ئەسلىدە بىز كونسېرۋا قۇتىلىق ئىچىملىكنى ئىچىش ئۇسۇلىدا ئىزچىل خاتالىشىپ كېلىۋېتىپتۇق، بولۇپمۇ قىزلار…
سىز ئىلگىرى سۈمۈرۈش نەيچىسى ئارقىلىق كونسېرۋا قۇتىلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ باققانمۇ؟ ناۋادا ئىچىپ باققان بولسىڭىز، چوقۇم تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن: نەيچە جايىدا تۇرماي مىدىراپ كېتىپ، ئامالسىز تىلىڭىزنى چىقىرىپ نەيچىنى ئاغزىڭىزغا سېلىشقا ئۇرۇنغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ناۋادا سىز ھازىر دەل شۇنداق ھالەتتە بولسىڭىز، دەرھال بېرىپ ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئوبدان بىر كۆزىتىپ بېقىڭ.
قۇتىنىڭ ئاچىدىغان قىسمىدىكى كىچىك تۆشۈكچىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئاۋال شۇ جاينى ئاچىمىز، ئاندىن ئاچقان قىسىمنى ئاستا بىر پىقىرىتىپ تۆشۈك بار جاينى ئىچىملىك چۈشىدىغان جايغا توغرىلايمىز، ئاندىن سۈمۈرگۈچ نەيچىنى شۇ تۆشۈكتىن كىرگۈزۈپ مۇقىمدىۋەتسەكلا چاتاق چىقمايدۇ.
بىلىشىمچە نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇنداق خاتا ئۇسۇلدا ئىچىدىغۇ دەيمەن؟ بولۇپمۇ قىزلار…
ناۋادا سىز قىزبالا بولسىڭىز، ئۇنداقتا كونسېرۋا قۇتىلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنداق سۈمۈرگۈچ نەيچە ئىشلەتكىنىڭىز ياخشى، قارىماققا باشقىلارغا شۇنداق لاتاپەتلىك تۇيغۇ بېرىشىڭىزدە گەپ يوق. ھېچ بولمىسا ئىچىملىك ئىچىش جەھەتتىن بولسىمۇ باشقا قىزلارغا قارىغاندا گۈزەل كۆرۈنسڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟!
ناۋادا سىز ئوغۇلبالا بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بېخىللىق قىلماي يېنىڭىزدىكى قىزچاققا ئىچىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويۇڭ، بەلكىم بۇ چاغدا ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىڭىز بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كېلىشكەن، تېخىمۇ قامەتلىك كۆرۈنىشىڭىز مۇمكىن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن,ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىچىملىك، تۇرمۇش، قىزلار، گۈزەل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,816 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: correct-way-to-drink-canned-drinks.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تارىختا ھەقىقى يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئاجايىپ بىمەنە ئۇرۇشلار، راسلا ئاجايىپ بىمەنە
- كېيىنكى يازما > Facebook ۋە بىر مىليارد ئابونت | بۇ غايەت زور سانلىق مەلۇمات زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
ئەسلى بۇنداق پايدىلندىكەندە
توۋا خۇدايىم، ماندا ئىشمۇ با دەيلى
دېمەك ئەمدى تىلىمىزنى ئىككى غىرىچ چىقىرىپ ئىچىملىك ئىچىدىغان ۋاقىت كەلمەسكە كەتتىما؟مانىڭدەك قىلىپ
بۇپقالدىغان ئۇسۇلكەن بۇ.
راستىنى دېسەم ، بۇرۇن مەنمۇ مۇشۇنداق ئاغزىمغا كىرگۈزەلمەي قاپتىكەنمەن
تورخۇماردا كۆرگەن ئەڭ غەلىتە يازما!
لېكىن يامان يېرى بۇ خىل ئىچىملىكنى سېتىۋالساقمۇ نەيچىنى قوشۇپ بەرمەيدۇ دە… مانى ئۆگىنىۋالدىم. ئەڭ ئاخىرقى ئۇسۇلدا دېيىلگىنى بويىچە «باشقىلار»غا ئۆگىتىپ قوياي.
ھىچ بولمىغاندا ئۇستىگە نەيچىنى تىقىپ تىگىنى قىلىپ ئىچمەس ئىچىملىكنى … كىملەنىڭ خاتا ئىچىش ئۇسۋلى ئۇ
بويتاقلىقتىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلىدىن بىرى كۆپىيىپتۇ مانا .