ئاپتوبانكا 400 سومنى 4000 قىلىپ چىقىرىپ بەردى، كارتا ئىگىسىنىڭ بانكىغا بەرگەن جاۋابى تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق!
يۈننەن كۈنمىڭدىكى مەلۇم بانكىغا قاراشلىق ئاپتوبانكا(ATM) بىرەيلەنگە 400 سومنى 4000 سوم قىلىپ چىقىرىپ بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بانكا ئاشقان پۇلنى قايتۇر دەپ قەرز سۈيلەشكە باشلاپتۇ، بۇ كارتا ئىگىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى بانكىدىنمۇ ۋەھشەت بولۇپ، بانكا ئۇ كىشىدىن مۇنداق بىر پارچە خەت تاپشۇرىۋالغان.
1. مەن بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ پۇلنى ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ، يەنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 8 گىچە، كەچ سائەت 7 دىن 9 غىچە ئىش بېجىرىمەن، باشقا ۋاقىتلاردا بىردەك ئارام ئالىمەن؛
2. ئۆيۈمگە بارغاندىن كېيىن، ئاۋال كارىدوردىن نومۇر ئېلىشىڭلار كېرەك، ئاندىن پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ نومۇر چاقىرىشنى كۈتۈڭلار، بەلگىلەنگەن سىزىقنىڭ ئىچىگە كىرىشكە رۇخسەت يوق؛
3. ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئىسپات ۋە گۇۋاھنامىلىرىڭلارنى تەمىنلىشىڭلار كېرەك، ئاندىن مومامنىڭ يېنىغا كىرىپ ئىلتىماس جەدۋېلى تولدۇرىسىلەر، تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىمزا قويۇپ، تامغا بېسىپ مېنىڭ يېنىمغا ئەكىرىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ تامغاڭلارنى سېلىشتۇرىمەن، ناۋادا سەل تۇتۇق بوپ قالسا، ئۇ چاغدا قايتا بېسىپ كېلىشكە بۇيرۇشۇم مۇمكىن؛
4. ناۋادا مەندىن قانچە پۇل ئالغانلىقىمنى سورىماقچى بولساڭلار، ئۇنداقتا، ئاۋال تەكشۈرۈش رەسمىيەت ھەققى تۆلىۋېتىڭلار، بىر قېتىملىقى 2 سوم؛
5. ئىدارەڭلارغا تەۋە ئىسپات، ھاۋالە خېتى قاتارلىقلار زۆرۈر ئىسپاتلارنى تەمىنلەيسىلەر(بۇ يەردىكى «قاتارلىقلار» دېگەن سۆزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار، ناۋادا ئوتتۇرىلىقتا مېنىڭ ئېسىمگە تۇيۇقسىز باشقا نەرسە كېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۆزۈڭلار بېرىپ ئەكىلىسىلەر)؛
6. بارلىق رەسمىيەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن، رەسمىيەت ھەققى تۆلىشىڭلار كېرەك، ھەر بىر قېتىملىقى 4 سوم، ئاندىن تېلىفون نومۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار، مەن بۇ ماتېرىياللارنى خوتۇنۇمغا ئەۋەتىپ تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك، ئاندىن 20 خىزمەت كۈنىدە مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ پۇلنى ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ. ئەلۋەتتە، كېلەر قېتىم كەلگەندە ئالدىنقى 3 باسقۇچنى يەنە بىر قېتىم بېسىپ ئۆتۈشۈڭلار كېرەك!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ATM، ئاپتوبانكا، پۇل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,189 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: crazy-atm.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىككى دانە iPad سەپلەنگەن، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ھەشىمەتلىك SUV ئاپتوموبېلىنى كۆرۈپ باقايلى
- كېيىنكى يازما > 19 ياشلىق يىگىت 5800 پارچە ئەينەكتىن پايدىلىنىپ «ھالاكەت نۇرى» ياساپ چىققان
- پۇل خەجلەپمۇ ھۆرمەت تاپالمايدىغان 12 ئىش
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻻﺭ
- بىت تەڭگىسى (Bitcoin) دىگەن نېمە؟ قانداق ئىشلىتىمىز ؟
- ئامېرىكىدىكى پۇل كۆيدۈرۈش ماشىنىسى – ھوللىۋود كىنولىرى | داڭلىق كىنولار ئارقىسىدىكى غايەت زور كاپىتال ھەققىدە
- نېمىش بولاپ كەتتى؟ روسىيەلىك خاككېر ATM ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا غەزەپلەنگەن قۇشقاچ ئويناپ يۈرۈپتۇ…
- پۇل تېپىش بىرگەپ،خەجلەشمۇ بىرگەپ | تېخنىكا دۇنياسىدىكى مىليادىرلار پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟
- كۆپ ئۇچرايدىغان يانفون ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا
- خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
ھەي… بۇرۇن بىرسى مەندىن مۇشۇنداق سۇئال سورىغان ئىدى، ئەگەر ئاپتوبانكا سەن 100 يۈەن باسقاندا 200 يۈەن چىقىرىپ بەرسە قانداق قىلىسەن؟
مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئەلۋەتتە بانكىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئاندىن بانكىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىمەن دېسەم، ئۇ ماڭقىسى ئېقىپ كەتكۈچە كۈلۈپ:
ئەگەر مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا بولسام چوقۇم قايتا-قايتا سىنايتىم دىگەن ئىدى…
ھازىر مەن شۇنداق ئىشقا يولۇقسام ،يېنىمدىكى نەقپۇلنىڭ ھەممىنى ئامانەت قويۇپ، ئاپتوبانكىدا پۇل قالمىغۇچە سىنايمەن
ئۇزاققا قالماي ئۆزىڭىزنى …كۆرگۈدەكسىز ئەمىسە!
ھەجەپمۇ ياخشى ئامال ئىكەن بۇ، بۇ دەيۈزلەرنىڭ جاججىسىنى مۇشۇنداق بېرىپ قويسا بولغۇدەك.
ئۆزىنىڭ گىپىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بىرىپتۇ-دە.!
خىلى ئىقتىدارلىق كىشى ئىكەن!
مەن بوغان بوسام كارىمدىكى پۇل تۇگىگىچە شۇندا قىلىتىم …
ئۆتكەنكى كۆچمە تىلفۇن شىركىتىنىڭ دىرىكتۇرىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشىگە ئوخشاش بولاپتۇ …ئۆزىنىڭ گىپى بىلەن ئۆزىنى جايلاپتا …
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ دىگەن شۇدە ~~!!
بانكىغا بارسىغۇ رەسمىيەتلىرى تۈگەىمەيدۇ بۇ خەقنىڭ ، ھە دىسە پۇل ئېلىشقىلا تۇرغان ، ئوبدان جايلاپتۇ ~~!! ھاھا ھا
زادى مۇشۇنداق قىلمىسا بولمايدىغان ھالغا يەتكەنتى . ئۆتكەندەمەنمۇ ج خ ئىدارىسىدىن ئۇقتۇرۇش ئەكەپمۇ ئۆزەمنىڭ بانكا كارتا ئىگىسىكەنلىكىمنى ئىسپاتلىيالماي ،پۇلۇم تۇرۇپ ئالالماي ،،شۇنداق قىينالغانتىم .
راس بۇ گۇيلارنى شۇنداق جايلاش كىرەك مەنمۇ بىر ئىسمىنىڭ ھەرىپ خاتالىق سەۋەبى Google دىكى پۇلۇمنى ئالالماي يۈرىمەن
راسلا نەسىردىن ئەپەندىمدەكلا جايلاپتۇغۇ
خو
ھەممە ئىشنى بانكا خادىملىرىغا يوكلەپ قويساقمۇ بولماس ، جامائەت… پۇلنىڭ ئىشى تورسا ، شۇنداق كۆپ رەسمىيەت كەتمىسە ، سىلەر قورقماي نەچچە تۇمەن پۇلنى بانكا قويالامىسلە ! بانكىمۇ سىلەرنىڭ مەنپەتىڭلارنى ئويلاپ شۇنداق قىلىدۇ ! لىكىن بەزى پىچەك بانكا خادىملىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىمىغاندا ! ‹يىرىم چىلەك سۇ بەك شالداق ئىشىيدۇ ›ئەمەسمۇ !
يوغان سۆزلىگەن بىلەن ج خ ئورۇنلىرىنىڭ چاقىرىق قەغىزىدىن بىرنىلام ئالغاچ بارسا يۇقارقى قەدەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ يۈگىرەپ تۇرۇپ ئەپچىقىپ بىرىدۇ ئۇنداقلار …
بىرنىمە دېمەي.