سىز توردىن ھەقسىز كۆرىۋاتقان ئەشۇ سەنئەت كىچىلىكلىرىنىڭ قانداق روياپقا چىقىدىغانلىقىنى تەسسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟
كېچىلىك قىلىشنىڭ تەرتىپلىرى دىگەن بۇ بىر كەسپى سۆز بولسىمۇ لىكىن نۇرغۇنلىغان دوسىتلرىمىز ھازىرغىچە كۆپ كېچىلىكلەرنى بىۋاستە ياكى تېلېۋۇزۇردا ياكى بولمىسا پىلاستىنكا ئارقىلىق كۆرگەن . ئەمما ئۇنىڭ قانداق تەرتىپ بىلەن ماڭىدىغانلىغىنى تەپسىلى بىلىدىغانلار ئاز شۇڭا مەن بۇ ھەقتە تولۇق بىر نەرسە يىزىپ باقاي دەپ ئويلىدۇم . بۇ تىمىنىڭ ئەھميىتى پەقەت چۈشەنمىگەنلەرگە بىر كېچىلىكنىڭ قانداق مەيدانغا چىقىدىغانلىغىنى ۋە ئارقا كۆرۇنۇشتىكى جاپا مۇشاقەتلەرنىڭ جەريانىنى تونۇشتۇرغۇم كىلىپ يىزىپ قالدىم .
1 : بىر كېچىلىك ئادەتتە بىر چولپاننىڭ يۈز ئابرۇيى ئارقىلىق مەيدانغا كىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى جەم قىلىش ئارقىلىق غەلبىلىك بىر مەيدان ئويۇننى مەيدانغا چىقىرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . كېچىلىكنىڭ بىشىدا مەبلەغ سالغۇچى بىلەن چولپان ئىككى قىر بۇلۇپ مەسلىھەت قىلىشىدۇ . پۈتۈن ئىشنى دىيشىپ بولغاندىن كىين مەبلەغ سالغۇچىمۇ قوللايدىغان . ئارتىسمۇ ياخشى كۈرىدىغان رېجسۇر بىلەن كۈرۈشۈپ ئۇنى تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ كېچىلىكنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى پىلانلىرىنى مەسلىھەتلىشىدۇ . رېجسۇر كېچىلىكتە قانداق نۇمۇر ۋە نەچچە ناخشا نەچچە ئۇسۇل . نەچچە ئىتوت قويۇلسا مۇۋاپىق بۇلىدىغانلىغىنى ۋە يەنە كىملەر باش پىرسۇناجغا يانداشسا بۇلىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . بۇ يەردىكى ھوقۇق چولپاندا ئەمەس بەلكى مەبلەغ سالغۇچىدا بۇلۇپ قايسى چولپاننى تەكلىپ قىلىش ئۇنىڭ ئىلكىدە بۇلىدۇ . چۈنكى ئۇ سالغان مەبلەغنى قايتۇرىۋىلىشى كىرەك . بۇنىڭدا ئىككى يول بار بىرى كېچىلىكنىڭ بىلىتىنى سىتىپ چىقىرىش . يەنە بىرى پىلاستىنكا . ھازىر پىلاستىنكا ئۆلدى . قوڭغۇراقمۇ ئۆلدى . شۇڭا بىلەتنى سېتىش ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بۇلۇپ قالدى . شۇڭلاشقا مەبلەغ سالغۇچى ئالدى بىلەن خىرىدارلىق ناخشىچىلارنى ۋە ئابرۇيلۇق ئىتۇت ئارتسلىرىنى تەكلىپ قىلىدۇ . بىراق ھەممە ئادەم بىكاردەك كۈرۈنگەن بىلەن بىر ئادەم بىر ئىشقا تەكلىپ قىلسا ئۇلار شۇ ھامان ئالدىراش بۇلۇپ كىتىدۇ شۇ ئارقىلىق ئۈزىنىڭ كېچىلىككە قاتنشىش باھاسىنى كۈتۈرىدۇ ياكى بەزىلەرنىڭ راستىنلا ئىشى چىقىپ قىلىپ قاتنىشالمايدىغانلىغىنى ئىيتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن باشتىكى پىلان ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ . (تېلېۋىزىيە ئىستانسسى بىلەن سەنئەت ئۈمەكلىرىنىڭ ئىشىلىرى باشتىكى پىلان بىلەن ماڭىدۇ ، مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شەخىسى كېچىلىكلەر ) شۇنىڭ بىلەن چولپان ۋە مەبلەغ سالغۇچى يەنىلا ئىپتىدائىي مۇناسىۋەت شەكىلىنى ئىشقا سىلىپ چىققىلى ئۇنىمىغان ياكى باھانى يۇقۇرى قويىۋالغان چولپانلارنىڭ يىقىنلىرىغا يول مىڭىپ ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرشىپ باقىدۇ . بۇ ئۇسۇلنىڭ بەزىسى ئاقىدۇ بەزىسى ئاقمايدۇ . بۇ جەرياندا نۇمۇرلار ئېنىق بولمايدۇ . ئارتىسلار ئېنىق بولمايدۇ . لىكىن باش پىرسۇناج ئۈزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋىرىدۇ . ئاتەم بولمىسا پەتەم . مۇسا بولمىسا ئەيسا بۇلۇپ ئاخىرى ئىشلار ئويلىغاندەك بولمسىمۇ لىكىن بىر كېچىلىك دىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىدۇ .
2- مەبلەغ سالغۇچى ئارتىسلار بىلەن دىيشىپ بولغاندىن كىين ئويۇن قويماقچى بولغان تىياتىر زالىنى دىيشىپ پۇلىنى تاپشۇرغاندىن كىين ئويۇن قويىدىغان كۈننى بىكىتىدۇ . ئاندىن زال بىلەن تۈزگەن توختامنى قولغا ئالغاندىن كىين ئاندىن شىركەتلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن ئارتىسلار بىلەن رەسمى دىيشىدىغان قەدەمگە كىلىدۇ .
3- ئارتىسلار غىڭشىپ يۈرۈپ . ئۈزى دىگەن پۇلنى ئالغاندىن كىين ئاندىن ئەسەر تاللاش ۋە ئۈزىنىڭ تەييار ئەسەرلىرىنى سۈنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچى بىرەر ئويۇن قويۇش ئىدارىسىغا بۇ ئىشنى دىيشىپ شۇلارنىڭ نامىدا ئويۇن قويماقچى ئىكەنلىگىنى ئىيتىدۇ . ئاندىن ھەر بىر ئارتىس بىر پارچىدىن بىر سۇڭلۇق رەسىم بىلەن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى بىرىدۇ . بۇ يەردىكى ئۈچ ئىش يەنى ئورۇنلىماقچى بولغان نۇمۇر . رەسىم . سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈپەيتىلگەن نۇسقىسى ھەل بولغاندىن كىين ئويۇن قويۇش شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىغا ئاپىرىپ بازار باشقۇرۇش بۈلۈمىگە تاپشۇرىدۇ . ئۇلار بۇنى كۆرگەندىن كىين ئارتىسنىڭ سىياسى قىياپىتى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلغاندىن كىين ئاندىن ھەر بىر ئارتىسنىڭ مۇشۇ ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدىغان ئىمزاسى بۇلۇشى كىرەك . ئۇنىڭدىن كىين ماتىرىيال ئويۇن قويىدىغان ئورۇننى باشقۇرىدىغان ئاھالە كومىتتىغا يوللىنىدۇ . بۇ ئىشقا مەسئۇل ساقچى ئۇنى تىزىملىغاندىن كىين تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا يوللايدۇ . ئۇلار ئوت ئۆچۈرۈشتىن ئۆتكەن زال دىگەندەك بىر تالاي ماتىرىياللارغا قول قويۇپ تامغا باسىدۇ . بۇ تامغىنى قولغا ئالغاندىن كىين ئارتىسلارنى مەن بۇ ئويۇنغا ئۈزۈمنىڭ ئىختيارى بىلەن قاتناشتىم دىگەنلىك ھەققىدە يەنە بىر تال ئىمزا قەغىزىگە قول قويغاندىن كىين شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى بۇ ماتىرىيالنى مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ بازار باشقۇرۇش بۈلۈمىگە يوللايدۇ . ئۇلار ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن ھەر بىر نۇمۇرنى كۈرۈپ تاللاپ . بەزى نۇمۇرلارنى چىقىرىۋىتىدۇ . بەزىسىنى قىسقارتىدۇ . بەزى نۇمۇرنى كېسىپ تاشلايدۇ . ئارقىدىن يەنە مەدەنىيەت ئىدارىسىغا بارغاندىن كىين ئۇنى شەھەرلىك تەشۋىقات ئىدارىسىغا ئىلىپ بارىدۇ . تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى ھەممىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىين ئاندىن تەستىق سالىدۇ . شۇنى بىلەن ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرى بازارغا چىقىدۇ . بىراق بەزى ئارتىسلار باشتا ماقۇل دەپ كىيىن يىنىۋالىدىغان ئىشلار نۇرغۇن بولغاچقا بەزىدە تەشۋىقات ۋاراقىسىغا چىققانلار يوق بۇلۇپ يوقلىرى بار بۇلۇپ قالىدۇ . بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبى بار بۇلۇپ بەزىلەرگە خوشياقمايدۇ . بەزىلەرگە ئەسەر يارىمايدۇ . بەزىلەر ئاغىرىپ قالىدۇ . بەزىلەرنىڭ ئۈيىدە ئۈلۈملۈك بۇلۇپ قالىدۇ . نىمە بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ئويۇن ئاخىرى قويۇلىدۇ . لىكىن ھەر قانداق ئويۇن باشتىكى پىلان بويىچە مۇكەممەل بولمايدۇ . ئەگەر دىگەندەك ۋە ئويلىغاندەك بۇلىدىغان بولسا ئېسىل ئىش بۇلاتتى لىكىن تۈرلۈك توسالغۇ . كىلىشمەسلىكلەرنىڭ دەستىدىن بىر مەيدان ئويۇننى پەقەتلا كۈڭۈلدىكىدەك قىلغىلى بولمايدۇ .
4- ئىشلار ئاساسەن پۈتۈپ بولغاندىن كىين ئاندىن تەشۋىقات ئىشلىرىنى تۇتۇش كىرەك . رادىئو . تېلېۋىزىيە ئىلانى . چوڭ ئىلان تاختا . كىچىك ئىلان تاختا ئىشلەش لاھىيلەش . بىلەتنى لاھىيلەش بىسىش دىگەندەك ئىشلارغا ئاز دىگەندە 20 كۈن ۋاقىت كىتىدۇ .
5- ئاندىن زالنىڭ دىكراتسىيەسىنى ئىشلەيدىغانلارغا ئۇنى تاپشۇرۇش كىرەك . بۇنىڭغىمۇ ئاز دىگەندە 10 كۈن ۋاقىت كىتىدۇ .
ئەمدى بىز ئاسانلا تۈگەيدىغاندەك تۇيۇلىدىغان بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلى كىتىدىغان ۋاختىنى ھىساپلاپ چىقايلى .
ئەسەر تىپىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 15 كۈن ۋاقىت كىتىدۇ . يازغۇچى شائىرلار بىلەن كۈرشۇش كىرەك . ئىتوت يازدىغانلار بىلەن دىيشىش كىرەك . ئارتىسلار ۋە رىياسەتچىلەر بىلەن كىلىشىپ ، ماقۇل دىيشىپ بولغىچە ئاز دىگەندە 15 كۈن كىتىدۇ . ئاندىن ھەر بىرسىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ۋە بىر پارچە رەسىمىنى ئىلىش ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت كىتىدۇ . چۈنكى چولپانلار داۋاملىق ئۈرۈمچىدە بولمايدۇ . بىر ئىشلار بىلەن سىرىتقا چىقىپ كىتىدۇ . شۇڭا ئۇلارنى ساقلاش كىرەك . مەھەللە كومىتتىنىڭ تىزىملىشىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن . ساقچىخاننىڭ تامغا بېىسىپ قول قويۇشى ئۈچۈن نەچچە كۈن كىتىدۇ بەزىسىگە بىر ھەپتە كىتىدۇ . ئەسەرلەرنى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى تەكشۇرۇش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 15 كۈن كىتىدۇ . مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەستىقىنى ئىلىش ئۈچۈن 15 كۈن كىتىدۇ . ئارقىدىن تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ تەكشۇرۇپ تامغا بىسشى ئۈچۈن يەنە 15 كۈن كىتىدۇ . شۇنداق قىلىپ مەبلەغ سالغۇچى ئىككى ئاي ۋاقىت ساقلاش ئارقىلىق نۇرغۇن قېتىم كېچىلىكنى قىلمايدىغان بۇلۇپ يىنىۋىلىشقا ئاز قىلىپ . كېچىلىك قىلىمەن دىگەن ئادەم جىنىغا نەچچە قېتىم تويۇپ ئۇف دىگىدەك ھالى قالمىغان كۈنى ئويۇن قويۇپ تالانىتنى خەلىققە كۈرسىتىدۇ .
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئارتىس، سەنئەت، كونسېرت، كېچىلىك
- يازمــا مەنبەســى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,044 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: uyghur-concert.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۈندە قايسى ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى زىيارەت قىلىسىز ؟ تورخۇماردا بۇ ھەقتە ئورتاقلىشىپ باقمامدۇق؟!
- كېيىنكى يازما > تارىختا ھەقىقى يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئاجايىپ بىمەنە ئۇرۇشلار، راسلا ئاجايىپ بىمەنە
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- 2015-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 87-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- 2014-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 86-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
ئىزدىنىشتىكى يازما
نە بۇ ؟ھە تۆرگە چىقىپ قاپتىمەن ھە!!
مۇشۇنداق بولغىنىمۇ بولغىنى!بولمىسا كېچىلىك جىقلاپ كېتىپ،پاخاللىشىپ كېتىدۇ!
مۇشۇنداق ئەھۋالد چوقۇم ئوتتۇرلۇقتا پارا دېگەن باپكانىڭ موكىسىدەك ئۆتۈپ تۇرىدۇ دېگەن گەپ. بۇنداق بولۇپ كەتسە مەبلەغ سالغۇچى پلاستىنكىسىز، كېچىلىكنىڭ كىرىمى بىلەنلا پايدا ئېلىشى مۇمكىنمۇ؟ ساخاۋەتچىدىن پەرقى قالمىغان بولمامدۇ ئۇنداق بولۇپ كەتسە
ئىشقىلىپ ھازىر بىر ئىش بېجىرمەك تەس بوپ كەتتى !
نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش باركىنتاڭ ……….. ؟ بولمىسا ھەممىلا ئادەم ئارتىس بولۇپ كەتمەمدۇ……….
«…نۇرغۇن قېتىم كېچىلىكنى قىلمايدىغان بۇلۇپ يىنىۋىلىشقا ئاز قىلىپ . كېچىلىك قىلىمەن دىگەن ئادەم جىنىغا نەچچە قېتىم تويۇپ ئۇف دىگىدەك ھالى قالمىغان كۈنى ئويۇن قويۇپ تالانىتنى خەلىققە كۈرسىتىدۇ .»
مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ پلاستىنكىنىڭ ئەسلى نەشىرىنى سېتىۋېلىپ كۆرسەك بولغۇدەك ھە!
ئۇف ئەجەپ ھىرىپ كەتتىم ،،،،،،،