پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى – يېڭىسى چوقۇم كونىسىدىن ياخشى بولۇشى ناتايىن
پۇتبول ئويۇنلىرى دېسە ھەممىمىزنىڭ كاللىسىغا KONAMI شىركىتىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى – winning eleven(خەنچە ئىسمى 实况足球) كېلىشى ئېنىق. ئىلگىرى تورخۇماردا دۇنياغا مەشھۇر پۇتبول ئويۇنى WE نىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق.
ئەلۋەتتە، WE چىقىشتىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن نادىر پۇتبول ئويۇنلىرى بارلىققا كەلگەن. بۇ پۇتبول ئويۇنلىرى بۈگۈنگە قەدەر پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەرگىزمۇ يېڭى ئەۋلاد ئويۇن ئالدىنقى ئەۋلادقا قارىغاندا چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەڭ ئاددىيسى، 实况足球8 نىڭ پۇتبول ئويۇنى مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئىگىلىگەن ئورنىنى ئىگىلەش ھەقىقەتەن تەس.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، تارىخنىڭ يېڭىلىنىشى توسۇپ قالماق تەس، ئەمما بۇ يول ھەقىقەتەن ئەگرى-توقايلىققا تولغان. بىر مۇنەۋۋەر ئەسەر ھەرگىزمۇ چوقۇم ئالدىنقى ئەۋلاد ئاساسىدا بارلىققا كېلىشى ناتايىن، يەنە ئازدۇر-كۆپتۇر بىر قىسىم تاساددىپىي ئېلىمېنتلارنى ۋە ئويۇننىڭ ئەسلى گېنىنى ساقلاپ قالغان بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، پۇتبول، تارىخ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,384 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: soccer-game-history.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مۇردىلار تېمىسىدىكى يەنە بىر نادىر ئويۇن – بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس : ۋەھىينامە
- كېيىنكى يازما > يەنە ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 2-سىنى ئوينىمامدۇق؟
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- مېسسى يېڭى يىلدا ياپونغا بېرىپ بىر تۈرلۈك رېكورد تاماملىۋېتىپ كەپتۇمىش
مەن پۇتبول ئويناشنى 14:00 مىنۇتلۇق يېرىدىن باشلىغانىكەنمەن…….
4_ئەۋلاد ئويۇن سۇپىلىرىغا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ياخشى قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن پۇتبول ئويۇنى بىر قېلىپتا توختاپ قالغىلى خېلى بولۇپ قالدى. ئەمدى ياخشىسىغا كۈچىمىسە بولمايدۇ..
كچىك چىغىمىزدا شۇنداق ئويۇنلارنى نىمداق پىچەت،نىمداق پەيزە دەپ ئويناپ كىتەتتۇق،بولۇپمۇ موگۇ،خوندۇلۇلارنى ئەمما ھازىر ئويۇنلار بەك تەرەققىي قىلدى دە….
实况足球8 نى تاشلىيالمايۋاتىمەن ، ئىشخانىدىكى بىر بۇرادەر بىلەن تۇتىشىپ قويىمىز بەزىدە ھەتتا خىزمەت ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاۋازسىز تەڭشەپ ئويناپ كېتىمىز…
مەكتەپنى ئەسلىتىپ قويدىيا ما ئۇيان ، پات-پات ئاغىنەم بىلەن تۇتىشىپ قۇيىدىغان ، يول قويسىمۇ نۆلدە قېلىۋىرىپ خەپ دەپ چىشىمنى چىشلەپ خېلى تەتقىق قىغان بۇنى ، 2012دە ئىككى كۇماندىنى مۇسابىقىگە سېپ قۇيۇپ كۈرىدىغان يىرى باغۇ ، ئالدى بىلەن 15مىنۇتلۇق مۇسابىقىنى مىقتەك ئولتۇرۇپ كۈرۈتىم ، كۈرۈپ بۇلاپلا ئاجىز كۇماندىدىن بىرەنى تېپىپ بۇزەك قىپ ئوينايتىم ،مۇشۇنداق ھەپلىشىپ بىرە ئايلادىن كىيىن قىيىنلىق دەرىجىسى خېلى يۇقىرى بوسىمۇ پوش دىمەي ئۇتىدىغان بوغان ، ھەممىدىن قىززىقى ھېلىقى ئاغىنەم بىلەن ئويناپ 4:2ئۇتۇپ قويسام يامان سەت ھەيران قاغان ئۇ ، ھەقىقەتەن پۇخادىن چىققانتىم
پو ئاتتى دەپ قالماڭلار باللا، كۇلۇبلار بىلەن پەسىللىك مۇسابىقىلەردە باشقىلار قىيىنلىق دەرىجىسىنى بەش يۇلتۇز قىلىپ ئوينىسا مەن ئالتە يۇلتۇز چىقىرۋېلىپ ئوينايتتىم.
ھەر بىر ئويۇن شىركەىتلىرىنىڭ تەرەققياتى ئوخشۇمايدىكەن،
مەنمۇ 6يىلدىن بىرى 8 实况足球 نى ئويناپ كەۋاتىمە .،ھەر يىلى يېڭى چىققانلىرنى ئويناپ قىلساممۇ يەنىلا ئوينىغۇم كەلمەي 8دىن مىھرىمنى ئۈزەلمەيۋاتىمە .،.
ئەمما 实况足球8غا يېتىدىغىنى يوقتە ھە يەتتە يىلچە بوپ قاپتۇ ئوينىغىلى! يېڭىلىرىدىنمۇ شۇ ئېسىلدەكلا!!1
ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلىتىپ قويدى ما سىن. يەنىلا شۇ 实况足球8غا يىتىدىغان پۇتبۇل ئويۇنى يوقتەكلا قىلىدۇ. ئويۇن موتۇرىدا بەزىبىر خاتالىقلار بولسىمۇ، بۇ ئويۇن ئوينىغۇچىلارغا نىسبەتەن باشقىچە بىر ھوزۇر ئىلىپ كىلىدۇ، تورخۇمار ئەپەندىنىڭ سايىسىدە windows7گە ئوڭۇشلۇق كۆچىۋالغان بوساممۇ، يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ ئويناپ قويىمەن بۇ ئويۇننى