«جەڭگاھ 4(战地)» نىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 17 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى! سىنكارتىغا پۇل يوق!!!
جەڭگاھ ئويۇنى مەن ئوينايدىغان ئويۇنلار ئىچىدە مەجبۇرىيەت چاقىرىقىدىن قالسىلا، ئەڭ قالتىس ئويۇننىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق كاساپەت EA نىڭ ئويۇن موتورى ھەددىدىن زىيادە ئېغىر، ئالدىنقى قېتىم جەڭگاھ3 نى ئوينىغان ۋاقتىمدا ئىككى سائەت ئوينىساملا كومپيۇتېر قىززىپ ئۆچۈپ قالاتتى. بۇ يىل ئەمدى چىداپ تۇرۇپ جەڭگاھ4 ۋە مەجبۇرىيەت چاقىرىقى10 غا ئاتاپ سىنكارتامنى بىر يېڭىلىسام بولىدىغان ئوخشايدۇ…
گەپكە كەلسەك، جەڭگاھ3 تىن كېيىن ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، يېقىندا EA شىركىتى جەڭگاھ4 نىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، 17 مىنۇتلۇق يەنە بىر بۆلەك سىناق ئويناش كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئاشكارىلانغان.
بۇ يەردە بىر FPS ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمەنكى، جەڭگاھ ئائىلىسىدىكى ئويۇنلار بارغانسىرى COD تۈرىدىكى ئويۇنلارغا يېقىنلىشىپ بېرىۋېتىپتۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇرۇشى قىسمى جەھەتتىن، ئىككى ئويۇن بىر-بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك ئىكەن.
جەڭگاھ4 ئويۇنىنىڭ 17 مىنۇتلۇق سىناق ئويناش كۆرۈنۈشلىرى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، FPS، جەڭگاھ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,065 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: battlefield4-demo.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > FPS نەشىرىدىكى Super Mario ئويۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكىلى | ناۋادا مارىيونىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سالسىڭىز…
- كېيىنكى يازما > Android چى باللا بادۇ؟ | ئويۇن تەڭگىسى يېتىشمەي بويۇن قىسىپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەمدى ھەرقانداق ئويۇننى باكاغا ئوينايسىز
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11: يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭ» نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئاشكارىلاندى
- قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق | Assassin’s Creed IV: Black Flag
- مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 10: ئەرۋاھلار – Call Of Duty: Ghosts
- جەڭگاھ 4 رەسمىي ئېلان قىلىندى
- جەڭگاھ 4 نىڭ كۆپ كىشىلىك سىنىقى پات ئارىدا ئېچىلىدىكەن
- «قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق» نىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى، دېڭىز قاراقچىسىدەك ياسىنىپ قاتىللىق قىلىش؟!
- «جەڭگاھ 4»نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلىنىپتۇ، بۇدا شاڭخەينى پارتلىتىپ ساراڭ قىلامدۇق نېمە؟!
- بۇ بىر يېڭى ئويۇن – «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ» ئەڭ يېڭى CG كۆرۈنۈشلىرى
دىۋانما،
پۇل بوسا جاڭگالدا شورپا دەپتىكەن .
يائاللا بىر ئىنكاسنى يېزىپ بولغۇچە دىۋانچىلار توشۇپ كىتىپتا ماۋۇ تېمىغا …
راسكەن، ئىشنەلمەي ساقلاپ ئولتادىم، تارىختا تۇنجى قىتىم دىۋاندا ئولتۇرۇشۇم،
ئەمدى ئالدىرماي مەزمۇنىنى كۆرۈپ چىقاي.
مېنىڭ كومپيوتېرىمغۇ مىت قىلىپ قويمايدۇ، لېكىن ھەي بۇ ئويۇنلار قوناق بالداقتەك كۆپىيىپ كەتتى، يېڭىدىن چىقسا بىرلا قېتىم ئويناپ قويۇپ بولدى قىلىۋاتىمەن.
بۇ ئويۇننىڭ 2 -سىنى شۇنداق قىزىقىپ ئوينىغان ، لىكىن 3-سىنى ئويناپ باقماپتىمەن ، لىكىن ماۋۇنى ئوينىمىسا بولمىغۇدەك زادى …. بېشىدا راس ئادەملەرمىكىن دەپ قاپتىمەن 512 سىنكارتىدا ئوينىغىلى بولارمۇ تورخۇمار ئەپەندى ؟؟؟
بولماسمىكىن مىنڭ 512 9800GT سىنكارتا ئاران ئوينايدۇ
لىكىن ما ئويۇن ھەقىقەتەن سۈزۈككە ئەمىليەتتەكلا
مەن 2. بەك ئۇزاق ئوينىغان ، ھازىرمۇ تورلاشتۇرۇپ ئويناپ قويىمەن، 3. نىمۇ ئوينىدىم لىكىن بىر خىل مەجبۇرىيەت چاقىرقىنىڭ پۇرىقى بارغۇ ئۇنىڭدا، يەنە بىرسى 3. تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولمامدۇ نىمە،
2. دە كۆرەشچى ئايروپىلان ھەيدىگىلى بەكلا ئۇستا ئىدىم. ئامرىكىنىڭ F35 ئايروپىلانىنى تىتىۋىتەتتىم،
3. باشلاپ يوق بوپتۇ ئۇ ئىشلار.
ھازىرقى ئويۇنلارنىڭ چىنلىق دەرىجىسى بەكلا يۇقىرلاپ كېتىپتۇ، مەزكۇر ئويۇن كۆرنۈشىدىكى ئادەملەرنى ھەرىكەتلىرى، مەيدان كۆرنۈشلىرى، يورۇقلۇق ئۈنۈملىرى ئەمەلىي موھىتقا بەك يېقىنلىشىپتۇ.
لىكىن زە « سەللە يوغان ئىمان يوق، خوجۇن يوغان بىژ نان يوق» دىگەندەك ئىشخانىدىكى كومپىيۇتېرنىڭ ماركىسى داڭلىق بولغان بىلەن ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ تايىنى يوق دىسە.
بۇ ئويۇننىڭ چۇشۇرۇش ئادىرسىنى تەمىن ئەتسىڭىز بوپتىكەن يا ئازىرچە چىقمىدىما ؟ سىن كارتام 256bit ئىدى ئۇينىغىلى بولا 2000كويغا ئالغان سىن كارتا ئىدى
ۋەھشەتلىك كۆرۈنۈشلەر مىنى جەلىپ قىلىپلاۋالدى !
خەپ زادى بىر ئويناپ باقمىسام بۇ ئۇيۇننى .
3-سىدىنمۇ سۈزۈككەن، فىزىكىلىق ئۈنۈملەر ئالامەت چىقىپتۇ!پاھ پاھ