نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما كۆرۈش

چەتئەللىكلەر ياسىغان سىغىمى پەقەت 95KB لا كېلىدىغان 3D ئېتىشىش ئويۇنى!

چەتئەللىكلەر ياسىغان سىغىمى پەقەت 95KB لا كېلىدىغان 3D ئېتىشىش ئويۇنى!

سىز ئويناپ باققان سىغىمى ئەڭ كىچىك ئويۇننىڭ سىغىمى قانچىلىك؟ دېسەم دېمىسەم بەك چىقسا نەچچە MB كېلەر ھەقىچان؟ بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ تاساددىپىي ھالدا سىغىمى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى قالتىس بولغان بىر دانە 3D ئېتىشىش ئويۇنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى kkrieger بولۇپ، پەقەت بىر دانە ئىجرا ھۆججىتى بار، بىراق قوزغاتسىڭىز ئىچىدىكى بىر پاتمان نەرسىلەر، مەسىلەن توسالغۇ، غەلىتە ئالۋاستى-مەخلۇقلار، ھەرخىل ئىشىك-قوۋۇقلار، يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان قورال ۋە ئوق-دورىلار، قان قوشىدىغان دورىلار… ئىشقىلىپ بىر يۈرۈش قوراللىق ئېتىشىش ئويۇنىدا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئېلىمېنتلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ئويۇننىڭ پرىستىن يېشىلگەندىن كېيىنكى سىغىمى ئارانلا 95Kb!!!!

ئويۇن كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر قانچە كەسمە:

چەتئەللىكلەر ياسىغان سىغىمى پەقەت 95KB لا كېلىدىغان 3D ئېتىشىش ئويۇنى!

چەتئەللىكلەر ياسىغان سىغىمى پەقەت 95KB لا كېلىدىغان 3D ئېتىشىش ئويۇنى!

چەتئەللىكلەر ياسىغان سىغىمى پەقەت 95KB لا كېلىدىغان 3D ئېتىشىش ئويۇنى!

ئويۇننىڭ ئويناش قائىدىسىمۇ ئىنتايىن ئاددى، خۇددى CS ئوينىغانغا ئوخشاشلا W, S ,A ,D كۇنۇپكىسى بىلەن يۆنىلىشنى بەلگىلەيمىز، بوشلۇق كۇنۇپكىسى سەكرەش، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىدا قارىغا ئالىمىز ۋە ئوق چىقىمىز، 1~5 كىچە قورال ئالماشتۇرۇش كۇنۇپكىسى.

ئەلۋەتتە بۇنچە ھەشىمەتلىك كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە بولغان 3D ئويۇننى چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك پرىسلاش تېخنىكىسى ئىشلەتمەي تۇرۇپ، بۇنچىلىك پرىسلىغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بەدىلىگە كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپمۇ مۇۋاپىق يۇقىرى. يەنى CPU ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1.5G، ئىچكى ساقلىغۇچ 512MB، سىنكارتا Geforce4Ti ياكى ATI Radeon8500 دىن يۇقىرى، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 128M لىق بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە قاتتىق دېسكىغا بولغان تەلەپ پەقەتلا يوق دېيەرلىك، ھا ھا ھا!!!
مەن Windows XP ۋە Windows 7 دە ئويناپ كۆرۈپ باقتىم، كۆرۈنمە يۈز خېلىلا راۋان كېتىپ بارىدۇ، ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار، چۈشۈرۈشكە ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ!

پرىستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
چۈشۈرۈش ئادرېسى: چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 5 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 03-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: 90k-3d-game.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. ئوت يۈرەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا خەقلەر بەك يامان جۇمۇ. :twisted:

  2. كارو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەقلىم ھەيران، بۇرۇن 30نەچچە kb لىق 3D كارتوننى كۆرۈپمۇ ھەيران قالغان

  3. سەردار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرگىلى بۇلمىدىغۇ؟؟؟

    • تورخۇمار :

      ئوڭشاپ قويدۇم، ئەمدى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

  4. سەردار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلسا قايتا بىر تەكشۈرۈپ باقسىڭىز!

 汗