Android چى باللا بادۇ؟ | ئويۇن تەڭگىسى يېتىشمەي بويۇن قىسىپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەمدى ھەرقانداق ئويۇننى باكاغا ئوينايسىز
ئارىمىزدا ئەقلى يانفون زور دەرىجىدە ئوموملىشىشقا باشلىدى. شۇ يانفۇنلار بىلەن قوشۇلۇپ يۇقىرى تېخنىكا ئەمەس، ئەڭ ئاۋال ھېلىقى نوچى يانفون ئويۇنلىرى تېخىمۇ ئومۇملىشىشقا باشلىدى. چىدىغانلار iPhone تۇتۇپ، ئويۇننى پۇلغا سېتىۋېلىپ خاتىرجەم ئوينىدى. چىدىمىغانلار ئاندىرويىدتا ھېلىدىن ھېلى ئويۇن تەڭگىسىگە زار بولۇپ قاخشاپ يۈردى. بۈگۈن مانا مۇشۇنداق ئامراق ئويۇنلىرىنى ئويۇن تەڭگىسى ياكى ھەق تۆلەشنى تەلەپ قىلغانلىق سەۋەب ئوينىيالماي كېلىۋاتقانلار ئۈچۈن ناھايتى قولايلىق ئەپتىن بىرنى تونۇشتۇرىمەن.
بۇ ئەپنى تور ئارلاۋىتىپ بايقاپ قالدىم، Android ۋە ئالما ئەپلىرىگە ئورتاق ماس كېلىدىكەن، ئامراق يانفونىمىزدا ئويۇن ئوينىغاندا داۋاملىق ئويۇننىڭ بېشى قىزىقارلىق ھەم ئاددى، ئوينىغانسىرى مۇرەككەپلىشىپ ياكى قىيىنلىشىپ كىتىدۇ. ئويۇنىمىزنى تەرەققى(升级) قىلدۇرايلى دېسەك، دائىم توردىن پۇل تۆلەپ ئويۇن پۇلى(游戏币)سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز يا پۇل تۆلەپ ئالىمىز ياكى لېۋىمىزنى چىشلەپ قايتا-قايتا ئويناپ، پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولىمىز. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، مەن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئەپ بولسا سەككىز قوۋۇقلۇق ياراق(八门神器). مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق ناھايتى ئاسانلا نومۇر يېتىشمەي ئويۇننى داۋاملاشتۇرالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالىمىز.
[Android url=”http://apk.hiapk.com/html/2012/03/459475.html” price=”ھەقسىز” appname=”八门神奇” os=”Android 1.5 دىن يۇقىرى”]
ئەپ ناھايتى ئاددى بولۇپ، بىرلا كۆرۈپ ئىشلىتىشنى بىلىۋالىسىز. سىناپ باقماقچى بولغان تورداشلار ئاۋال بۇ ئەپنى قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كىيىن ئۆزىمىز پۇل(游戏币)ياكى نومۇر تاپماقچى بولغان ئويۇننى ئاچىمىز، ئاچقاندىن كىيىن ئېكراننىڭ سول بۇرجىكىگە بۇ ئەپنىڭ رەسىمى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئويۇننى قوزغىتىپ، ئويۇن ئىچىدىن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز.
ئويۇن ئېچىلغاندىن كىيىن ئېكراننىڭ سول تەرەپ بۇرجىكىدىكى بايا قوزغاتقان ئەپ رەسمىنى باسىمىز. ئاندىن 选择程序 نى بىسىپ ئۈزىمىز پۇل(نومۇر)قاچلىماقچى بولغان ئەپنى باسىمىز . ئاندىن ئويۇن ئىچىدە بار بولغان پۇل (نومۇر)سانىنى كىرگۈزىمىز. «+» بەلگىسى يېنىدىكى ئىزدەش سىنبەلگىسىنى بېسىپ ئىزدەيمىز. مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈلگەندىن كېيىن قايتىش 返回 كۇنۇپكىسنى بېسىپ ئويۇن يۈزىگە قايتىمىز، ئاندىن بار پۇلغا ئويۇن ئىچىدىن بىر نەرسە سېتىۋېلىپ پۇلنى ئازايتىمىز ياكى ئويناپ بار پۇلنى كۆپەيتىمىز(مەقسەت سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىش)، ئاندىن يەنە 八门神器ئەپنى ئېچىپ ئۆزگەرگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئىزدەيمىز ۋە ئۇنى ئېچىپ ئەسلىدىكى بار بولغان پۇل سانىنى ئۆزگەرتىپ، خالىغان سان تولدۇرىمىز، ئاندىن مۇقۇملاشتۇرۇپ قايتىش كۇنۇپكىسىنى بىسىپ، ئويۇنىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋەرسەكلا بولدى، خالىغىنىڭىزنى سېتىۋېلىپ قانغۇچە ئويناڭ .
توردىشىمىز موللاخۇننىڭ مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىمىز
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، iOS، ئەپ، ئويۇن، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 22,096 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: android-bamen-shenqi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «جەڭگاھ 4(战地)» نىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 17 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى! سىنكارتىغا پۇل يوق!!!
- كېيىنكى يازما > ئويۇن ھەپتىلىگى | بوشلۇقتا تۇرۇپ ئوينايدىغان فانتازىيەلىك ئويۇن – بىئوخىمىيەلىك ھۇجۇم3: چەكسىزلىك
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
كۆزنەكتىكى ئالدامچىلىق ئەمدى يانفونغا كۆچۈپتۇ-دە!
تاس تاس قاپتىمەن دىۋانغا چىقىپ قالغىنى….
سىز سەنئەتكار شۇمۇ . . . ھېلقى ئەجرىم
ياخشى ئامال
ئويۇن ئويناپ يېرىم يولدا قالغانلار ئۈچۈن ياخشى دېتالكەنغۇ بۇ.
دېتالنى سىناشقا ئىشلەتكەن ئويۇننىڭ نامىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز!
الما تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىسا امال يوقكەن 、 مەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش ياكى قاچۇرماسلقنى ۇ قالمىدىم,
ئالمىنىڭكى چۈشۈرۈش ئادىرىسىچۇ ؟
ھا..ھا..ھا.. ئەمدى گىلادىئاتور بىلەن ئالاھىدە سۈرئەت15 مەندىن قېچىپ قۇتۇلالامدىكىن.
مېنىڭ سۇئالىممۇ مەنسۇرنىڭكىگە ئوخشاش، ئاۋۇ سىنىغان ئويۇننى ئوينىغۇم كېلىۋاتىدۇ
ئەپسۇس، روت ئالمىساق ئىشلىمەيدىكەن ئەمەسمۇ، چۈشەندۇرۈشتە شۇنداق دەپتۇ، سىناپ باققانلار بارمۇ؟ مىنىڭ تېلېفۇنۇم روتلانمىغان،
شۇنداق روت بولمىسا ئىشلىمەيدۇ ، ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇسەل مۇرەككەپ ،مانى بىرە بىر سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ ، ھەممە ئۇيۇنلارغا ئىشلەتسىڭىز ئۇيۇننىڭ پەققەت تايىنى قالمايدۇ ، ياخشى ئۇيۇننى بۇزىدىغان گەپ ، يەنە كىلىپ يېقىندا ئىشلەنگەن بەزى چەتنىڭ يېڭى ئۇيۇنلىرىغا كار قىلمايدۇ ، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ
ماۋۇ ئەپنى تور ئارلاۋىتىپ بايقاپ قالدىم، Android ۋە ئالما ئەپلىرىگە ئورتاق ماس كېلىدىكەن !!!!
…
ئالما ئەپ لىرىگە ماس كەلسە ، قېنى ئالما چۈشۈرۈش ئادىرىسى ، مەن بىر ئويۇن باتتى ، پۇل يوق تاشلاپ قويغانتىم ….
ئۆتكەندە پويىزنىڭ تۆپىسىدە يۈگۈرۈپ ئوينايدىغان ئۇيۇن مودا بولغاندا دوستۇم پو ئېتىم نەچچە يۈزمىڭ تەڭگە يىغدىم دەپ سەت جىلە قىلغان ، ئاچچىغىمدا ئىزدەپ يۈرۈپ مۇشۇنىڭدىن پايدىلنىپ تەڭگەمنى 10نەچچە خانىلىق توققۇزغا ئۆزگەرتىۋالغان ، ئۇنىڭ مىنىڭ تەڭگەمنى كۈرۈپ مۇكىدەك تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ تازا كۈلگەنتىم
ئاشۇ ئوياننىڭ ئىسمىنى، رەسىمىنى، ياق چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ياق ئۆزىنى، ياق تېلېفۇنۇمغا قاچىلاپ بېرەمسىز
地铁冲浪,subwaysurf دەيدىغۇ ئىسىمىدە قېلىشىچە ، چاتاق يوق جۇما ، تېلفۇنىڭىزغا قاچلاپ قويدۇم بايام ، ئىزدەپ باقامسىز يا ، ئۆزىڭىزلا قاچىلىمامسىز ، ئالداپ قويدۇم ھە ، سەت تۇدى ھې ھي ھا
بۇ ئەپنىڭ ئالما چۈشۈرۈش مەنزىلى cydia ھەمدە تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرت ـ بۇ ئۇيۇننىڭ ئىسمى بولسا offroad legends
ھەي باللا، ئەمما ما دىتال ماڭا چوڭ زىيان سالدى
ھېلىقى گىلادىئاتوردا نەچچە ئون مىڭ تەڭگەم باتى، ئاچكۆزلۈك قىلىپ بىراقلا نەچچە مىليۇنغا چىقىرىپتىمەن، تۇنجى سېنىشىم شۇ ئىدى، بىراق پۇل سانى 0 گە كەپ قاپتۇ، ئەمدى چوقۇم بىرەر نەرسە ئېلىپ ئوينايدىغان بىر يەرگە كەلگەن، لېكىن ھىچنەرسە ئالالماي ئاخىرىنى ئوينىيالمىدىم، ئۆزگەرتكەندە جەزىملەشنى بېسىپ بولۇپ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىگە بىر قارىۋىتەسىلە، ئېسىت 35000 تەڭگەم……
سەل ئىنساپ قىلىدىغان ئىشتى ھاجىم!!!!!!
قايتا سىناپ بېقىڭ .بەلكىم دىققەتسىزلىكتىن خاتا بىسقپ سالغانسىز. مەن بۇ دىتالنى 极品飞车17,真是赛车3,…..جىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيۇنىغا ئىشلىتىپ باقتىم ھەممىسى نورمال ئىشلىدى
ئەپسۇس مۇنۇ دىتالمۇ پۇللقكەن ئەمەسمۇ؟
ئالما يانفۇنىنىڭمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق بىر نىمسى بولدىغانتى، cdyaدىن چۈشۈردىغان بۇنى مەن بۇرۇن سىنغان 9300 غا ئۇنىڭدىكى بەزەن ئويۇنلارنى يەنىلا چەكلىۋەتكەن بەزەن ئويۇنلاردا ئىشلىمەيتتى، ئالمىنىڭمۇ بار بۇ نەرسسى ، شۇغنىسى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا بولمايدۇ . مىنىڭ 6.1.3 چۈشۈرەلمىدىم
مەنمۇ ئويناپ باقسام بولغۇدەك.
روت دىگەننى مەن چۇشەنمىدىم چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار…..قانداق چۈشۈردۇ ئۇبىرنەرسىنى…
سىلانىڭ بۇ سېستىماڭلار پەقەت ماشىنا ئۇيۇنلۇرغا كارقىلدىغان ئوخشايدۇ…..
ئامما لىكن دەششەت … نەخ پۇللۇق ئويۇنلىنمۇ ساراڭ قىلۋەتتىم … رەھمەت ….
بەكلا ياخشىكەن
ھە ياخشى بوپتۇدە
ئاۋۇ دىتالنىڭ ئىسمى نېمىدۇ دەپ بەرسەڭلار