نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > ھېسسىي دۇنيا > يازما كۆرۈش

ۋاقىتنى قەدىرلەش نېمىشقا بۇنچە تەس؟! ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان يەتتە چوڭ سەۋەپ، سىزدە قايسىلىرى باركەن؟

why-so-hard-to-cherish-time

بىز نېمىشقا ۋاقىت ئىسراپ قىلىمىز؟ نېمىشقا «ۋاقىتنى قەدىرلەش» بۇنچە تەس؟ تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك چوڭ سەۋەپ دەل بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز بولۇشى مۇمكىن، ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئىسراپ قىلماسلىق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم دەل سىز، مەن، ئۇ…

يەسلىدىن تارتىپ، مۇئەللىم بىزگە «ۋاقىتنى قەدىرلەش» توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ كەلگەن،«ۋاقىت ئاتقان ئوق»، «ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى» دېگەن سۆزلەردەك، ۋاقىتنى قەدىرلەش توغرىسىدا بىز خالىغانچە مىسال كەلتۈرەلەيمىز. ئەمما، يېشىمىزنىڭ كۈنسىرى چوڭىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىك ھەممىسى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، ۋاقىتنى قەدىرلەشكە دائىر ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرىدە ئېيتىلغان ئاشۇ ھېكمەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى بىزگە تۈزۈك ئەسقاتمىدى، ۋاقىتنى قەدىرلەش  بىر قانچە ئەقلىيە سۆزنى يادلاپ قويۇش، بىر قانچە ھېكايىنى ئەسلەپ قويۇش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.

ھالبۇكى، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋال چوقۇم مەسىلىنىڭ نېگىزلىك ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، بىز زادى نېمىشقا ۋاقىت ئىسراپ قىلىمىز؟

بىرىنچى سەۋەپ: سىرتقى كاشىلا بەك كۆپ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، سىرتقى ئامىللارنىڭ كاشىلىسى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتىكى مۇتلەق بىرىنچى دەرىجىلىك قاتىل بولالايدۇ.

سىز مۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ باققانمۇ؟ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا قېتىرقىنىپ ئولتۇرۇپ ماقالە يېزىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىسىز. تۇيۇقسىز، QQ نىڭ «تىت-تىت-تىت» قىلغان ئاۋازى سايرايدۇ، ئاۋام تورى(人人网) دىكى يېڭى ئۇچۇرلار سەكرەپلا چىقىدۇ. تۇيۇقسىز، ساۋاقدىشىڭىز ياكى دوستىڭىز بىر تېلىفون بىلەنلا سىزنى ئوينىغىلى چاقىرىپ ئەپچىقىپ كېتىدۇ؛ تۇيۇقسىز بىر پارچە جىددى E-Mail تاپشۇرۇپ ئالىسىز، قارىسىڭىز خوجايىنىڭىزدىن كەلگەن، سىزنى پالانى پوكۇنى ئىشلارنى قىلىۋەت دېگەن مەزمۇندا. سىز نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تاماملاپ بولغان چېغىڭىزدا، بەلكىم سىزنىڭ ماقالە يېزىش ئۈچۈن قوزغال ئىلھامىڭىز، تەپەككۇر يولىڭىز ئاللىقاچان قاپ بەلدىن ئۈزۈلۈپ بولغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز يەنە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەسلىدىكى پىكىر يولىڭىزنى ئەسلەپ چىقىشقا مۇھتاج بولىسىز، ناۋادا خاتالىشىپ قالسىڭىز، يەنە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ قايتا تۈزىتىپ چىقىدىغان گەپ. دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، سىرتقى ئامىللارنىڭ سىزگە بولغان كاشىلىسى، سىزنىڭ شۇ كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەتكەن ۋاقىتتىنمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.

ئىككىنچى سەۋەپ: ئۈنۈم يۇقىرى ئەمەس

سىز سىرتقى ئاۋارىچىلىقلارنىڭ كاشىلىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، ئىش ئۈنۈمىڭىزنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىمۇ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئادەتتە كىشىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ناۋادا كۆڭلىڭىز پاراكەندە ياكى سالامەتلىكىڭىز ناچار بولسا، ئىش ئۈنۈمى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. قىززىپ قالغان چېغىڭىزدا بىرەر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەس، خاپا چېغىڭىزدا تاپشۇرۇق ئىشلىگۈڭىز كەلمەيدۇ، ناۋادا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ قالسىڭىزغۇ بولدى، ئىككى پەن ئىمتىھان بەرسىڭىز، بىرىنچى پەننى ياخشى بېرەلمىسىڭىز، ئىككىنچىسىدە ھەرقانچە ياخشى ئۆگەنگەن بولسىڭىزمۇ، ئىمتىھاندا شۇلارنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشمۇ بەسى مۈشكۈل ئىش.

ئۈچىنچى سەۋەپ: ئۇنتۇغاقلىق

سىزنىڭ مۇشۇنداق سەرگۈزەشتىلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ئەسلىدە قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ، ئەمما بىرسىنىمۇ ئەسلىيەلمىدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ۋاقىتنى بىكار ۋاقىت دەپ قاراپ ئويناشقا، كۆڭۈل ئېچىشقا سەرپ قىلىۋېتىسىز. ئاقىۋەت شۇ ئوينىغانچە تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ، تۇيۇقسىز چۆچۈپ قاراپ بىر كۈننىڭ مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكىنىنى بايقايسىز، ئەمما قارىسىڭىز يەنە نۇرغۇن ئىشلار تېخى سىزنى كۈتۈپ تۇرغان.

تۆتىنچى سەۋەپ: ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يوق

ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، سىز بەلكىم قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى بىرەر قەغەزگە يېزىپ كۆزگە كۆرۈنىدىغان جايغا، مەسىلەن، توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكى، كارىۋىتىڭىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى تام دېگەندەك جايلارغا چاپلاپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، سىز بۇ تىزىملىكلەرنى كۆرگەن چېغىڭىزدا، سىزگە بىرەر ئىش قىلىشمۇ خوشياقماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزگە ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان باشقا ئىشلارنى تېپىپ، يۇقارقى تىزىملىكتىكى ئىشلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىپ ئولتۇرىسىز، يەنە بىر كۈن بىكار ئۆتۈپ كېتىدۇ.

بەشىنچى سەۋەپ: كەينىگە سۆرەش

كەينىگە سۆرەش ماھىيەتتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق بولۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئادەتتىكى «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق بولۇش» بىلەن پەرقى شۇكى، ئاشۇ كەينىگە سۆرەۋاتقان ئىشلارغا بەلكىم تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سەرپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ چوڭايغانسىرى، شۇنچە قول سېلىشقا پېتىنالماسلىقىڭىز، ئىشنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىشىڭىز مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن، سىز ئۆزىڭىزگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش بېرىسىز، شەرت-شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، تەجرىبە توپلانغانغا ئاندىن بېرىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى بەزلەيسىز. تۇرمۇشتا كۆپىنچە ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئىزچىل كەينىگە سۆرىلىپ ماڭىدۇ…

ۋاقىتمۇ دەل مۇشۇنداق سەۋەپلەر بىلەن بىكار ئۆتىدۇ…

ئالتىنچى سەۋەپ: ئېغىر يېنىكنى ئايرىماسلىق

بۇ بىر يوشۇرۇن خاراكتىردىكى ۋاقىت قاتىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ناۋادا سىزنى ۋاقىتنى كەينىگە سۆرىمەيدىغان، قانداق ئىشقا يولۇقسا شۇ ھامان بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشى دەپ پەرەز قىلساق، سىز يەنىلا ئىسراپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قالىسىز. نېمىشقا؟

ناۋادا سىز ئىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى ئايرىماي، ئالدىڭىزغا ئۇچرىغان تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغان كىشى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز شۇنى بايقىشىڭىز مۇمكىن، قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى پارچە-پۇرات ئىشلار، ھەقىقى قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز بولسا، تېخى يېرىمىدىن ئوشۇق بار.

يەتتىنچى سەۋەپ: ئىشنىڭ ئېغىرىدىن قېچىپ يېنىكىگە ئېسىلىۋېلىش

ماقۇل، سىزنى بىر ئىشنىڭ ئېغىر-يېنىكىنى ئايرىيالايدىغان كىشى دەپ قارايلى، ئەمما سىزنىڭ «كەينىگە سۆرەش» كېسىلىڭىز قوزغالسا، ھەمىشە ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللاپ قىلسىڭىز، سىز يەنىلا ئالتىنچى سەۋەپكە قايتىپ قالىسىز، قارىماققا ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئىش بېجىرىۋاتقان كۆرۈنسىڭىزمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن ئەسلىدە ئىسراپ قىلماسلىققا تېگىشلىك ۋاقىتتىن مەھرۇم بولىسىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ئۇچقۇن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ ھىچكىم ئىنكاس يازماپتىغۇ.1______________.

    • پرېستان :

      1-سەۋەب بىلەن 6-سەۋەب مەندە ئېغىر ئىكەن…

    • باتۇرخان :

      مۇشۇ قۇرۇق دىۋاننى ئىگىلەيمەن دەپ F5 نى بىسىپ ئولتۇرۇشمۇ بىر خىل ۋاقىت ئىسىراپچىلىقىغۇ دەيمەن.

    • Forever :

      دىۋان دىگەن خەتنى بېسىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ، مېنىڭ مۇشۇ خەتنى بېسىۋاتقىنىممۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ….

  2. دىغار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە ھەممىسى بارمۇ نىمە؟!!!

 汗