NOKIA ھازىر يانفونغا قارىغاندا ئېلاننى پەيزى ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدى جۇما ~! نوكىيا ئېلانىدىن ئىككى شىڭگىل
ھەممىمىزگە مەلۇم بۇيىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنى NOKIA ئۆزىنىڭ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان، رەسىمگە تارتىش يالماۋۇزى دەپ قارالغان Lumia 1020 نى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ يانفپنغا قوش يادرو سەپلەنگەندىن سىرىت Lumia 920 گە سەپلەنگەن بارلىق ئىقتىدارلار بۇ يانفونغا سەپلەنگەن. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى بۇ يانفونغا 41 مىليون پېكىسللىق كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى.
بەلكىم تورخۇمارداشلارنىڭ ئېسىدە بوللىشى مۇمكىن. نوكىيا ئالدىنقى قېتىم لۇمىيا 920 ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئېلان ھەقىقەتەن ئېسىل چىققان. بۇقېتىم نوكىيا شۇ ۋەقەلىك ئاساسىدا يەنە بىر ئېلان ئىشلەپ چىقىپتۇ. توۋا دەيمەن، نوكىيا ھازىر يانفونغا قارىغاندا ئېلاننى پەيزى ئىشلەپ قويىدىغان بولۇپ قالدى دېسە ~~! گەپنى جېق قىلماي، ئېلانغا مەرھەمەت ~!
Meet the Windows Phone NOKIA Lumia 1020
ئاخىردا نوكىيا يانفونلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن فىلىم ھۇزۇرۇڭلاردا
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: NOKIA، ئېلان
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,631 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: meet-the-windows-phone-nokia-lumia-1020.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 1-بۆلۈم (1 ~ 12)
- كېيىنكى يازما > ئادەملەرنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋىتىپ بارغىنى بەلكىم يان تېلېفون بولۇشى مۇمكىن
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- 2014 Nike دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاۋات ئېلانلىرىنىڭ بىرى – تەۋەككۈل قىلىش
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
نوكىيانىڭ ماۋۇ يانفۇنى ھەقىقەتەن بوپ قۇيدىكەن ئەمما پۇلىسى سەل قىممەتكەن
ئاساسلىقى فوتوگىرافلار كۆپ سېتىۋالغۇدەك بۇ يانفۇننى
قولۇمدىكى Galaxy S4 قاراپ تۇردۇ دىسە ئاۋۇ سىندا….. دەسسىلىپ….
سىزنىڭ دەسسىلەمدۇ…ئاۋۇ ئالما بەش ئۆمىلەپ كېتىپ بېرىپتۇغۇ ئەينا خەقنىڭ چاتلىرىدىن مارىلاپ…..
باھاسى بەك قىممەتكەن لىكىن يەنە بىرنەچچە ئايغىچە باھاسى چۇشۇپ قالامدىكىن دەيمەن
نوكىيانىڭ تېلىفۇنلىرىنىڭ تاشقى كۆرىنىشى ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق !
مىنىڭچە تېلفۇن دىگەن ھامىنى تېلفۇن ،مەيلى نەچچە يۈز يۈز مىليۇن پىكسىللىق بوسۇن ئۇ يەنىلا فوتو ئاپراتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، بۇ پەقەتلا تېلفۇننى سېتىشتىكى كىشىلەرنى جەلىپ قىلدىغان بىر نوقتا …
شۇڭا تېلفۇن ئېلىشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ياخشى ئويلاپ ئاندىن ئېلىش كىرەك، ساتقۇچىمۇ بىرمۇنچە ئىشلىتىشچانلىقى يوق ئىقتىدارلارنى دەپ سىزنى قىزىقتۇرىدۇ، ھاياجانلىنىپ كىتىپ سېتىۋالىدىڭىز ، بىرە ئايلا ئۆتكەندىن كىيىن ما ئۈندىدار ، مىكرو بىلوگ ، چ چ پ چ دىگەنلەر بىلەن بوپ كىتىپ ئەينا چاغدا سىزنى قىزىقتۇرغان ئىقتىدارلىرىنىڭ نىملىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىسىز …
شۇڭا ، شۈكرى قانائەتچان بۇلۇپ نىمىگە ھاجىتىڭىز چۈشسە شۇنى ئېلىڭ
مېنىڭ ئەڭ قول قۇيىدىغىنىم نوكىيا يانفۇنلىرنىڭ سۈرەت تارتىش ئىقىتىدارى بۇلۇپمۇ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئالاھىدە ياخشى. مەن مۇشۇ تەرىپىنى ياخشى كۆرىمەن.نوكىيا 5233 نىڭ 2مىليۇن پىكسىللىق ئاپرات سەپلەنگەن يانفۇنى htc one v نىڭ 3مىليۇن پىكسىللىق ئاپراپ سەپلەنگەن يانفۇندىن ياخشى.
ئىلان دىگەن ماندا بوممامدۇ دەيمە!
ئاستىدىكى سىندىكى، نوكىيانىڭ ئاشتا سېرىق قىزىل كۆك تېلېفونلىرى بارمىتى ياكى قېپىمۇ كەيدۇرۈپ قويغان.
نوكىيانىڭ ئالمىنى چۈشۈرۈپ ئۆزىنى داڭلاش تىپىدىكى ئېلانلىرىنىڭ يېڭىسىكەن ھە؟ تېلىفون ئۆزى ياقمىدى ماڭا، ھەم بازار تېپىشىغىمۇ ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. 6000 كويكەن باھاسى، تېلىفون ياساپ كېتىپ بېرىپلا ئاپىراتتىن بىرنى ياساپ قويۇپتۇ بۇ كالۋالار يەنە
كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دىگەندەك مۇشۇ نوكىياغا كۆنۈپ قاپتىمەن دىسە،
نوكىيانىڭ ھەر قاچان سۇرەتكە تارتىش ىىقتىدارى يۇقىرى چىقىدۇ، 2010غا كەلگۈچە سۈرەتكە تارتىش ىىقتىدارى يۇقىرلىقى سەۋەبلىكلا نۇرغۇن شۆھرەتلەرگە ىىرىشىپ كەلگەن. بۇ قىتىم لۇمىيا ىارقىلىق بۇ ىورۇنىنى قايتا قولىغا ىىلىۋالغۇدەك