دۇنياغا مەشھۇر پۇتبول ئويۇنى WE نىڭ تەرەققىيات تارىخى
ھازىرغىچە بىزگە تونۇشلۇق بولغان چوڭ تىپتىكى پۇتبول ئويۇنى بولسا بىرسى ئامېرىكا EA شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان FIFAيۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنى ،يەنە بىرسى بولسا ياپونىيە KONAMI شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان winning eleven(غەلبە 11ئادەم ) يەنى ھەممىمىزنىڭ ئېغىزىغا بىرلا كېلىدىغان 实况足球 يۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنى.
بۈگۈنكى يازمىمىزدا ياپونىيە KONAMIشىركىتى ئىشلەپ چىقارغان winning eleven(غەلبە 11ئادەم ) پۇتبول ئويۇنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەرەققى قىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە بايان سۆزلىنىدۇ.
1994-يىلى ۋە 1995-يىلى KONAMI شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى KCEO ئۆزىنىڭ ئويۇن سۇپىسىدا 2 يۈرۈش پۇتبول ئويۇنىنى ئېلان قىلدى.ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا (مۇكەممەل 11ئادەم) Perfect Eleven ۋە (غەيرەت قىل 11ئادەم) Fighting Eleven دەپ ناملاندى قىسقارتىپ PE ۋە FE دەپ ئاتالدى.مۇشۇ ئىككى يۈرۈش پۇتبول ئويۇنىدىن كېيىن، پۇتبۇل ئويۇنى تارىخىدا يېڭى بىر بەت ئېچىلدى.
ھازىر بىز بۇ 2يۈرۈش تۇنجى ئەۋلات پۇتبول ئويۇنىنىڭ سۈرەت كۆرىنىشى ۋە ئىشلەش سەۋىيىسىگە قارىساق، ھەقىقەتەن بەكلا ئاددى، قوپال كۆرىنىدۇ.ئەمما دەل مۇشۇ 2 يۈرۈش پۇتبۇل ئويۇنى KONAMI شىركىتىنىڭ پۇتبول ئويۇنى تارىخىنى باشلىغان ۋە شىركەتنىڭ كەلگۈسنى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
(مۇكەممەل 11ئادەم) Perfect Eleven بولسا KCEO تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئۆزىگە خاس بولغان نەق مەيدان كۆرىنىش، توپ كىرگەندىن كېيىنكى ئاستا كۆرۈنۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەينى چاغدىكى پۇتبول ئويۇنلىرى ئىچىدە ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان. بۇندىن بۇرۇنقى پۇتبول ئويۇنلىرى بولسا ئەمىلىيەتكە ماسلاشمىغان تولىمۇ فانتازىيىلىك، ياكى بەكمۇ مۇبالىغە قىلىۋىتىلگەن كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى ئويۇن بولۇپ، ھەقىقى ئەمىلىيەتكە ئوخشاش 11 ئادەم، رەسمى پۇتبول مەيدانىدا ئوينايدىغان ئويۇنلار يوق ئىدى.(مۇكەممەل 11ئادەم) Perfect Eleven ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ،گەرچە ئەينى چاغدىكى تېخنىكا چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن يەنى پەقەت SFCئويۇن سۇپىسىلا بار (SFCدېگىنىمىز ،ھەممىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدا تېلىۋىزورغا چېتىپ قويۇپ موگو ،خۇندولو ئوينايدىغان ئويۇن ماشىنىسىنى كۆرسىتىدۇ).شۇنداق بولسىمۇ ئىشلىگۈچى خادىملار ساختا 3D تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 45گىرادۇسلۇق يانتۇ كۆرىنىشنى ئاساسلىق قىلىپ تۇرۇپ مەيداننىڭ كەڭلىگى، ئېگىزلىكى قاتارلىق ئامىللارنى ياخشى ئىپادىلەپ چىققان. پۇتبۇلچىلارنى گەرچە تۇتۇق قوپال ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەيدان بىلەن بولغان سېلىشتۇرما نىسبىتى قاتارلىقلاردا خېلىلا ياخشى قىلغان. مەيداندا توپچىلارنىڭ يۈگرىش ھالىتى، ئۇنىڭغا ماس كۆلەڭگە قاتارلىق تېخنىكىلار ئاشۇ دەۋىردە ئىلغار تېخنىكا ھېسابلىناتتى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرىكى شۇكى تۇنجى ئەۋلات پۇتبۇل ئويۇنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان كىچىك خەرىتە يەنى توپچىلارنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كىچىك مەيدان كۆرىنىشى تا ھازىرغىچە KONAMI شىركىتى تەرىپىدىن ئىزچىل ۋاز كەچمەي ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يۈرۈش پۇتبۇل ئويۇنىنىڭ ئۇتۇققا قازىنىشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئامىلى بولسا ئۇ پۇتبۇل ئويۇنى تارىخىدا تۇنجى قېتىم رەسمى چۈشەندۈرۈش ئاۋازى قوشۇلغان پۇتبول ئويۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. توپ كىرگەن ۋاقىتتا چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئۇزاقتىن ئۇزاققا GOAL دەپ توۋلىشى، ئويۇن مەستانىلىرىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھازىرغىچە جاراڭلايدۇ. مۇكەممەل بولغان چۈشەندۈرۈش سېستىمىسى KONAMI نىڭ تا ھازىرغىچە قوللنىپ كېلىۋاتقان ھەم كوزۇر ھېسابلايدىغان تېخنىكىسى.
(مۇكەممەل 11ئادەم) Perfect Eleven ئېلان قىلىنىپ، كىشلەرنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بازاردا ئۆزىگە چوڭقۇر ئاساس سالغاندىن كېيىن KONAMI شىركىتى تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ (غەيرەت قىل 11ئادەم) Fighting Eleven نى ئېلان قىلدى. بۇ ئەۋلاد ئويۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئالدىنقى يۈرۈش ئويۇندىكى بىر كوماندىدىكى ئادەم سانىنى 14 تىن ھازىرقى 22ئادەمگە كۆپەيتكەن. ھەمدە چولپان توپچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخمۇ گەۋدىلەندۈرگەن. مەسىلەن ،چېچىنى بوغۇۋالغان باگگىئو قاتارلىق…مەشغۇلات جەھەتتە بولسا، يېڭىدىن توپنى تارتىش، جىددى بۇرۇلۇش، تېز يۈگرەش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار قوشۇلۇپ پۇتبۇل ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقى گۈزەللىكىنى نامايەن قىلدى. بۇ يۈرۈش ئويۇندا يەنى بىر ئالاھىدىلىك بولسا كۇلۇپلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى تۈرى قوشۇلدى.
(غەيرەت قىل 11ئادەم) Fighting Eleven دىن كېيىن KONAMI شىركىتى ئويۇن لاھىيلەش گۇرۇپپىسىنى توكيوغا يۆتكەشنى قارار قىلدى. PE ۋە FE نىڭ ئۇتۇققا قازىنىشى، غەلبە 11 ئادەم winning eleven نىڭ يەنى قىسقارتىلىپ WE نىڭ PS ئويۇن سۇپىسى (زاغرا تىلىمىز بويىچە بىز دەيدىغان سونى جىزا)دا تەرەققى قىلىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سېلىپ بەردى.1995 -يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى يۈرۈش‹‹ Jبىرلەشمىسى غەلبە 11ئادەم››(J. League Winning Eleven) ئېلان قىلىنىپ سېتىلىشقا باشلىدى. بۇ رەسمى تۈردە، غەلبە 11ئادەم winning eleven ئويۇننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلاندى.
PS ئويۇن سۇپىسىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلغارلىقى، ئويۇننى ھەقىقى تۈردە 3D تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىدى. توپچىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى، چىراي شەكلى قاتارلىق جەھەتتە بۇرۇنقى قوپال، كۆرۈمسىز كۆرۈنۈشلەر كەلمەسكە كەتتى. ئويۇننىڭ سۈرەت سۈپىتى ،كۆرۈنۈش جەھەتتە چوڭ بىر قەدەم ئىلگىرلىدى.
مۇشۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە WE نىڭ ياپونىيە دۆلەت ئىچى بىرلەشمە نۇسخىسى ۋە دۇنيا پۇتبۇلى نۇسىخىسى بارغانسىرى كۆپ ئويۇن مەستانىلىرى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى ۋە خېلىلا زورايغان ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولدى.
1998-يىلى 5-ئاينىڭ28-كۈنى (World Soccer Winning Eleven 3 World Cup 98)يەنى ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان ‹‹زۇچۇر سەن،سەندەي ››دېگەن نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. بۇ يۈرۈشتە سۈرەت سۈپىتى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. مۇسابىقە رىتىمى ناھايىتى راۋان،تېز. يەنى كېلىپ توپچىلارنىڭ ئىقىتىدارى جەھەتتە تېخمۇ ئىنچىلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئەمەلى پۇتبۇل بىلەن بولغان ئارلىقىنى يەنى بىر قېتىم يېقىنلاشتۇرغان. گەرچە تەڭداشسىز بىرازىلىيە قاتارلىق بىر قىسىم خاتالىقلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئويۇن مەستانىلىرى تۇنجى قېتىم winning eleven(غەلبە 11ئادەم ) يۈرۈشلۈك ئويۇنىنىڭ FIFAئويۇنىدىن قالتىس چىققانلىقىنى ھېس قىلىشتى. يېڭى بىر تېخنىكا بولغان كوماندىنىڭ ئومۇمى سەپ شەكلى تاكتىكىسى مەيدانغا كېلىپ، ئويۇننى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. 98-يىللىق فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان ھەقىقى 32 كوماندا ،دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقە تۈرى قوشۇلغان بۇ نۇسخىىدىكى WE ، ئويۇن مەستانىلىرى ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ WE يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا پۇختا تەييارلىق سالدى.
1999-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى (World Soccer Winning Eleven 4)ئېلان قىلىندى .توپچىلارنىڭ ماتېرىيالى تېخىمۇ تولۇقلاندى. تېخمۇ كۆپ توپ كونتىرول قىلىش تېخنىكىلىرى قوشۇلدى. ھۇجۇم رىتىمىنى 3-يۈرۈشكە قارىغاندا ئاستىلاتتى. 3-يۈرۈشكە كۆنۈپ قالغان ئويۇن مەستانىلىرى باشتا كۆنەلمەي، بۇ يۈرۈشتىن نارازى بولۇشتى. ئەمما بۇ نۇسخىسى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىن بولغاچقا ئېلان قىلىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، يەنە مەستانىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. ھەتتا بىر مەزگىل 90%ئويۇنچۇقخانىلاردا 3-يۈرۈش پۇتبۇل ئويۇنىنىڭ ئورنىنى ئالدى. 4-يۈرۈشنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا تۇنجى بولۇپ، ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۆز ئالدىغا بىر كۇلۇپ تۇتۇپ، توپچى سېىتىۋىلىش ۋە سېتىۋىتىش مەشغۇلاتلىرى قوشۇلغان بولۇپ، كىشلەرگە تېخىمۇ چىنلىق ھېس قىلدۇردى.
2001-يىلى، يېڭى ئەسىرنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ ps ئويۇن سۇپىسىنىڭ ئورنىنى ps2 ئېلىشقا باشلىدى. ئەينى چاغدا زور ئۇتۇققا قازانغان WE يۈرۈشلۈك پۇتبۇل ئويۇنىمۇ ئەلۋەتتە بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتمىدى.2001 -يىلى3-ئاينىڭ 15-كۈنى (World Soccer Winning Eleven 5)》يەنى WE5ئېلان قىلىندى. ps2 ئويۇن سۇپىسىدىكى تۇنجى يۈرۈش پۇتبۇل ئويۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ كىشلەرگە بەرگەن تۇنجى تەسىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈش جەھەتتىكى يېڭىلقلار. ئۇنىڭ يەنە بىر يېڭىلىقى بولسا بۇرۇنقى يۈرۈشلۈك ئويۇنلارغا قارىغاندا 5-يۈرۈشتىن باشلاپ توپچىلارنىڭ ئىقتىدار كۆرسەتكۈچ سانى بۇرۇنقى 19 دىن 99 غا ئۆزگەرگەن. بۇ ئارقىلىق توپچىلارنىڭ ئىقتىدارى تېخىممۇ ئىنچىكلەشتۈرۈلگەن ھەم چىنلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان.
2002-يىلى كورىيە پايونىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا World Soccer Winning Eleven 6 ئېلان قىلىندى .بۇ يىللىق نۇسخىسىدا بولسا پۈتۈن ئويۇن سېستىمىسى ۋە ئويۇن تۈرلىرى ئەندىزىسى جەھەتتىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئويۇننىڭ سېتىلىش مىقدارى KONAMI شىركىتى ھەيران قالدۇردى.
2003-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى كەڭ ئويۇن مەستانىلىرى تەقەززارلىق بىلەن كۈتكەن WE7 ئېلان قىلىندى.WE7 نۇسخىسىدا بولسا شەخسى تېخنىكىغا ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ،R2 كۇنۇپكىسى بىلەن توپنى تارتىش،جىددى دەسسەپ توپ توختىش قاتارلىق ھۇجۇم تېخنىكىلىرى كۈچەيتىلگەن، توپچىلارنىڭ تېخنىكىسىغا مايىل قىلىپ لاھىيلەنگەن. بۇ يۈرۈشتە يەنە تۇنجى بولۇپ تورلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئوينىغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىنى مۇلازىمىتىرغا يوللاپ باشقا ئوينغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان تېخنىكا قوللىنىلغان. بۇمۇ ئەينى چاغدىكى ئىلغار تېخنىكا ھېسابلىناتتى.
بۇ يىللاردا WE نىڭ سېتىلىش مىقتىدارى مىليوندىن ئاشقان چوڭ تىپتىكى ئويۇن بولۇپ قالغان ئىدى.ئەمما پەقەت ps2 ئويۇن سۇپىسىدىلا چەكلىنىپ قالغان بولۇپ، كومپىيوتۇرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ KONAMI شىركىتىنى بۇ چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن PC نۇسخىدىكى (يەنى كومپىيوتۇردا ئوينىغىلى بولىدىغان نۇسخىسى)pes3 نى ئېلان قىلدى. ئويۇن سۇپىسىنىڭ كۆچۈرىلىشىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ،KONAMI نىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.
2004-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى winning eleven(غەلبە 11ئادەم )نىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك، تا ھازىرغىچە مەستانىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان، كىشلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تارقالغان نۇسخىسى WE8 ئېلان قىلىندى.ئۇنىڭ مەستانىلەر قەلبىدىكى ئورنىنى تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. WE8 بولسا بۇرۇنقى يۈرۈشلۈك WE لارنىڭ كەمچىلىكىلرىىنى تولۇقلاپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ نۇسخىدا KONAMI شىركىتى ،توپچىلارنىڭ ،دۆلەت كوماندىسى، كۇلۇپلارنىڭ ھەقىقى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئويۇننىڭ ماتىرىيال جەھەتتە چىنلىقلىنى مىسلىسىز دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. دۆلىتىمىزدە بۇ نۇسخىسى تا ھازىرغىچە ھەرقايسى تورخانا، ئويۇنچۇقخانىلاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئويۇن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەۋلات پۇتبۇل ئويۇنى تورلاشتۇرۇپ ئويناشنى مۇكەممەل ھالدا ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ جۇڭگۇدا تا ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.(مۇشۇ نۇسخىسىدىن كېيىنكى WE پۇتبۇل ئويۇنلىرى ھەقىقى نۇسخىسىنى سېتىۋالمىسىڭىز تورلاشتۇرغىلى بولمايدىغان قىلىپ لاھىيلەندى).
2005-يىلى winning eleven(غەلبە 11ئادەم )نىڭ 9-ئەۋلات نۇسخىسى WE9 مەيدانغا كەلدى. بۇ نۇسخىدا تىلغا ئالغۇدەك يەرلىرى كۆپ ئەمەس. ياپونىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇش ئويۇن تۈرى قوشۇلغاندىن باشقا كۆپ ئالاھىدىلىكى يوق. تورلاشتۇرۇش جەھەتتە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئالدىنقى يۈرۈشتىكىدەك تورلاشقاندا قېتىۋىلىش ھادىسىىنى ئاساسەن ھەل قىلغان.
بىريىلدىن كېيىن يەنى 2006-يىلى دۇنيا لوڭقسى مۇسابىقسى باشلاشتىن بۇرۇن 10-ئەۋلات WE يەنى PC نۇسخىدىكى PES6 ئېلان قىلىندى. ئۇ دەل winning eleven(غەلبە 11ئادەم )يۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇننىڭ 10يىللىق خاتىرە يىلىغا ئاتاپ ئېلان قىلىندى. مەشغۇلاتنىڭ قولايلىقلى ئەمىلىيەتكە تېخمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان پۇتبۇل سەزگۈسى، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن يېڭىچە مەزمۇنلار ،ئويۇننىڭ كىشلەرگە ئاتا قىلغان ھوزۇرى بۇ نۇسخىسىنىمۇ كىشلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
2007-يىلىغا كەلگەندە تېخنىكىلارنىڭ كۈندىن كۈنگە يېڭىلىنىشى ۋە زورىيىشى بىلەن KONAMI شىركىتى ئاساسلىق كۈچىنى xbox360 ۋە ps3 ئويۇن سۇپىسىغا قاراتتى. ئەلۋەتتە PC سۇپىسىنىمۇ تەڭ ئېلىپ ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن PES2008 كىشلەر ئالدىدا نامايەن بولدى. مۇشۇ نۇسخىسىدىن باشلاپ بۇ يۈرۈشلۈك ئويۇن بۇرۇنقىدەك نەشىر قېتىم سانىنى ئېلىۋىتىپ، تارقىتىلغان يىل نامى بويىچە ئېلان قىلندىغان بولدى.
PES2008 بولسا سۈرەت كۆرۈنۈش جەھەتتە زور ئىلگىرلىگەندىن باشقا يەنە ئەڭ يېڭى بىر تۈر ‹بىر توپ بىلەن نام چىقرىىش›مەزمۇنى كىرگۈزۈلدى. بۇ تۈردە ئوينىغۇچىلار مەيداندا پەقەت بىرلا ئادەمنى كونتىرول قىلىدۇ. باشلانغاندا بۇ ئەزا ئادەتتىكى تۆۋەن دەرىجىلىك كۇلۇپلاردا توپ تېپىدۇ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە تەجىرىبە،ئىقتىدار كۆرسەتكۈچ سانىغا ئېرىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق بارا بارا ئىقتىدارى ئۆسۈپ ئاخىرىدا چولپان توپچىغا ئايلىنىدۇ. داڭلىق كۇلۇپلاردىن تەكلىپ كېلىدۇ. بۇ يېڭىلىق تېخنىكىسى شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق قوللىنىلماقتا.
كېيىنكى 2 يىلنىڭ ئىچدە كەينى كەينىدىن PES2009 ۋە PES2010 لار ئېلان قىلىندى. ئويۇننىڭ ئوبراز ۋەكىلى دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى مېسسى بولدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى PES يۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنلىرى مېسسىغا ئوخشاش داڭ چىقىرالماي قالدى.PES2008 بايقالغان نۇرغۇن خاتالىقلار PES مەستانىلىرى ئۈمىدسىزلەندۈردى. نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر FIFA يۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنى سېپىگە قوشۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا FIFA يۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخمۇ تېز، يېڭىلىقلار كۆپ بولدى..رىقابەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ KONAMI شىركىتى يېڭىچە ئۆزگىرىش، يېڭىچە بۆسۈپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەندى.
KONAMI شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلات پۇتبۇل ئويۇنى PES 2011 نۇسخىسى 2010-يىلى كۈزدە كەڭ مەستانىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئوبراز ۋەكىللىنى يەنىلا مېسسى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ھەر بىر قېتىملىق ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەنگە ئوخشاش بۇ نۇسخىسىدىمۇ شىركەت تەرەپ كۆپ ماختاپ مۇنۇلارنى دېدى. PES 2011 بولسا يېڭى بىر ئىنقىلابنى باشلايدۇ. كۆپ جەھەتتىن ئويناش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتتۇق، ھەقىقى پۇتبۇل تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىپ ماڭىدۇ. ھازىرغا قەدەر بولغان ئەڭ ھەقىقى نەشىرى.
بۇ نۇسخىسىدا راست دېگەندەك يېڭىدىن AI ئويۇن ماتورى قوللىنىلغان بولۇپ، تېخىمۇ ئەركىن قىلىپ لاھىيلەنگەن. ئوينىغۇچىلار توپچىنىڭ ھەربىر ھەركىتىنى كونتىرول قىلالايدۇ. پاسنى خالىغان يەرگە تاشلىيالايدۇ. بۇرۇنقىدەك ئەڭ يېقىن توپچىغا ئاپتوماتىك ھالدىلا پاس تاشلايدىغان ئىش يوق. ئەمىلىيەتكە تېخمۇ يېقىن.
PES 2012 بولسا PES 2011 نۇسخىسىدىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ نۇسخىسى. بۇ نەشىرىدە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئامىللار ئويۇنغا كىرگۈزۈلگەن. توپچىلار ئەمىلىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ لاھىيلەنگەن بولۇپ، يېڭى ئويۇن ماتۇرى AI نىڭ ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مەستانىلەرگە تېخمۇ كۆپ ئويناش ئۇسۇلى يارىتىپ بېرىلگەن. ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىيە تۇرۇشتا ھەممە توپچىلارنى خالىغانچە كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ ھۇجۇم شەكلى ۋە مۇداپىيەنى كۆپ خىللىققا ئىگە قىلغان. بۇرۇنقىدەك نوچىراق توپچىدىن بىرسىگىلا توپنى تاشلاپ بېرىپ يۈگۈرتىپ ئەكىرگەن پېتى ھەممىسىنى ئالداپ توپ ئۇرىدىغان بىرلا قېلىپتا ئويناش ئۇسۇلىغا خاتىمە بەرگەن بولۇپ، كوللىكتىپ ماسلىشىشچانلىقنى بەكرەك تەكىتلىگەن.
خاتىمە:
كىچىكىمىزدىن بىزگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن، مەۋھۇم دۇنيادىكى پۇتبۇل چۈشىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆڭلىمىزنى ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپقۇزۇپ كېلىۋاتقان ھازىرغا قەدەر 17 يىللىق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن winning eleven(غەلبە 11ئادەم ) يۈرۈشلۈك پۇتبول ئويۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇيىل يەنى 2012-يىلى 9-ئايلار ئەتراپىدا winning eleven(غەلبە 11ئادەم ) نىڭ يېڭى نۇسخىسى PES 2013 ئېلان قىلىنماقچى. پۇتبۇل ئويۇن خۇمار دوستلار PES مەستانىلىرى KONAMI نىڭ يېڭى سوۋغىسىنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتمەكتە!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: pes، ئويۇن، پۇتبول، تەرەققىيات، ھېكايە
- يازمــا مەنبەســى: پۇتبول كۇلۇبى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,774 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: pro-evolution-soccer-history.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆتمۈشتىكى ئويۇنلارنىڭ ئەسلىمىسى – 150 سكونتتا PC ئويۇنلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئەسلىمىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى
- كېيىنكى يازما > تور ئويۇنى ئوينايدىغان باللا بامۇ؟ 暗黑破坏神3 ئويۇنىنىڭ بىر قىسىم CG لىرىنى كۆرگەچ مۇڭداشمامدۇق؟
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- مېسسى يېڭى يىلدا ياپونغا بېرىپ بىر تۈرلۈك رېكورد تاماملىۋېتىپ كەپتۇمىش
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
2013 قانداقراق چىقاركىن ؟
فەچەت چىقىدۇ
ئەڭ خوشۇم يوق ئويۇن مۇشۇ شۇ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىمۇ پۇتبول بىلەن خوشۇم يوق، سەۋەبىنى ئۇقمايمەن
ئاتايىتىن مۇشۇ ئويۇن ئۈچۈن كومپىيۇتىرىمغا 1000 سومغا بىر كۆرسىتىش كارتىسى سىتىۋالغان ئىدىم ، بىراق سىتىۋىلىپ بولۇپ ئويناشقا خوش ياقمايۋاتىدۇ دىسە …
مانا مېنىڭ خوشۇم بار. مەستانە مەن ئۈچۈن بىر ياخشى ھېكايىدىن بىرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئوقۇۋېتىپ بالىلىق دەۋىرلىرىم كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. 95_يىللىرىدىن تارتىپ ئويناپ كەپتىمەن، مەستانە دېگەندەك خوندولو ئوينايدىغان دېگەن ئاپاراتقا ئوخشايدىغان بىر ئويۇن ئويناش ماشىنىسى باتتى. ئىسمى SEGA ئىدى. 45 گىرادۇسلۇق ھالەتتە ئويناپ ھەيران قالاتتىم چىنلىقىغا. كېيىن PS كە ئۆتۈپ كەتتۇق. نىمىسىنى دەيسىلەر ھەۋەسنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ شۇنى ئوينايدىغان دۇكانمۇ ئاچتۇق، كېيىن PS2 ئپارات چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى باشتىكىسىگە قارىغاندا تۆت-بەش ھەسسە يۇقىرى. چىدىغانغا چىقارغان دەپ باشتىكى تاپقان دەسمايىلەرنى سېلىپ تۆتنى قويىۋالدۇق. شۇنىڭ بىلەن يۇقارقىدەك تەرەققىياتلار بويىچە xbox360 ps3 لارمۇ چىقتى، بۇلارنىڭ باھاسى PS2 دىن 2ھەسسە يۇقىرى چىقتى مانا ئەمسە دەپ ئۇلارنىدىنمۇ بىردىن سېتىۋالدۇق. لېكىن كېلىپ ئوينايدىغان خېرىدارلار ئويناش پۇلىنى قىممەت كۆرۈپ كۆپ ئوينالمىدى. ئۆزىمىز دېگۈدەكلا ئوينىغان بولدۇق.كېيىن كومپيوتېر ئومۇملىشىشقا باشلىغاندىن تارتىپ شۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. ياش ئادەمگە باقمايدۇ دەپ چوڭلار راس دەپتىكەن. ھازىر بۇرۇنقى ھەۋەسلەرمۇ قالماپتۇ. پۇتبول ئويۇنىنىڭ يېڭى نەشىرى چىقسا بىرەقۇر ئالدىنقى نەشىرلىرىگە سېلىشتۇرۇپ ئويناپ قويۇپ بولدى قىلىمەن.
مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى بۇ، لىكىن WE8 نۇسقىسىدىن كىيىنكىلىرىنى ياقتۇرمۇدۇم، ( سەۋەبىنى يۇقۇردا دەپتۇ، تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولمايدۇ) .
مىنىڭ قارىشىمچە بۇ ئويۇننىڭ كىيىنكى نۇسقىلىرى تورلاشتۇرۇپ ئوينايدىغان بولمىغىچە بىزگە ئومۇملاشمايدۇ، ( جۇڭگوچىلىقتا ھەر قانداق نەرسىنىڭ ھەقىقى نۇسقىسىنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىش قانۇنغا خىلاپ ئەمسمۇ.
مەنمۇ ھازىرغىچە WE8 نى ئوينايمەن .
سونى جىزىدا ئويۇننى پۇتبۇلدا باشلىغان . ھازىر باشقىغا چۇشۇپ كەتتۇق دىسە .
پۇتبول مۇنبىرىگە يازغان ھەم نادىر بولۇپ باھالانغان بۇ تېمامنىڭ تور خۇمار دىن ئورۇن ئالغىنىغا تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم…پۇتبول كۇلۇبى ۋە تور خۇمار بولسا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى ئىككى دوستۇم..كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ
يازمىڭىزغا كۆپ رەھمەت! مەنمۇ بۇ ئويۇننىڭ سادىق مەستانىلىرىنىڭ بىرى. پۇتبول كۇلۇبىنى ئارىلاۋېتىپ بۇ سۆيۈملۈك يازمىنى ئۇچرىتىپ تورخۇمارغا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ يوللاپ قويدۇم، بولسا باشقا ئويۇنلار ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى.
پاخ ..پاخ ..جەۋلانى ..پوتپۇل مۇنبىردىكى مۇنبەرداش !مۇنبەردىكى ئىسمىڭلا نىمىدى ھە توغرا مىلان …
مەن ۋىستا مودا بولغاندا كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئېنىم بىلەن قىسمىي توردا ئوينايتۇق… شۇ ۋىستانىڭ كەمچىلىكىمۇ ياكى fifa ماڭا تازا ياقمىغانمۇ… ئىشقلىپ بىر زېرىكىپتىكەنمەن… يەنىلا 2000 ياخشىدەكلا بىلىنىدۇ ھازىرغىچە
بۇ قېتىم كومپىيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسىنى سەل كۆتۈرۈپرەك ئوينىمىسام، توپنى ۋارىتارغا تەپكەن پېتى بۇزۇلۇپ قالىدىغان چىراي
بۇگۇن تورخۇماردا رۇزا ھېيىتلىق تېما يوققۇ؟ ئەجەپ كوڭلۇم يېرىم بولدى دىسە،
ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىغامۇبارەك بولسۇن.
بۇ تېما بىزنىڭ مۇنبەردە ، يەنى «پۇتبول مۇنبىرى» تورى bbs.putbol.cn دا بار ئىدى ، ئاپتورنىڭ نىمىشقا مەنبەنى ئەسكەرتمىگىنىگە ھەيرانمەن؟
تورخۇمارلار كۇلۇبىنى مەنمۇ كۈندە بىرىنجى بۇلۇپ ئارلايمەن ………. ئەجەپ ئېسىل نەرسىلەرنى چىقىرسىلەر جۇمۇ قېرىنداشلىرىم ، ھارمىغايسىلەر، ھەراس، «فەتىھ 1453» نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى چۈشۈلۋالدىم ، رەھمەت سىلەرگە….
ئالدىراشچىلىقتا مەنبەنى ككرمەپتىمەن ، كەچۈرسىلەر ، يۇقارقى ئىنكاسىمنى ئۆچۈرسەڭلار بولىدۇ !
مەنمۇ بۇ ئويۇننىڭ بىر ھەۋەسكارى.ئانچە – مۇنچە ئويناپ قۇيىمەن!.ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمىزدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ ئويناپمۇ قوياتتۇق.(لېكىنزە شۇ 8نى ئوينايتۇق تورخانىدا)
شىركەتتىمۇ ئويناپ قويىمىزxboxنۇسخىسىنى!.
ئايفون نەشىرىمۇ(pes2012) بوپ قۇيىدۇ.
مەن بەك ئامراق بۇ ئۇيۇنغا ،ئۆيدە pes2013 نۇسخىسىنى ئوينايمەن. ئىنتايىن ياخشى، ھەركەتلىرى ئىنتايىن چىن، يېڭىدىن ھەركەت قۇشۇلغان ،مىنىڭچە FIFA ياخشى ئەمەسكەن. pes قا قارىغاندا خەير -خوش ئامان بولغايسىلەر .KONAMI نىڭ يېڭى ئۇيۇنلىرى چىقسا يەنە خەۋەر بىرىۋىتەرسىلەر!