قۇلىقىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟ | قىزىقارلىق ئاڭلاش سىنىقى، قۇلىقىڭىز قېرىپتىمۇ ياكى تېخى شاشمىكەن؟
يېقىندا، AsapScience بىر يۈرۈش "How old are you ears" (قۇلىقىڭىز قانچە ياش) ناملىق ئاڭلاش سىنىقى كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلغان. ناۋادا سىز سىندىكى بارلىق ئاۋازلارنى تولۇق ئاڭلىيالىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ سىزىڭ قۇلىقىڭىزنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ياش ئىكەنلىگىنى، ھەتتا 20 ياشقىمۇ بارمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ…
سىندا چۈشەندۈرىلىشىچە، بۇ خىلدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىكەن. قۇلاقتىكى تۈك ھۈجەيرىلىرى مەخسۇس ئوخشىمىغان چاستوتىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا مەسئۇل بولۇپ، ئاۋازلارنى سۈزۈپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. بىراق ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەرخىل شاۋقۇنلارنىڭ، يۇقىرى ئاۋازلارنىڭ بۇ تۈك ھۈجەيرىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى بىلەن ئاڭلاش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن. يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋاز بولسا، تۈك ھۈجەيرىلىرى ئەڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىدىغان ئاۋاز دولقۇنى بولۇپ، بۇمۇ ياش قانچە يۇقىرىلىغانسىرى، يۇقىرى ئاۋازلارنىلا ئاسان ئاڭلىغىلى بولۇشتىكى سەۋەبنىڭ بىرى ئىكەن.
ھازىر قۇلىقىڭىز قانچە ياش؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاۋاز، ئىنسان، تۇرمۇش، ساۋات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,095 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-old-are-your-ears.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نۇر دېسكىنىڭ زاۋۇتتىن قانداق ئىشلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلىمۇ؟
- كېيىنكى يازما > [ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم] ئىنگلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ 1-بۆلۈم (1 ~ 12)
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
ۋاي نىمە گەپ بۇ ، قۇلىقىم مەندىن قېرىمۇ نىمە ؟!
15.000hz تىن كېيىنكىلىرىنى ئاڭلىيالمىدىم ، نەچچە ياشلىق قۇلاقتۇ مەندىكى ئەمدى
ئاپلا يېزىپ 40 قا كەلگەندە ئاڭلىمىدا ما قۇلاق. قۇلاقتىن كەتتۇقمۇ نىمە…..
كىچىكىمدە قۇلىقىڭ گەپ ئاڭلامدۇ يا دەپ ئانامدىن تاياقنى خېلى يىگەن …قۇلقىم تازا شاش ئەمەسمىكى
قۇلاقمۇ بەزىدە كەپسىزلىك قىپ قۇيىدىكەن ، ئۆيدىكىلەر ئىشقا بۇرىسا راس ئاڭلىماي قالىمەن ، ئەمما تاماق پىشتى دىگەننى يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدىنمۇ ئاڭلاپ قالىمە
ھايۋان تۇياقتىن ،ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ دەپتىكەن!
كومپىيوتېرنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى قىلسام ئاڭلىيالىدىم ھەممىنى !
قۇلىقىم 50 تىن ئاشتىمۇ نىمە ،ئادەم 30قا بارماستا .
ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى قىلسام ھەممىنى ئاڭلىيالىدىم. دىبا دىكى ياڭراتقۇدا قويسا مومامنىڭ قۇلقىمۇ بىزدىن ياش چىقىپ كېتەمدىكىن
ھاھاھاھاھاھا مانداق سۇزلىسىمۇ چۇششىنىشلىق چىقىدىكەن غۇ
قارىغاندا قولىقىم قېرىغان ئوخشايدۇ ھەي ئاۋۇ مۇقاۋىدىكى رەسىمنى ئۆزگەرتىۋەتكىلى بولماسمۇ
زادى شۇنداقكەن مېنىڭ قولىقىممۇ مەندىن قېرى ئوخشايدۇ زادى!
نائۇشتىك تىقىپ ئاڭلىسىمۇ ھىساپمۇ . نائۇشتىكتا ھەمىنى ئاڭلىدىم ،ياڭراتقۇ 15000دىن باشلاپ ئاڭلىمايدىكەنمەن
نېمىنى ئاڭلىمىغاندۇ ما باللا. نېمىنى ئاڭلايدۇ نېمىنى
مەن تېلېفوندا قويغان تېلېفوننى قۇلاققا يېقىن ئەكەلسە ھەممىنى ئاڭلىغىلى بولىدىكىنغۇ
ۋاھ 24 كىرمەي تۇرۇپ 30 ياشلىقلەرنىڭكىنى ئاران ئاڭلاپتىمەن. قېرىپتىمەن جۇمۇ.
20ياشكەن ما قۇلاق
ناھايىتى ياھشى.
قۇلاق قىرىققا كىرىپتۇ
مەن را قىرىپتىمەن ئاران 40قا كەلگۇچە ئاڭلىدىم ۋاي ئاپام ئ…..
قۇلىقىم ھىچنىمىنى ئاڭلىمىدى دەپ تازا ئەنسىرەپ كىتىپتىمەن، ئەسلىدە كومپىيوتىرنىڭ ئاۋازىنى ئىتىپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟