نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئاندىن ھېس قىلىدىغان 30 ئىش

جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا تىرىكچىلىك ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ھازىرقى ئوي-پىكىر خىيالى ۋە دۇنيا قارىشىدا، بۇندىن بۇرۇنقى 10 يىلغا قارىغاندا ئاسمان زېمىن ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. سەۋەبىنى بۇ يەردە يەنە دەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. بىراق، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشى ئۆتمۈشكە قايتىشنى، بالىلىقىنى سېغىنىدۇ؟ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان شۇ مەزگىللەردە بىز ھازىرقى ۋاقتىمىزغا كەلگەندە نېمىلەرنى قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتۇق؟ ئاقىۋەت قانداق بولدى؟

student

1. ناھايىتى تېزلا نەچچە مىڭ سوم مائاشنىڭ ھېچنىمە ئەمەسلىگىنى ھېس قىلىسىز.
2. پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە شەخسى تۇرمۇشنى قۇربان قىلىش بەدىلى تۆلەش لازىملىقىنى ناھايىتى تېزلا بايقايسىز.
3. ئۆزىڭىزنىڭ ئازراق پۇلى بارلىقىنى، ئەمما ئازراقمۇ بەختلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز.
4. ناھايىتى تېزلا ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ساپاسى ئىنتايىن تۆۋەن ۋە چاكىنا ئىكەنلىگىنى، سىزمۇ شۇلارغا ئوخشاپ قالغىلى ئاز قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.
5. ئۆزىڭىزدىن بىزار بولۇشقا باشلايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ مۇرەككەپلىگى ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن ئاغرىنىسىز.
6. ناھايىتى تېزلا قىشتىن بىزار بولۇشقا، سوغۇقتا توڭلاش ۋە يالغۇزلۇقتىن ئىچىڭىز سىقىلىشقا باشلايدۇ.
7. توختىماستىن ھوشىڭىزنى تاپىسىز ۋە ھارماي تىرىشىپ ئىشلەيسىز، ئاندىن ھەمىشە خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ ئارام ئالغۇڭىز ياكى داۋاملىق ئوقۇغىڭىز كېلىدۇ.
8. ئاندا-ساندا ساۋاقداشلار ئالبومىغا قاراپ قويىسىز، ئەمما گەپ قىلىشقا رايىڭىز بارمايدۇ.
9. بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرى ئەڭ ياخشى دوسلىرىنى ئەسلەپ قالىسىز ۋە ئۇلارغا تېلىفون قىلىپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشىسىز.
10. بەزىدە تۇرۇپ-تۇرۇپ تۇنجى سۆيگىنىڭىزنى ئەسلەپ قالىسىز ۋە ئۆزىڭىزنى تۇيۇقسىز قېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
11. ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشتا خېلى پىشىپ قالغانلىقىدىن قورقۇپ قالىسىز…
12. بەختنى ئويلىسىڭىزلا بىر ئۆمۈر ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاۋال ئازاپنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
13. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ناخشىلارنىڭ ئاڭلايدىغان بوپ قالغىنىڭىز، سىزنىڭ تېخىچە تىركىشىۋاتقانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى.
14. خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئاندىن شۇنى ھېس قىلىسىز، ئەسلى ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەت بىر ئويۇن، ھازىرقى مۇھەببەت بولسا بىر سودا.
15. خىزمەت قىلغاندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلىسىز، بەزى ۋاقلاردا بىر ۋاق تاماق نەچچە مىڭ سومغا توختايدىغان ئېھتىياجمۇ بولۇپ قالىدۇ.
16. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاجايىپ قولى ئوچۇق ئىكەنلىگىنى، ھەقىقىي پۇلى بارلارنىڭ بولسا نامراتلىقتىن قاقشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
17. خىزمەت قاتناشقاندىن كېيىن، نېمە كىيىشنىڭ، قانداق قىيىشنىڭ، قانداق جايدا كىيىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىسىز.
18. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ ئۈچ نۇقتا بىر سىزىق ئىكەنلىگىنى، ھازىر بولسا، بىۋاستىلا تۈز سىزىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىسىز.
19. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ نەقەدەر بىر ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمان ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىسىز.
20. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئېكىسپىلاتاتسىيەنى يوقىتىشنىڭ پەقەت ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن بىر رىۋايەت ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىسىز.
21. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى داڭلىق ئەربابلارغا ئايلىنىشنىڭ، ئەسلىدە لاتارىيە چىقىش نىسبىتى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىگىنى بايقايسىز.
22. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مۇستەققىل بولۇشنىڭ بەدىلىگە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
23. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارغا دەرىجە كىنىشكىسىنىڭ لازىم بولمايدىغانلىقىنى، ھەپىلەشمەيدىغانلارغا بولسا كىنىشكىنىڭ بىر ئەسكى قەغەز ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
24. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئۇنچە چوڭ كارامىتىنىڭ يوقلىغىنى ھېس قىلىسىز.
25. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئاسپرانتلارنىڭ بىز بىلەن بولغان پەرقى، يېڭى خىزمەتكە قاتناشقاندا 200 سومنى ئارتۇق ئالىدىغانلىقى ئىكەنلىگىنى بايقايسىز.
26. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، بارلىق كىنىشكىلارنىڭ پەقەت ئىشىك چاقىدىغان كېسەك ئىكەنلىگىنى، ئىشىكنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ ئۇ كىنىشكىلەرگە تۈكۈرۈپ قويمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
27. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپتىكى بەزى مۇئەللىملەرنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ رەھبەرلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلىسىز.
28. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ناۋادا ئۆزىڭىزنىڭ يېنىك ۋە غەمكىن ناخشىلارنىڭ ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا تۈگەشكىنىڭىز شۇ.
29. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ پەقەت ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلسىلا بولىسىلا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
30. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىنلا، ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئىشخانىلارنىڭ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ دەرسخانىلارغا ھەرگىز يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

قېنى تورداش، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن يەنە نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نەفىسە 2012.10.18 , 10:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قەھۋە ئىچكەچ ئوقاي بۇنى

    • روسلان 2012.10.19 , 15:48

      قەھۋەيىڭىزگە دىققەت!

    • روسلان 2012.10.19 , 15:49

      سىز شىكەر ئالغىلى ماڭغاندا ۋەتەنجان ئىچىشنى باشلىۋاتتى:grin::mrgreen:

    • نەفىسە 2012.10.22 , 09:04

      ۋۇي …… قەھۋەرىم يوق تۇرىدىغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟:mrgreen:

  2. ۋەتەن 2012.10.18 , 10:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆپىنچىلىرى ھەقىقەتەن راست، ئەيتاۋۇر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن رېئاللىق بىلەن غايىۋى دۇنيانىڭ رەڭگى قىنىقلىشىدۇ…

  3. نەفىسە 2012.10.18 , 10:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرەمدىكى گەپلەر ماۋۇ…. يەنىلا 60 نومۇر ياشىسۇن، دېگەن ۋاقىتلىرىمىز ئېسىلكەن جۇمۇ

  4. ياۋايى 2012.10.18 , 11:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جاھان ئادەم ئىنتىلغىنىدەك ئەمەس . شۇ راھەت ھىس قىلالماسلىقى ئۆز كۆڭلىدىكى ئۆزى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان كەسپى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ . ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان كەسپى بولسا ئۆزىنى قامدىغۇدەك مائاش ۋە قانداق بولسۇن شارائىت بىر ئاز ياخشى بولسىلا ئادەم كۆڭلى ئارام تاپىدۇ …چۈنكى ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسپىدە ھەر قانداق مەسئۇلىيەت ۋە قىزىقىش يىڭىلىق ئىڭى بولىدۇ

  5. چىندوس 2012.10.18 , 13:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس گەپ قىلسام ، مەن ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ تېخى خىزمەت تېپىپ بولالمىغان بولساممۇ ،يۇقىرىدىكى 30 تۈرنىڭ نەچچىسىنى ھىس قىلىپ بولدۇم ،خىزمەت تېپىپ قالسام بەلكىم تېخىمۇ جېقىنى ھىس قىلىپ قالىمەن .

  6. پەنجىر 2012.10.18 , 14:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇنى ئوقۇپ ئېغىر بىر ئۇھسىندىم . قورغانغا كىرگەنلەرنىڭ چىقىىسى ،كىرمىگەنلەرنىڭ كىرگىسى كېلىدۇ . سوغاق ئىشخانا بىناسىدىن يەنىلا ئاشۇ ۋاڭ-چۇڭ دەرىسخانا ياخشى ئىدى ، بۇرۇن مۇئەلىم بىلەن جاۋپلىشاتۇق ، ھازىر شۇ تىرناق تاتلاپ ئولتۇرمىز ، ھەممەيلەن باشقا كەلگەندە ئاندىن بىلىدۇ !:sad:

  7. كۆك تاش 2012.10.18 , 22:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزىدە ئالى مەكتەپ ئوقىمىغانلىقىمدىن خوشمۇ بولۇپ قالمەن، جەمىيەتنى شۇلاردىن بۇرۇنراق بىلگەنلىكىم ۋە تۇرمۇشقا بولغان ئۆزۇمگە تۇشلۇق ئاساسنى تىكلىگىنىمدىن ئانچە مۇنچە خوشاللىق تىپىپ قالىمەن.
    مۇھەببەت توغۇرلۇقلىرىدىن باشقا ھەممىسىنى دىگۈدەك ھىس قىلىپتىمەن.

  8. چوغلۇق 2012.10.18 , 22:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى بىر تىلسىم ! ئامال يوق ، مۇشۇنداق ياشاپ كەتتۇق

  9. تەكلىماكان 2012.10.19 , 01:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىسى توغرىكەن، خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن بەك جىق ئارزۇلىرىڭىزنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز.

  10. بودەك 2012.10.19 , 03:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جەمىيەتكە چىقىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئوتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپلا قالدىم ، خىزمەتكە چىققاندىن بېرى تاپقان پۇلۇمدىن قەرزىم ئېشىپ كەتتى ،ماشىنا ئالىمەن، بۇنى ئالىمەن ئۇنى ئالىمەن، مەسلىھەت چاي،ساۋاقداشلار يىغىلىشى، ئۇ بايرام بۇ بايرام، ئايلىقىمغا 3000سوم پۇل يەتمەيۋاتىدۇ، مۇھەببەتلىشىشكە قىزىقماس بۇلۇپ قالدىم، بىرخىل باش ئاغرىقىلام بىلىنىدۇ ،ئەتراپىمدىكى كىشىلەردىن بەك بىزار بولدۇم، ئوزى بىلەن مېنى ياكى بولمىسا باشقىلار بىلەن مېنى سېلىشتۇرۇپ غەيۋېتىمنى قىلىدۇ ، بېرەر ئىش قىلاي دېسەم يېقىن دېگەن كىشىلىرىممۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدۇ،يا ئۇلاردىن يامانلىغىلى بولمىغان ھەممىسى ئوز تۇرمۇشىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە، ھەممە ئادەم ئىنتايىن شەخسىيەتچى بىلىنىدۇ ،بەزى ئادەملەرنىڭ ئىنتايىن نادانلىقىغا ھەيران قالىمەن ھەم ئۇلارنىڭ بەزى قارنىيەتلەرنىڭ ئالداام خالتىسغا چۇشۇپ كەتمەسلىكىنى چىن كوڭلۇمدىن تىلەپمۇ كېتىمەن ، يەنە بىرگەپكە ھەقىقى ئىشەندىم ،ئوتنە ئالەمكەن بۇ ، كىشىگە قىلساق ئوزىمىزگە يانىدىكەن ،21گە كىرىپ ھېس قىلغانلىرىم خېلى كوپ

  11. جاھانكەزدى 2012.10.19 , 12:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنغۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىغان لىكىن مۇھەببەت تۇتۇپ خېلى جىق ئىشلارنى ھېس قىلدىم

  12. موللاخۇن 2012.10.19 , 19:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يائاللا ،باللا ئادەمنى قورقۇتماڭلاچۇ،ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۋاتمەن ، ئۇقۇش پۈتتۈرسەم چاتاق بولغۇدەك جۇمۇ ئەمسە ! سىلەر كۆرگەن بۇ قاباھەتلىك تۇرمۇشنى كىيىنرەك ھىس قىلىش ئۈچۈن مەن بۇ يىل سىنىپ قالسام بولغۇدەك جۇمۇ ، بولمىسا ئۇدا2~3 يىل سىنىپ قالاي.ئۇنىڭغىچە مۇھەببەت جەمىيەت دىگەنلەرگە بولغان قارىشىم پىشىپ قالا:roll::roll:

  13. رادىئو ھەۋەسكارى 2012.10.19 , 23:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەكتەپتە بىر مەۋسۇم ئۆگەنگەن كەسپى دەرىسنىڭ كىتابىنى بىريىلدا قايتا ئۆگىنىپ بولالمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم …:dizzy:

  14. مەرئا 2012.10.20 , 17:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلكىم بۇلاردىن باشقا ياخشى تەسىراتلارمۇ بولغان بولغىيدى ،،، شۇلاردىنمۇ تەڭ بەھىرلەنسەك ، ئوقۇش پۇتتۇرۇشدىن قورقۇپ سىنىپ قىلىپ يۇمىسۇن بۇ باللا ،،،:razz:

  15. ئۇيغۇرباي 2012.10.20 , 22:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاپلا، ئاپلا .. بۇنىڭغا نىمە دىسەك بۇلار ؟!
    مەنمۇ مەكتىپىمنى قايتىلاپ،مۇستەھكەملەپ يەنە 2يىل ئوقىۋەتسەم بۇلامدۇ نىمە ؟!:lol:

  16. ئۇيغۇرباي 2012.10.20 , 22:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىكىن ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،
    كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ ….
    دەپتىكەن بىر ئاقىل.
    ھەي~~~~
    يەنىلا ئوقۇغۇچىلىق مەۋسۈمى گۈزەلكەن …
    كۈنلەر شۇنداقلا ئۈتەرمۇ ؟!

  17. مۇڭلان 2012.10.20 , 23:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر تالاي ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ تەھرىرلىۋەتتىم. ياش كىچىك ،شۇڭا سىزگە مانداق ئاندىن دېيىشكە سالاھىيتىم توشىمىغۇدەك ، Teddy بۇ بولماپتۇ جۇمۇ، مانداق چۈشكۈنلىشىپ ياشاپ كەتمەيلى دەيمەن.
    :evil:

  18. رىتا1028 2012.10.21 , 06:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خىزمەت بار ، ئۆي بار ، ئوقۇي دېسەك ئوقۇش بار . بىر نۇقتا بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە قاتراۋېتىپتىمىز . شۇنداق بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام 26 دىگەن سان سەت ھىڭگاراپ قاراپ تۇرۇپتۇ .
    28- سىدىن باشقا ھەممىسىنى ھېس قىلىپ يېتىپتىمەن . (غەمكىن ، يەڭگىل ناخشىنى ئاڭلاشقا ئامراق بوپ قالغان چېغىم بوپ باقماپتۇ ھاياتىمدا ) ،
    كۆزۈمنى ئېچىپلا ئاخشام ئۇخلاشتىن بۇرۇن كاللامغا تىزىۋالغان شۇ كۈنلۈك ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە مىدىراشقا باشلايدىكەنمەن ، ھەم ماشىنا ئادەمدەك ھەممىنى بېجىرىدىكەنمەن . ئىككى ھەپتىدە بىر كۈن تېلىفون ، تور دىگەنلەرنى ئىتىپ دېڭىز بويىغا سەيلىگە چىقىدىكەنمەن .
    ئەمما تۇيۇقسىزلا ئۆزەمنى بىر مەغلۇبىيەتچىدەك ھېس قىپ قالدىم . …قىسقارتىلدى .

  19. مەنگۈنۇر 2012.10.27 , 20:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتا شۇنداق ھېس قىلاتتىمكى ئۇقۇش پۈتۈرۈپلا چىقسام خىزمەت تېپىش شۇنچە ئاسان ،قايسى ئىدارىگە بارماي چۇقۇم قۇبۇل قىلنالايمەن دەيتىم بىراق ئەمىلىيەت ئۇنداق ئەمەسكەن .ئىمتاھان ئادىل بولىدۇ دەپ ئويلايتىم ئەمىلىيەت ئنداق ئەمەسكەن ھەتتاكى مەمۇرلۇق ئىمتاھانغىمۇ ھۈنەر ئىشلىتىدىكەن ئەمەسمۇ…..
    مەن بۇلارنىڭ ھەممىنى تۇلۇق بېشىمدىن ئۆتكۇزۇپتىمەن ،راسلا شۇنداق ھېس قىلدىم…بىراق مىنىڭ خىزمىتىنىڭ بېسىمۇ ئۇنچە ئېغىر ئەمەس يەسلىدەشۇنچەئەركىن ئىشلەيمەن تەتىللىك ئاراملىرىممۇياخشى

  20. ئۇدۇنبەگ 2012.10.29 , 23:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خېلى كۆپنى ھېس قىلىپتىمەن ، ھەي تۇرمۇش ھەي ھايات.

  21. ئىلنۇر 2013.02.13 , 23:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىسىلا راستقۇ،خىزمەتكە چىقىقىلى 7 ئاي بوپتۇ،مۇشۇ تۇرمۇشنى ئاللا رىسقىمنى بەرسە يەنە 7 يىل ،بەلكىم تىخىممۇ ئۇزۇن باسارمەن ،كۆنگۈم يوق،پەقەتلا….:cry:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量