قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق | Assassin’s Creed IV: Black Flag
قاتىل ئەقىدىسى3 نىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن كېيىن، بۇ يېڭى نەشىرى پۈتۈنلەي يېڭى قوشۇندىن تەركىب تاپقان بىر توپ قابىللارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، «قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق» دېگەن نامدا رەسمىي ئېلان قىلىندى!
«قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق» نىڭ ۋەقەلىكى 1715-يىلىدىكى كارب دېڭىزىغا قايتقان بولۇپ، قاتىل ئەقىدىسى3 تىكى باش پېرسوناژ Connor Kenway نىڭ چوڭ دادىسى Edward Kenway نىڭ ياش ۋاقتى باش پېرسوناژ قىلىپ بېكىتىلگەن، ۋەقەلىكتە، Edward نىڭ 18-ئەسىردە پەيدىنپەي ئاخىرلىشىشقا باشلىغان كېمە بۇلاش جېڭىغا قاتنىشىپ، ئاخىرىدا قاتىللار ئىتتىپاقىنىڭ چېركاۋ چەۋەندازلىرىغا بولغان كۈرىشىدىكى باش قەھرىمانغا ئايلانغانلىقى سۆزلەنگەن. ئويۇندا يەنە تارىختىكى قارا ساقال، Charles Vane قاتارلىق داڭلىق دېڭىز قاراقچىلىرىمۇ چىقىدىغان بولۇپ، ئوينىغۇچىلار ۋەقەلىك بىلەن بىرگە بىپايان دېڭىزلارنى، دېڭىز قاراقچىلىرى ھۆكۈم سۈرگەن شۇ دەۋرنى قايتا تونۇپ چىقىدۇ.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
سەپلىمىگە بولغان تەۋسىيەلىك تەلەپ:
سىستېما: Windows Vista/Win7/Win8
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Intel i5 2400S 2.5 GHz ياكى AMD 8Phenom II x4 940 3.0 Ghz
ئىچكى ساقلىغۇچ: 4G
قاتتىق دېسكا: 30GB
سىنكارتا: GeForce GTX 470 ياكى Radeon HD5850
قاچىلاش ئۇسۇلى:
- بارلىق بولاقچىنى چۈشۈرۈپ بىر مۇندەرىجىگە يايىمىز.
- يېشىش يامىقىنى چۈشۈرۈپ يېشىپ Crack ناملىق مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئويۇن بار مۇندەرىجىگە كۆچۈرىمىز.
- ئويۇننى قوزغاتساق بولدى.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
شۈنلېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | بەيدۇدىن چۈشۈرۈش | يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، ACT
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,213 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: assassin-s-creed-iv-black-flag.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 10: ئەرۋاھلار – Call Of Duty: Ghosts
- كېيىنكى يازما > ھەپتە ئاخىرىدا يەنە قاملاشمىغان ماز ئويۇندىن بىرەنى ئوينايلى | مەمەجاننىڭ ھاجەتخانا ئىزدىشى
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
- «قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق» نىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى، دېڭىز قاراقچىسىدەك ياسىنىپ قاتىللىق قىلىش؟!
- سوقۇنۇپ كىرىش تىپىدىكى چوڭ سىغىملىق ئويۇن – ھۈجەيرە بۆلۈنمىسى6: قارا تىزىملىك
- ACT تىپىدىكى بۇ يىلقى نادىر ھەرىكەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى: ئۇنۇتما(Remember Me)
- ئويۇن ھەپتىلىگى | بوشلۇقتا تۇرۇپ ئوينايدىغان فانتازىيەلىك ئويۇن – بىئوخىمىيەلىك ھۇجۇم3: چەكسىزلىك
- «جەڭگاھ 4(战地)» نىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 17 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى! سىنكارتىغا پۇل يوق!!!
- كلاسسىك گىگانت ئويۇنلارنىڭ بىرى – قەبرىستاندىكى ساھىبجامال9(TOMB RAIDER) ئېلان قىلىندى!
ئاۋۇ قارا ساقال دېگەن دېڭىز قاراقچىسى One Pice دا چىقىدىغان 黑胡子 نىڭ كېلىش مەنبەسى شۇ ئوخشىمامدۇ؟
نىماندا بىربىردىن پەيزى ئۇ يۇنلا چىقىۋىردۇ … زادى قايسىنى ئويناپ بولامىز .. .. 使命召唤10 نى ئەمدى باشلىغان تىخى .. EA , capcom ,ubisoft شىركەتلەنىڭ ئۇيۇننى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغانلا سازكەن نى …
ئويۇننىڭ كومپيوتىرغا بولغان سەپلىمە تەلۋى بەكلا ئۈستۈنمۇ قانداق ھەتتا xp سېستىمىدىمۇ ئوينىغىلى بولمايدىكەن. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە سىنكارتىنىڭ تىپىمۇ ئاۋۇ بۇنى قانداق ھىساپلايدىغان گەپ ئەمدى مۇشۇ ئىككىسىگە قارتا بىرقۇر چۈشەنچە تىمىسىدىن بىرنى يازدىغان يەرگە كەپقالغان ئوخشايدۇ.
جەڭگاھ 4 نى ئوينىغان كومپىيۇتېر بۇنىمۇ ئويناپ كىتىدىغۇ دەيمەن
دەھشەت ياخىشى چىقىپتۇ
XP دەيدىيا ما ئاداش ، سىلە ‹ھەتتا› دىگنىڭلگە قايلىغاندا XP ئەمدى ئىشلىتۋاتقان ئوخشىمامسىلە ؟ قاي زامان ھازىر …..
يې جەڭچى ئاداش ما ، XP دىگەن نىمۇ ؟ كومپىيۇتېرىم 95 تى ، ئۆلۈشكۈن ھەپلىشىپ يۈرۈپ 98 كە كۈتۈرىۋاغان تېخى ، مۇشۇمۇ مىكروسوفىت سىستىمىسىما ؟ قانداراقكەن؟ ئىشلىتىپ باققانلا ئۆھۆ دىۋىتىڭلا ، بەلەن بوسا ھەپلىشىپ باقاي ، مىنىڭ داس كومپىيۇتېرىمغىمۇ قاچلىغىلى بۇلامۇ ~ ۋوي زامان بەك تەرەققى قىپ كەتتىمۇ يا
ئوجون ما گەپنى ، تېخىچە شىپنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان گەپما
ئاخىرى چىقىپتۇدە . ئادەمنى تەقەززا قىلىپ
ئانچە ياخشى ئەمەسكەن دىڭىزدىلا ئۇرۇش قىلدىكەن پاراىۇت ھەيدەشتىن شۇنداق زىرىكتىم يەنىلا 3 ھەممىدىن ياخشىكەن
3- بۆلۈمى بەك ئېسىلتى ، مانى ئويناپ باقاي دېسەم ھېچ چۈشۈرۈپ بولالمايۋاتىمەن
دوستلار ما تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىپ سالىدىغان بولدۇم ، قايسى كۈنى قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كىچىكىنىڭ ماۋزۇسىنى چالا-پۇچۇق كۆرەپ قاپتىم ، ئەمدى تاپالمايۋاتىمەن ، ئىزدەتسەم روزا ھېيتلىقنىڭ چىقىپ قالدى ، يا مەن خاتا كۆرۈۋالغان بولغىيمىدىم ، ئۇچىراتقانلار مىششەگەبى ھايت دەۋىتىڭلا ……..
ھايىت !
ئادرىسىمۇ لازىممىتىيا ؟
بۈگۈن ئاران بىر چۈشۈرۈپ ئويناپ باقتىم.ئانچىمۇ ياخشىدەك قىلمايدۇ, يەنىلا 3–بۆلۈمى ياخشىكەن. ھازىرمۇ ئوينىغىم كېلىدۇ ئۇنى
ئويناپ مۇشۇ بۈلۈمىگە كەلگەندە باشلانغاندا بىرقىسمىلا بىلىندى، بىراق ئوينىغانچە كۆنۈپ قالدىم. باشقا بۈلۈملىرىگە قارىغاندا پەرىق چوڭدەك بىلىندى، بىراق ھەقىقەتەن ياخشىكەن..
تۇيغۇنminigQQ nomurum 1486091399
ئەسسىلام ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىلەر، مىنڭ چ چ نومىرىم1486091399