چەتئەللىك توپچىنى ئايال مۇخبىر زىيارەت قىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن مۆجىزە! رىۋايەتلەردىكى ئالتىنچى سەزگۈ؟!
كارامەت ئىگىلىرى يەنىلا ئەل ئارىسىدا دېگەن سۆز بىكار تارقالمىغان، كالتەك توپ مەيدانىدا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. بۇ خىلدىكى ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىشى بەلكىم ئادەمنى چاقماق سوقۇۋېتىشنىڭ ئېھتىماللىقى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەس، كالتەك توپ ماھىرىنى ئايال مۇخبىر زىيارەت قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كەينىدىن ئوقتەك ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كالتەك توپنى تۇتىۋالغان!
ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقارقى سىن بىلەن قەتئىي مۇناسىۋىتى يوق يەنە بىر سىننى قوشۇپ كۆرۈۋېتەيلى. بۇ مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «قوش شەمشەر تېلىۋېزىيەسى» نامىدا ئىشلىگەن ئېچىتىش پروگراممىسىكەن، بالىلاردىكى تەسەۋۋۇر، ئورۇنداش قاتارلىقلارنى كۆرۈپ ئادەمنىڭ زوقى كېلىدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەنتەربىيە,سىرلىق,قالتىس,قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: blind-catched-baseball.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تاللانغان 20 يۈرۈش نەپس لايىھەلەنگەن تور بېكەت لايىھەلەشتە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ئايكون توپلىمى
- كېيىنكى يازما > ۋاقىتنى قەدىرلەش نېمىشقا بۇنچە تەس؟! ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان يەتتە چوڭ سەۋەپ، سىزدە قايسىلىرى باركەن؟
ئىنكاسى نېمىدىگەن تېز،-ھە!
شۇنى دەيمەن.
2-فىلىمدىكى ئېلاننى پەيزى ئىشلەپ قويۇپتۇ… تېلۋىزىيە ئىستانسىغا بېرىپ ئېلان ئىشلىسىمۇ جىق پۇل تاپقۇدەك…
خىلى قاملىشىپتۇ ياش رىياسەتچىلىرىمىز. تىرىشىڭلار. لىكىن دەرسنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ھە!!!
قوشۇلىمەن. ياكى بولمىسا تىلۋىزوردا سائەت ساتسىمۇ بولغۇدەك. «قان بىسمىنى تۆۋەنلىتىپ روھى كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ. رىماتىزىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، پۇتىڭىزنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ دىگەندەك »
ئۇيغۇربەگ بىلەن پرېستاننىڭ رىياسەتچىىلىكىدىكى پروگىرامما ئىكەندە بۇ
ما ئىكككىنجى فىلىمنى كۆرۇپتىكەنمەن…
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. تالانت دېگەن ئەنە شۇ!
ئالدى بىلەن ئۈستىدىكىدىكىسگە كىلەيلى…مېنىڭچە ئۇنداق كەسپى كالتەك توپ كۇلۇبىنىڭ خاتا توپ ئۇرۇش ئىكتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹ئۇ›توپنى تۇتۇپ بولۇپ،ئۆزىنىڭ كارامىتىدىن قىلچىمۇ ھەيرانلىق ھىس قىلمىغان…مەن دىمەكچى بۇ ئالدىن پىلانلانغان…شۇنداقتىمۇ بارىكاللا!
ئېككىنجىسىگە كەلسەك راسلا بەك پەيزى چىقىپتۇ!!!
1-سىن كىرىشتۈرۈلگەن سىن فىلىمىكەن ، ھەممىگە ئىشىنىۋەرمەيمىز
مەنمۇ ئايفون توغرىسىدا بىر فىلىم ئىشەۋاتقانتىم ،پۈتسىلا تەدبىركار ھەزىرەتلىرىگە ئەۋەتىپ بىرىمەن
فىلىمىڭىزگە تەقەززامىز!
ھا ھا ھا …
نىمە دەي ئۇلارغا … ھىم ،بۇلىدىكەن ،كىشىگە بىرخىل خوشاللىق ئاتا قىلىدىكەن..
پاھ بىزنىڭ كىچىك ئىلانچىلىرىمىزمۇ بوش ئەمەسكەن