ئادەملەرنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋىتىپ بارغىنى بەلكىم يان تېلېفون بولۇشى مۇمكىن
مەيلى قەيەرگە بارايلى، قولىمىزدىكى ئاشۇ ئامراق يانفونىمىز تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە چۈشكىنىمىز چۈشكەن. بىزنىڭ بېشىمىز ھامان تۆۋەن تۇرىدۇ، چىرايمىزدا بولسا ھېسسىيات دىگەننىڭ ئىز-دىرىكى يوق. پۈتۈن دىققىتىمىز ئاشۇ ئالقانچىلىك كەلمەيدىغان ئېلېكترونلۇق ئېكرانغا مەركەزلىشىپ قالغان. بەلكىم بىز دۇنيانى ئالقىنىمىزدا ئوينىتىشنى ئارزۇ قىلساق كېرەك؟ تۆۋەندىكى قىسقا فىلىمدە تەسۋىرلەنگىنىگە ئوخشاش، يانفون بىزنى بارغانسېرى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئايرىۋىتىپ بارىدۇ. مەيلى دوستلىرىمىز بىلەن ساياھەتكە چىققان ئاشۇ دەملەر، مۇھەببەتلىشىۋاتقان رومانتىك چاغلار ۋە ياكى تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشلىرىدا بولسۇن، بىزنىڭ دىققىتىمىز ھامان ئاشۇ يانفونىمىزدا، قاچانلاردىن باشلاندىكىن، بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھېسىياتىنى ئەسلا ئويلاشمايدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇنى ئويلىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، ئەپسۇس، بۇ بىر رېئاللىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يامان بولغىنى شۇكى، بۇ خىل رېئاللىق بىر قارىماققا ھىچ ئۆزگىرىدىغاندەك ئەمەس، چۈنكى، بۇ ئالقانچىلىك ئىكراننىڭ ئىچىگە دۈم چۈشۈپ كىتىشىمىزنى ھىچكىم مەجبۇرلىغىنى يوق، بۇنى ئۆزىمىز خالاۋاتىمىز.
مەزكۇر قىسقا فىلىمنىڭ ئىسمى «مەن يانفونۇمنى ئۇنتۇپ قالدىم» (I Forgot My Phone) بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قىزنىڭ يانفون تەرىپىدىن «نابۇت» قىلىنغان تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، گەرچە، ئۇنىڭ قولىدا يانفون بولمىسىمۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ دوستلىرى، ياق، بارلىق دوستلىرىنىڭ قولىدا يانفون بار، مەيلى قەيەرگە بارسۇن ياكى نېمە ئىش قىلسۇن، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئادەملىرىنىڭ دىققىتى پەقەت ئۆزىنىڭ يانفونىدا. بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن، كۆڭلىمىز تەبىئىيلا يېرىم بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگىنى ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس، بەلكى رېئاللىقنىڭ دەل ئۆزى. ئەگەر سىز بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا، ئاز-تولا بولسىمۇ مەيۈسلەنگەن بولسىڭىز، ئۇ ھالدا، مەن ئويلايمەن، بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى دەل فىلىمدىكى ئاشۇ قىزنىڭ تۇرمۇشى ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ بىشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلار ئىكەنلىكى بولۇشى مۇمكىن، ھىچبولمىغاندا، مەندىمۇ مۇشۇ خىل تۇيغۇ بولغان.
ھەممەيلەن بىلىمىز، بۈگۈنكى كۈندە، ئەگەر بىز يانفونىمىزدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلىپ قالساق، نېمە ئىش قىلارىمىزنى بىلەلمەي، ناھايىتى بىئارام بولۇپ كىتىشىمىز تۇرغانلا گەپ. قىزىقارلىق يېرى، ئەگەر يانفون بولمىغان بولسىمۇ، ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش بولاتتى، بىز يەنىلا كومپىيۇتېر، پەد ۋە ياكى ئاللىقانداق بىر ئىكرانلىق نەرسىلەرگە ھېرىسمەن بولۇپ ئولتۇرىۋىرەتتۇق. بەلكىم، بەزىلەر ھازىر يانفوندىن قانائەت تاپالمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق ئەنسىرىمەڭ، گۇگېل كۆزەينىكىگە ئوخشاش تاقىۋالغىلى بولىدىغان ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرمۇ پات-ئارىدا مەيدانغا كىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك يازما:
21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ
I Forgot My Phone
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، فىلىم، يانفون
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,655 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: i-forgot-my-phone.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > NOKIA ھازىر يانفونغا قارىغاندا ئېلاننى پەيزى ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدى جۇما ~! نوكىيا ئېلانىدىن ئىككى شىڭگىل
- كېيىنكى يازما > ياخشى ئويۇننىڭ چوقۇم بىر ياخشى ھېكايىسى بار! قاننى ئۇرغۇتقۇدەك كىرىشتۈرۈپ قويغان ئويۇن تەشۋىق فىلىم توپلانمىلىرى!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ
ماڭا ئوخشاش بويۇنغا سوڭەك ئۆسكەندە بىراقلا كۆتۇرۇپ 22-ئەسىرگە ھەممە ئادەم ئاسمانغا قاراپ كىرىدۇ
ئالدىنقى ھەپتە ئايىقىمنى ئوڭشاتقىلى موزدوزغا باغانتىم ، كەشىمنى ئوڭشىشىنى ساقلاپ ئولتاسام موزدوز يامان سەت زاپەر يانفۇندىن بىرنى تەڭلەيدۇ، نىمە قىلىمە ئاكا دىسەم ئۇكام مۇشنىڭغا ھېلىقى بىژ ئېغىزدىن بىژ ئېغىزدىن گەپ قىلىدىغان تېلفۇننى قاچىلاپ بەسىلە دەيدۇ … بۇ قاندا تېلفۇن بوغىيتى دەپ ئويلاپ كىتىپتىمە ، ما ۋېىيشىن ئۈندىدارنى دەپتىكەن ئەمەسما …
ئاكا تېلفۇنلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارى بامۇ دىسىم ، ۋوي ئۇكام لۇلاڭدىن 20كويلۇق ئۇچۇق دەيدا … ما راس بوغان ۋەقە جۇمۇڭ
سەت كۈلكىلىك سەت ئىچىنىشلىق ئىش ھە يىقىننى يىراق يىراقنى يىقىن قىلدى لىكىن مۇشۇ دىداردىن پايدىلىنىپ ھىدايەت تاپقانلارمۇ باردەك چىراي ھە لىكىن مۇشۇ سۈيۈقلىنى زى بولدى دىمەي
مۇزدوز ۋېيشىن ئوينايدۇ !
مەندە شۇڭا تىلفۇن يوق
ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسا قالىدۇ ، يانفۇننى ئۇنۇتۇپ قالمايدۇ .
ما گەپنى ئاڭلاپ دۈم يىتىپ كۈلۈپتىمەن .
تارتىش كۇچى
راست شۇندا بوپكەتتى جۇما ھازىر، بىزنىڭ ما سەھرادىمۇ خىلى گەپچى ئەدەملە ئۈچەي ئۈزلۈپ كەتكۈدەك گەپ قىپ ئوتتاسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سودىمىز يوق تىلفۇنغا دۈم چۈشكەن، ھەييييييييييييي…………
ما تىلىفوندا بەزى خەتكۈچلەرنى چەكسەم «بۇ بەتنى مەن يەۋەتتىم، بۇ يازما بۇ دۇنيادا يوق ئوخشايدۇ، ئامىين…… دەيدا، لىكىنزە تورخۇمارنىڭ ما گىپىگە سەت كۈلۈپتىمە، قانداقمۇ يادىغا يەتكەندۇ دەيمە مۇشۇنداق گەپلە ……..
ھەي يانفون ھەي يانفون تونىمايدىغان ئادەملارگە ئىچ سىرمىنىز تۆكۇپ يېقىن دوسلار يىغىاندا يانفونغا قاراپ ماشتا ياشاپ كەتتۇق
مۇنۇ يازمىنى دوسلار چەمبىرىكىگە قانداق ھەمبەھىرلەيمەن ؟
Wechat قا torhumarcom دېگەن نومۇرنى قوشۇپ تېلېفون دەپ ئەۋەتسىڭىز مۇناسىۋەتلىك يازمىنى سىزگە ئاپتوماتىك ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئاندىن شۇنى تاللاپ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ ھەمبەھرلىسىڭىز بولىدۇ.
«ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسا قالىدۇ ، يانفۇننى ئۇنتۇپ قالمايدۇ»
ما گەپنى ئاڭلاپ بەك كۆپ قايغۇردۇم…