تورخۇمارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەممەيلەندە شەكىللەنگەن 9 خىل ئادەت، سىزدە قايسىلىرى بار ئىكەن؟
مۇشۇنداق بىر ئەھۋال بار ئىكەنمىش، يەنى مەلۇم تېما ياكى ماقالىدىكى بىرىنچى ئىنكاسنى كۆرگەندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ باھاسى 1-ئىنكاسنى چۆرىدىگەن ئاساستا بولىدىكەن.
تۇنجى باھاغا ئەگىشىش
مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئوخشاش بىر يازمىنى ئوخشىمىغان ئورۇنغا قويغاندا، كۆپچىلىك ئوخشىمىغان نۇقتىنەرەردە تۇرۇپ بىرىنچى ئىنكاسقا باھا بېرىشىدىكەن، كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ نەزىرىدە تۇنجى باھا بىر قەدەر ئورۇنلۇق ھېسابلىنىدىكەن ۋە كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ نۇقتىنەزىرى شۇ باھاغا مەركەزلىشىپ قالىدىكەن.
توختىماي ئېكراننى يېڭىلاش
كۆپىنچە تورداشلار بىر مەشغۇلاتنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىش دەماللىققا يادىغا كەلمىگەندە، توختىماي ئۈستەل يۈزىنى يېڭىلايدىكەن، بەزىلەرگە ھەتتا F5 نى تەبىئىيلا بىردەم بېسىپ تۇرۇش ئادەت بولۇپ شەكىللىنىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ خىلدىكى تورداشلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل مەشغۇلات كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىكەن. ئەمما مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ خىل مەشغۇلات Windows تىكى explore.exe ناملىق مۇلازىمەتنى توختىماي ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، CPU نىڭ ئىگىلىگەن ئورنىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدىغۇ دەيمەن.
ئورنىدىن تۇرۇپلا كومپيۇتېرنى قوزغىتىش
بۇ ئادەت تورخۇمار دوستلارغا ئورتاق سىڭگەن بىر ئادەت بولۇپ، كۆپ قىسىم تورداشلار ئىشى بولسۇن بولمىسۇن تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى كومپيۇتېرنى ئېچىپ قويۇش ۋە خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ مەشغۇلات قىلىش ئىكەن.
كومپيۇتېرنى قوزغىتىپلا QQ غا چىقىش
مەن دەيمەن، چوقۇم QQ غا ئاۋال چىقىۋېتىش كېرەكمۇ؟ يەنە كېلىپ QQ غا چىقىپلا يوشۇرۇن ھالەتتە ئولتۇرۇش…
QQ غا چىقىپلا يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈش
QQ غا يوشۇرۇن چىقىش ئاللىقاچان بىر تۈركۈم مۇشۇ خىل ئادەتكە تەۋە تور ئابونتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بولدى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىرىمىز كۈندە دېگۈندەك مەيلى يانفون ياكى كومپيۇتېردا بولسۇن، QQ غا چوقۇم چىقىشقا ئادەتلەنگەن، بىراق نۇرغۇن تورداشلار يەنىلا QQ غا چىققاندىن كېيىن ياكى چىقىشتىن بۇرۇنلا يوشۇرۇن چىقىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن.
تورغا چىقىپلا torhumar.com نى بىر ئېچىپ يېڭى يازما بارمۇ يوق قاراپ بېقىش
بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار….
بىرەر نەرسە ئېسىگە كەلگەندە ياكى ئىزدىمەكچى بولغاندا بىۋاستىلا Google ياكى 百度 نى ئېچىش
ھازىر بىرەر نەرسە ئېسىمىزگە كەلمىگەندە ياكى ئۆزىمىزگە لازىملىق بىرەر نەرسە ئىزدىمەكچى بولغاندا، ئۇدۇللا Google ياكى 百度 نى ئېچىپ ئىزدەش ئاللىقاچان تورغا چىقىشتىكى بىر زۆرۈر ئادەت ھېسابلىنىپ قالدى. چۈنكى بۇ ئىككىيلەن ئەيتاۋۇر سىز ئىزدىگەن نەرسىنىڭ ھەننىۋاسىنى تېپىپ بېرەلەيدۇ…
تورغا چىققاندا، بولۇپمۇ تورخۇمارغا كىرگەندە سول تەرەپتىكى تورخۇمارلار توپلىشىپ قالغان جايلاردىكى يازمىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش
كۆپىنچىمىز تورغا چىققاندىن كېيىن ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان مەزمۇنلارنى، بولۇپمۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلار تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان، كۆپ كۆرۈلگەن، كۆپ ئىنكاس چۈشكەن مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە ئالاھىدە خۇشتار. بەزىلەر گەرچە بۇنداق ئادىتى بولمىسىمۇ، تەبىئىيلا بۇ خىلدىكى تەبىقىگە مەنسۇپ بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى تورداشلار تەرىپىدىن بايقالغان بايلىقلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ئالاھىدە زور!
تورغا چىققاندا كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىدىكى مەشغۇلاتلارغا خۇمار بولۇپ قېلىش
كېچىلەپ كىنو-فىلىم كۆرۈش، ئويۇن ئويناش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش….بۇ كۆپچىلىككە نىسبەتەن ئاللىقاچان يېڭىلىق ھېسابلانمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئەلۋەتتە، كېچىدىلا ئەمەس، مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلار كۈندۈزىمۇ ئىچى پۇشىقىنى چىقىرىش ۋە ياكى رېئال تۇرمۇشتىكى بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇش ئۈچۈن تورغا غەرق بولۇپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىنولارنى كۆرىدۇ، ئويۇنلارنى ئوينايدۇ ياكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن سىردىشىدۇ…بۇ ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋالغا ئايلاندىغۇ دەيمەن؟
قېنى ئولتۇرغان كۆپچىلىكتە بۇ ئادەتلەردىن قايسىلىرى باركىن؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,194 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: torhumar-9-habits.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مەڭگۈ نامرات ئۆتۈشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بايانلارغىمۇ نەزەر سېلىپ بېقىڭ…
- كېيىنكى يازما > ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن قېچىشتىكى بىر يۈرۈش باھانىلىرى، سىز قايسىلىرىنى كۆرسىتىپ باققان؟
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
تورخۇمارغا چىقىپ يېڭى تېمىلار بولمىسا كومپيوتېرنى چىقىشمەندە مۇشۇنداق بىر ئادەت پەيدا بولۇپ قالدى دىسە
مە ئورنۇمدىن تۇرىمەن، يۈزۈمنى يۇيماي تۇرۇپلا تورخۇمارنى ئاچىمەن
سەرالىقلار تورخۇمارغا قاچا-قۇچىدا چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟
تۇنجى باھاغا ئەگىشىش،كومپيۇتېرنى قوزغىتىپلا QQ غا چىقىش،تورغا چىقىپلا torhumar.com نى بىر ئېچىپ يېڭى يازما بارمۇ يوق قاراپ بېقىش مۇشۇلار باركەن مەندە!
مەنمۇ كومپيۇتېرنى ئېچىپ ئاۋال چ چ ئاچىمەن ، ئاندىن ئوت تۈلكىنى قوزغىتىمەن .
خەۋەر تور بەتلىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن «دابىلىيۇ دابىلىيۇ دابىلىيۇ چىكىت تورخۇمار چىكىن كوم » نى بېسىپ يېڭى يازمىلار بارمۇ يوق شۇنىڭغا قارايمەن ….
ئۇنىڭدىن كىيىن ئاستا PS نى قوزغىتىپ ئۆز ئىشىمغا كىرىشىپ كېتىمەن .
ۋاي .مەن بايا كومپيۇتېرنى ئېچىپلا تورخۇمارنى چەكسەم ئېچلماي باشقا تورغا ئۇلونۇپ قىل قالدىم .بولقا بىلەن بىرنى سالغىلى..
يازمىنى ئوقۇپ بولۇپلا قاچىدىغان ئادەت چالا قالدىمۇ نېمە ؟؟
ئادىتىمىز «رادىئو ھەۋەسكارى»نىڭ بىلەن ئوخشاشكەن.
ۋاي تورخۇمار ئەپەندى …سىزنىڭ بىكىتىڭىزغا كەگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى كۇرۇپ تۇرامسىز نىمە … چاتاقمۇنىمە سىزنىڭ بىكىتىڭىزگە چىقساق
مەندە ‹‹تۇنجى ئىنكاسقا ئەگىشىش››دىن باشقا ئىشنىڭ ھەممىسى باركەن
تورخۇمار بولمىسا بولمايدىغاندەك بوپقالدى دىسە ئادەم.
سەۋەپ .مەزمۇن يىڭلىنىشى تىز ،يەنە قىسمەت تور خاتىر سىمۇ با بالىلار
http://www.qismet.meمانا
مەندە بىرىنچى، ئىككىنچى ، تۆتىنچى ئادەتتىن باشقىسى باركەن. يەنە ئالدىراشراق بولغاچقا يازمىنى ئوقۇپ ئىنكاس يېزىشقا ۋاقىت ئاجىرىتالمايدىغان ئادەت بار. بەزىدە ئالدىراشچىلىقتا بىرناخشىنى ئېچىپ قويسام 3-4 سائەت شۇ بىر ناخشا ئۆزەممۇ سەزمەيمەن. يەنە ئالدىراشچىىلىقتا چ چ نى ئېچىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن. تېلېفۇندىن ،چ چ دىن مەندەك بىزار ئادەم بولمىسا كېرەك. شۇڭا تېلېفۇنمۇ ئىشلەتمەيمەن، چ چ نىمۇ جىددى ئىش بولمىسا ئاچمايمەن.
مەن ‹تورخۇمار›نى ئۇچىراتقاندىن كېيىن،ئېنگىلىزچە تورلاردىن ئۇيغۇرچە تورلارگە كۆچتۈم .ھەم ئۇيغۇرچە توربەتلەرنىڭ تىخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم…
مەندە ئاساسى جەھەتتىن ھەممىسى باركەن…. زادى موللا تاپقاق ئېدېمكەن بۇ””
مەندە ئەڭ ئاخىرقىسىدىن باشقا ھەممسى تېپىلىدىكەن . شۇنىسى مەنمۇ قاچقاقلىق ئادىىتىمنى تۈزىتەلمەيۋاتىمەن .
مەندە پەقەت بىر قانچىسى باركەن
ھەي!مەن بىر مەزگىل يوقاپ كەتسەم تورخۇماردىن قوغلىنىپتىمەن دىسە
مەن تورخۇماردىن ئازراق رەنجىپ قالدىم
مەن كومپىيۇتىرنى ئىچىپلا ئالدى بىلەن ئوكيان تورىدىن خەۋەر كۆرىمەن. ئاندىن مۇنبەرلەرنى بىر قۇر ئارىلايمەن. ئىنكاسلارغا قارىتا ئەمەس، تىمىغا قارىتا ئىنكاس يازىمەن. مۇشۇلاردىن كىيىن ناۋادا ئۇنتۇپ قالمىسام QQ نى ئىچىپ قويىمەن.
مېنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغىنىم Youtube,Facebookقاتارلىقلارغا چىقىش ۋە چەتئەللەرنىڭ خاككىرلىق توربەتلىرىنى بىرقۇر كۆرىۋەتكەندىن كېيىن Gmailرىم ئارقىلىق چەتئەللىك كونا تونۇشلار بىلەن ئىنگىلىسچە بىردەم سىردىشىۋەتكەندىن كېيىن Google+غا كىرىپ يېڭىلىقلارنى كۆرۈش،ئاندىن كېيىن بىر نەچچە داڭلىق خەۋەر توربەتلىرىنى كۆرۈش،مەن زىيارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ساناقلىق،تورخۇمارنىڭ نامىنى ئاڭلاپ زىيارەت قىلىۋاتىمەن،بولسا Facebookتەك تەرەققى قىلسا،خې خې ھازىرقى WordPressنىڭ ئۇسلۇپلىرى ئارقىلىق ياسالغان چىراي،Wordpressبىلوگ سۇپىسى ھەقىقەتەن كۆركەم ھەم چىرايلىق
ئىشى بار يوق كومپىيوتېرنى ئېچىش،كيۇ كيۇنى يۇشۇرۇن ئېچىش،ئېكران يېڭىلاش،بەيدۇدىن بىر نەرسە ئىزدەش،كۆرەرنى كۆرىۋېلىپ ئىنكاس يازماي غىپپىدە تىكىۋىتىش،باشقىلارنىڭ دىۋان تالاشقىنىنى تاماشا قىلىش……
ھەممىسىدە بار بىر ئادەت ئولتۇرۋالدىغان مىق بارمۇ قاراپ باقمايلا دىۋاندا دۈم يېتىش
ۋۇييۇ، QQ غا يوشۇرۇن چىقىدىغان ئادەت مەندىلا بارمىكىن دىسەم، ئەسلى بۇ ئىشنى ھەممەيلەن قىلىدىكەن ئەمەسمۇ، توۋا،،،، تورخۇمارغا ھەقىقى قايىل بولىۋاتىمەن جۇما، خۇددى كومپىيوتېردا نىمە ئىشلانى قىلىۋاتقىنىمنى مارىلاپ ئولتاغاندەكلا،،،،،،،،،،،
ھەممىسى باركەن مالانىڭ مەندە سى سى سى