نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > نـادىـر ئـويـۇنـلار, چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

بالىلىقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئاشۇ CS ئويۇنى بەلكىم يىراقلارغا ئۇزاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن…

cs-is-leaving

2011-يىلى، خېلى كۆپ قىسىم خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە CS 1.6 مۇسابىقىسى بىكار قىلىۋېتىلدى، ئەجىبا ئىلگىرى قۇچقان شان-شەرەپلەر مۇشۇنداقلا يوق بولدىمۇ؟ ياكى بىرەر سودا مەنپەئەت زەنجىرىگە توقۇنۇشۇپ قالدىمۇ؟ IEF2011 دۇنيا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىدە پەقەت 魔兽 نىڭ ئۈچ تۈرىلا ساقلاپ قېلىنغان. ئۇيۇشتۇرغۇچى ھەيئەت رەئىسى 长申光 نىڭ دېيىشىچە، «بۇ قېتىملىق IEF پائالىيىتىدىكى رەسمىي تۈردىكى مۇسابىقە 星际争霸 بىلەن 魔兽争霸3» قىلىپ بەلگىلەنگەنكەن. يەنە بىر ئەنئەنىۋى مۇسابىقە تۈرى CS بولسا، ئەتىمالىم بۇندىن كېيىن قايتا ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن. سەۋەبى، WemadeFOX تىن CS قىسمىنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، كورىيەدە كەسپىي CS كۇلۇبلىرى ئاساسەن قالمىغان.

image

بىزگە ھەمرا بولۇپ 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن بۇ ئويۇن، ھەرقانداق تورخانىدىن تاپقىلى بولىدىغان بۇ ئويۇن، ئەينى چاغلىرى مەكتەپتىن قېچىپ كېچىلەپ ئوينايدىغان بۇ ئويۇن…بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشكە باشلىدى، فرانسىيەدىكى EPS مۇ CS1.6 مۇسابىقىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى؛ The Gathering مۇ شۇ، بۇ يىلقى CS1.6 نىڭ مۇسابىقىسىمۇ يوق………

2011-يىلىدىن كېيىن، بەلكىم ئەمدى يەنە CS ئويناپ بولالماسلىقىمىز، CSS ئويناپلا ئۆتۈشىمىزمۇ مۇمكىن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 16 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. خىيال : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ئەمىسە مەن دىۋاندا بىرىنچى بولۇپ Css ئويناي

  2. بۆرەيار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كومپيۇتېرنى مۇشۇ ئويۇن بىلەن باشلىغان ئىدىم

  3. كۇلكە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىمىسىمۇ ئوينىمىغىلى بەك ئۇزاك بولدى

  4. نۇرۇلۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تۇنجى كومپىيوتېرنى تۇتۇپ باققان چېغىم دەل مۇشۇ ئويۇننى ئويناش بىلەن باشلانغان. لېكىن ئويۇن بىلەن كىرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئويۇننى تاشلاپ ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتىم.
    مانا ھازىر css ئويناشنى ئۆگىنىۋاتىمەن.

  5. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس …ئوقۇش پۇتتۇرگىلىمۇ خىلى بولدى…بالىلار بىلەن يىغىلىشقاندا csبىلەن بىر بىرىمزنى بىرە قول تىتىۋەتمىسىك قىنىشمايدىغان بوپ قالدۇققۇ تاڭ؟!؟

  6. GoodLuck : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    CS ئوينىمىغىلى ئۇزۇن بولاپ كېتىپتۇ، مەن ئوينىمىغاندى بېرى ئاۋۇلارمۇ بولدىلا دەپ ئەمەلدىن قالدۇرغان ئوخشايدۇ. خەيىر، ئەمدى بولغاندا CSS نى بولسىمۇ توختاتماي ئويناپ تۇراي، بىكار بۇنىمۇ قالاۇرىۋەتسە، دۇنيا قالايمىقان بولاپ كەتىسۇن.

  7. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بۇ ئويوندا خىلى ياخشى ئىدىم تورخۇماردىكىلەر بىرلىكتە ئوينىساق بولامدۇ نىمە

  8. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھازىر يۇشۇرۇن ئويناۋاتىمەن… :???:
    كۈنىگە يېرىم سائەت ئوينايتىم دېسە…

  9. باتۇرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    css دىگەن قايسى ئويۇن ؟ 反恐精英 مۇ يا QQ نىڭ ئويۇنىمۇ؟

    • د.ئا.ئوغلان :

      تور بېكەت ياسىغاندا ئۇسلۇب خاسلىقىنى بېكىتىدىغان ئويۇن . :grin:

  10. بىلىملەر بلوگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي !!! بۇ بولماي قاپتۇ جۇمۇ … ئەمدى مەن 战地之王 نى باشلىۋەتسەم بولغۇدەك …

  11. Forever : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ كومپىيۇتىردا تۇنجى قېتىم ئوينىغان ئويۇنۇم مۇشۇنىڭ بىلەن R4 دەپ بىر ماشىنا مۇسابىقە ئويۇنى بولىدىغان (SONY دا ئوينايدىغان ) مۇشۇ ئىككى ئويۇن بىلەن باشلىغان …. :roll:

  12. Suwarak : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھې ھې مەن دەسلەپتە 暴力摩托 دىن باشلاپتىكەنمە. :?:
    ھازىر ئويناپ تا 极品飞车15كە كەپتىمەن ،لىكىن csھازىرغىچە ئۆزگەرمەي كېلىۋاتىدۇ دىسە؟ :evil: :evil:

  13. ئۇچقۇن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا مەن تۇنجى قېتىم جەنپەندىن ھەرىپنى تاپالماي مالىمدىن خا گەپ ئاڭلاپ باشلىغان كومپيۇتېرنى.ئەمدى CSبىلەن ئاخىرلىشامدىكىن تاڭ….

  14. ئۇدۇن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىز ھازىىرمۇ ياتاقلار ئارا مۇسابىقە ئوينايمىز :idea:

 汗