نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

بىز زادى قايسى خىل ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك؟

we-should-be-thinking-how

تۆۋەندىكى ئۈچ سوئال ئارقىلىق بەلكىم بىز ئىنتايىن مەنىسى چوڭقۇر بولغان ئۈچ داۋلىنى چۈشىنىۋېلىشىمىز مۇمكىن، ئادەتتە ھېچقايسىمىز ئۇنچە بەك ھېس قىلىپ كەتمەيمىز، ئەمما بۇ بايانلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن بەلكىم ئىچىگە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر ھەقىقەتنى ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن…

1. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى قايسى؟

كۆپچىلىك كۈلۈشكىنىچە «جۇمۇلاڭما چوققىسى!» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، مۇئەللىم يەنە قايتۇرۇپ سوراپتۇ: ئۇنداقتا ئىككىنچى ئېگىز چوققىچۇ؟ ساۋاقداشلار بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قاپتۇ، ھېچكىمدىن بىرەر جاۋاپ چىقماپتۇ. مۇئەللىم دوسكىغا: ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىش بىلەن ئۈن-تىنسىز يۈرۈش(كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەسلىك)نىڭ قىلچە پەرقى يوق! دېگەن خەتنى يېزىپ قويۇپتۇ.

2. بىرەيلەن بىر چەينەك چاي قايناتماقچى بوپتۇ، ئوتنى يېقىپ بولغاندا بولسا ئوتۇننىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى بايقاپتۇ، ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟

بەزىلەر تېز بېرىپ ئىزدەش كېرەك دەپ جاۋاپ بەرسە، بەزىلەر بېرىپ ئارىيەت ئېلىشى كېرەك دەپتۇ، يەنە بەزىلەر سېتىۋالسا بولىدۇ دەپتۇ. مۇئەللىم ئۇلاردىن يەنە قايتۇرۇپ: نېمىشقا چەينەكنىڭ ئىچىدىكى چايدىن ئازراق تۆكۈۋەتمەيمىز؟ دەپ سوراپتۇ، كۆپچىلىك بولسا بەس-بەستە قايىللىقىنى بىلدۈرىشىپتۇ.

3. قەدىمدە بىر كىشى بولغانىكەن، ئۇ قەددىنى رۇسلاشنىڭ ئېپىنى ئۆگەنمەكچى بوپتۇ، قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەجدىھا گۇمپىسى ئۆگەنمەكچى بوپتۇ ۋە ئۇستازدىن بىرنى تۇتۇپ كېچە-كۈندۈز مەشىق قىپتۇ، سىلەرچە ئۇ كېيىن قانداق ئادەمگە ئايلىنىشى مۇمكىن؟

ساۋاقداشلار بەس-بەستە چۇقىرىشىپ ئۇنى بىر قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ دېيىشسە، بەزىلەر چولپان بولىدۇ، باشقىلارنىڭ چوقۇنىدىغان مەبۇدىسىگە ئايلىنىدۇ دېيىشىپتۇ. مۇئەللىم بولسا بېشىنى چايقىغىنىچە: ھەي ئەخمەقلەر! بۇ ئادەم بىر ئۆمۈر چۈشكۈنلۈكتە ئۆتىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيادا ئەجدىھا دېگەن نەرسە مەۋجۇد ئەمەس! دەپتۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئۇيغۇرباي 2012.02.14 , 19:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە !

  2. چوغلۇق 2012.02.14 , 20:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل دۇردانىلەركەن ، بەكمۇ ياقتۇردۇم . بىرىنچىسىنى ۋە ياق ئىككىنچىسىنى ئاللا ئاللا ئىشقىلىپ ھەممىنى بەك ياقتۇردۇم ……بىر بىرىدىن ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن

  3. پەنجىر 2012.02.14 , 20:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇرۇن بۇ تېمىنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلغان ، بىراق ھەقىقەتەن مەنىلىك يازما ! بەزىدە مۇشۇنداق مىكرو ھىكايەتلەرمۇ خېلى چوڭ پەلسەپىۋى ئىدىيەنى يورۇتۇپ بېرىدۇ !

  4. چوغلۇق 2012.02.14 , 22:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمە نىمە ؟ نىمىنى يۇرۇتۇپ بىرىدۇ ؟؟؟؟؟ نىمە دەيسىز زادى …….

  5. ۋەتەن 2012.02.15 , 01:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدى بىلەن مەشھۇر دىۋانچىلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى كۆرىمىز دەپ كوچىغا چىقىپ كېتىپ بۇ تېمىنىڭ ساق قالغانلقىنى تەبرىكلەيمەن .
    ئاندىن دىمەكچى بولغىنىم بۇ يازما بەك يارىدى.

  6. مەن شۇ 2012.02.15 , 01:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2- سى قاملاشماپتۇ.

  7. نۇرقۇت 2012.02.15 , 06:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىرىنجىسىنى ياقتۇردۇم، 2-جىسى زورلاپ تېڭىلغاندەك، 3-سىنىڭ قانداق تەپەككۇت قىلىدىغىنىنى قەتئىي چۈشەنمىدىم.

  8. زىبا88 2012.02.15 , 11:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەنمۇ مەنىلىك ئىكەن جۇمۇ

  9. سۈرخان 2012.02.15 , 14:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2-نىڭ مەنىسى بەزى ئىشلاردا قۇربانلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىيەڭدە تەييارلىق بولسۇن دېمەكچى
    3-نىڭ مەنىسى بولسا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن زېھنىڭنى ئۇپراتما، ئۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دېمەكچى

  10. ياۋايى 2012.02.15 , 16:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ تىگىدىكىسىنىڭ جاۋابى . ئۇ يارامسىز گۇمپىچى بوپ چىقىدۇ .. چۇنكى ياراملىق گۈمپىچى پەقەت بىرلا گۈمپىنى بىلسە قانداقمۇ باشقا گۈمپىدىكىلەنى يىگەلەيدۇ…

  11. چەۋەندازلار 2012.02.15 , 20:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشقا نوقتىدىن چىقىپ تەپەككۇر قىلىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگىلى بولىدىكەن.

  12. سەبىدىل 2012.02.16 , 20:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاجايىپ پاساھەتلىك ئىكەن .

  13. فەخرۇ 2012.02.17 , 20:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ھەممىدىن ئىككىنجىسى يارىدى … چۈنكى جاۋابى مەن ئويلىغاندەك چىقتى ئەمەسمۇ :roll:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量