نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ياخشى ئويۇننىڭ چوقۇم بىر ياخشى ھېكايىسى بار! قاننى ئۇرغۇتقۇدەك كىرىشتۈرۈپ قويغان ئويۇن تەشۋىق فىلىم توپلانمىلىرى!

تورخۇماردا تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئويۇنلارنى قانچىلىك ئادەم ئوينىدى ھەم ئويناۋاتىدۇ بىلمەيمەن. بىراق پرىنسىپ جەھەتتىن، ئاساسەن بىر قەدەر داڭلىق ۋە ئۆز ئالدىغا ۋەقەلىك شەكىللەندۈرۈپ ماڭغان نادىر ئويۇنلارنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىمىز. شۇنىڭدەك، ئاشۇ بىز تەۋسىيە قىلغان نۇرغۇن ئويۇنلارغا قارايدىغان بولساق، كۆپىنچىسىدە مەلۇم بىر ۋەقەلىك ياكى كۈچلۈك بولغان يولباشچى ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلى كىشىنى ئويۇنغا باشلاپ كىرىش ۋە ئويناش جەريانىدا زوق بېرىش جەھەتتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك.

ac

تۆۋەندە شۇنداق بىر كىرىشتۈرمە كۆرۈپ باقايلى. مەزكۇر كىرىشتۈرمىدىكى كۆرۈنۈشلەر 42 ئويۇندىكى 172 پارچە فىلىم شەكلىدىكى ۋەقەلىكتىن كېسىپ ئېلىپ كىرىشتۈرۈلگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئويۇنلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق ئاتاپ بېرەلەيدىغان پۈتۈن دۇنيادا 1000 دىن ئاشماسمىش!

تارىختىكى ئەڭ ھەشىمەتلىك كىرىشتۈرۈلگەن ئويۇن ۋەقەلىك توپلانمىسى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەتىۋا 2013.08.29 , 19:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەدەمنى ئۇيانچى قىۋىتەي دەۋاتامسىلە ھوي… ھەپتىنىڭ ياقى ئۇياننىڭلا گىپىغۇي … د ۋ ن

  2. نەۋقىران 2013.08.29 , 20:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مازكەن كەتتى گەپكە كىلى ئويۇن ئادەمنى رەزگە قىلىۋەتمەيدۇ لىكىن بىرىلىپكىتىش شۇندا قىلىدۇ بەزىدە ئويۇنلا زىھىننى ئۇرغىتىشزى مومكىن لىكىن شەخسى پىكىرىم قۇرال كۆتىرەپ ئوينايدىغان ئويۇننى ياختۇرمايمەن كۆپىنچە ئويۇندا بىشقا بىر مەنە بار بۇ ئەقىللق باللا بىلىدۇ مەسىلەن قولىنى يۇيۇپ نان يىگەن دىگەندەك ،لىكىن يەكمۇ يەك چۈشىدىغان تۆمۈر مۇش دىگەن ئويان بولسا ئويناپ قويىمەن ،لىكىنزە ئۈرۈمچىگە بىرپمۇ تۇتۇشۇپ باقتىم رەقىپ يوق ئەگەر تۇتۇشۇپ باققۇسى بار تورداشلار بولسا مەيداننى دىسۇ شۇ يەرگە كومپيۇتېر ھازىرلايمەن قاندا رولدا تۇتۇشقىسى بولسا تەييارمەن ھەي كىچىك ۋاخلىرىمىزدا ھاجايىپ رەقىپلىرىمىز باتتى تەخە يىڭىۋالساق قولىمىزنى ئىتتىرىۋىتىپ چىدىماسلىق قىلاتتى

    • ۋاپاسىز 2013.08.29 , 21:02

      پو دىگەننى ئىتىپ قويدىكەنسىز جۇما

    • تاماشىبىن 2013.08.29 , 22:04

      پۇرسەت بولسا تۇتۇشۇپ قوياتتۇقكەن . تۆمۈر مۇشت 2 دە مېنى يېڭىدىغان ئادەم چىقماي. رول تۇتماي ئوڭ قولۇمدا كۇنۇپكىنى بېسىپ ئوينايتتىم. ئاخىرى بىرسى يېڭەلمەي قانداق قىلسا يېڭەلەيدىغىنىنى سوراپ تۇرىۋېلىپ پۇرسەت چىقىدىغان يوچۇقنى دەپ بەرگەندىن كېيىن بىر قوللۇق ئوينىسام يىڭەلەيدىغان بولغان. ئەمما شە ئاتلاپ ئويناپ باقماپتىكەنمە. ياپىلاق تىلدا ئىندىئان قىز، جەك ماشىنا ئادەم، سامۇراي ماشىنا ئادەم، كازۇيا لارنى ياقتۇرۇپ ئوينايمەن. قارشى تەرەپ بىلەن دوئىلغا چۈشكەندە جۇن ، قاپلان باش، نىنا، سامۇراي ماشىنا ئادەم، جەك ماشىنا ئادەم ئالدىن تاللىشىم.

    • ئەتىۋا 2013.08.29 , 23:50

      گىپىڭلىگە قارىغاندا خېلى بىڭسىڭلا بادەك قىلىسلە …لىكىنزە ما ئىنكاسىڭلا ۋەھشەت پو بۇراپ كىتىپ بۇرنۇمنى لۆڭگە بىلەن ئىتىۋېلىپ تۇرۇپ ئۇقۇپ تۈگەتتىم …
      مۇشۇ يېشىمغىچە نۇرغۇن ئەدەمنى ئۇچرىتىپتىمە ، لىكىن مەن ھەقىقى قايىل بۇلىدىغانلا ئەزەلدىن بەك كەمتەر كىلىدۇ،ھەقىقى بىڭسىڭلا بوغان تەقدىرىدىمۇ گەپ دىگەننى تاغا تاغالاپ دىسەڭلا پوچىكەن ما بالا دەپ قالىدىكەنمىز ، شۇ يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دەيتى بىزنىڭ مالىم … سىلىنى دىمدىم جۇمۇ ھوي

    • مەستانە 2013.08.30 , 00:11

      تۆمۈر مۇشتچىلار يىغىلىپ قاپتۇدە؟ ما مېنىڭ باش سۈرىتىمگە دىققەت قىلىپ قويۇڭلار، باش سۈرەتتىكى مۇشتقىمۇ ھەم:mrgreen:
      PS: تەدبىركارنىمۇ بەك ئۇستا دەپ ئاڭلىغانتىم تۆمۈر مۇشتقا، تېمىنى بەك بۇراپ كەتمەي قېنى

    • تاماشىبىن 2013.08.30 , 02:04

      مەن ئەزەلدىن پو ئاتمايمەن. شۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدىكى بۇرنىڭلىغا تۇتقان لۆڭگەڭلا ئەزەلدىنلا پۇرايدىغىنى ئېنىق. يەنە بىر گەپ سىلى بۇنى ئويۇن ئەمەس راست ئادەمنىڭ مۇشلىشىشى دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايلا، دېيىلۋاتقىنى بىر خىل ئېلىكتىرونلۇق ئويۇن. ماھارەتلىرىنى تولۇق بىلسىلا ھېچقانچە گەپ ئەمەس. بىرسى سىلىنى قايىل قىلىمەن دېمىگەندىكىن ئاۋۇ يېرىم چېلەك سۈيۈڭلىنى شالاقشىتىۋەمەي لىقلاپ قويۇڭلار!!! راست ما گەپنى كىمگە دېمەكچى بولغىيتىم…..

    • ئەتىۋا 2013.08.30 , 11:03

      تاماششىبىن بۇرادەر چېچىلمىسىنا ، مەن نەۋقىرانغا قالدۇرغان ئىنكاستى ئاۋۇ ، ئۆزلىرىگە ئەۋاپلا ئەمەسما … يېرىم چىلەك سۈيۈمنى لىقلاپ قۇياي لىقلاپ قۇياي ، سىلىنىڭ تېشىپ كىتىپتيا …

    • 2011 2013.08.30 , 21:27

      مەنچە سىزبەكلا ئاشۇرۋىتىپسىز.غوجامنىڭ غوجىسى بار،چامغۇرنىڭ ئورسى دىگەن گەپ.بۇ دۇنيادا دىمىسەكمۇ مۇشىنجاڭ تەۋەسىدە سىزئۇچۇرتىپ باقمىغان.سىزنىڭ كۆزىڭىزنى ئالا چەكمەن قىلىۋىتەلەيدىغان نۇرغۇن ئويۇن خۇمارلاربار.سىزپەقەت بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ گەپ قىپسىز…خالاس

    • خىيال 2013.09.02 , 21:42

      ئككەيلەن بىر تۇتىشايلى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تورلاشتۇرۇپمۇ ئوينىغىلى بولارمىش 496190735

  3. نەۋقىران 2013.08.29 , 20:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن قەشقەر شەھرىدە 0998 دەپ كۆرگەنما شۇ

  4. دوستەك 2013.08.29 , 22:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ مۇشۇ ئويۇن دىگەن ئاتالغۇ بىلەن خۇشۇم يوق . ئەمما ما سىن بىر كىشىلىك كىرىشتۈرلۈپتۇ . ئىسسسسسسسسسسسسسسسسسىت ئۇيغۇرچە بولغان بولسا نىمە دىگىنىنى بىر ئاڭلاپ باققۇم بار ئىدى .

  5. تاماشىبىن 2013.08.29 , 22:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىندىكى كۆپىنچە ئويۇنلارنى ئوينىغانكەنمەن. كۆرۈنۈش رەت تەرتىۋى بويىچە StarCraft ، مەخلۇقلار دۇنياسى(تور ئويۇنى) ، نۇر ھالقىسى(halo بۇ ئويۇن چەتئەلدە بەك قارشى ئېلىنىدۇ)، سېھرىگەر ، قاتىل ئەقىدىسى، قاتىل47، قەدىمى قەۋرىدىكى پەرى كۆلەڭگىسى ، پلانتلار ئارا ئۇرۇش ، پادىشاھ ئارتور ، ئۇچقۇر ماشىنا ، مۇشۇلارنى ئىلغا قىلالىدىم.

    • ۋاپاسىز 2013.08.29 , 23:49

      تۆمۇر مۇشتنىڭ خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەنمۇ بىر كۆرۈپ باقاي قانداقراق ئويۇن

    • مەستانە 2013.08.30 , 00:10

      مۇشۇ تورخۇماردىن تۆمۈر مۇشت ياكى 铁拳 دەپلا ئىزدىڭە.

  6. نەۋقىران 2013.08.30 , 09:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاماششىبىننىڭ پىكىرىنى ئوغۇتلايمەن تۇتۇشۇپ باقساق ياخشى بولاتتى

  7. نەۋقىران 2013.08.30 , 09:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەستانە بولىدۇ مەن بىلدىم ۋاھ

  8. MB35 2013.08.30 , 22:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ … بۇ ئويۇننىڭ ھەۋەسكارلېرى ئەجەپ جېقكىنا، خوتەندە بولساڭلار مەن تۇتىشىمەن.

  9. ئۇيغۇرىيە 2013.09.03 , 23:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىڭلار شۇنداق بەك قابىليەتلىكمۇ ياكى بەك ئۇيانچىمۇ ؟قارىسام بەك ئەقىللىقتەك تۇرىسىلە ..ئەقلىڭلارنى ئاللاھ رازىلقى ئۇچۇن ئىشلىتىڭلا قېرىداشلىرىم …

    • نەۋقىران 2013.09.18 , 14:29

      ما ئاۋازنى قوللىماي ئىلاجىمىز يوق رەھمەت

  10. رسكەن 2013.09.05 , 21:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تومۇر مۇشت …ھەي بۇ ئويۇنزە بولدى باللا ئاز گەپ …. سىلەر تۇتۇشۇپ كورۇپ يەڭگىنىڭلار مىنى ئىزدەڭلار …. :grin:

  11. پەرۋاز 2013.09.05 , 21:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەپ قاپسىلە ،،، مۇشۇ ياش ۋاقلادا تۆمۈر مۇشنى ئىككى قولدا دېمەي تۇراي ، مۇشۇ بىر قولۇمدا ئويناپ بەسەم يەنە ئۇتامماي مېنى ، ئاخىرى توپ تېپىپ پۇراپ كەتكەن چوقىيىمنى يېشىپ پۇتۇمدا ئويناپ بەسەم قاندا بولدى دېمەمسىلە ، يەنە ئۇتاممىدى شۇ ……:idea:

    • مىسران 2014.03.25 , 12:48

      توپ تېپىدىغان ئادەملەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنغا ئۇستا ئىكەنلىكىگە تازا ئىشىنىپ كەتمەيمەن :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • مىسران 2014.07.02 , 11:51

      ھە راست ئېسىمگە كەلدى، تولۇق ئوتتۇرىدىكى بىر ساۋاقدېشىم پۇتبۇلنىمۇ ياخشى تېپەتتى، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنغىمۇ ئۇستا ئىدى.

  12. سودىگەر 2016.06.16 , 12:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئويون ئويناشقا ئامراق باللا بۇ نومۇرنى قوشۇۋىلىڭلا1486091399 كىكۇ نومۇر

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量