نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

يېمەك -ئىچمەك مەسىلىسى كۆز ئالدىمىزغا تاشلانغان تەخىرسىز مەسىلە

يېمەك -ئىچمەك مەسىلىسى كۆز ئالدىمىزغا تاشلانغان تەخىرسىز مەسىلە، ھەممىمىزدە شۇنداق بىر ئارمان بار، لېكىن… نېمە لېكىن؟!!! بىزنىڭ بۇ غايىۋى ئارزۇيىمىز سۈكۈت پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بىر چۈش ئەمەسلىكىنى، ھامان رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز.

ghayiwi-arman

ئەمما بىز ئامالسىز، چۈنكى كۈندە بىز يەيدىغان، ئىچىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ماشىنىلىشىش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپ پايدىغا ئېرىشىش قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ ئەقىل كۆزىگە بىر قەۋەت لاتا تارتىپ قويدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ تايىنى يوق، ھورمون بىلەن نەچچە ھەپتىدىلا «رەسىدە» بولغان توخۇلار، ئىچىدىن سېرىق شارچە چىقىدىغان ياكى دىڭ-دىڭ توپتەك سەكرەيدىغان تۇخۇملار، چاشقان ۋە باشقا ھارام گۆشلەردىن ياسالغان كالا ۋە قوي گۆشلىرى، يۇندا ياغلار… بىزنى شۈبھىلەندۈرمەكتە، بىز كۈندە ئىستىمال قىلىدىغان ئاساسىي يېمەكلىكلەرنىڭ ساپ، بۇلغانمىغان، مىللىي ئۆرۈپ ئادىتىمىزگە ۋە ئىسلام دېنى ئەقىدىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

غايىۋى ئارمان



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. خىيال 2013.09.16 , 12:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلىپ تۇرىمىز، يەنە نۇرغۇن ئېھتىياجى مەسىلىلەر بىلەن قىلىپمۇ سالىمىزدە:cry:

  2. بىرتال نۇقتا كوم 2013.09.16 , 12:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھالال – ھارام مەسىلىسى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدىكى تەخىرسىز مەسىلە :cry:

  3. كۈسەن 2013.09.16 , 13:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل فىلىمكەن :smile:

  4. نەۋقىران 2013.09.16 , 13:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھالال – ھارام مەسىلىسى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدىكى تەخىرسىز مەسىلە شۇنداق بولۇپمۇ شۇ مەسىلىلەرگە سەل قارىلىۋەرسە بەلكىم كەلگۈسى 10 يىللارغىچە دوختۇرخانىدا كارۋات يىتىشمەسلىكى مومكىن مەھەللىمىزدە بىر قىز توخۇ غا ئامراق بولۇپxxx توخۇسىمۇ نىمە توخىسى ئىشقىلىپ 1ھەپتە يەپتۇ نەتىجىدە بەدىنىدىن سۇ تامچىدىغان كىيىم كىيسە قولايسىز بولۇپ 2 ھەپتە تالاغا چىقالمىدى

    • پالاكەت 2013.09.16 , 15:36

      توۋا ما ئىشنى كۈرۈڭ ، بەدىنىدىن سۇ قاندا تامچىيدۇ؟ :?:
      توخىنىڭ سۆڭكىنىمۇ قۇشۇپ يەپ قۇسىقىنى تىشىۋەتمىگەندۇ :???:

    • نەۋقىران 2013.09.17 , 16:27

      ياقەي ھورمون تەسىر كۆرسەتكەن گەپ ئويلاپ كۆرۈڭ

  5. رىچارد 2013.09.16 , 14:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىجارەتچىلەر ھەم ئاشپۇزۇللار كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ گېلىنى بۇلغاۋاتىمىز…

    ھەي “…
    تاماق يەيمەن بىرھازا ئويلىنىپ كېتىدىكەن دىسەھ ھازىر.
    ھەممە ئاشپۇزۇل ئوخشاش

  6. مەنسۇر 2013.09.16 , 21:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    «مۇسۇلمانچە» مۇشۇبىر ئېغىز سۆزدىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارغا ھارامنى ھالال دەپ يىگۈزىۋاتقان مۇناپىقلار، ئىچكىرىدىكى خەنلەر ياساپ بازار تاپالمايۋاتقان ئەخلەتلەرنىڭ سىرتىغا «شىنجاڭدىكى پالانى زاۋۇت، قەشقەردىكى پۇستانى زاۋۇت»، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇيغۇرلار قۇرغان مۇسۇلمانچە زاۋۇتتا ئىشلەپچىقاغان ئىچىملىك، چۆپ ۋە….
    مۇشۇنداق ئىسمى با، ئۆزى يوق زاۋۇتنى قۇرۋالغان تۇزكۇرلارنى قىيما-چىيما قىلۋەتسەم دەيمە… (ئەسلى باشقا گەپ قىلاي دىگەن، مەيەدە قاملاشيمايدىكەن)

    • نەۋقىران 2013.09.17 , 13:46

      چەيدو لازىمما

    • بىرتال نۇقتا كوم 2013.09.17 , 18:09

      چەيدو ساتىدىغان سودىگەرمۇ سىز :mrgreen:

  7. دوستەك 2013.09.16 , 21:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوينىڭ كەينىدىلا تىرىلغۇ يەربولسا ، يەرلەرنى ئارام ئالدۇرۇپ(ئاتا بوۋىلىرىمىز شۇنداق قىلىدىكەن) تىرساق .
    ئوغۇتقا ئۆزىمىزنىڭ مەھەللىۋى ئوغۇتىمىزنى ئىشلىتىپ ، بىسمىللاھ دەپ چىكىمىزدىن تەر چىققۇدەك كەتمەن چىپىپ ئىشلەپ ، لازىمەتلىكلەرنى ئۆزىمىزتىرىساق …………………

    ھەيييييييييييييييييييييي …………..

    يەنىلا بۇ بۇلغانغان ھاۋادا …………………..

  8. تۇك ھەرىسى 2013.09.17 , 00:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‹‹مۇسۇلمانچە›› دېگەننى خەن لە پاكىزلىق دەپ چۈشىنىۋالدىمىكى ياكى مەنپەئەتىنى ئويلامدىكى ۋېۋىسكىلىرىغا قوقماي چىقىرۋالىدىغان بوپتۇ.

  9. گۈلمەرت 2013.09.17 , 11:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار ئېغىر .
    ئاكامنىڭ باللىرى مەھەللىدىكى دوكاندىن كۈندە دىگۈدەك پارچە پۇرات يىمەكلىك ئەكىرىپ يەيدۇ ، يىمەيدىغان كۈنى بولمىسا كېرەك .
    بىر كۈنى سىڭلىم يەۋەتقان بىر يىمەكلىكنىڭ ئورالمىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ‹‹خېنەن دە ئىشلەنگەن›› دەپ يېزىقلىق ئىكەن ، ھەيران قالدىم ، دوكانغا چىقىپ خېنەندە ئىشلەنگەن نەرسىلەرنى يىگىلى بولمايدىغانلىقى ئېيتىپ دوكاندارغا نەسقھەت قىلسام ، قۇلىقىغىمۇ كىرمىدى . بۇنداق ئەھۋال بەكلا ئرغىېلىشىپ كىتىپتۇ :cry::cry::cry::cry:

    • نەۋقىران 2013.09.17 , 13:48

      قولىنى يۇيماي نان يىگەن سودىگەركەن

    • ئەنسار 2013.09.17 , 15:46

      خېنەندە ئىشلىگەن نەرسىلەنى يىگىلى بولمايدۇ ؟؟ ئاڭلىمىغان گەپكەنغۇ بۇ…

  10. ئۇسلۇب 2013.09.17 , 13:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىلغاپ، تاللاپ يەيدىغان قەۋىم قاتارىدا ياراتقىنىڭغا چەكسىز شۈكرى!!!

  11. نەۋقىران 2013.09.17 , 13:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھالاي مۇ ئىنىق ھاراممۇ ئىنىق لىكىن …………………………………………ھە

  12. دىيانەت 2013.09.18 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىقمايدىغۇ؟مەن كۆرەلمىدىم

  13. ئەنجانباي 2013.09.20 , 00:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېمەك ئىچمەك مەسىلىسى ھەممىلا ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ”
    ھازىر ھەممە نەرسە پارنىكتا ئۆسكەندەك بولۇپ كېتىپ بارىدۇ”
    ‘ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ دىلىغا ئىنساپ ئىشلىرىغا پاكىزلىق ئاتا قىلسۇن.
    ئۇنداقەي مۇنداقەي دىگەندىن ماۋۇ كارتوندىكى ئاۋۇ باش رولچى قورچاقتەك
    ئۆزىمىزمۇ جەمىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشساق ياخشى ئەمەسمۇ “!
    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    بىزنىڭمۇ چوپ-چوڭ بېغىمىز بولسا ئۆزىمىز تېرىپ-يەر ئېچىپ قىلساق
    ئادەم باشقىچە روھلىنىپ قالىمىزدە” ساغلانلىقىمىزغىمۇ كۆپ پايدىسى بولىدىكەندە ” ئاللاھ شۇ كۈنلەرنى ھەممىمىزگە نىسىپ قىلسۇن

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量