ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز؟ تۆۋەندىكى پىسخىكىلىق تەجرىبىلەر بەلكىم سىزگە جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن
ھەر ئادەمنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ. ۋەھالەنكى بەزى ۋاقلاردا بىز يەنىلا باشقا ئاماللار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەتقىىق قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. سىز ئۆزىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟ قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟ دەماللىققا جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان بۇنداق سوئاللار تۇرمۇشتا يولۇققان ھەرخىل توسالغۇلار جەريانىدا بىزگە ئۇچىراپ تۇرىدۇ.بەلكىم بىز راستىنلا ئۆزىمىزنى چۈشۈنۈشكە مەجبۇرمىز…
تۆۋەندىكىلىرى بىر يۈرۈش قىززىقارلىق پىسخىكىلىق تەجىربىلەر ۋە سوئاللار. گەرچە مۇتلەق توغىرا بولمىسىمۇ مەلۇم ئاساسى بار ئەلۋەتتە. سىز ھەر قايسى تەجىربىلەر ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ چۈشۈنۈپ يىتىشىڭىز مۈمكىن. لېكىن نەتىجە سىزنى ئازابلاب قويۇدەك بولسا ھەرگىز ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ. چۈنكى ئۆزىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىز ياخشى چۈشىنىسىز!
ئويۇن باشلاندى
بۇ ئىككىسىدىن سول تەرەپتىكىسىنى تاللىغۇچىلار: سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز كەڭ ئەركەكلەر توپى بىلەن ئورتاق. يۇقۇردىكى ئىككى رەسىم ئوخشاشلا بىرىكتۈرمە سۈرەت. سول تەرەپتىكىسى پۇتى كىچىك 8 نەپەر قىزنىڭ چىرايىنىڭ بىرىكمىسى. ئوڭ تەرەپتىكىسى بولسا يوغان پۇتلۇق 8 نەپەر قىزنىڭ چىراي بىرىكمىسى. ئادەتتە كىچىك پۇتلۇق قىزلار يوغان تۇتلۇق قىزلارغا قارىغاندا تېخىمۇ نازاكەتلىك يۈز شەكلىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ يەكۈنگە نىيۇۋ يۇرىك ئالبانى ئونىۋېرسىتىتى پسىخولوگى Jeremy Atkinson نىڭ يىتەكچىلىكىدىكى بىر قىسىم تەجىربىلەر ئارقىلىق ئېرىشىلگەن(پۇتى يوغان قىزلار مەندىن ئاغىرىنماڭلار، يۇقۇردىكى گەپلەر مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز).
ئاۋال يۇقۇردىكى ئويۇننى بىر ئويناڭ ! A ئېغىزدىن چىققۇچىلارغا ماس كېلىدىغان خىزمەت تۈرلىرى : ساقچى، تېرنېر، يازغۇچى. B ئېغىزدىن چىققۇچىلار : ھەجىۋى رەسسام، بوغالتىر، رىجىززسور، لايىھەلىگۈچى. C ئېغىزدىن چىققانلارغا : باشلىق، ئادۇكات، قۇماندان. D ئېغىزدىن چىققانلارغا ماس كېلىدىغان كەسىپلەر : دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، ناخشىچى، مۇخپىر، ئىشچى. E ئېغىزدىن چىققۇچىلار : ئارتىس، شوپۇر، سودىگەر، ئاساسى قاتلام باشقۇرغۇچىسى. قانداق ؟ نوۋەتتىكى خىزمەت ئورنىڭىز بىلەن بۇ نەتىجە ئوخشاش چىقتىمۇ يوق ؟ ئوخشاش چىقمىسا ئالدىرىماڭ، ھايات دىگەن تېخى ئۇزۇن …
سىزنىڭچە A نۇقتا بىلەن B نۇقتىنىڭ تەگ رېڭى ئوخشاشمۇ ئەمەسمۇ ؟
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پۈتۈن دۇنيادا پەقەت % 0.003 ئادەم ۋە photoshop بۇ ئىككى نۇقتا تەگ رەڭگىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدىكەن(photoshop ئارقىلىق ئىككى نۇقتا رەڭ كودىنى كۆرۈپ باقسىڭىز ئاجايىپ نەتىجىگە ئېرىشىسىز).
ئەگەر سىزدە زىچلىقتىن قورقۇش كىسىلى بولسا، ئۆز-ئارا قارمۇ قارىشى ھالدا زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق شەئىگە قارىتا ئىنتايىن زېرەكلىشىپ كېتىسىز. گەرچە يۇقۇرقىسى بىر تەنناز ئايال رەسىمى بولسىمۇ يەنىلا سىزدە باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، باش تېرىسى تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە زىقچىلىقتىن قورقۇش ھەرقانداق ئادەمدە مەۋجۇد بولىدۇ، پەقەت دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ خالاس. ئۇنداقتا ئوقۇرمەن: بېشىڭىز قېيىپ كۆڭلىڭىز ئېلىشقاندەك بولدىمۇ- يوق ؟
رەسىمدىن قانچە دانچە ئادەم شەكلىنى بايقىدىڭىز ؟ 0-4 دانە : زېھنى ئاجىز؛ 5-8 دانە : ئادەتتىكى ئادەم؛ 9-11 دانە : ئېنتايىن ئەقىللىق؛ 11-13 دانە: ئېلىشىپ قاپسىز؛
يۇشۇرۇن خارەكتىرىڭىزنى سىناش باسقۇچى. يۇقۇرقى رەسىمدىن كۆرگەن ئالۋاستى، سىز كۆرگەن پەرىشتىلەردىن كۆپ بولسا، ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئارام ئېلىڭ. چۈنكى سىز كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشكە مۇھتاج.مۇزىكا ئاڭلاش، ساياھەت قىلىش، بازار ئايلىنىش ھەممىسى ياخشى تاللاش بولالايدۇ. قانداقلا قىلماڭ كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئومومى بەدەن ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز، ئىشىنىمەنكى تېخىمۇ ساغلام بولالايسىز(راس گەپنى قىلسام مەن بىر قاراشتىلا بىرمۇنچە ئالۋاستىنى كۆردۈم).
سىزمۇ مەندەك باشقىلارنىڭ ئەسنىگىنىنى كۆرسىڭىز ياكى ئاڭلىسىڭىز تەڭلا يۇقۇملىنىدىغان(ئەسنەيدىغان)لاردىنمۇ ؟ ئۇنداقتا مۇبارەك بولسۇن! چۈنكى سىز ئەشۇ باشقىلارنىڭ ئەسنىشىگە قارىتا ئىنكاسسىز كىشىلەرگە قارىغاندا، تۇغما تىل قابىلىيىتىگە ئىگە.ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ دوسلىرىڭىز ئارىسىدا دەرت تۆكىدىغان ئىشەنچىلىك ئوبىكىت بولۇپ قېلىشىڭىزغا بىۋستە سەۋەب بولىدۇ. دىلى نازۇك، ئاسانلا بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ۋە باشقىلارغا ھېستاشلىق قىلىش سىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىز.
يەتتىنجى نۆۋەتلىك يىللىق ئەڭ نادىر خاتا سېزىم مۇسابىقىسى (Best illusion of the year contest) ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرنى باھالاپ چىقتى. مۇھەببەت نىقابى (Mask of Love) بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا نىقاب ئىچىدىكى ئادەم سىياقى. بىر قاراشتا بۇ بىر ئەرنىڭ يۈز قىسىمىغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئىنچىكىلەپ قارىسىڭىز ئىككى ياشنىڭ Kiss قىلىۋاتقان ھالىتىنى بايقايسىز.
بەزى ئەرلەردە خاراكتىر جەھەتتە ئاياللارغا خاس ئالاھىدىلىك مەۋجۇد. بەزى ئاياللاردا ھەم ئەرلەرگە خاس ئالاھىدىلىك مەۋجۇد(بۇلارنى ئەركەك سەدەك دەمدۇق؟). ئۇنداقتا سىز زادى ساپ ئەرمۇ ياكى ئەمەسمۇ قېنى سىناپ بېقىڭ. يۇقىردىكى رەسىمنى تۇنجى كۆرۈشىڭىزدە (بىر قاراشتا) بايقىغىنىڭىز ئۆردەك بولسا ئۇنداقتا سىزدە ئەرلىك ھورمىنى كۆپەرەككەن. ئەگەر كۆرگىنىڭىز بىر توشقان بولسا ئۇنداقتا ئاياللىق ئالاھىدىلىك كۆپەرەككەن. مەن ساپ ئەر زاتىدىن ئىكەنمەن ، سىزچۇ ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: پىسخىكا، تەجرىبە، سىناق، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 27,400 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: pisxikiliq-tejirbe.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئاندىن ھېس قىلىدىغان 30 ئىش
- كېيىنكى يازما > تاتلىق ئەسلىمە-ئاچچىق ھەقىقەت | Goldberg بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى تەدىرىجى تەرەققىياتى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- باشلانغۇچ لوگىكىسىدىكى ئاددىي بىر سىناق، جاۋابىنى تاپالايدىغانلار بارما؟ (جاۋابى ئېچىۋېتىلدى)
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
2-تەجرىبىنى بۇرۇن بىر ئىشلىگەن، C ئېغىزدىن چىققان، بۇدا يەنە شۇنداق بولدى. ئاۋۇ ئىككى تەگلىكنىڭ رەڭگىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن، بىراق ئېتىراپ قىلمايمۇ ئامالىم يوق. ئىككى ئاتنىڭ ئارىسىدىن 9 ئادەمنىڭ چىرايىنى تاپالىدىم.
ئىنىقلا تۇرمامدۇ ، ياخشى قاراڭ!
سىز چۇقۇم ئادەم بېشىنى تاپىدىغان رەسىمدىكى 10-باشنى بايقىمىغان ئوخسايسىز ئات ئۈستىدىكى ئادەمنىڭ بېشىنىمۇ ھېسابلاپ بېقىڭ
پىسخىكىلىق سىناق يوللىغاندا جاۋابىنى يۇشۇرۇن قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز مەنچە ئۈنىمى بەكلا ياخشى بولاتتى
مەن 11 باشنى تاپتڭم
دىۋان
نىمىشقا مەن ئۇ رەسىمدىكى ئىككى ئوغۇل قىزنىڭ kiss قىلىۋاتقىلىنى سىزەلمەيمەن .،
ھىلىقى ئايالنىڭ رەسىمى مىنىڭ بىشىمنى قايدۇرالمىدى مەندە ئىچقانداق سىزىم بولمىدى نىمە ئىشتۇ؟
2- تەجىربىدە C ئېغىزدىن چىقتىم .
مەنمۇ ئەسنىگەننى كۆرسەم ياكى ئاڭلىسام تەڭلا ئەسنەيدىغاندىن .
دېمەگەنبىلەن خۇداغا شۈكۈر ماۋۇ ئىككى كۆزۈم ئوبدانلا روشەن جۇمۇ.
ئەڭ ئاستىدىكىسىگە تازا ئىشەنمىدىم جۇمۇ ، قانداقلا قارىسام توشقان كۆرۈنمەي ، ئۆردەك كۈرۈنىۋاتىدۇ.
ماڭىمۇ ئۆردەك كۆرىندى . لېكىن بېشىڭىزنى سولغا يانتۇ قىپ كۆرسىڭىز توشقان كۆرىنىدىكەن.
1. سول تەرەپتىكىنى تاللىغان.
2.
3.ئوخشىمايدىكەن.
4.ماڭا ھېچقانداق تەسىر قىلمىدى(ھېلىقى لادي گاگا دېگىنىگە ئوخشاتتىم)
5.بىر قاراپلا 8 باشنى تاپتىم. ئادەتتىكى ئادەمكەنمەن.
6.ماڭا ساپلا ئاق رەڭلىك قاناتلىق ئاياللار كۆرۈنگەن. چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇپ قاراپ باقسام، ساپلا شەپەرەڭ تۇرىدۇ.
7.مەن بەك ئەسنەيمەن ئەسنىگەننى كۆرۈپ قالسام،رەسىمدىكى تۆتىگە تۆت قېتىم ئەسنىۋەتتىم
8.چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇمىغان بولسام ئەر-ئايالنىڭ سۆيۈشۋاتقىنىنى مەڭگۈ بىلەلمەسكەنمەن.
9.ماڭا ئۆردەك كۆرۈندى. خوتۇنغا كۆرسەتسەم توشقان دېگەن ھەرقانچە قاراپمۇ توشقاننى كۆرەلمىدىم. ئۇنىڭ دەپبېرىشىچە ئۆدەكنىڭ تۇمشۇقى توشقاننىڭ قۇلىقىمىش، قۇيرۇقى پۇتىمىش. سىنچىلاپ قارىسام ئوڭدىسىغا بولۇپ قالغان توشقانكەن….
سىز دەپ بەرمىگەن بولسىڭىز ھېچ قىپمۇ ئۆردەكنى توشقانغا ئوخشىتالمىغان
توۋا ~ ئەمدى تەتۇر قارىسام توشقان ،ئوڭ قارسىام ئۆردەك……….
س ئىغىزدىن چىققانلار كۆپمۇ نىمە ؟ مەنمۇ س ئىغىزدىن چىقتىم ،
9 دانە ئادەم بىشىنى تاپالىدىم،
ئاۋۇ رەسىمدە ساپلا ئالۋاستىلار كۆرۈنۋاتىدۇ،
ئاۋۇ رەسىمدىن ئىككى ياشنىڭ سۆيۈشكىننى تاپالمىدىم ،
ئەڭ ئاخىرقى سۈرەت قارىسام قارىسام يەنە ئوخشاشلا ئۆدەك .
مەن ئاۋۇ A ۋە B نىڭ تەگلىك رېڭىنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتايىن بېسىپ چىقىرىپ بىر يەرگە ئەكىلىپ كۆرۈپ باققان، ھەقىقەتەن ئوخشاش. لېكىن فوتوشوپتا كۆرسە ئىنتايىن كىچىك پەرقى بار.
مەن مۇ بىر ئۆردەكنى كۆردۇم c ئىغىزدىن ئىككى قىتىم چىقتىم ئىككى قىتىملا سىنىغان
پىخ پىخ …..
ئەسنەكنى كۆرۈپ ئەسنەپ كىتىپتىمەن ، راستىنلا كۈلكىلىك !
س ئېغىزدىن چىقىپتىمەن.
A ۋە B رەڭگىنى photoshop سېلىشتۇردۇم،ئوخشاشكەن.ھەي نىمىشقا ئوخشاشتۇ؟؟؟ كاللامدىن ئۆتمىدى…
مەن س ئېغىزنى تاللايدىكەنمەن ئاخىردا.. ئا رەسىمدە 8 باشنى باقىيالىدىم.. ئەمدى ئا ئىككى تەگلىك رەسىمىنىڭ رەڭگى ئوخشاشلىقى ھەرقانچە قىلىپمۇ كاللامدىن ئۆتىمىدى.
بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم ، تورخۇماردا يېڭى مەزمونلار سەرخىل ئىكەن ، ئۇزۇن بولغان مەن كىرمەي زىيارەت قىلىۋاتقىلى.
ۋاي توۋا ئەمدى قارىسام ، ئاۋۇ ئاستىدىكى رەسىم بىردەم توشقان ، بىردەم ئۆردەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. ھا .. ھا ..
قىززىق ئىشتە بۇ ….
سۈرەتتە 10 ئادەم نىڭ شەكلى باركەن. ئەگەر ئات ئۈستدكى ئادەم نى قوشساق 11
مەنمۇ AB رەسىمنى ئاتايىن ساقلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ باردىم، نېمىشقا ئوخشاش چىقىدۇ ئۇ رەڭ، بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس !!! بۇ رەسىمدە بەلكىم ساقتىلىق بولىشى مۇمكىن AB رەسىمدىكى مېنىڭ كاللامدىن قەتتى ئۆتمىدى
ب نۇقتىنىڭ ئەسلى رەڭگى ئاق، ئۈستىگە جىسىمنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇتۇقلاشتۇرۇپ قويغان. ئۇنىڭغا خوشنا بولغان ھەم سايە چۈشمىگەن قارا نۇقتا بولمىغاچقا توغرا سېلىشتۇرالمايمىز. ئەمما بىر قاراپلا ئوخشاشلىقىنى بىلىۋالغان شۇ ئادەملەرنىڭ كاللىسى رەقەملىشىپ ئاندىروئىدلىشىپ كەتكەنمىكىن دەيمەن!
مەن خاتالاشمىسام ياكى كۆزۈم ئايلىنىپ قالمىغان بولسا كۆزۈم ماڭا 6-رەسىمدىكى ئانتنىڭ ۋە ئات ئۈستىدىكى ئادەم نىڭ بېشىنى ھېسابقا ئالمىغان دا 11 ئادەم نى كۆرسەتتى.،
خاتالاشمىدىڭىز ، مەنمۇ 11 ئادەم بېشىنى تاپتىم !
يانا ھېلىقى AB رەسىم جەمئىي 25 كاتەك بۇنىڭ ئىچىدە 12 قارا رەڭلىك 13 ئاق رەڭلىك كاتەكلەر بار كەن ھەرقانچە سايە چۈشۈر سىمۇ ئورۇن تەر تىپى بويىچە تىز ساق AB ئوخشىمايدىغان رەڭ !
1.سول تەرەپتىكىسى چىرايلىق كۆرۇندى:mrgreen:
2.مەن ب ئورۇندىن چىقتىم ئىككىنجى قىتىم د ئورۇندىن…
3.كاللام يەتمىدى جۇمۇ بۇنىڭغا ئىنىقلا ئوخشاش ئەمەس رەڭغۇ؟
4.ھىچقانداق سىزىم بولمىدى.
5.ئاتنىڭ ئۈستىدىكى ئاداشنى قوشقاندا 10نى تاپتىم
6.ئىككىلىستىن تەڭ نىسبەتتە كۆردۇم…
7.پەقەتلا ئەسنىمىدىم،لىكىن چوڭقۇر تىنىم قويدۇم
8.مىنىڭ بۇنى كۆرۇشكە كۆزۇم بەك ئۆتكۈر ئىنىق كۆردۇم…
9.ئەڭ ئاخىردىكىسى ئىنىقلا ئۆردەك تۇرمامدۇ،قانداقلا قارسام توشقانغا ئوخشىمىدى…
مەن8 باشنى تاپتىم قارىغاندا ئادەتتىكى ئادەم ئوخشايمەن.
ياخش تېما
ئاۋۇ رەسىمدىكى ئا، ب نوقتىنىڭ رەڭگى ئوخشاش دېگەنگە ئىشەنمەي پوتوشوفقا ساپباقتىم، ماڭا يەنە ئىككى خىل كۆرۈندى، ئەمما پوتوشوفنىڭ رەڭ تاللاش قورالىدا رەڭ ئۆزگەرمەي بىر خىل تۇرىۋەردى، ئاچچىقىمدا پىرىنتىرلىسام يەنە ئوخشاش ئەمەس، بۇ زادى قانداق ئىش؟؟؟ لېكىن باشقا نوقتىلارنى رەڭ تونۇتۇش قورالىدا چەكسەم ئۆزگەردى، ئەمما ئا بىلەن ب نى راس ئوخشاش دەۋالدا؟
مەن سىناپ باقتىم ، سىز دىگەندەك رەڭ كودى ئوخشىمايدىغان يەرلىرىمۇ باركەن. رەڭ كودى ئوخشايدىغان يەرلىرىمۇ باركەن. بەلكىم بۇ رەسىم ئەسلى رەسىم ئەمەس بولىشى مۇمكىن. تورغا يوللانغاندىن كېيىن سۈپىتى ئۆزگەرگەن دەپ ئويلىدىم. ئىككىلىسىنىڭ رەڭ كودى 777777 # بولىدىغان يەرلىرى باركەن.
مەن ئىككى مىنۇت تىكىلىپ قاراپمۇ يەتتىنجى رەسىمدە بىر جۈپ Kissياشنى كۆرمىدىم… قارىغاندا مۇھەببەت ھىسياتىم تۈۋەنلەپ كەتتىمۇ نېمە … مابەت بىلەن يارىشىۋالسام بولغىدەك…
ئۇبدان قارىسىڭىز ئىككى ئادەمنىڭ بىر بىرىگە قاراپ تۇرۇپ سۈيۈشىۋاتقان ھالىتىنى بايقايسىز…
مەن 14نى تاپتىم
بۇ تىما بەك ياخشىكەن.ئۈچ قىتىم س دىن چىقتىم تۆتىنچى قىتىم د دىن چىقىپ قالدىم.ئا بى نوقتىغا كەلگەندە بولسا ئوخشاشلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم،ئاخىرى بۇرەسىمنى ئۇرۇپ چقىارسام ….ئۈزۈمنىڭ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدىم دىسە . قىززىق ئىككىلىسى ئوخشاشكەن.
10ئادەمنىڭ بىشىنى كۆردۈم.ئەينەكتەە بولسا ئىككى ئادەمنىڭ سۈيىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
ئەڭ ئاسىتىدىكى رەسىم بىر قارسام توشقان ،بىر قارسام ئۆدەك …ئىختىيارسىز كۈلىۋىتىپتىمەن.
خېلى كۆپلىرى مەن ئويلىغاندەك چىقتى .
ئەمما ئويلىغانلىرىمنى بىر- بىردىن يېزىپ بولالمايدىكەنمەن..
قاچانمۇ بۇ تورخۇمارنىڭ دىۋان ، ئورۇندۇقلىرىغا بىرەر پارچىدىن رەسىم كۆتۈرگەچ كېلەلەيدىغان بولارمىز…
( ئىنكاسقا رەسىم قوشۇپ يوللىيالىغان بولساق ياخشى بولاتتىكەن …)
رەخمەت مەن جىڭ ئەركەك كەنمە
a نوقتا بىلەن b نوقتىنىڭ تەگ رەڭگىنىڭ ئوخشاشلىقىنى مەن بايقىدىم، سىلەرگىمۇ بايقاش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بىرەي، ئەگەر كومپىيوتېرىڭلار خاتېرە كومپىيتېر بولسا ياكى سۇيۇق ئىكرانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئىكراننى ئارقىسىسغا تىرەڭلار ياكى، ياندۇ قىلىكلار، شۇ ۋاقىتتا ئىككى رەڭنىڭ ئوخاشلىقى مانا مەن دەپلا بىلىنىدۇ.
شاھمات تاختىسىنىغا تىكلەپ قويغان نەرسىنىڭ شولىسى بولغاچقا AبىلەنBوخشىسا كىرەك
توغراكەن ،مەنمۇكومپىيوتېرنى يانتۇقىلسام ئىككىلى رەسىم قارا كۆرىندى .
قەق
8- رەسىمگە قانداق قاراشنى بىلمىدىم، بىر ئادەمنىڭ چىرايىكەنغۇ شۇ…