قانلىق جەڭ تۈسىگە تولغان 3D ئويۇن – دەرغەزەپ(Rage)
«دەرغەزەپ(Rage)» ناملىق بۇ ئويۇن ئىلگىرىكى داڭلىق ئويۇن تۈزۈش شىركىتى id Software يېڭىدىن تۈزۈپ چىققان FPS تىپتىكى ئويۇننىڭ بىرى، مەزكۇر ئويۇن id Software نىڭ كېيىنكى ئەۋلاد 3D كۆرۈنمە يۈز ماتورى id Tech5 ئىشلىتىپ تۈزۈلگەن بىرىنچى ئەۋلاد ئويۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ھېكايە ۋەقەلىكى ئامېرىكا غەربىي جەنۇپ قىسمىدىكى قەھرىمانلارنى ئاساس قىلىپ سۆزلەنگەن…
«دەرغەزەپ(Rage)» ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپلا، نۇرغۇن ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر تۈرلۈك 3D ئويۇن بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا يەنە قاتتىق دېتال قاتىلى قاتارىغا قوشۇلغان يېڭى بىر ئويۇن.
ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزى كىشىگە بىر خىل رىۋايەت خاراكتېرىدە تۈس بېرىدۇ. ئويۇندا سىز «Ark» پلانىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ رولىنى ئالىسىز. بۇ پلاندا ئىنسانلارنىڭ كىچىك پلانېتلارنىڭ سوقۇلىشىدىن پەيدا بولغان ھەر خىل غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ئىنسانلارغا ۋە جانلىقلارغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تاللانغان ئەزىمەتلەر باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار يەر ئاستىغا جايلاشقان مەلۇم بىر قەدەر بىخەتەر بولغان رايوندا ياشايدۇ. Ark ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا شۇ پلانېتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش. ئەمما، ئىشلاردا يەنە ئويلىمىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئاپەتتىن ئامان قالىدۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ گېنىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولىدۇ ۋە ئەتراپ قالايمىقانچىلىققا تولىدۇ. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بولسا، ئويۇن ئوينىغۇچى بولغان سىز ئىشلارنىڭ ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولۇشىنىڭ ناتايىنلىقىنى بايقايسىز.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
ئويۇننىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىۋى:
OS: Win XP SP3, Vista, Win 7
Processor: Intel Core 2 Duo or Equivalent AMD
Memory: 2GB
Hard Disk Space: 25GB
Video Card: GeForce 8800, Radeon HD 4200
قاچىلاش باسقۇچلىرى:
1. پرېستىن يېشىمىز، ئويۇن مۇندەرىجىسى ئېنگلىزچە ھەرپ بولۇشى كېرەك؛
2. setup.bat ئارقىلىق قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز، تەخمىنەن 30 مىنۇت ۋاقىتلار كېتىدۇ؛
3. يېڭىلاش يامىقىنى چۈشۈرۈپ پرېستىن يېشىپ ئويۇن قاچىلانغان مۇندەرىجىگە باستۇرىۋېتىمىز؛
4. خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى قاتارلىق ياماقلارنى ئۇرىۋەتسەك بولىدۇ
ناۋادا بۇ جەرياندا باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ قالسا، سىنكارتىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى ئەڭ يېڭى Beta نەشىرىگە يېڭىلاشنى ئۇنتۇماڭ، بولۇپمۇ ATI نىڭ كارتىسىنى چوقۇم يېڭىلاش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
دەرغەزەپ(Rage) نى چۈشۈرۈش | يېڭىلاش يامىقى | مەنبە: torhumar.com | خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، FPS، فانتازىيە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,762 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: rage.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «جەڭگاھ 3» PC نەشىرى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى! سىناق مەزگىلىدە ھەقسىز تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ!!!
- كېيىنكى يازما > تەڭداشسىز Kinect نى بوش چاغلىماڭ! Kinect سۇپىسىدىكى مېۋىچى نىنجانى مۇنداق ئوينىسىمۇ بولىدىكەن!!
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11: يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭ» نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئاشكارىلاندى
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
- فانتازىيلىك مىكرو فىلىم (چۈش)
- پۇرچاق دېگەن جىق يەيدىغان نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ ئايغا چىققاندا …
- قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق | Assassin’s Creed IV: Black Flag
- مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 10: ئەرۋاھلار – Call Of Duty: Ghosts
- جەڭگاھ 4 رەسمىي ئېلان قىلىندى
يا ئاللا… تورخۇمارغا ئېنكاس يازاي دېسەملا ئۇيغۇرچە خەت چىقماي
ئاۋۇ رەسىم كۆرسىتىدىغان يەر پەچەتقۇ
پەچەت ئۇيۇندەك قىلىدۇ
ھەپتە بۇرۇن gmerskyدا كۆرۈپ پەقەت قىزىقمىغانىدىم.بۈگۈن تورخۇمارنىڭ تەۋسىيىسى…
رەسىم كۆرىدىغان جاي پەچەت بولاپ كېتىپتۇغۇ؟
ئايفوندا نورمال كۆرۈنمىدى لېكىن.
ۋاي 12جى كىلدىكىنا …نىمدا بالادەك ئويان بۇ …لىكىن كىزىتىپ كىتىپ باردا ئادەمنى …