تارىختا ھەقىقى يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئاجايىپ بىمەنە ئۇرۇشلار، راسلا ئاجايىپ بىمەنە
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ. شۇ سەۋەب ئادىمىزات يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلگەندىن بۇيان زىمىندا ئۇرۇش ئوتى توختاپ باقمىدى. ئۇرۇش رەھىمسىز، شۇڭا مەيلى بىز بۇ ئۇرۇشقا قانچە مۇھتاجمىزكى يەنىلا كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولمايدۇ. پەقەت كىيىنكىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دائىم بىر قىسىم مەرت يىگىتلەر چىقىپ ئىسسىق قېنىنى شۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تۆكىدۇ. ئەمما يەنە شۇنداق بىر قىسىم بىمەنە ئۇرۇشلارمۇ بولغانكى، ئەيۇھەنناس بۇ ئۇرۇشلاردا قۇربان بولغانلارنىڭ جىنىغا ۋاي. تۆۋەندە تارختا يۈز بەرگەن بىر قىسىم بىمەنە ئۇرۇشلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
1. ئەڭ قىسقا ئۇرۇش : ئەنگلىيە- زانزىبار ئوتتۇرسىدىكى 1896 يىلدىكى ئۇرۇش
1896- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئەنگلىيە بىلەن شەرىقى ئافرىقا ئارال مەملىكىتى زانزىبار (ھازىر تانزانىيەگە قاراشلىق ئاپتونوم رايۇن) ئوتتۇرسىدا قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش پارتلىدى. ئۇرۇش ئومۇمى ۋاقتى 40 مىنۇت. تاكى ئەتتىگەن سائەت توققۇر بىلەن ئون ئارلىقىدا يۇز بەرگەن بۇ ئۇرۇش ئاخىرى زانزىبارنىڭ تەسلىم بولىشى يەنى ئەنگىلىيەنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.
2. بىر چوشقا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇش : ئامېرىكا-ئەنگلىيە 1859- يىل
ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا (ئۇ چاغلاردا كانادا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى) ئوتتۇرسىدا شىمالى ئامېرىكىنىڭ شەرىقى دېڭىز قىرغىقىدىكى «سان خوئان» دەپ ئاتىلىدىغان ئارالنى تالىشپ پارتلىغان بۇ ئۇرۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تولىمۇ بىمەنە. ئەينى چاغدا بىر ئامېرىكىلىق دېھقان مەزكۇر ئارالغا چىقىپ، بۇ ئارالنىڭ ئۆز مۈلۈكى ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ ۋە باقمىچىلىق مەيدانىدىكى بىر چوشقىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ. مەسىلىنىڭ قىزىق نۇقتىسى شۇ يەردىكى ئەينى چاغدا بۇ چوشقىنىڭ ئىگىسى بىر ئېرلاندىيەلىك ئىكەن. ئېرلاندىيە ئۇ زامانلاردا ئەنگىلىيەنىڭ تەۋەلىكىدە بولغاچ بۇ چوشقا سەۋەب ئىككى دۆلەت ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. لېكىن رەسمى يۇسۇندا قانلىق جەڭ قىلماي كېلىشىم بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ ئۇرۇشتا بىردىنبىر زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ھېلىقى بىتەلەي چوشقا بولىدۇ خالاس.
3. تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش : 335 يىللىق جەڭ
توقۇنۇشتىكى ئىككى تەرەپ بولسا گوللاندىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى كىچىك ئارال Scily بولۇپ 1651يىلى ئۇرۇش ئېلان قىلىنغان، تاكى 335 يىلدىن كىيىنكى 1986- يىلىغا كەلگەندىلا «تىنچلىق كىلىشىمى» ئىمزالانغان. بۇ ئۇزۇن جەڭدە بىر پاي ئوق ياكى زەمبىرەك ئېتىلمىغان. ئۆلۈش يارلىنىش نىسپىتى 0 . ھەتتا «ئەڭ ئىناق ئۇرۇش» دېگەن ناممۇ ئالغان. ئەمما بۇ ئۇرۇش سەۋەبىنىڭ ئەنگلىيە ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار.
4. كۈندىزى ئۇرۇشۇپ كېچىسى بىرگە تاماشا قىلىدىغان ئۇرۇش : مولدوۋا ئىچكى ئۇرۇشى
سوۋىتلەر ئىتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، كونا ئىتىپاق ئەزاسى بولغان مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. غەرب تەسىر دائىرىسىدىكىلەر بىلەن روسسىيە تەسىر دائىرىسىدىكى ئوخشاش بىر قەۋىملەر ئارىسىدا كۈندۈزى غوۋغا جېڭى بولسا كىچىسى قۇراللىرىنى تاشلاپ قاۋاقخانىلاردا جەم بولۇپ ئۆز دۈشمەنلىرى بىلەن قەدەھ سوقۇشتۇراتتى. تاڭ ئىتىشى بىلەن ھەممە ئۆز تەۋەلىكىگە قايتىپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇراتتى. ھەتتا بۇ جەرياندا روسلار بىر جۇمھۇرىيەت قۇرغان بولۇپ ئىسمى «دىنېستىر دەريا ياقىسى مولداۋا جۇمھىرىيىتى» ئىدى. لېكىن تا ھازىرغىچە بۇ دۆلەتنى ھېچكىم ئېتىراپ قىلمىدى.
5. ھايۋاناتلار تەرىپىدىن مەغلۇب بولغان جەڭ : ئاۋىستىرالىيىلىكلەر بىلەن تۆگىقۇشىنىڭ ئۇرىشى
1932-يىلى ، ئاۋسترالىيە ئاھالىلىرى رايۇندىكى تۆگىقۇش سانىنىڭ بەك كۆپلىكىدىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ ۋە ئاشلىق ھەم سۇدىن قىسىپ كۆپۈيۈشنى تىزگىنلەشكە ئۇرىنىدۇ. شۇنچە قىپمۇ تىزگىنلىيەلمەي ئاخىرى ھەربى تەرەپ بۇ ئىشقا ئارلىشىدۇ ھەمدە ئىككى يۈرۈش پىلىموت ۋە 10 مىڭ تال ئوق دورا بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەسكەرلەر شىددەت بىلەن بۇ ياۋايى ھايۋانلار توپىغا قارىتىپ ئوق ياغدۇرىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى سائەتلىك سۈرئىتى 50 كىلومېتىرغا يىتىدىغان بۇ جانىۋارلار شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن ئوقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بىر ھەپتە داۋاملاشقان بۇ جەڭدە پەقەت نەچچە تال تۆگىقۇش ئۆلىدۇ. ئەمما ھەربى تەرەپ تەمىنلىگەن ئوق دورا پاكىز تۈگەيدۇ. بۇنداق زىيانغا چىدىمىغان كوماندېر ئاخىرى چىدىماي بۇ قېتىملىق جەڭنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. مانا بۇ بارچە دۇنياغا پاتماي قېلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان ئۇرۇشلىرىنىڭ بىرىدۇر.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، ئۇرۇش، بىمەنە، تارىخ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,932 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: history-strange-war.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىز توردىن ھەقسىز كۆرىۋاتقان ئەشۇ سەنئەت كىچىلىكلىرىنىڭ قانداق روياپقا چىقىدىغانلىقىنى تەسسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟
- كېيىنكى يازما > ئەسلىدە بىز كونسېرۋا قۇتىلىق ئىچىملىكنى ئىچىش ئۇسۇلىدا ئىزچىل خاتالىشىپ كېلىۋېتىپتۇق، بولۇپمۇ قىزلار…
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
- كىنو سەۋىيەسىدە ئىشلەنگەن فىلىم – 金刚狼 VS 铁血战士
- پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى – يېڭىسى چوقۇم كونىسىدىن ياخشى بولۇشى ناتايىن
- دۇنيادىكى مۇستەبىتلەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى رەسىملىرى
- پورتىگالىيەلىك سەنئەتكار Budapest-based نىڭ ئاجايىپ گۈزەل قېرىنداش ئويمىلىرى
- تولا غەۋغا قىلمىسۇن، بولكاڭنىمۇ چانايمەن! يېمەكلىكلەرنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى كۆرۈپ باقىلى
ئەڭ ئاستىدىكىنى كىنو قىلىپ ئىشلىسە بولامدۇ نېمە، كومىدىيىلىك كىنو قىلىپ
ئاۋۇ كۈندۈزى ئۇرۇشۇپ كەچتە بىللە ئوينايدىغان باللانىڭ ئىشى قىززىق ،كۈندۈزى قىلغىلى ئىش يوق ئۆز كۆڭلىدە ھەربىي-دۈشمەن ئوينىغان چېغى ئۇ
ما ئىنكاسقا ئەجەپ كۈلۈپتىمەن. رەھمەت.
توۋا ! ما خەقلەرنىڭ ئىشىنى…….. قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك…….. ئۇرۇش قىلسا يا كۆڭلى يايراپ كىتەمدىكى……………..
ھەممىسى بەك قىزىقكەن . ئۇرۇشمۇ ماندا كومىدىيىلىك بولىدىكەن دېسە .
بىر چوشقا ئۇچۇن ئىككى چوڭ دۆلەت ئۇرۇش ئېلان قىلشىپتۇ
3- سىنى ئۇرۇش دىگىلىمۇ بولمايدىكەن . ئۇرۇش دىگەندە ئۆلۈش يارلىنىش بولمامدۇ .