ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن قېچىشتىكى بىر يۈرۈش باھانىلىرى، سىز قايسىلىرىنى كۆرسىتىپ باققان؟
ئالىي مەكتەپتىكى تۇرمۇش ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ۋە گۈزەل ئەسلىمە سۈپىتىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە باھانە كۆرسىتىپ دەرسكە چىقماسلىق ياكى دەرستىن قېچىش ئەڭ كلاسسىك ئەسلىمىلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك، تۆۋەندىكى باھانىلەردىن قايسىلىرىنى كۆرسىتىپ باققان ئىدىڭىز؟
1. ئەتىگەن سائەت سەككىزدىكى بىرىنچى سائەتلىك دەرس…بولدىلا، بۇنچە ئەتىگەن قوپۇش خوشياقمىدى، بىردەم ئۇخلىۋالايچۇ؟ z…z…Z…Z
2. سائەت 10 دىكى ئۈچىنچى سائەتلىك دەرس… دەرستىن چۈشۈپ بولغۇچە ئاشخانىدا ئورۇن قالمايدۇ، قورساقنىڭ ئېچىشىغا قانداق چىدىغىلى بولىدۇ؟ چىقمايمەن بولدى
3. چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدىكى دەرس… ئىسسىقتا دەرسكە چىقىش ھەجەپ خوشياقمىدى، كېيىنكى سائەتتە بىراق چىقايچۇ بولدى
4. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىكى دەرس…چۈشتە تاماقنى 11 دىلا يەۋاپتىكەنمەن، سائەت ئالتىدە دەرستىن چۈشكىچە قانداقمۇ چىدىغىلى بولىدۇ؟ بولدى چىقمايمەن
5. كەچتىكى دەرس…كۈندۈزدىكى دەرسكە بارماي كەچتىكى دەرسكە بارسام خەق مېنى نېمە دەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆخۇيرىم باتى، بولدى چىقمايمەن
6. يوقلىما قىلمايدىغان دەرس… يوقلىما قىلمىسا چىققاننىڭ نېمە پايدىسى؟ چىقمايمەن بولدى
7. يوقلىما قىلىدىغان دەرس… يوق قىلىۋەتسە قىلىۋەتسۇن، بۇكاۋ بېرەمەن تايىنلىق
8. بايرامنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى دەرس… ھەممە ئادەم بايراملىققا تەييارلىق قىلىۋاتسا، بىزلا ئوقۇيمىزما؟ بولدى چىقمايمەن
9. بايرامدىن كېيىنكى دەرس… بايرامدا جىق ئوينىۋېتىپتىمەن، مىجەزىم يوق، ئاغرىق دەپ قويۇڭلار
10. قار ياغقان كۈنىدىكى دەرس… ۋا…بۇ سوغۇقتا يوتقاندىن قانداق چىققۇسى كېلىدۇ كىشىنىڭ؟ بولدى ئېتىۋەتسىمۇ چىقمايمەن
11. يامغۇر ياققاندىكى دەرس… كۈنلۈك يوق، يامغۇر سەل توختىغاندا ئاندىن چىقىلى بولدى
12. ھاۋا ئوچۇق كۈنىدىكى دەرس… مۇشۇنداق ئوچۇق ھاۋادا بازاغا بىر بېرىپ كېلىلى تايىنى دەرسكە كىرىپ ئولتاغۇچە
يۇقارقى باھانىلەردىن باشقا سىزنىڭ يەنە قانداق «ئەسلىگۈدەك» باھانىلىرىڭىز بار ئىدى؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوقۇغۇچى,ئەسلىمە,تۇرمۇش,دەرس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: go-to-every-class.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تاكتىكىلىق Flash ئويۇن: قەغەز ئۈستىدىكى خېيىم-خەتەر(Paper Venture)
- كېيىنكى يازما > 30 يىلدىن كېيىنكى دۇنيادا iPhone نىڭ قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ۋاي ۋاي دىۋان
ئىنكاس يازسا قەدىردان ،
ھەردەم دەيدۇ ۋاي دىۋان .
ئىنكاسلارنىڭ تايىنى يوق ،
سۈرمەيدۇ ھەم زۇۋان ….
ئىككى كەلىمە ئويناپ قويدۇق ، چاقچاق جۇما .
مەندە بۇ ئىشلارنىڭ بىرسىمۇ بولمىغان ئىكەن!ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا خېلى ئاكتىپلاردىن ئىدىم جۇما!
z…z…Z…Z ئەتىگەنلىك يۈگىرەش دىگەنلەر كەم قاپتۇ…ھى ھى ھى
vfمۇئەللىم بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى بولدى مەن چىقماي بىردەم ئۇخلىۋالاي~!
بىزنىڭ ياتاقتا 10 يىگىت بولىدىغان ، ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ، سەھەردە بىر گۇرۇپپا دەرسكە چىقسا يەنە بىر گۇرۇپپا ياتاق ساقلايدىغان، 2 – سائەتتىن كېيىن كېيىنكى گۇرۇپپا دەرسكە چىقسا ئاۋۋالقى گۇرۇپپا مەكتەپ ئاشخانىسىغا ھوجۇم قىلىدىغان …
مەن تەنتەربىيە ھەيئىتى، چىقمىسام بولمايدۇ، مۇشۇ ھەپتە ئىككى كۈن چىقمىغان ئىدىم(چاقلىق كانكى ئوينايمەن دەپ . پۇتۇمنىڭ ھەممە مۇسكۇل سۆڭەكلىرى… ئاغرىپ) ئەتىسى مۇئەللىم نېمە دەيدۇ:
ئېتىڭلار!!! دەپ قويۇپ ئۆزىمىز قاچىدىغان گەپما ياپوننىڭ گىنىراللىرىدەك؟
ئەتە ئۆمىلەپ بولسىمۇ چىقىلى
بىزنىڭ دەرسكە چىقمىساق، كېلەر سائەتتىلا ئوخشىتىپ قويىدۇ…
ياخشى بىر باھانە بولسا كۈندە چىقمايتتىم
ۋاي، بىزنىڭ گوڭشۆيۈەندە ئوقۇغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي. ئاشخانىنىڭ كىچىكلىكى، ئادەمنىڭ جىقلىقى. ئاخىرقى سائەتلىك دەرسنى تاشلاپ دوڭيۈەن(东园)دىن يۈگرەپ چىقساقمۇ ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرىدىغان گەپ. بەش يىلنى شۇنداق قاقشاپ ئۆتكۈزگەن…
ھەي لېكىن كاساپەت مەكتەپنىڭ مېھرى بەك ئىسسىق ئىدى. ئەمدى قاقشاي دېسەكمۇ پۇرسەت يوق
ھې ھې ھې ….
ئەجەپمۇ گۈزەل چاغلار ئىدى ئۇ! تېخى كەچتە گېئولوگىيە كۇلۇبىغا قىزلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەرزان باھالىق كىنو كۆرۈشلەرچۇ! بەك پەيزى چاغلاركەنتۇق، مانا ئەمدى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا 10يىل بوپتۇ ئۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگىلىمۇ. ھەي….
مەكتەپداش ئىكەنمىز، مەن 2008-يىلى پۈتكەزگەن ئۇ گوڭشۆيەننى… ھەممىسى سىز دېگەندەكلا.
مەن دەرسكە ئۈلگۈرۈپ چىقسام باللا ھەيران قالىدىغان…
دادام لابادا مېنى چاقىرۋاتىدۇ
قارىغاندا بۇ يەردە گوڭشۆيۇئەنلىكلەر كۆپ ئوخشىمامدۇ. مەنمۇ شۇ مەكتەپنىڭ مەھسۈلى
سەمەندەر سىزنىڭ تەخەللوسىڭىز(ئافۇ)ما؟
مىنىڭ دائىم 101غا چۈشۈپ كىلىۋاتسام شىبىلودا 堵车بولۇپ قالدى شۇڭا كىلەلمىدىم. دەيدىغان باھانىمىز باتى.
يەنە تېخى ئىچىۋالساقلا 1-سائەتلىك دەرىسكە چىقماي ‹‹ ئاشقازىنى ئاغرىپ قاپتۇ دەپ›› قۇيۇڭلار بالىلار دەپلا ساۋقداشلاردىن رۇخسەت سورايدىن ئىشلارمۇ باتى.