ئۆزىمىزگە خاس كارتون ئوبرازى لايىھەلەشكە بولىدىغان تور بېكەت – FaceYourManga
بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار تەدبىركار ۋە تورخۇماردىكى ئايرىم تورداشلارنىڭ باش سۈرىتىنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە لايىھەلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىپ قويىدىغىنىم، FaceYourManga دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل توردا باش سۈرەت لايىھەلەشكە بولىدىغان تور بېكەت بولۇپ، ئۈنۈمىنى ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ، ناۋادا سىزمۇ تورخۇمارلار كۇلۇبىدا ئۆزگىچە باش سۈرەت ئىشلىتەي دېسىڭىز، مەزكۇر تور بېكەت چوقۇم سىزگە كۆڭلىڭىزدىكىدەك بىر لايىھەنى تۈزۈپ بېرەلىشى مۇمكىن.
FaceYourManga دا ئىشلىتىلگىنى Flash ئاساسىدىكى قورال بولۇپ، باش سۈرەت لايىھەلەش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئوڭاي، يەنى تور بېكەتنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىنى تاللاپ بېرىسىز، ئاندىن ئۆزىڭىزگە ياقىدىغان لايىھەلەر بويىچە باش سۈرەتنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ساقلىۋەتسڭىزلا كۇپايە!
بىر دانە ئۆزىمىزگە خاس باش سۈرەت لايىھەلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. سىز بۇ باش سۈرەتنى ھەرقايسى مۇنبەرلەردە، QQ دا، MSN دا ۋە تورخۇمارغا ئوخشاش باش سۈرەت كۆرسىتىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن ھەرقانداق جايدا ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ناۋادا مەزكۇر تور بېكەتكە ئوخشاش WordPress پروگراممىسى ئىشلىتىلگەن بېكەتلەر بولسا، سىز يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت Gravatar لايىھەلىگەندە، يۇقارقى باش سۈرەتنى ئىشلەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ!
مۇناسىۋەتلىك مەنزىللەر:
FaceYourManga تور بېكىتى | مەنبەسى: torhumar.com | يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت بەلگىلەش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: faceyourmanga.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كلاسسىك 3D مۇشتلىشىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى – Tekken
- كېيىنكى يازما > كونا بولسىمۇ بىر ئويناپ تۈگىتىشكە ئەرزىگۈدەك ئويۇن – Resident Evil4
قېنى مەن بىر سىناپ باقاي، رەھمەت سىزگە!
پەيزىكەنغۇ. پىرىستان ئىشلىتىدىغان باش سۈرەتكە ئوخشايدىكەن.
مەنمۇ سىناپ باقاي قىنى
رەخمەت سىزگە .سىز دىگەندەك قىلىپ دۇنياۋىي باش سۇرەتكە ئىرىشىۋالدىم
مۇنداق ئۇسۇلدا باش سۈرەت لايىھەلەشنىمۇ ئۈگۈنىۋالدىم ، بەك ياخشى بولدى!
رەخمەت سىزگە.مەنمۇ سىناپ باقتىم
مەن ياساپ بولۇپ سىنىسام بەزى بىلوگلارغا چىمايدا
رەھمەت سىزگە،مەن بىر باش سۇرەتلىك بۇلۇپ قالدىم.
مەنمۇ سىناۋاتىمەن