[ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 1-بۆلۈم (1 ~ 12)
بۇ 1977-يىلى ئەنگلىيىدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بىر توپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ، كەچلىك كۇرستا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىزىقارلىق ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.
تۇنجى قىسىمدا فىلىمدىكى ھەر قايسى پېرسوناژلار تۇنجى سائەتلىك دەرس ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.
بۇ سىنىپ بىر ئىتالىيىلىك، بىر گرېتسىيىلىك، بىر ئىسپانىيىلىك، بىر ياپونىيىلىك، بىر جۇڭگولۇق قىزچاق، بىر ھىندىستانلىق ئايال، بىر پاكىستانلىق، بىر ھىندىستانلىق شىك دىنى مۇرىتى، يەنە بىر فرانسىيىلىك گۈزەل قاتارلىقلار يىغىلغان «خەلقئارالىق» ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش سىنىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىنگلىزچىسى ياخشى ئەمەس. ئۇلار يا گىرامماتىكىدا، يا تەلەپپۇزدا ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەبىئىيلا نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ.
بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 4 بۆلۈم ئىشلەنگەن بولۇپ، دىنىي تالاش-تارتىش، سىياسىي ئايرىمچىلىق، مۇھەببەت-كۈنلەش قاتارلىقلار فىلىم مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرخىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن.
فىلىمدىكى پېرسوناژلار كۆپىنچە ھالدا بىلىپ-بىلمەي تەلەپپۇز ۋە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، فىلىم مەزمۇنىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بىراۋنىڭ تىلىنى بۇزۇپ سۆزلىسە قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار ئۇيغۇرچە ماس كېلىدىغان تەلەپپۇز ۋە سۆز خاتالىقلىرى بىلەن ئىپادىلەندى. تورداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
فىلىم گەرچە 1977-يىلى ئىشلەنگەن كونا فىلىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى چىنلىق، كۈلكە، تىل ئۆگىنىشكە بېغىشلانغان قىزغىنچلىق ۋە بوشاشماي ئۆگىنىش، ئەڭ مۇھىمى سۆزلەشتىن قىلچە تارتىنماسلىق روھى بىزنىڭ بۈ كۈنلەردە بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشلىرىمىزغا سەۋەب بولدى. تورداشلارنىڭ بۇ فىلىمدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە بوشاشماي ئۆگىنىش، تىل ئۆگەنگەندە تارتىنماي سۆزلەش، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىز ياكى باشقا تىللارنى ئۆلچەملىك، راۋان، توغرا سۆزلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: ئەگەر سىزنىڭ ئازراق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ باققان تارىخىڭىز بولمىسا ياكى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقمىسىڭىز بەلكىم بۇ فىلىمدىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىزمۇمكىن. فىلىمدىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
1-قىسىم
2-قىسىم
5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم
8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم
11-قىسىم
12-قىسىم
قوشۇمچە: مەزكۇر تېلىۋېزىيە تىياتىرىنىڭ 1-بۆلۈمى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، يېڭى قىسىملىرى داۋاملىق قوشۇلۇپ مېڭىلىدۇ. ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزى تەرجىمە قىلغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەرجىمە فىلىم، تىياتىر، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,581 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mind-your-language.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قۇلىقىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟ | قىزىقارلىق ئاڭلاش سىنىقى، قۇلىقىڭىز قېرىپتىمۇ ياكى تېخى شاشمىكەن؟
- كېيىنكى يازما > NOKIA ھازىر يانفونغا قارىغاندا ئېلاننى پەيزى ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدى جۇما ~! نوكىيا ئېلانىدىن ئىككى شىڭگىل
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
خالو دىۋان
بەك قىزىق دەپ ئاڭلىدىم بۇنى لېكىن كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان. ئېنگىلىسچە بىلىدىغانلار بولسا تېلىقىپ قالىدىكەن بۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ.
فىلىمدىكى كۈلكىلىك دىئالوگلارنى ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويسىمۇ ما تېما تازا قىزىيدىغان چىراي.
شىك دىنى مۇرىتى: پەقەت ئامالىم قالمىدى، مەن ئۆلىۋالىمەن.
مۇسۇلمان: قانداق ياردەم كېرەك بولسا، مەن ياردەم قىلىشنى خالايمەن.
ئوقۇتقۇچى: سېنى تېخى شىك دىنىدىكىلەرنى ياقتۇرمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.
مۇسۇلمان: شۇڭا ياردەم قىلاي دەيمەن.
ئالىي مەكتەپتىكى ئىنگىلىزتىلى مۇئەللىمىمنى يادىمغا.ئەكەپ قويدى
-سىزگە قانداق خىزمەت كېرەك
-كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان خىزمەت
– كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلماقچى؟
-ناھايىتى ئاز ئىشلىمەكچى
ئىشقىلىپ بەك قىززىقارلىق بەك بەلەنكەن
يەنە چىقمىدىغۇ …
مەن يىچنىمىنى چۇشەنمىدىم شۇنداق بولسىمۇ تەرجىمانلارغا كۆپ رەھمەت.
كومپيۇتېردا چىقىۋاتقانلار ماڭا خاپا بولماي بىۋاستە كۆرۈش تور ئادرىسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن.
تېلفۇندا ئازراق چىقىپلا بېشىغا يېنىپ كىتىدىكەن. تورخۇماردىكى سىنلارنى ئايفوندا كۆرسەم دائىم شۇنداق يېرىمىغا كەپلا بېشىغا يېنىپ كىتىدۇ.
نەچچە قېتىم ئىنكاس قىلىپ باقتىم. يا ئوڭشالمىدى.
قايسى يانفون؟ قايسى سىستېما؟ قايسى تور كۆرگۈ؟ مۇشۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز، مەن بىر سىناپ باقاي. يوۋكۇدىكى ئەسلى سىن نورمال قويۇلامدۇ؟
يانفۇن :iPhone5
سېستىما: iOS6
سېستىما ئەھۋالى: تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان.
تور كۆرگۈ: Safari
ئادەتتە Safari دا ۋە باشقا يوۋكۇ، تۇدۇ دىگەندەك ئەپلەردە فىلىملەر نورمال قويۇلىدۇ.
مۇشۇ تورخۇماردىكى قىستۇرما سىنلارنى كۆرسەملا دەسلەپتە تۈگەي دىگەندە بېشىغا يېنىپ كىتىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن قايتا قويسام يېرىم بولا بولمايلا بېشىغا يېنىپ كىتىدۇ. قايتا قايتا قويساممۇ يەنە شۇنداق. ھازىرقى iPhone5 دىلام ئەمەس، بۇرۇنقى تېلفۇنۇم iPhone4 تىمۇ شۇنداق ئىدى.
دېگىنىڭىزدەك ئەھۋال بار ئىكەن. ھازىر يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قويدۇم. مۇتلەق كۆپ قىسىم سىنلاردىكى مەسىلە ئوڭشالغان بولۇشى مۇمكىن. سىناپ بېقىڭ، يەنە مەسىلە كۆرۈلسە ئىنكاس قىلسىڭىز بىرگە ھەل قىلايلى.
مەن ھەممىدىن ‹پور فابور › دەيدىغان كىشىگە ئامراق بوپ قالدىم
ماڭا ئەلى نادىم چىققان يەر بۇ كىنونىڭ ئەڭ كۈلكىلىك يېرىدەك تۇيۇلىدۇ، بولۇپمۇ ھېلىقى سىنىپقا سولىنىپ قالغاندا «بىز ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇق» دېگەن يەر.
ئەمما ھېلىقى قېزىل پاچاقمۇ بىر كىشىلىك قىزىتىپ قويىدىكەن، ھەممە گەپنى خاتا قىلىپ.
ۋورفابور
ئېسىل كىنوتى ماۋۇ .
بىرىنجى قىسىمىنى كۆرگەنىدىم ئاخىرقىسى قاچان چىقىدىكىن دىسەم ئەمدى چىقىپتۇ مانا…
ھەشقاللا….
ئاتلان تورى تەرجىمە قىلغاننى كۆرگەن ئىدىم، ئەمما لېكىن ئاۋ جۇڭگولۇق خۇتۇننىڭ تەلەپپۇزلىرى بەك كۈلگۈمنى كەلتۈردى. ھەممىنى‹‹ ماۋجۇشى يازغان›› دېيىشلىرىچۇ تېخى
ياخشى كىنو ماۋۇ.
مەن تولۇق كۆرۇپ چىقتىم ، ھىلىقى ساقچى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى سورىغان چاغدىكى ھالىتىگە سەت كۈلىۋەتتىم
بەك يۇمۇرستىك ئىكەن.
«دىۋان» نى ئېنگلىزچە نېمە دەيدۇ ؟
خەڭسۇلا دىۋان دىگەننى 沙发دەپ قۇيىدىكەن ، پەرەڭلە sofa دەمدىكى ھەقچان ، بىز يەرلىك تىل بۇيىچە دىۋان ، دىۋانوف دەپ قۇيىمىز، تۇلا دىۋان تالاشقاننى دىۋانە، دىۋانىر دىسەك تازا كىلىدۇ
ياخشىمۇسىز نەۋقىران، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز؟
يىس پىلىس
ياخشىمۇسىز رىۋايەت، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز؟
پورفابور
ما پىلىممۇ تىلپۇنۇمدا شۇندا ئۇز چىكەتتى، لىكىن شۇندا بوسىمۇ دەيخال كومپىيۇتىينى ئىچىپ شۇنىڭدا كۆيەي ماخىمااااااااا ……….
7-، 8-قىسىملىرى بۈگۈن ئېلان قىلىندى. www.atlan.cc نىڭ فىلىملەر قانىلىدىن كۆرۈڭلار. ئەلۋەتتە تورخۇماردا يېڭىلانسىمۇ ياخشى بولاتتى.
قوشۇپ قويدۇم
بۇ بەت بەكلا ئېغىرلاپ كېتىپتۇ، مۇمكىن بولسا 1-قىسىمدىن 6-قىسىمغىچە بىربەت، 7-قىسىمدىن 13-قىسىمغىچە يەنە بىر بەت ھالىتىدە بولسا بولغۇدەك.