سەزمە ئەينەك ئېكرانلىق بىر كۈنلۈك تۇرمۇش كارتىنىسى سىزنى چوقۇم ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن…
2011-يىلى، Corning شىركىتى بىر دانە A Day Made of Glass ناملىق كەلگۈسى سەزمە ئېكرانغان تولغان بىر كۈنلۈك ئائىلە تۇرمۇشى سۈرەتلەنگەن سىننى ئىشلەپ، كەلگۈسىدىكى ئەينەك تېخنىكىسى سەنئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىشلىتىلىشىنى نامايەن قىلغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەرشارىدىكى نەچچە مىليونلىغان تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، مەزكۇر سىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى A Day Made of Glass 2 نى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئەينەك ماتېرىياللىرىنىڭ تۇرمۇش، مائارىپ، داۋالاش ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى قوللىنىلىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى…
گەرچە سىندىكى كۆپ قىسىم كۆرۈنۈشلەر تېخى ئۇقۇم نۇقتىسىغا تەۋە مەھسۇلات بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىزگە بىر قەدەر يېقىنراق بولغان نەرسىلەردۇر. مەسىلەن: ئاشۇ قىرسىز تېلىۋېزور/ئېكران قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، گەرچە پۈتۈنلەي ئەينەك شەكىللىك جىسىملاردىن تەركىب تاپقان تۇرمۇش گەرچە بىر قەدەر ئاقسا كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئېھتىياتسىزلىق بىر يېرىمىزنى ئۇرىۋېلىپ يارىلىنىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانمىساق بولمايدۇ، ئىشقىلىپ مۇشۇ خىلدىكى تۇرمۇشنى ھايات بولساق، بەلكىم كۆرەلىشىمىزمۇ مۇمكىن، چۈنكى ھازىرقى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىگە سەل قارىغىلى بولماس بولۇپ كەتتى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، تېخنىكا، سېزىمچان ئېكران، قالتىس، كەلگۈسى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,558 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: a-day-made-of-glass2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone راستىنلا تېلىفۇننىڭ قاتىلىمۇ نېمە؟ ھوللىيۋود سەۋىيىسىدىكى Siri ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىم
- كېيىنكى يازما > راستلىقىدىن ئادەم چۆچۈتىدىغان فىلىم! «جەڭگاھ3» نىڭ ھەقىقى ئادەم نۇسخىسىنى سىز چوقۇم كۆرمىگەن!
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
ئاھ دىۋان
مىنىڭچە بۇ دەۋىرلەرنىڭ كىلىدىغىنىغا يەنە بىر ئەسىردەك ۋاقىت بارمىكىن دەيمەن ….
نىمدىگەن گۈزەل بىر كۈن !
ئاۋۇ دوختۇرخانىدىكى MRI قوللىنىشى كۆرۈپ ھەجەپ ھاياجانلىنىپتىمەن، دەل مىنىڭ كەسىپىمكەن ئەمەسمۇ
ئالدىمىزدىكى ئىشلارغا ھىچكىم بىرنىمە دىيەلمەيدۇ
سىندىكى ئىشلارنى %100 ئەمەلگە ئاشىدۇ دېگىلى بولمىسىمۇ لېكىن، %60 ئەتراپىدا ئەمەلگە ئېشىشىدا مەسىلە يوق. يەنە كېلىپ بۇ ئىشلار يېقىن كەلگۈسىدە كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
نىمە دىگەن چىرايلىق. ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۆزىگە تارتىدىكەن.
ئوھ . . .
بەكلا ھەۋەس قىلدىم
نىمە دىگەن نوچى مەنمۇ بۇسىستىمىنى ئىشلەتكۈم كېلىپ قالدى. ئەڭ ھەيۋەتلىكى دوختۇرخانىدىكى ئىشكەن بىزنىڭ ئۈيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دوختۇر مېنىڭ ئارزۇيۇممۇ دوختۇر بولۇش.
ئاللاھ شۇ ئارزۇيىڭىزغىمۇ يەتكۈزۈپ قالار، تىرىشىڭ.
بەك پەيزى ئىكەن.ئەمما … بىزنىڭ بۇ كۇنلەرگە ئۇلىنشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مەندىن باشلاپ يەنە 7-8ئەۋلا تىتىن كىيىنكىلەر كورەلىشى مۇمكىن
لېكىن ماۋۇ دەۋىردىلەرگە بېرىپ قالسام ئۇيقۇنى تاشلىغۇدەكمەن.