نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

كۆپ ئۇچرايدىغان يانفون ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا

ئەگەر يانفونىڭىز بىرلا قېتىم سايراپ توختاپ قالسا، تېلىفون قايتۇرۇشتا ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ بەلكىم ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ دەل جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئېلان قىلغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلگەن يانفوندىكى 16 خىل ئۇچۇر ئالدامچىلىقىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدا كۆپ بولغاندا 100 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى ئالداپ كېتىلىدىكەن. ئۇنداقتا ئالدامچىلار يەنە قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق يانفوندا ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يېتىدۇ؟ تۆۋەندە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر قانچە خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلىغا قاراپ باقايلى…

يانفون ئالدامچىلىقى

1. «سىز مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز»

بۇنىڭدا «سىز x يۈەنلىك خاتىرە كومپيۇتېرىغا ئېرىشتىڭىز، مۇكاپات ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، مۇكاپاتنى ئېلىۋېلىڭ» دەپ ئۇچۇر قىلىپ، سىزگە بىر تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا تېلېفون قايتۇرغاندا، تۈرلۈك مۇكاپات ئېلىش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلسىڭىز، پۇلىڭىزدىن قۇرۇق قالىسىز، ئەمما مۇكاپاتقا ھەرگىز ئېرىشەلمەيسىز. گۇماندار ئۇچۇر ئارقىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ياكى سودا-سارايدا كارتىدىن پۇل خەجلىگەنلىك توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ، ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرىغا ئېرىشىپ، ئارىدىن نەپ ئالىدۇ.

2. ناخشا تەلەپ قىلغانلىق قىسقا ئۇچۇرى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش

بۇنىڭدا ئالدامچىلار مۇنداق ئۇچۇر قىلىدۇ: «يان تېلېفون نومۇرى xxx بولغان بىر دوستىڭىز ھۇزۇرىڭىزغا ناخشا تەلەپ قىلدى. بۇ نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ».

بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر تېلېفون قايتۇرۇپ ئاڭلىسىڭىز، ئادەتتە بەش يۈەن سۆزلىشىش ھەققىڭىز تۇتۇپ قىلىنىدۇ. باشقىلارغا ناخشا تەلەپ قىلىش ئەسلىدە ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئىش بولسىمۇ، لېكىن بەزى كىشىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ يانفون ھەققىنى قالايمىقان تۇتىۋالىدۇ، بۇنداق مەجبۇرىي سۇنۇلغان سوۋغىنى مېنىڭچە ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ.

3. ئەرزان باھالىق تاۋارلارنى سېتىش

بۇنىڭدا ئالدامچىلار: «شىركىتىمىزدە بىر تۈركۈم يېڭى ئەتكەس ئاپتوموبېل بار. سېتىۋېلىشقا قىزىقسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ» دەپ ئۇچۇر قىلىدۇ.

گۇماندار يەنە: «ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرسىڭىز ئاپتوموبىلنى كۆرەلەيسىز» دەپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. سىز زاكالەت پۇلىنى ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ. پۇلىڭىزنىمۇ قايتۇرۇۋالمايسىز.

4. شياڭگاڭدىن كەلگەن تېلېفون

بۇنىڭدا تېلېفون بىردەم سايراپ، توختاپ قالىدۇ. قايتۇرسىڭىز، قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ شياڭگاڭدىكى مەلۇم لاتارىيە مەركىزىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى، سىزنىڭ بۇ ئورۇننىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىڭىز ئەسكەرتىپ، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىدىن بىرنى قالدۇرىدۇ. ئەگەر تېلېفون قايتۇرۇپ ئالاقىلەشسىڭىز، ئاتالمىش لاتارىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نومۇرنى دەپ بېرىش ھەققى، چاي پۇلى، ئەزالىق ھەققى تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ، پۇلىڭىزنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

5. «مېھمانسارايغا ئاممىۋى مۇناسىۋەت خادىمى قوبۇل قىلىمىز»

بۇنىڭدا كىشىلەر مۇنداق بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالىدۇ: «مېھمانسارايغا يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن ئاممىۋىي مۇناسىۋەت خادىمى قوبۇل قىلىمىز. ئايلىق ئىش ھەققى 10 مىڭ يۈەن. ئالاقىلەشكۈچىxx ».

بۇ خىل ئالدامچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار تېلېفوندا كېلىشكەن مېھمانسارايغا بارغاندا، گۇماندار ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئالدانغۇچى يەنە تېلېفون ئۇرغاندا، ئۇنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكى، كۆرسىتىپ بەرگەن ھېسابات نومۇرىغا تەربىيەلەش ھەققى، خىزمەت فورمىسى ھەققى قاتارلىقلارنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىشقا چۈشسە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. ئەلۋەتتە سىز: «ئادەمنى كۆرمەي تۇرۇپ، خىزمەتكە ئېرىشتىم» دەپ ئويلاپ، پۇل تاپشۇرسىڭىز ئالدامچىلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن بولىسىز، خىزمەتكىمۇ ئېرىشەلمەيسىز، پۇلىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز.

6. بانكا نامىدىكى ئالدامچىلىق

بۇنىڭدا ئالدامچىلار بانكىنىڭ نامىدا يانفون ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىدۇ. مەسىلەن: «ھۆرمەتلىك ئابونتچى، ھازىر سىزنىڭ ھېسابات كارتىڭىزدىن xx يۈەن خەجلەندى، ئەگەر گۇمانىي قاراشتا بولسىڭىز، xxx نومۇر ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ».

كارتا ئىگىسى تېلېفون بەرگەندە، گۇماندار ئۆزىنىڭ سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىنى ھەم كارتا ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كارتىڭىزدىكى پۇللارنى ئېلىۋالىدۇ. شۇڭلاشقا كارتا نومۇرىڭىز ۋە مەخپىي نۇمۇرىڭىزنى ھەرگىز باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەڭ. ئەگەر كارتىڭىزدىن ئەنسىرىسىڭىز، بانكىغا بېرىپ مۇلازىمەتچىلەردىن يۈزتۇرانە ئەھۋال سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

7. سۆزلىشىش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئالدامچىلىقى

بۇ بەك كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئالدامچىلىق ئۇچۇرى. يەنى: «بۇ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئابونتچىلار مۇلازىمەت مەركىزى، سىزنىڭ سۆزلىشىش ھەققىڭىزدىن xx يۈەن ئارتۇق ئېلىۋاپتۇق، قايتۇرۇۋېلىشنى خالىسىڭىز xxx نومۇرنى بېسىڭ».

سىزنى نومۇر بېسىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق تېلېفونىڭىزدىكى سۆزلىشىش ھەققىنى ئۆزىنىڭ تېلېفونىغا ئاغدۇرۇۋالىدۇ. سىز پايدا ئالدىم دەپ، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ تېلېفونىغا پۇل قاچىلاپ بېرىسىز. خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى تېلېفون ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرسىڭىزمۇ ياكى مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ ئۇچرىغان ئەھۋاللارنى ئېيتىپ زىياندىن ساقلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.

8. يېقىن دوستلارنىڭ تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئالداش

بۇنىڭدا ئالدامچىلار كەلگەن تېلېفونلارنىڭ نومۇرىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ، تېلېفون بېرىدۇ ياكى ئۇچۇر يوللايدۇ. يەنى ئۇلار يۇمشاق دېتال ئارقىلىق خالىغان نومۇرنى تېلېفونىڭىزدا كۆرسىتەلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇلار سىزنىڭ كومپيۇتېردا دوستلىرىڭىز بىلەن يېزىشقان قىسقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئالدىن كۆرۈۋالغاچقا، بۇ ئالدامچىلارغا ئاسانلا ئالدىنىپ قالىسىز. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپلا قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىگە ھۆكۈم قىلماڭ. بولۇپمۇ پۇل تەلەپ قىلىپ يېزىلغان قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە، قارشى تەرەپكە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ، ئەگەر دوستىڭىزنى ۋاقتىنچە تاپالمىسىڭىز، باشقا دوستلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ ئېز-دېرىكىنى قىلىڭ، لېكىن ھەرگىز ئالدىراپ پۇل سېلىپ بەرمەڭ.

9. باج قايتۇرۇش ئالدامچىلىقى

بۇنىڭدا ئالدامچىلار دۆلەت پۇل-مۇئامىلە مالىيە مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلارغا باج قايتۇرۇش سىياسىتىگە ئاساسەن، «سىزنىڭ تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ بېجى قايتۇرۇلىدىغان بولدى، باج قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىسىڭىز بولىدۇ» دەپ سىزگە ئۇچۇر قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قاراپلا بۇنداق گەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس، ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئەگەر سىز تېخى يېقىندا ئاپتوموبىل سېتىۋالغان بولسىڭىز، ياكى ئاپتوموبىلغا ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق خەۋىرىڭىز بولمىسا، چوقۇم باشقىلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ ئاندىن ئىش كۆرۈڭ، چۈنكى دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىر خىل باج قايتۇرۇش سىياسىتى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ئازراقلا ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىز، بۇنداق ئالدامچىلىقتىن ساقلىنالايسىز.

10. تونۇشلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش

بۇ تولىمۇ بىمەنە بىر خىل ئالدامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى بولسىمۇ، لېكىن ئالدامچىلار بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقان. تونۇشلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى بايقاش ناھايىتى ئاسان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئالدىنىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدا ئالدامچىلار مۇنداق ئۇسۇل قوللىنىدۇ. مەسلەن: «ئاكا، مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ، ھازىر قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى، كارتامغا 300 يۈەن ئۇرۇۋەتكەن بولسىڭىز» ياكى «مەن سىزنىڭ گۇاڭجۇدىكى سودىگەر دوستىڭىز لاۋ جاڭ، بىز تېخى يېقىندا سودىلاشقان ئەمەسمۇ، ئېسىڭىزگە كەلدىمغۇ دەيمەن، يېڭى ماللار كەلدى، 10 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، مالنى سىزگىلا بىرەي» دېگەنتىم دېگەندەك.

بۇنىڭدىمۇ كىشىلەر قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرىغا قاراپلا كىملىكىگە ھۆكۈم قىلىپ ئالدىنىپ قالىدۇ، ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمى تېز، داۋاملىق سىرتلاردا يۈرگەچكە بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، شۇڭلاشقا تېلېفون كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالدى، ئالدامچىلار دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئۇزۇندىن بىرى ئالاقىلاشمىغان ياكى تېلېفون بىلەنلا ئالاقىلىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سىياقىگە كىرىۋېلىپ، مەقسىتىگە يېتىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا پۇل سوراپ كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغاندا چوقۇم ئىنچىكە تەكشۈرۈڭ. ئالدىراپ پۇل سېلىپ بەرمەڭ.

11. «بالىڭىزنى گۆرۈگە ئېلىۋالدۇق»

بۇنىڭدا ئالدامچىلار: «بالىڭىزنى گۆرۈگە ئېلىۋالدۇق» دەپ پۇل تەلەپ قىلىدۇ، تېلېفوندا ھەتتا بالىڭىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىدۇ.

بۇنداق ئەھۋالدا ئاۋۋال بالىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سوراڭ، ئەگەر بالىڭىز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلىسىڭىز، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ. ھودۇقۇپ كەتمەي مۇقىم تېلېفون ئارقىلىق بالا تۇرۇشلۇق مەكتەپ ياكى ئورۇنلارغا تېلېفون بېرىپ، بالا تۇرغان ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇڭ. ئەگەر راستلا بالىڭىزنىڭ ئېز-دېرىكىنى قىلالمىسىڭىز، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ، ھەرگىز جىنايەت گۇماندارىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئىش قىلماڭ.

12. سۆزلىشىش ھەققى قۇيمىچىلىقى

بۇنىڭدا ئالدامچىلار: «مەن ھازىر سىرتتا كاماندىروپكىدا، يان تېلېفونومنىڭ سۆزلىشىش ھەققى ئاز قالدى، ئېغىر كۆرمەي قىممەت تولۇقلاش كارتىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرىنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز» دېگەندەك قىسقا ئۇچۇرنى يوللايدۇ. ئۇلار كۆپىنچە ئوغرىلانغان يانفون ئارقىلىق ئالدامچىلىق ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلار يېڭىدىن بىر يانفوننى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، يانفوننىڭ تېلېفون دەپتىرىدىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر يوللاپ، قىممەت تولۇقلاش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت 50 يۈەن ياكى 100 يۈەننىڭ ئىشىغۇ دەپلا قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىغا پۇل قاچىلاپ بەرمەڭ. يەنىلا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىدىن جەزملەشتۈرۈپ بېقىڭ. كۆپىنچى كىشىلەر دوستۇم ياردەم تەلەپ قىلىۋاتسا، يەنە تېلېفون قىلىپ سوراۋەرسەم سەت بولارمۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر تېلېفون ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى، شۇنداقلا، دوستىڭىزنى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقتىن ساقلاپ قالالايسىز.

13. «تۇغقىنىڭىز پېشكەللىككە ئۇچرىدى»

بۇنىڭدا ئالدامچىلار مۇنداق قىسقا ئۇچۇر قىلىدۇ: «تۇغقىنىڭىز پېشكەللىككە ئۇچراپ ھازىر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئوپېراتسىيەگە كۆپ پۇل كېتىدىكەن، پۇلنى ماۋۇ نومۇرلۇق ھېساب كارتىسىغا ئۇرسىڭىز بولىدۇ». بەزى كىشىلەر يېقىن ئادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، جىددىيلىشىپ، قارشى تەرەپكە پۇل سېلىشقا ئالدىرايدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقا تونۇشلىرىڭىزغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرسىڭىزلا دەرھال ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىيالايسىز. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىز يالغۇز ھۆكۈم چىقىرىپ، مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىمەن دېمەڭ. چوقۇم باشقىلاردىن سوراپ كۆرۈڭ.

14. «تېپىپ بېقىڭە، مەن كىم؟»

بۇ بىر مەھەل تازا ئەۋج ئالغان ئالدامچىلىق ئۇسۇلى. بۇنىڭدا ئالدامچىلار: «ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ… ئالدىراشمۇ؟» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ، ئۆزىگە تېلېفون قايتۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. سىز قارشى تەرەپكە ئۇچۇر قايتۇرسىڭىزلا، ئۇ: «مەن كىم، ئەسلەپ بېقىڭە» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سىزنى قايمۇقتۇرىدۇ. سىز بەلكىم پالانچى دوستۇم بولۇشى مۇمكىن، دەپ جاۋاب قايتۇرسىڭىز، ئۇ دەرھال گەپنى ئۇلاپ، «توغرا تاپتىڭىز» دەپلا، سىز بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى سىزدىن پۇل ئۈندۈرۈش.

بۇنداق ئۇچۇر كەلگەندە، قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى سوراڭ. ئۇ دەپ بىرەلمىسە ياكى چاقچاق قىلغان قىياپەتتە ئەكسىچە سىزدىن سورىسا، سىزمۇ جاۋاب قايتۇرماڭ ياكى تونۇمايدىغان بىرىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېقىڭ. ئۇ «ھەئە، مەن شۇ» دېسىلا ئۇنىڭ ئالدامچى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئۇچۇرلارنى قايتۇرماڭ، ئەگەر ھەقىقەتەن دوستىڭىز سىزگە ئۇچۇر قىلغان بولسا، مېنىڭچە سىزنىڭ جاۋاب قايتۇرمىڭىزنى كۆرۈپ، سىزگە ئۆزى تېلېفون قىلىدۇ. شۇڭلاشقا يەنىلا بۇنداق ئۇچۇرلارنى قايتۇرماڭ.

15. تېلېفوننى بىرلا قېتىم سايرىتىپ قويۇش

بۇنىڭدا ئالدامچىلار ئادەتتە تېلېفوننى بىرلا قېتىم سايرىتىپ قويىدۇ، تېلېفون قايتۇرسىڭىز تېلېفون قانداقتۇر سۆز قالدۇرىدىغان سىستېمىغا ئۇلىنىدۇ. مەيلى يانفون، مۇقىم تېلېفون ياكى كىچىك زېرەك بولسۇن، ناتونۇش تېلېفون نومۇرلىرىغا تېلېفون قايتۇرماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ بىرلا قېتىم سايراپ توختاپ قالغان تېلېفون نومۇرلىرىغا قەتئىي تېلېفون قايتۇرماسلىق كېرەك. جىددىي ئىش چىقىپ قالسا، ياكى بىرەرسى راستىنلا سىزنى ئىزدىمەكچى بولسا، مېنىڭچە ئۇ تېلېفونى ئۇرۇپلا قويىۋەتمەيدىغۇ؟! دەيمەن. شۇڭلاشقا بۇنداق تېلېفوننى قايتۇرۇشنىڭ قىلچىلىك ئورنى يوق.

يۇقۇرىدا ئالدامچىلارنىڭ ھىيلە – ئۇسۇللىرىدىن بىرەر قۇر كۆرۈپ ئۆتتۇق ، ئەمدى ئۇلارنى قانداق باپلاش كېرەك؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن:

سىزگە ئالدامچىلىق ئۇچۇرى ئەۋەتكەنلەرنى قانداق جايلاشنى ئۆگۈتۈپ قوياي | ئەڭ قەبىي ۋاستىلەر



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. مو؛للاخۇن 2012.09.01 , 21:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ……دىۋان دىۋان:se::se::se::grin::grin::grin:

  2. موللاخۇن 2012.09.01 , 21:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىمىسىمۇ يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار جەميىتىمىزدە خېلىلا ئېغىر دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ، بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئاچىسى مۇكاپات چىقتى دىگەن يالغان ئۇچۇرغا ئالدىنىڭ 15مىڭ يۇەن پۇلنى بىر كىچىدىلا يوق قىلۋىتىپتىكەن، دوسلار بىزمۇ دىققەت قىلايلى.ئارتۇق پۇللارنى ئىچكىرىدىكى يولداشلارغا بەرمەي مازايى-ماشايىخلارغا،غېرىپ-مىسكىنلەرگە ،ئاقساق-چۇناق ، قارىغۇ -مايماقلارغا سەدىقە قىلىڭلار

  3. سەنسىز 2012.09.01 , 21:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ئوخشىمامدا بۇ ؟؟؟:lol:

  4. سەنسىز 2012.09.01 , 21:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەل كىچىككەندەك تۇرمەن :arrow::arrow:

  5. خىيال 2012.09.02 , 15:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ئوبدان تېما يازسا دىۋان دىۋان دەپ نەدە مۇناسىۋەتسىز گەپنى قىلىدىكەنسىلەر دەيمەن، كاللا دېسە پاقالچاق دىگەندەك…:arrow:

    • كۇسەن 2012.09.02 , 15:47

      خىيال توغرا دەيدۇ دىۋان بولسا نىم بوپتۇ بولمىسا نىم بوپتۇ نەدىكى يوق گەپنى دەپ

  6. ئۆلمەس 2014.05.15 , 13:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ۋەلەيكوم ئەسسىلام !

  7. بىخلان 2014.05.30 , 23:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا مەن 25مىڭ قۇيۇلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەس

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量