يۇمۇرىستىك ۋە رىۋايەت تۈسىدىكى يەنە بىر قالتىس ئويۇن: ئىگە-چاقىسىز زېمىن(Borderlands)
ئىگىسىز زېمىن(Borderlands) گەرچە 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئارىمىزدىكى PC ئويۇن ھەۋەسكارلىرى چوقۇم ئويناپ باقمىغان ۋە ياقتۇرۇپ قالىدىغان FPS ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈز ماتورىمۇ ئوخشاش تۈردىكى FPS ئويۇنلاردىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بىر خىل كارتونلاشقان ئوبرازلار ئويۇندىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئويۇننىڭ قىسقىچە تەپسىلاتى:
گەرچە Gearbox شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەزكۇر ئويۇن، ئويۇن ھەۋەسكارلىرىغا بىر تەۋەككۈل رىۋايىتى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئويۇندا يەنىلا نۇرغۇن يۇمۇرىستىك ئامىللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن سۇ تارتىش پومپىسى ۋە ھايۋاناتلارنىڭ گەندىسى ئاستىدىن لازىملىق قوراللارنى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قېلىش، سۇ ئاستىغا بومبا تاشلاش ئارقىلىق بىر دۆۋە بېلىق كاۋىپى تەييارلاش دېگەندەك.
ھېكايە Pandora دەپ ئاتىلىدىغان پلانېتتا باشلانغان بولۇپ، پەندورا پلانېتىدىكى تەبىئىي بايلىقلار ۋە تاشقى پلانېتتىن بايقالغان يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ داۋاملىشىدۇ. ئويۇندا جەمئىي 20~30 قا يېقىن ئاساسى ۋەقەلىك بولۇپ، 130~140 قىچە ئاساسى ۋەزىپە بېرىلگەن. ئويۇندىكى ھەرخىل بايلىقلار ۋە جابدۇقلارنى ئىزدەپ تېپىش جەريانى ئىنتايىن قىزىقارلىق ۋە مول تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
ئويۇننىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىۋى:
Windows XP:
1GB System RAM
2.4 Ghz or equivalent processor
256mb Video Card RAMWindows Vista/7:
2GB System RAM
2.4 Ghz or equivalent processor
256mb video Card RAMSupported Video Cards:
GeForce 200 series
Geforce 9 series
Geforce 8 series
Geforce 7 series
Radeon R600 series (HD 2400-HD 2900)
Radeon R600 series (HD 3xxx)
Radeon R700 series (HD 4xxx)
Radeon R8xx series
ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. پرىستىن يېشىمىز
2. setup.bat ئارقىلىق قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولدى
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
ئىگىسىز زېمىن(Borderlands) نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: FPS,ئويۇن,فانتازىيە,كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: borderlands.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 8000 تال تاماكا قېپىدىن پايدىلىنىپ ياساپ چىققان Lamborghini ماركىلىق «تاماكا تاشلاش» ئاپتوموبېلى
- كېيىنكى يازما > ۋاقتى قىسقارتىلغان كۆرۈنۈشلەر: يۈرۈڭ! 290 سكونت ئىچىدە يەرشارىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلارنى ئايلىنىپ كېلەيلى!!!
دىۋان پىۋاننى قويۇپ ما ئويۇننىڭ سىغىمى قانچە زادى !
ھىم… تەتىلدە ئوينايدىغان ئويۇن چىقتى مانا
مۇشۇنداق ئۇيۇنلار بىلەن پەقەتلا ئېقىم كىلىشمەيدۇ دېسە ،قارىسا تەشۋىقاتى ئالامەت نوچى ، ئەممازە ئۇيۇنى ئىچىمنى سىقىپلىۋىتىدۇدە. نىمىلا بولمىسۇن يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىگىكە رەخمەت !!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بۇرۇن ئويۇن ئاز ئوينايدىغان ئادەم جىقتى، بىرە ياخشىراق ئويۇن چىقسىمۇ ئالدىرىماي بارلىق مەخپىيەتلىكلىرى تۈگىگىچە ئوينايتتۇق. ھازىر قايسىبىر ئويۇنغا يېتىشىپ بولۇشىنى ئۇقالمايدۇ كىشى.. مانا ئوتتۇرلۇقتا ماۋۇ ئويۇنمۇ چۈشۈپ قاپتۇ ئەمەسمۇ… ئىشەنسەم -ئىشەنمىسەم ھازىرقى تورسىز ئويۇن ئوينايدىغانلار چىققان ئويۇننى بىرلا قېتىم ئوينايدۇ ياكى بىر يېرىم قېتىم… بولمىسا يەنە بىرسىگە ۋاقىت يوق…. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئەتە-ئۆگۈن چىقىمىز دەپ تۇرغان ئويۇنلارمۇ ئاز ئەمەس…
ئىككى كۈندىن ياقى دىۋانچىلار يوققۇ ؟
ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئويۇنلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىسام كومپيۇتېرىمنى ئالماشتۇرغۇم كېلىپ كېتىدۇ، كومپيۇتېرىمدا ئويۇن ئوينىغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ! شۇنداقتىمۇ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بىردەم بېكار قالغىنىمنى بىلمەيمەن …
ئادەمنىڭ قوققىسىنى كەلتۈرۈپ 4GB لىق ئۇيۇنكەنغۇ بۇ …
مىنىڭ شۈنلىرىم 4GB دىن ئوشۇق بولسا چۈشۇرەلمەيمەن دەيدىغۇ قانداق قىلارمەن؟
vip مۇلازىمىتىنى بىجىرىڭ، بۇنداق بولغاندا قىينالمايسىز!
چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمسە… قانداقراققى بىر كۆرەي
ھەركۇنى يېرىم جى دىن چۇشۇرسەم بولغۇدەك