سىز كۆرۈپ باقمىغان ئافغانىستان يەنىلا شۇنداق گۈزەل | ئۇلارنىڭمۇ بەخىتلىك بولۇش ھوقۇقى بار
ھەممىمىز ئامېرىكىنى بىلىمىز، چۈنكى ئۇ يەر ھازىرقى دۇنيا ئىقتىساد مەركىزى، يۇقىرى پەن- تېخنىكا بازىسى. ھەممىمىز ياۋروپانى بىلىمىز، چۈنكى ئۇ يەر كونا جاھانگىرلارنىڭ ھازىرقى ئولتۇراق رايۇنى، گۈزەل مەنزىرىلىرى ۋە پۇتبولىغا ھەممىمىز ئامراق. يەنە ھەممىمىز ھېچ بىر تەرەققىياتى ياكى پەن-تېخنىكىسى بولمىغان ئافغانىستاننىمۇ بىلىمىز، چۈنكى ئۇ يەردە كۈچلۈكلەرنىڭ تەسىر قوغلىشىش جېڭى ئۈزۈلۈپ باقمىغان.
بۇ زېمىن سەبىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە پانى ئالەمدىكى دوۋزاق، بۇ زىمىن ئاياللىرىمىز نەزىرىدە ئۈستى ئوچۇق تۈرمە، بۇ زېمىن پەننى ئالىملارغا نىسپەتەن چەكلەنگەن رايون، يىغىپ ئېيتقاندا بۇ زىمىن يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ئەڭ ماس كەلمەيدىغان تۇپراق. لېكىن تېخى 50-60 يىل ئىلگىرى بۇ يەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى، كىشىلەر ئۇنى ئۇنتىدى، كوچىلىرى ئاسفالىتلاشقان، كېچىسى كۈندۈزدىن قېلىشمايدىغان يورۇق زىمىن ئىدى، ئۇنى ئەسلەشكە جۈرئەت قىلالمىدۇق. ئاياللىرى مەدەنىي، ئۇنۋېرسىتېتلىرى ۋە تىببى ئەسلەھەلىرى تولۇق بىر تەرەققى قىلغان دۆلەت ئىدى… ئەمدى ھېچكىم ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ.
دۇنيادا مىليونلىغان خەلقلەر ئۇرۇشنى تىلەپمۇ ئالالمايۋاتقاندا، بۇ بىچارىلەرنىڭ بېشىدىن زەمبىرەك ئوقى توختىمىدى. ئىستىراتىگىيەلىك ئەۋزەللىك گاھىدا سىزنى شاھ قىلسا، گاھىدا مانا مۇشۇنداق ۋەيران قىلىدۇ. ئىلگىرى قايسى بىر سىياسىشۇناسلارنىڭ شىنجاڭنى كېيىنكى ئافغانىستان بولۇپ قالىدۇ دىگەنلىرى ئېسىمدە. ئەگەر ئۇرۇش دىگەن بۇ رەھىمسىز رىئاللىق بولمىسا ئىدى، بىزلەر بۈگۈن بالىلىرىمىزنى، ئىنى-سىڭىللىرىمىزنى ئافغانىستانغا ئوقۇشقا چىقارغان بولاتتۇق. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ھايات چىرىقى تېخى ئۆچۈپ قالغىنى يوق. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ئۈمىد نۇرلىرى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. مانا مۇشۇنداق قەبىھ شارائىتتىمۇ بۇ زېمىندا تەبەسسۇمنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ دەل ئۇلارنىڭ ماكاننى تەرك ئەتمەي بۈگۈنگە كېلىشىنىڭ ئاخىرقى سەۋەبى بولسا كېرەك …
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇرۇش، تۇرمۇش، جەڭ، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: siz-kormigen-afghanistan.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاڭلىدىڭىزمۇ، خاككېرلار ئۆيدە ئولتۇرۇپلا سىز كېتىپ بارغان يولنى توسىۋىتەلەيدىكەن؟
- كېيىنكى يازما > تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى 2013- يىللىق بىرىنچى پەسىللىك بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلار | سىزمۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيسىز
- Need For Speed(يەنى 极品飞车) ئويۇنىنىڭ كىنوسى چىقماقچىكەن
- ئامىستېردام كارتون فىلىم بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسقا فىلىم – مايمۇن زۇڭتۇڭ
- مارىيو بىزگە ئۆگەتكەن 10 چوڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى
- ئويۇنلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن CG فىلىملەرمۇ خېلى چوڭ كىنو-فىلىملەردىن قېلىشمايدۇ
- كارتون بىلەن ئۆتكەن ھايات: 宫崎骏 ۋە ئۇنىڭ كارتون دۇنياسى
- سېھرىي خىيالىزىم ئۈنۈمىدىكى مىكرو فىلىم – Jonah
- بىر مىنۇتتا قېرىپ كېتىش | ھېچكىم مەڭگۈ ياش تۇرىمەن دېيەلمەيدۇ، ياشلىقىمىزنى قەدىرلەيلى
- يېمەك -ئىچمەك مەسىلىسى كۆز ئالدىمىزغا تاشلانغان تەخىرسىز مەسىلە
- قىزلارغا …! | تەگسىڭىز پىروگىراممېرغا تېگىڭ! ئۇ سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىشى مۇمكىن!
- ياخشى ئويۇننىڭ چوقۇم بىر ياخشى ھېكايىسى بار! قاننى ئۇرغۇتقۇدەك كىرىشتۈرۈپ قويغان ئويۇن تەشۋىق فىلىم توپلانمىلىرى!
تېما ۋەھشى تىز يېڭىلىنىۋاتىدىغۇ …
كۈندە 2 قېتىم دىۋاندا ئولتۇرساق ئېشىپ كىتەرمىكى ، ما قېتىم بولسىمۇ ، ئۈستىدە بىر مېھمان تەستىقلانماس ….
ئۇرۇش بىرمىللەتنى تۈگىتەلمەيدۇ دىگەن ھەقىقەتنىڭ پاكىتى ئافغانىستان!
ئۇرۇشنىڭ تېزرەك ئاياقلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن….
ئادەم بىلەن پايدا-مەنپەئەت باريەردە ئۇرۇش ھەرگىز ئاياغلاشمايدۇ ! تىنىچلىق بىر مەزگىللىكلا بولىدۇ خالاس !
توۋا نەچچە يىل ئاۋالقى قەشقەرگە ئەجەپ ئوخشايدىكەن.بىزغۇ يىغلىساق،لىكىن ئاۋۇبالىنىڭ قولىدا قۇرال تۇرۇپ نىمىگە يىغلايدۇ.
ئاۋۇ كونا تاملىق بىلەن ، بايراق كۈزۈمگە بەك چىرايلىق كۆرۈندى ..
شېشىياڭچىغا قول قويدۇم ، نىمىدىگەن كۆپ ئوخشاشلىق …
مىللەت ئوخشىمىسىمۇ چىراي ئوخشىغان ، مىللەت ئوخشىمىسۇ پولوسى ئوخشىغان ….
نۇرغۇن يىل بۇرۇن دۇنيانى تەۋرەتكەن تالىبانلارنى چوڭ كۆرۈپتىمەنكەن بالا ۋاقىتلىرىمدا …. ئەمدى چۈشەنسەم خەلق قوزىدىنمۇ يۇۋاش بولىدىكەن …. گۇناھكار بولىدىغىنى ھۆكۈمرانلار ئىكەن …. مەيلى كاپىر بولسۇن مۇسۇلمان بولسۇن خەلق گۇناھسىز ! (شەخسى قارىشىم) 911 ۋەقەسىدە بۇشنىلا ئۆلتۈرگەن بولسا ھازىرقىدەك نەپرەتكە ، تېرورچى ، بۇلاڭچى ئاتىقىغا قالماس ئىدى تالىبانلار (دۇنيا خەلقىنىڭ نەزىرىدە) ….. نۇرغۇن بىگۇناھلارنىڭ قېنى بىلەن قولىنى بوياپمۇ بەخىرامان ياشاۋاتىدۇ بەزىلەر !!! مەسلەن :….. چوڭ كىچىك قوڭى بوشلار دېگەندەك ………..
ئاۋۇ يۈزىنى قورۇق بېسىپ كەتكەن، بېشىغا سەللا يۆگەپ قولىدا گۈل تۇتۇپ تۇرغان بوۋايغا قاراپ كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياشلار سىرغىپ چۈشتى….
ئاستىدىكى فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى سۈرەتكە ئېلىنىپتۇ. فىلىم ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ لىكىن ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ھەقىقەتەن كۆپكەن.
نېمە دىگەن تەبىي!
ھەقىقەتەن مەنىلەرگە تۇيۇنغان فىلىم ئىكەن . ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ كۆردۈم . ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىقلار ….
كۆڭلۈم بىر خىل بوپقالدىيا
مۇزىكىسىمۇبەك ياخشى كېرېشتۈرلۈپتۇ،