مۇردىلار تېمىسىدىكى يەنە بىر نادىر ئويۇن – بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس : ۋەھىينامە
يېقىندا مۇردىلار توغرىسىدىكى پاراڭ ئاۋۇپ قالدى. نەگىلا قارىسا شۇ مۇردىنىڭ گېپى، ھەتتا تورخۇماردىمۇ شۇ! شۇ مۇردا قىزغىنلىقىدا كۆپچىلىككە بىر ئاينىڭ ئالدىدا يېڭى ئېلان قىلىنغان ئويۇن – «بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس : ۋەھىينامە» نى تونۇشتۇرىۋېتەي.
«بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس – ۋەھىينامە» بىر قەدەر ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس ئائىلىسىدىكى ئويۇنلار بولسۇن، ياكى كىنو بولسۇن، دۇنياغا خېلىلا داڭلىق. بۇ مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغىنى يەنىلا، ئويۇندىكى ئۆزىگە خاس ۋەقەلىك. شەخسەن ئۆزۈمنى ئېيتسام، ئويۇننى پەقەت ئويناش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر ۋەقەلىك ياكى ھېكايە ئاساسىدا كىشىنى باشلاپ كىرسە تېخىمۇ خۇماردىن چىقىمەن. بۇمۇ مېنىڭ ھازىرقى زامان ئۇرۇشى ئائىلىسىدىكى ئويۇنلارنى ياقتۇرىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەپ.
«بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس – ۋەھىينامە» دىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
مەزكۇر بۆلۈمدە «بىئو-خىمىيلىك كىرزىس4» تىكىدەك، ئويۇن مەستانىلىرى ياقتۇرىدىغان ۋە تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان نۇرغۇن تونۇش ئېلىمېنتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىلىشىمچە، بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانلار ھەممىسى بۇ بىر قورقۇنچلۇق ئويۇن دەپ قاراپ نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. ئەمما سىز ھەقىقەتەن بىر ئويۇن مەستانىسى بولسىڭىز، ياكى ھېچ بولمىسا مۇردا مەستانىسى بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەزكۇر ئويۇن چوقۇم بىر ئوينىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
ئويۇننىڭ سەپلىمە تەلىۋى:
- سىستېما: Windows7 بولسۇن، XP بولمايدۇ
- مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: تۆت نېگىزلىك ياكى قوش نېگىزلىك، Core 2 Duo 2.4GHz تىن چوڭ بولسۇن
- ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB ياكى چوڭ بولسۇن
- سىنكارتا: Nvidia GeForce 8800 GT ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى
- قاتتىق دېسكا: 15G دىن ئوشۇق بىكار ئورۇن بولسۇن
قاچىلاش ئۇسۇلى:
- بارلىق ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ بىر ئورۇنغا قويۇپ پرىستىن يېشىمىز
- setup.bat نى قوش چېكىپ قاچىلايمىز
- ئويناشنى باشلىساق بولدى
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش(迅雷 دە چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ) | مەنبە: تورخۇمار
تورداش ۋاپاسىز نىڭ تەۋسىيەسىگە كۆپ رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: TPS، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,750 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: resident-evil-revelations.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا ئويۇن ئوينايلى | بۇ بەلكىم سىز ئوينىغان يەنە بىر قاملاشمىغان ماز ئويۇن
- كېيىنكى يازما > پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى – يېڭىسى چوقۇم كونىسىدىن ياخشى بولۇشى ناتايىن
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
دىۋانما؟؟ مۇشۇ ئۇيۇن بىلەن مىنىڭ زادى مىللىي ئۆچ ئاداۋىتىم باتى
ۋاي ئانام ما ئويان كومپۇيۇتۇر تاللامدۇ يا …
ئويۇنخۇمارلار بىر ئويناپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان ئويۇننىڭ بىر سى ئىكەن. ئەپسۇس كومپىيۇتېرىم سالپىيىپ تۇرىدۇ
ھەي تورخۇماردا يېڭى ئويۇنلار بەك كېچىكىپ تونۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنى ئويناپ بولغىلىمۇ خېلى بوپ قالدى. تەسىرات بولسا: بۇ قىسمىدا ئوق-دورا خېلى قىسكەن. ئۆتكەل ئاتامانلىرىنىمۇ تەسلەشتۈرۈپتۇ. ئويۇن مۇھىتى سەل تۇتۇقمۇ يا سۈزۈكلىكى ئويۇن ئىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى HD دېگىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ مېنىڭ ئېكرانىمدا بىر خىل تۇتۇققۇ. ئاندىن قوراللارنى قارىغا ئېلىپ ئېتىشى ئېغىر، خۇددى قارىغا ئېلىش مەركىزىدىن قاچقاندەك. يېڭىچە تۇيۇلغىنى بولسا، قوراللارغا ھەرخىل كۈچلەندۈرگۈچلەرنى ئىختىيارى سەپلىگىلى ھەم ئېلىۋەتكىلى بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئويۇن چىقىپ 12 كۈندىن كېيىن چىققان تورخۇماردىمۇ تونۇشتۇرۇلغان Remember Me(مېنى ئۇنۇتما) ئېلىمىنتلار پۈتۈنلەي يېڭىچە ئېسىل چىققان ئويۇن ئىكەن. ئەمما دورامچۇقلۇق قىلغانمۇ، تاملاردىن تاقلاپ-سەكرەپ ئۆتۈشلىرىگە قاراپ پارىس-پرېتسىيە شاھزادىسىنىڭ(ئىسىم دەتالاشچىلىرىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاي دېدىمغۇ….) پۇشتىدىنمىكىن دەپ قالىسىز…..
ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى چىققان دوئىل(FGT) تۈرىدىكى ئويۇنلار ئىچىدە Mortal Kombat ئائىلىسىدىكى ئويۇنلاردىن Mortal Kombat Komplete Edition (دېسەكمۇ بولىدۇ 9 Mortal Kombat) نىڭ كومپيوتېر نۇسخىسى ئاخىرى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى.لېكىن بۇنى پۈتۈنلەي pc نۇسخىسى دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئويۇنغا كىرسىڭىز سىناق نۇسىىسىدەك سوقۇشۇپلا ئوينايسىز. ھېكايە تۈسى چىقىرۋېتىلگەن. قارىغاندا ئويۇن ماشىنىسىنىڭ نۇسخىسىنى يەشكەن چىراي. بەزى ئويۇنخۇمار تورداشلار بۇ ئويۇننى بىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئويۇن داۋاملىق ھالدا ئويۇن ماشىنىلىرى ئۈچۈنلا چىقىپ كەلگەچكە ئويۇن ئويناشنى كومپيوتېردىن باشلىغانلار ئۈچۈن ئانچە تونۇش ئەمەس. بۇ ئويۇننىڭ بۇرۇندىن ئالقىشلىنىپ كېلىۋاتقىنىنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ۋەھشى، قورقۇنۇشلۇق قانلىق ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى بىلەن ماسلاشقان جانلىق ئاۋاز ئۈنۈملىرى، باشقا دوئىل تۈردىكى ئويۇنلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىشى.
Mortal combatنى مەن ئېكس بوكستا ئوينىغان ئاخىرىدا گۇھمپىسى توشقاندىكى ئۇرغان كۆرنشلىرى ئادەمنى راسلا ھاياجانغا سالىدۇ،
ئويۇن تەۋسىيە قىلدىغانلا ۋە ئويۇن ھەۋەسكارلىرى بولسا ئالاقىلىشىپ يىڭى چىققان ئويۇنلاردىن تەڭ بەھىرلىنىپ تۇرايلى:چ چ : 59738020
مىنىڭچە بۇ ئويۇننىڭ 4-بۆلۈمىنىڭ ۋەقەلىكى ھەممە قىسمىدىن ياخشى چىققان .
مەنمۇ تاماشىبىن دېگەن ئويۇننى چۈشۈرىۋاتىمەن،، چۈشۈپ بولاي دەپ قالدى!