمۈر ئايال ساچىر خانىم ئالەمدىن ئۆتتى …
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
ئوھوي دىۋانكەنغۇ بۇ
پۇت قولوم تۇرۇپلا ئاغرىيدىغان بوپ قلدى دىۋان پايدا قىلامىكىن
دىۋان لازىم بوسا ئەتە كەسىڭىز بوغىدەك ،پۇت قولى ئاغرىغان سىزلا ئەمەس ئوخشايسىز
ۋاقىت ئۆزىلا ئۆتمەيدۇ. بەلكى، سىزگە تەۋە نۇرغۇن نەسىلەرنى ئېلىپ كىتىدۇ. شۇنداقلا، سىز خالىغان، خالىمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بىرىدۇ. ھايات . . .
بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ ئاخىرىغا كەلگەندە «پولات قانداق تاۋلاندى» دېگەن فىلىمنىڭ بېشىدىكى بىر جۈملە سۆز يادىمغا كەلدى…..
30يىل مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇش ئۇنچە ئاددى ئىش ئەمەس جۇمۇ،
توۋا ئا بىر كۈنى تېخى بالا ئىدىم ، كەپسىزلىك قىلىپ ئانامدىن تاياق دىگەننى بۇلىشىغا يەيدىغان ، مانا ئەمدى ئەتە ئۆگۈن بالا باقىمەن دەپ يۈرۈيمەندە ، ھەي تۇرمۇش ھەي ۋاقىت …… ما ئىلھام دىگەن پوش پوش دىمەي كىلىۋاتىدۇ جۇما پوۋىستتەك شىئىردىن بىرنى يازغىدەك
شۇ
كۆك كاتەكچىگە ئىلىپ قويغىنى نىمە مەنىدۇ؟ئۆلدى دىگىنىمىدۇ؟
سىزمۇ شۇنىڭغا دىققەت قىپسىز ھە! لىكىن شۇم ئېغىزلىق قىلشىنىڭز بولماپتۇ ! بەلكىم كۆك كاتەكچىگە ئەپ قويغىنى تەدبىركاردۇ ياكى ۋىرۇسجان دۇ
بۇ بۇ بۇ ۋەھشى چىقىپتۇ . بىشىدا بىر قىزبالا باردەك قىلاتتى . كىيىن ئۈچىلىسى قىز بالا بوپ قالدىغۇ تاڭ .
4 ئەركىشى 1 ئايال كىش تۇرسا ھايات قاراپ تۇرۇپ 3 ئايال كىشى بوپ قالسى دەيسىز غۇ ! سىلەرنىڭ مەھەللىدە ئاياللار ساقال قۇيۇپ يۈرەمدۇ يە!
ۋاي مەن 3 ئوغۇل بالا دەپ يازمەن دەپ قىز بالا دەپ يىزىپتىمەن دىسە . …قىرىغان ئوخشايمەن قارىغاندا
ھەقىقەتەن تەس جىمۇ 30يىل دىگەن نۇرغۇن ۋاقىتكەن . توردىشىمىز روھچىن دىگەندەك بىزگە تەۋە نۇرغۇن نەرسىلارنى ئىلىپ كىتىدىكەن.ھەي
Goldberg دىسە مەن تېخى WWE نىڭ گىگانىت چىمپىيونى Goldberg ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپلا كىرىپتىمەن دىسە
سەنشىڭدا ۇيغۇرچە ياسسا پەچەت بولىدىكەن
ئاندىرونىڭ يۇقىرى نەشرىدە يازغان ئوخشىمامسىلەن . مىنىڭ 2.3.6 ئئىچىمنى سىقىپ كۆزنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ ئۇيغۇرچە خەت
توۋا ماۋۇ ئاداش 1976.يىلىدىن 2008.يىلىغىچە چاچ-ساقاللىرىنى ياساتمىغاندەكلا ھە! ئۇ ئەر 32 يىل جەريانىدا چاچ-ساقال پاسۇننى پەقەتلا ئۆزگەرىت مەپتۇ
1983-1984يىللىرى ئاۋۇبىرازىلىيەلىك دادا كۆزئەينەك تاقىۋاپتىغۇ،ئىككى يىللا؟ ئەي…1998دىن كېيىن ئۆزگىرىش چوڭ بوپتۇ جۇمۇ ئانا دادىدا
ھايات تولىمۇ قىسقا