رەقىبىنى بىر پاي ئوق بىلەن تىك چۈشۈرگەن دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس بەش نەپەر مەرگەن!
مەرگەن (Sniper)ئەسلىدە يوشۇرۇن ئىستىھكامدا تۇرۇپ ئوققا تۇتىدىغان ئادەمنى كۆرسىتەتتى. ھازىر بولسا كىشىلەر ئالاھىدە مەشىقتىن ئۆتكەن، نىشانغا دەل ئاتالايدىغان، نىقابلانغان ۋە رازۋېدكا تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىگەنلەرنى مەرگەن دەپ ئاتايدىغان بولدى. مەرگەنلەر ھازىر ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ‹رول ›بولۇپ قالدى شۇنداقلا ئالاھىدە ئۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى بولۇپ قالدى. بىر ئۇستا مەرگەننىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ھەتتا بەزىدە بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئۇرۇشنىڭ بارلىقى بولالايدۇ.
1.ۋاسىلي زايتسېۋ
ۋاسىلىي زايتسېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى ئەڭ نامى چىققان بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى ئەڭ ئۇستا مەرگەن ئىدى. ئۇ 1942-يىلى ‹ستالىنگراد جېڭى›مەزگىلىدە، 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 225 نەپەر گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەسكىرى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەت ئەسكەرلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ نام چىقارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن 400 نەپەر ئوفىتسېر ئەسكەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئۇ تەربىيىلىگەن مەرگەنلەر 10نەچچە مىڭ دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ مايور گېنېراللىق ئورنىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ 2001-يىلىدىكى ‹قورشاۋ ئاستىدا قالماق›ناملىق فىلىمدىكى باش قەھرىماننىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ۋاسىلي زايتسېۋ تارىختىن بۇيان ئەڭ نام چىقارغان ئۇستا مەرگەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1943-يىلى 1-ئايدا ۋاسىلىي زايتسېۋنىڭ كۆزى مىنا پارتىلىغانلىقتىن يارىلىنىپ ھەربىي خىزمەتتىن بوشىغان. كېيىن ۋلادمىر فىلەتوۋ پروفېسسورنىڭ داۋالىتىپ ساقايتىشى نەتىجىسىدە ۋاسىلي ئاخىرى ئۇرۇش مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئۇرۇشقا قاتناشقان. ۋاسلىينىڭ سەپداشلىرى ئۇنىڭغا بىر قورال سوۋغا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە:‹ستالىنگراد ئۇرۇشىدا 300دىن ئارتۇق فاشىستنى ئۆلتۈرگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانىغا تەقدىم›دەپ يېزىلغان. بۇ قورال ھازىر ۋولگاگراد مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ۋاسىلي زايتسېۋ 76يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
2.روب فارلوڭ
2002-يىلى روب فارلوڭ شاخ كوت جىلغىسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئۈچ نەپەر بازا تەشكىلاتى تېررورچىسىنى بايقىغان ھەمدە MacMillan TAC-50 .50دېئامېرتىردىكى مەرگەن مىلتىقى بىلەن 2430مېتىر يىراقلىقتىن ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، يىراق ئارىلىقتىن ئوققا تۇتۇشتا رېكورت ياراتقان.
روب فارلوڭ كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ،ساقچى بولغان.
كېيىن روب فارلوڭ قاتارلىق بەشەيلەن ۋەزىپە ئورۇنلاش داۋامىدا ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن ئامېرىكا ئارمىيىسى تارقاتقان مىس يۇلتۇز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
3.چاك ماۋېنى
چاك ماۋېنى ۋيېتنام ئۇرۇشىدىكى داڭلىق ئامېرىكىلىق مەرگەن.
ئۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدىكى ئۇستا مەرگەن بولۇپ، 1969-يىلى ئۇرۇش داۋامىدا ھاردۇق يىتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ۋيېتنامدىن ئايرىلىپ، بىر مەزگىل پېندلېتون بازىسىدا ئەسكەرلەرگە مىلتىق ئېتىشنى ئۆگەتكەندىن كېيىن دېڭىز ئارمىيىسىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا كەتكەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا 91.44مېتىر ئارىلىقتا، 30سېكوتتا M21 تىپلىق يېرىم ئاپتوماتىك مەرگەن مىلتىقى بىلەن 16ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.
4.كېللىي
ئامېرىكا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدا نۇرغۇنلىغان شىمال قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇستا مەرگەن دەپ نام ئالغان.
5.توماس پۇلېنكېت
ئەنگلىيە پىيادە ئەسكەرلەر 59-تۈەنىنىڭ ئەسكىرى توماس پۇلېنكېت 1809-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋىلا فرانكادا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى كولبېرتنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىنتايىن ئالاھىدە ئۇسسۇل قوللانغان بولۇپ، يەردە يېتىپ تۇرۇپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا قورالنى قىستۇرۇپ بەتلەپ ئوق چىقارغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇرۇش، جەڭ، قورال، مەرگەن
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,197 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 5-sniper.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۆپ ئۇچرايدىغان يانفون ئالدامچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا
- كېيىنكى يازما > ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىزدا نىمىشقا بەزى كىشلەر دىگەندەك «بىزارلىق» ۋەزىيەت شەكىللەنگەن؟
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- يەمەندىكى بىر تويدا، قولىغا AK-47 ئېلىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىرەيلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن 3 ئادەمنى ئېتىپ قوياپتۇ
- كىنو سەۋىيەسىدە ئىشلەنگەن فىلىم – 金刚狼 VS 铁血战士
- «لەيلىمە» پولات زەنجىر ھەققىدىكى كىچىك تەجرىبە، پرىنسىپىنى چۈشىنەمدىكەنسىز؟
- 21-ئەسىردىكى خاسىيەتلىك پالۋانلار – يەنە بىر يۈرۈش قاننى ئۇرغۇتىدىغان كىرىشتۈرمە فىلىم
- ئۆزى ياسىۋالغان يۇقىرى ئېلىكتر بېسىملىق «گىلادىئاتور» خەنجىرى – لازىم بولغاندا خەنجىرىمنى چىقىرىپ قاتتىق توۋلايمەن!!
- تاياققا لايىق 10 خىل ئەر ۋە ئاياللار ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇمات | مۇشۇ خىلدىكىلەردىن بولسىڭىز قاتتىق دىققەت قىلىڭ
- سىز كۆرۈپ باقمىغان ئافغانىستان يەنىلا شۇنداق گۈزەل | ئۇلارنىڭمۇ بەخىتلىك بولۇش ھوقۇقى بار
- قاتىل ئەقىدىسى3(Assassin’s Creed) خەنچە رەسمىي نەشىرى | يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ نادىر ئويۇننىڭ بىرى
ۋاسلى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھېلىقى فىلىمنىمۇ ئالامەت ئىشتىياق بىلەن كۆرۈپ قويىمەن دائىم !
مەرگەنلىك دىگەن بولىدىغان كەسىپتە
مەن تېخى ۋاسلىنى كىنودىكى توقۇلما ئوبراز دەپ يۈرۈپتىمەن، ئەسلى ھەقىقى بولغان ئادەمكەندە.
مەن مۇ Csدە نام چىقارغان مەرگەنلەردىن،كىچىكىمدىن مەھەللىمىزدىكى قۇشقاچلارنى ئوۋلاپ(كامايلەكتە ئۇ بولمىسا چالما كىسكتە دىگەندەك )يەرلىك مەرگەن جۇمۇ، شۇڭا دوسلا بۇندىن كىين مەندىن دىۋان تالاشماڭلا ….
ئەمسە بىرە دىۋانغا مەرگەنلەپ تەككۈزۈپ بېقىڭە قېنى كۆرەيلى…….
موللاخۇن دىۋانغا ئەمەس پەگاغا تەككۈزىدۇ
barret mx8 قورالىدىن بىرنى بەسە ئاتماقچى بولغان نىشانىم جىم تۇرۇپ بەسە ھا ھا ھا . ئاپلا قورال پىستان چاقماسھە…..
مەنمۇ بىر ئۆزەمنى سىناپ باقسام بولتى
barret mx8 دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس مەرگەن مىلتىقى
مەندەك ئاتىدىغان گۇيلاركىنا…
ۋاڭ باۋچاڭنىڭ كىنولىرىنى كۆرسەڭلار «جۇڭگولۇق»مەرگەنلەر بىلەن تونۇشۇپ قالىتىڭلىدە
ماڭىمۇ مەرگەن مىلتىقىدىن بىرنى بەرگەن بولسا مەنمۇ جۇڭگۇ تارىخ بېتىغا يېزىلغۇدەك دەرىجىدە بىر مەرگەن بۇلۇپ چېقاتتىم
ۋاسلى ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىمنى قايسىڭلار تىپىپ بىرسىلەر – خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە ئىسمى بولسىمۇ مەيلىتى
兵临城下 دەپ ئىزدەڭ.