كونا بولسىمۇ بىر ئويناپ تۈگىتىشكە ئەرزىگۈدەك ئويۇن – Resident Evil4
ئىسمىغا قاراپ نېمە ئويۇنكىن دەپ قالماڭ، دەل شۇ بىئو-خىمىيەلىك كىرزىس دېگەن ئويۇن شۇ. ئىلگىرىكى نەشىرلىرىنى بەك تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن، 5-ئەۋلادمۇ چىقتى، بىراق ئۇنى تېخى ئويناپ كۆرمىدىم. لېكىن ماۋۇ 4-ئەۋلادنى بىر ئويناپ تۈگىتىپ قويمىسىڭىز پۇشايمان قىلىپ قالغۇدەك ئويۇن.
ئويۇن ئۆزگىچە مەيدان لايىھەسى ۋە سىرلىق تەگئۈن بىلەن زىچ بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن، بۇ ئالدىغا چىققاننى ئېتىۋېرىدىغان ۋە ئوق تۈگىسە قاچىلاپ يەنە ئېتىۋېرىدىغان ئويۇنلارغا ئوخشىمايدۇ. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ تەڭداشسىز ئەقىل-پاراسەت ۋە تالانتىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ ئويناپ چىقىشىڭىز كېرەك.
ئەسكەرتىش: يۈرەك كېسىلى بارلار ۋە بەك قورقۇنچۇقلار ئوينىماڭلار، ئەلۋەتتە بۇ گەپ يۈرىكىڭ بولسا ئوينا دېگەن گەپمۇ ئەمەس. ئويۇن بىر ئاز قان پۇراپ تۇرىدىغان ئويۇن، يەنى سىز بىر توپ كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن ئېلىشىسىز، ئويۇنغا ئىچكىرىلەپ كىرگەنسىرى ئويۇننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە جەلپ قىلىش دەرىجىسى ئېشىپ ماڭىدۇ، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارقىمۇ پۇختا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئويۇننىڭ كومپيۇتېر قاتتىق دېتالىغا بولغان تەلىۋىمۇ يۇقىرى ئەمەس، ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزنى 2006-يىلىدىن كېيىن ئالغان بولسىڭىز، خاتىرجەم ئويناۋېرىڭ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
بىئو-خىمىيەلىك كىرزىس 4-ئەۋلاد | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D,ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 851 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: resident-evil-4.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > ئۆزىمىزگە خاس كارتون ئوبرازى لايىھەلەشكە بولىدىغان تور بېكەت – FaceYourManga
- كېيىنكى يازما > Ugo Tool – خەتلىرىڭىز مۇشۇنداق تىترەپ تۇرىدۇ…
بىرمەيدان ئويناپ سەسكىنىپ كەتكەنىدىم ،قانداق بوپ كەتتى بۇ ئۇيۇننىڭ ئاخىرى…
مەن دەششەت ئامراق بۇ ئويۇنغا تور تىزگىنلەنگەن ۋاقىتلاردا كۈندە ئويناۋىرىپ 7 قىتىم تۈگىتىپ بولوپتىكەنمەن.
5-ئەۋلادمۇ ئىسىل ئىشلىنىپتۇ ئويناپ بىقىڭ.
ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي مائۇستا كۆنتىرۇل قىلدىكەنمىز.